Thursday, December 28, 2023

2024- يىللىق ھەپتىدە بىر ھەرپ تور دەرىسى ( بالىلار ئۈچۈن)

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!                                 Monz&kidz نىڭ 2024- يىللىق ھەپتىدە بىر ھەرپ ( 6 ياشتىن يۇقىرى بالىلار ئۈچۈن) ئانا تىل ساۋات چىقىرىش سېنىپىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش باشلاندى!  


يازلىق تەتىلدە ئانا تىل ئۆگۈنىشنى باشلىغان بالىلار ھېكايىگە ئوقۇشقا باشلىدى. بۇ بالىلارنىڭ ئىچىدە بىر ئوقۇغۇچىمنىڭ ئىزچىللىقى ماڭا تەسىر قىلدى. بۇ ئوقۇغۇچىم 8 ياشتا، ئائىلىدە پۈتۈنلەي ئېنگىلىزچە پاراڭلىشىدىغان ئوخشايدۇ, ئۇيغۇرچە گەپلەرنى بەك چۈشۈنىپ كەتمەيتى. دەرىس باشلىغان كۈندىن تارتىپ ئاپىسى ئىزچىل يېنىدا تۇرۇپ، يېتەكچىلىك قىلدى. بەزىدە مەن دېگەن گەپلەرنى چۈشىنەلمەي قالغاندا ، ئېنگلىزچە دەپ بەردى. تاپشۇرۇقلارنى ئىزچىل ئىشلەپ ، قوشاقلارنى يادىلاپ ماڭدى. بۇلاردىن بىرەر قېتىممۇ تاپشۇرۇق ئىشلەشكە ۋاقتىمىز چىقماي قالدى ،- دېگەن گەپنى ئاڭلاپ باقمىدىم. ئانا-بالا ئىككىسىدىكى ئىزچىللىق مېنى قايىل قىلدى. مەنمۇ دەرىسنى ئاز ھەم ساز قىلىپ ناھايىتى كۆڭۈللۈك ئۆتۈپ ماڭدىم. “تىرىشقان تاپار”، -دەپ، بۇ ئوقۇغۇچۇمنىڭ باشقا ئوقۇغۇچىلىرىمغا ئوخشاش ھېكايە ئوقۇشقا كېرىشىكىنىدىن بەكمۇ خوش بولدۇم. ئەلۋەتتە، بۇ ئەڭ ئاۋۋال ئانا-بالا ئىككىسىنىڭ ئىزچىللىقى ۋە تىرىشچانلىقىدىن بولدى. مەن پەقەت ئانا تىل ئۆگۈتىشتىكى  ئاددىي ھەم كۆڭۈللۈك  ئۇسۇللارنى قوللىنىپ يېتەكچىلىك قىلىپ مېڭىۋاتىمەن. 


6 ئايدىلا ھېكايىگە كىرىشەلەيدىغان بالىلار: 

  • يېشى 7 ياشتىن يۇقىرى بالىلار
  • قۇرئان ساۋادى چىققان بالىلار
  • ئانا تىل ئۆگۈنىشنى كۈندىلىك تۇرمۇش ئادىتىگە ئايلاندۇرالايدىغان بالىلار
  • بېرىلگەن تاپشۇرۇقلارنى ۋاقتىدا ئىشلەپ ماڭالايدىغان بالىلار
  • ئائىلدە ئانا تىل ئاساسىي ياخشى سېلىنغان بالىلار

مەن ھازىر داۋاملىشۋاتقان ئىككى سىنىپ( ساۋات چىقىرىش باشلانغۇچ سەۋىيە ۋە ئوتتۇرھال سەۋىيە) تىن باشقا ، يەنە بىر يېڭى سىنىپقا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلماقچى. بۇنىڭغا تېزىملاتقان بالىلاردىن،   ئاۋۋال ئېغىزچە سىناق ئېلىنىدۇ، ئاندىن سەۋىيىسىگە ئاساسەن سىنىپقا ئايرىلىدۇ. 

يېڭى سىنىپنىڭ دەرىسى شەنبە كۈنى ئەتىگەندە ئۆتىلىدۇ. 


بالىڭىزنىڭ ئانا تىل ساۋاتىنى  چىقىرىشتا، كۆڭۈللۈك ھەم جانلىق ئۇسۇلدا دەرىس ئۆتىدىغان، ئەڭ ياخشى ئوقۇتقۇچىغا ئىھتىياجىڭىز بولسا،  MOMZ&KIDZ نىڭ ئانا تىل سېنىپىلىرىغا تېزىملىتىپ سىناپ بېقىڭ. دەرىسكە قاتنىشىپ 2-3 ئايدىلا 32 ھەرپنى تونۇپ، بىر -ئىككى بوغۇملۇق سۆزلەرنى ئوقۇشقا كىرىشكىنىنى، 6 ئايدا ھېكايە ئوقۇغىنىنى كۆرەلەيسىز ( سىزدە ئىزچىللىق بولسىلا)!


  

Tuesday, September 26, 2023

بالىلارنىڭ ھەپتىدە بىر ھەرپ تور دەرىسى قانداق باشلاندى؟

 ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،

Momz & Kidz نىڭ پەرزەنتلىرىمىز ئۈچۈن ھازىرلىغان ئانا تىلىنى كۆڭۈللۈك ھەم جانلىق شەكىلىدە ئۆگىنىدىغان ئىككىنچى قېتىملىق ( ھەپتىدە بىر ھەرپ) تور دەرىسى باشلانماقچى!
ئەڭ ئاۋۋال مۇشۇ تور دەرىسنى باشلاشقا سەۋەپچى بولغان قېرىندىشىم سۈبىنۇرغا چىن كۆڭلۈمدىن مېنەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن!
بۇ يىل رامىزاندىن كېيىن، مەلۇم بىر تونۇشىمىزنىڭ ئۆيىگە ھېيتلاپ بارغان، ئۇ يەردە سۈبىنۇرمۇ بارىكەن. كۈپچىلىك پاراڭلىشىش جەريانىدا بىرەيلەن : - سىزنى ئانا تىل مەكتەپتە دەرىسنى "بەك ياخشى ئۆتىدۇ" - دەيدۇ، بىزنىڭ بالىلارغىمۇ ئۆگىتىپ قويسىڭىز، دىدى. مەن: -ھە شۇنداقمۇ؟ رەھمەت سىزگە، ئۆگىتىپ قويسام بولىدۇ، دەپلا قويدۇم. سورىنىمىز ئاخىرلىشىشقا ئاز قالغاندا، سۈبىنۇر مېنى ئاستا بىر چەتكە چاقىرىپ:- سىزگە بىر گىپىم بار ئىدى، قوشۇلامسىز بىلمەيمەن، لىكىن دەپ باقاي،- دەپ گىپىنى باشلدى. مەن ۋە دوسۇم ئىككىمىز 2 دىن 4 بالىمىزغا ئانا تىل ئۆگىتەيلى دېگەن، سىزنى تەكلىپ قىلساق توردا ھەر كۈنى ئۆتۈپ بەرسىڭىز ، بىزنىڭ بالىلارنىڭ مەكتەپكە بارىدىغانغا شارائىتى يوقتى، دىدى. -ۋۇي، ھەر كۈنى دەپ مېنى قورقۇتماڭە! مېنىڭ 6 بالام تۇرسا، ئۇنىڭدىن باشقا ئۆزۈم مەكتەپتە ئوقۇيدىغان ھەم قوشۇمچە ئىشلەيدىغان تۇرسام، قانداق يېتىشىمەن؟ -ھەر كۈنى دىسىڭىز قەتتى ۋاقتىم يەتمەيدۇ، -دىدىم. -بالىڭىزنى ماڭلا تاشلاپ بېرىپ ئۆزىڭىز مەسئۇليەتتىن قاچماقچىمۇ؟ - دەپ چاقچاق قىلدىم. تەقۋادار قېرىندىشم سۈبىنۇرنىڭ كۆڭلىنى "-ياق قىلالمايمەن، دەپلا" رەت قىلىشقا ۋىجدانىم چىدىمىدى. -ھەپتىدە 2-3 قېتىم بولسا ئويلىشىپ باقاي، ئەمما ھازىرئەمەس، تەتىل بولسۇن، - دىدىم. سۈبىنۇر "ئويلىشىپ باقاي" دېگەن سۆزدىن خوش بولۇپ ئاغزى- قۇلقىغا يەتتى، -ئەمسە جاۋابىڭىزنى ساقلايمەن، -دەپ بىر ئامانەتنى قالدۇرۇپ خوشلاشتى.

كۈنلەر بىرىنىڭ كەينىدىن بىرىنى قوغلىشىپ تەتىلمۇ باشلىنىپ كەتتى، تەتىلدىن ئاۋۋال سۈبىنۇر نەچچە قېتىم سۈيلەپ ئۇچۇر قىلىپ بولدى. مەن تېخىچىلا بىر قارارغا كېلىپ بولالمىغان ئىدىم. چۈنكى، تەتىلدە ئويۇشتۇرغان يازلىق تەتىللىك بالىلار لاگىر پائالىيىتى، ئۆزۈمنىڭ ئوقۇشى ۋە بالىلىرىمنىڭ لاگىر پائالىيىتىدىن كېيىنىكى قوشۇمچە پىروگىرامملىرى مېنى بەكلا ئالدىراش قىلۋەتكەن ئىدى.

بالىلارغا توردا دەرىس ئۆتۈش ئۇنچىۋالا تەس ئەمەس، Powerpoint تا سىيىرلما ياساشمۇ تەس ئەمەس، ئەمما ئىكران ئالدىدا ئولتۇرغان بالىلارنى دەرىسكە قىزىقتۇرۇش، ئۇلار ياخشى كۆرىدىغان شەكىلدىكى جانلىق ، قىزىقارلىق دەرىس ياساش مېنى ئىككىلەندۈرۈپ قويۇۋاتاتتى. ئانىلار:-مېنى دەرىسنى ياخشى ئۆتىدۇدەپ ، ياخشى قىلىدىغىنمىغا ئېشىنىپ مېنى دەرىس ئۆتۈشكە تەكىلىپ قىلۋاتىدۇ. دەرىس ئۆتىمەن دەپ باشتىن - ئاخىر سۆزلەپ دەرىسنى تۆگەتسەم بۇ دەرىس ماڭا ئاسان ، لىكىن بالىلارغا ناھايىتى زىرىكىشلىك بولىدۇ. قانداق قىلىشىم كېرەك؟ مېنىڭ ئويۇمدا بىرنى كونوپكىنى باسسام بىرەر شار ياكى باشقا نەرسىلەر ئۇچۇپ چىقىسا، يەنە بىرنى باسسام ھەرپ شارنىڭ ئۈستىگە كىلىپ قونسا، بىر ئوقۇغۇچى بۇنى ئوقىسا، يەنە بىرى كېيىن چىققاننى ئوقۇسا، سىيرىلمىدا بالىلارمۇ مەشغۇلات قىلالىسا، يەنى ، تۇتاشتۇرۇش، ھەرپنى تېپىپ چەمبەر ئىچىگە ئېلىش، بوياش، يېزىش... دېگەندەك قەغەز يۈزىدىكى ھەرخىل كۆڭۈللۈك مەشىقلەرنى ئىكران ئالدىدا قىلالىسا، مانا بۇ ناھايتى كۆڭۈللۈك ھەم ئۈنۈملۈك دەرىس بولىدۇ، -دېگەنلەرنى ئويلايتىم، ئەمما نەدىن، قانداق قىلىش مېنى ئىزدىنىشكە، ئويلىنىشقا سالدى. دەرىس ياسايدىغان تەييار قىلىپلار بولسا دەپ تولارنى بىرەر قۇر قىزىپ باقتىم، ئەمما تاپالمىدىم. - ھەي، كود بىلگەن بولسام ، مۇشۇنداق يەرلەردە ئىشلىتەر بولغىيتىم دەپ ئويلىدىم. شۇنداق قىلىپ يەنىلا Powerpoint نىڭ ئىقتىدارىدىن پايدىللنىش قاراىغا كېلىپ، Powerpoint نىڭ ئەڭ جانلىق ھەم قوللىنىشچان ئىقتىدارلىرىنى ئىشلىتىپ، توردا ساۋات چىقىرىشنىڭ تۇنجى دەرىسنى ناھايتى مۇۋاپىقىيەتلىك تۈزۈپ چىقتىم. تۈزگەن دەرىستىن ئۈزۈممۇ خوش بولدۇم.
شۇنداق قىلىپ تەتىللىك بالىلارنىڭ ھەپتىدە بىر ھەرپ ئۆگىنىش تور دەرىسى باشلىنىپ كەتتى. 4 بالىغا يەنە 3-4 بالىنى قوشۇپ دەرىسمىزنى باشلىدۇق. بالىلار دەرىسنى ناھايتى ياقتۇردى. ۋاقتىنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ سېنىپتىكى بالىلارنىڭ سەۋىيىسىدىكى پەرىق مانا مەن دەپلا ئوتتۇرغا چىقىشقا باشلىدى. بالىلارنىڭ يېشىدىمۇ پەرىق بار ئىدى، شۇڭا سېنىپنى ئىككى سېنىپقا ئايرىپ ئۆتۈش قارارىغا كەلدىم. بىر سېنىپتا ئۆتسەم ، ئەلۋەتتە ماڭا ئاسان توختايدۇ، ئىككى دەرىس ياساشنىڭ ئورۇنىغا بىر دەرىس ياسايمەن، ئىككى سائەت دەرىس ئۆتكەننىڭ ئورۇنىغا بىرلا سائەت ئۆتسەم ماڭا بەك ئاسان توختايدۇ، ئەمما مەن بالىلارنىڭ سەۋىيىسىنى، ئۆزلەشتۈرۈشنى ، ئۈنۈمنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، سېنىپنى ساۋات چىقىرىش نۆل سەۋىيە ۋە ساۋات چىقىرىش ئوتتۇرھال سەۋىيە دەپ ئىككى سېنىپقا ئايرىپ، بالىلارنىڭ سەۋىيىسىگە ئاساسەن ھەپتىدە ئىككى خىل دەرىس ياساپ، ئۇنىڭغا ماس تاپشۇرۇق ۋە قوشۇمچە ماتېرياللار بىلەن تەمىنلىدىم. دەرىسىمىز ناھايتى ياخشى كېتىپ بارىدۇ، ئەلھەمدۇلىلاھ. نۆل سەۋىيەدىكى بالىلار بىر بوغۇملۇق سۆلەرنى ئوقۇشقا، ئوتتۇراھال سەۋىيەدىكى بالىلار ئىككى-ئۈچ بوغۇملۇق سۆلەر ۋە ئاددى جۈمىلىلەرنى ئوقۇشقا ئوقۇشقا كەلدى، بۇ ئەلۋەتتە ئاساسلىق ئانىلارنىڭ ئىزچىللىقى، بالىلارنىڭ تىرىشچانلىقىدىن بولۇۋاتىدۇ. بالىلارنىڭ قىزغىنلىقىدىن، تىرىشىپ ئۆگەنگەنلىكىدىن ئىلھام ئېلىپ مەنمۇ تىرىشىپ كېتىۋاتىمەن. دېمەك مەن ئۆزەمنىڭ بالىلىرىمغا دەرىسنى ياخشى ئۆتۈشتىن باشقا، باشقىلارنىڭ بالىلىرىغىمۇ مەيلى نەق مەيدان سېنىپتا بولسۇن ۋە ياكى توردا بولسۇن ياخشى ئۆتەلەيدىكەنمەن، -دەپ خوش بولدۇم، ئاللاھقا شۈكۈرلەر بولسۇن. ئاللاھنىڭ ياردىمى بولمىسا ھېچ ئىش قولۇمدىن كەلمەيدۇ. قېرىندىشىم سۈبىنۇر! سىزگىمۇ كۆپ رەھمەت، ئارقامدىن ئېتىرىپ يۈرۈپ، ياخىشى ئىشنى قىلىشقا سەۋەب بولدىڭىز، ئاللاھ رازى بولسۇن!
مەن بۇ يەردە ئازراق بىر گەپنى قىستۇرۇپ ئۆتمەكچىمەن. بولتۇر ئانا تىل مەكتەپكە بېرىپ دەرىس ئۆتۈپ بېرىشنى قارا قىلىدىم دېگەندە، بەزىلەر، - سىز ئۆزىڭىزنىڭ بالىلىرىغا قوللانغا ن ئوسۇللارنى باشقىلارنىڭ بالىلىرغا قوللىنالمايسىزدېگەنلەر بولغان، ئانا تىل مەكتەپكە ئانىلار: بالىلىرىنى ئوينىسۇن ، شۇ يەردە بىرەر كۈن ۋاقىت ئۆتكەزسە بىزگىمۇ ئارام بولدىكەن، دېگەن نىيەتتە ئاپرىپ بىرىدۇ، بىر سائەت يولنى بېسىپ بىرىپ ئاۋارە بولغىنىڭىز قالامدىكىن ، - دېگەنلەرمۇ بولدى. ئەمما مەن بۇ گەپلەرگە پىسەنىت قىلماي، بالىلىرىمغا ئۆگەتگەن تىلنى باشقا بالىلارغىمۇ ئۆگىتەي، بالىلىرىمغا قوللانغان ئۇسۇللىرىمنى باشقا بالىلارغا قوللىنىپ باقاي، ئۇلارمۇ ئۆگىنەلەيدۇ،- دەپ باردىم . ھەر خىل كۆڭۈللۈك ئويۇنلار ۋە ئۇسۇللار بىلەن بىر يىلىمىز ناھايتى نەتجىلىك ئاخىرلاشتى. ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ ئانا تىلنى ئۆگىنەلەيدىغانلىقىدىن خوش بولدى، بالىلارنىڭ قەلبىدە ئانا تىلىمنى ئۆگىنەلەيدىكەنمەن،- دېگەن ئىشەنچ توغۇلدى.

ئانا تىل مەكتەپتىكى يەنە بىر خوشاللىق ئويغۇر بالىلىرى دىننى بىلمىلەردىنمۇ بەھىرمەن بولالايدىغان بولدى. بۇ مېنى سۆيۈندۈرىدۇ. بۇنى چوڭ قىزىم خەدىچە ئۆتىدۇ. قىزىمنىڭ قانداق قىلىپ ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئوقۇشىدىن سىرىت،ناھايىتى ياخشى دەرىس ئۆتۈش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرگنىنى كېيىنچە ئورتاقلىشىمەن، ئىنشائاللاھ. بالىلىرىمىز دىمىزنىمۇ، تىلىمىزنىمۇ تەك ئۆگىنىشى كېرەك، شۇنىڭدا بىز يوقاپ كەتمەيمىز!
دېمەكچى بولغىنىم، بىر ئادەم بىرەر ئىشنى قىلاي دىسە، ئالدىغا ھەر خىل توسالغۇلار ، ھەر خىل گەپ سۆزلەر كېلىشى مۇمكىن. ئەگەر قىلۋاتقان ئىشىڭىز توغرا بولسا، قېيىنچىلىقنى يېڭىپ چىقىشا كۆزىڭىز يەتسە، پىتنە- پاساتلارغا پىسەنىت قىلماي ئىشىڭىزنى داۋاملاشتۇرۇڭ، ئالدىڭىزغا قاراپ مېڭىۋىرىڭ! مۇۋاپىقىيەت سىزگە مەنسۇپ!
ھەپتىدە بىر ھەرپ پىروگىراممىسى توغىرسىدا ئازراق چۈشەنچە بېرىپ ئۆتەي. مەن ئانىلارغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان ھەپتىدە بىر ھەرپ پروگىراممىسىنى يولغا قويغان، بۇ ئاساسلىق 3 ياشتىن يۇقىرى بالىلارغا ئائىلىدە يېتەكچىلىك قىلىپ ساۋات چىقرىشنى ئاساس قىلىدۇ. ئانىلارنىڭ پروگىراممىسىغا قاتنىشىشنى ئويلىشۋاتقانلار بىر مەزگىل ساقلاپ تۇرساڭلار، مەن ئىشلىرىمنى ئازراق تەرتىپكە سېلۋىلىپ ۋاقتىم يەتىسىلا سىلەرنى يېتەكلەشكە تىرىشىمەن.
ئەمدى 6 ياشتىن يۇقىرى بالىلارنىڭ ھەپتىدە بىر ھەرپ تور دەرىسىنى يولغا قويدىم، ئىكككىنچى قېتىملىق بالىلارنىڭ ھەپتىدە بىر ھەرپ تور دەرىسى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە باشلىنىدۇ. قىزىقىۇچىلار ئايرىم ئۇچۇر قىلساڭلار بولىدۇ.


Tuesday, July 11, 2023

كۆڭۈللۈك يازلىق تەتىللىك لاگىر پائالىيىتى

 كۆڭۈللۈك  يازلىق تەتىللىك لاگىر پائالىيىتى


مۇسۇلمان بالىلىرىنى ئاساس قىلغان بۇ لاگىر پائالىيىتىمىزنى باشلىغاننى بىلىمەن، ھەش-پەش دېگۈچە  4- ھەپتىمىزگە قەدەم قويۇپ بوپتىمىز. 

   مەن بالىلىرىم ۋە باشقىلارنىڭ بالىلىرى ئۈچۈن ناھايىتى كۆڭۈللۈك ھەم ئەھمىيەتلىك بىر پائالىيەت سورۇنى  ھازىرلاپ بېرەلىگىنىمدىن ناھايىتى خوشالمەن ۋە ھاياجانلىق ئىلىكىدىمەن . 

ھەر ھەپتىدىكى ھەر خىل پائالىيەتلەر مەسىلەن، ھەپتىدە بىر قېتىم دالا سەيلىسى( يەنى، مېۋىلىك باغقا بېرىش، ھايۋانات باغچىسىغا بېرىش، دالا تامىقى پائالىيىتى، پويىزغا ئولتۇرۇپ دالا تامىقى پائالىيتىگە بېرىش، تىركتۇرغا ئولتۇرۇپ مېۋىلىك باغقا بېرىش)، ھەر خىل شەكىلدىكى سۇ ئويناش پائالىيىتى( يەنى، شارغا سۇ تولدۇرۇپ بىر-بىرىگە ئېتىش، سۇ تۇشقۇزۇلغان شارنى ۋالىبۇل ئورۇنىدا ئېتىلىپ كەتكۈچە ئويناش، سۇ تاپانچىسى، بوتۇلكا، چېلەك ۋە باشقا نەسىلەر بىلەن سۇ چېچىشىپ ئويناش، سۇلۇق سىيرىلغۇچ قاتارلىقلار) ، ئىككى قېتىملىق گۈزەل سەنئەت( ئىككىنچى قىزىم خىلى جەلىپ قىلارلىق ئۆتۈۋاتىدۇ) دەرىسى، ھەر خىلى تەنتەربىيە (پۇتبول، ۋالىبۇل، ۋاسكىبول ئويناش، ئاتلانچۇق ئويناش، ئارغامچا تارتىش، پۇتنى باغلاپ ئۈچ پۇتلۇق، تۆت پۇتلۇق بولۇپ مېڭىش، مۆكۈ-مۈكۈلەڭ ئويناش....) پائالىيەتلىرى، ھەر كۈنى يېرىم سائەت قۇرئان ئۆگىنىش، يېرىم سائەت پەيغەمبەرلەر توغىرسىدا ھېكايە ئاڭلاش (چوڭ قىزىم ھېكاينى ناھايتى جەلىپ قىلالىق قىلىپ ئېيتىدۇ) ، ھەر جۈمە كۈنى پىزا ، مارۇژنا، كىنو كۈرۈش  پائالىيتى ۋە جۈمە نامزىغا كوللىكىتىپ بېرىش ، ئۇنىڭدىن باشقا ھەرخىل ئۇسۇلدا ئۆزنىڭ مارۇژنىسىنى ، پىساسىنى ۋە ئېچىملىكىنى  ئۆزى ياساش، ھەر خىل قول ھۆنەرۋەنچىلىك پائالىيەتلىرى، بالىلارنىڭ يېشىغا ماس كېلىدىغان ۋەلىسپىت ، ماشىنا قاتارلىقلار بالىلار ۋە ئاتا ئانىلارنىڭ قىزغىن ئالقىشى ۋە ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشمەكتە. بىر قېتىم قاتناشقان بالىلار ۋاقىت شارئىتى يار بەرسىلا ئىزچىل قاتنىشىپ كېلۋاتىدۇ ھە داۋاملىق يېڭى بالىلار قوشۇلماقتا. ھەپتىدە كېلىدىغان بالىلارنىڭ سانىنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئېشىشپ مېڭىشى بىر تەرەپتىن مېنى  خوش قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن "-ھە مەن كەلگۈسىدە مۇسۇلمان بالىلىرىنى ئاساس قىلغان مەكتەپ قۇرسام، بۇلار رازى بولغىدەك مۇلازىمەت قىلالىغۇدەكمەن" دېگەن ئىشەنچنى بېغىشلىماقتا.


مۇشۇ يەردە تۇنجى ھەپتىسىدىن باشلاپ كېلۋاتقان 6 ياشلىق ئوقۇغۇچىم( ھايان) نىڭ  گىپىنى ئازراق  قىلغۇم كەلدى. 

ھايان بىرىنچى ھەپتىسىنىڭ بىرىنچى كۈنى كەلگەندە يىغلاپ خىلى ئۇزۇنغىچە ماشىنىدىن چۈشكىلى ئۇنىمىدى. 

ئۇنىڭغىچە ماشىنىنىڭ يېنىغا ئۈزۈم بېرىپ دادىسىدىن -نېمىشقا يېغلايدۇ؟ دەپ سورىدىم .  -ئاپىسىدىن ئايرىلغۇسى يوق ، كۆپ ئادەم بولسا قورقىدۇ-دەپ جاۋاپ بەردى دادىسى. 

-بالىنى ماڭا بېرىڭ، مەن گەپ قىلاي-دەپ بالىنى قولىدىن  ئالدىم-دە دادىسىغا ماڭىۋىرىڭ،-دەپ ئىشارەت قىلدىم. دادىسى كۆزى ئارقىسدا كېتىپ قالدى. 

ئۇنىڭغىچە ھايان راسا يېغلاشقا باشلىدى.  شۇ چاغدا ھاياننىڭ ھاجىرا ئىسىملىك بىر دوستىمۇ بىزنىڭ لاگىر پائالىيىتىمىزدە بار ئىدى. 

ئۇ قىزچاق يۈگۈرۈپ  كېلىپ ،- ھايان  كىرئالغۇغا بەك ئامراق، كىرئالغۇنى كۆرسە يېغلىمايدۇ،-دىدى. 

ھايان! -مەن ساڭا بىزنىڭ كىرئالغۇنى كۆرسىتىمەن، يىغلىما،-دىسەممۇ ئاپامنى سېغىنىپ كەتتىم، ئاپام مېنى ئالغىلى كەلمىسە قانداق قىلىمەن؟ -دەپ يىغلاۋەردى. 

ھايان، ماڭا قارا!  -مەن ساڭا مېنىڭ ھېكايەمنى دەپ بېرەي،- دەپ ھېكايەمنى باشلىدىم. ئۇ كۆزلىرىدىن ياشلىرىنى تاراملاتقىنچە، تېڭشىغان-تېڭشىمىغان قىياپەتتە تۇردى.

-مېنىڭ ئاپام بەك ، بەك يېراق يەردە تۇرىدۇ. مەن ئۇلارنى كۆرەلمەيمەن، ئۇلارنىڭ ئاۋازىنمۇ ئاڭلىيالمايمەن. ئۇلار مېنىڭ يېنىمغا كېلەلمەيدۇ، مەنمۇ بارالمايمەن، ھەتتا تېلفۇنمۇ قىلالمايمەن، ئۇلارنى بەك ، بەك سېغىندىم، ئەمما يېغلىمايمەن. 

-قارا، سېنىڭ ئاپاڭ ھەر ۋاقىت يېنىڭدا، نەچچە سائەتتىن كېيىن پائالىيىتىمىز تۈگسە سېنى ئېلىپ كېتىدۇ، سېنى ھەرگىز تاشلاپ قويمايدۇ، تېخى تېلفۇن قىلساڭ پاراڭلىشالايسەن ، سەن نېمىدىگەن بەخىتلىك!

قارا! مايكاڭ بەك چىرايلىقكەن، بۇ رەسىمدىكى كىم؟ -دەپ سورىدىم. 

-بۇ  ئادەتتىن تاشقىرى پالۋان -دەپ جاۋاب بەردى. 

-ھەئە ، سېنىڭمۇ مۇشۇنىڭدەك پالۋان بولغىڭ بارمۇ؟-دەپ سورىدىم . 

-دەرھاللا ھەئە ، دەپ جاۋاب بەردى. 

-ئەمسە يېغلىما، پالۋانلار كۆزىدىن ياش چىقارمايدۇ-دەپ يەر ئاستىغا ئېلىپ چۈشۈپ كىرئالغۇلارنى كۆرسەتكەن بولدۇم.  بىردەمدىن كېيىن  سەل ئېچىلغاندەك بولۇپ  كەيپىياتى ئازراق  ئوڭشالدى. 

-كۈلگنىگە، ئاپاڭ سېنىڭ كۆلگىنىڭنى كۆرسە خاتىرجەم بولىدۇ، ئاپاڭمۇ سېنى بەك سېغىندى،- دەپ كۆلۈپ تۇرغان رەسىمىدىن بىرنى تارتىم.

كۆلۈپ تۇرۇپ، -ئاپا، سېنى ياخشى كۆرىمەن، دېگىنە، سېنى ۋىدىيوغا تارتىپ ئاپاڭغا يوللاپ بېرەي، دەپ ۋىدىيوغا تارتىپ ئاپىسىغا يوللاپ قويدۇم.  ئەتىسى سەل ئىككىلنىپ ماشىنىدىن چۈشتى. ئۇنىڭ ئەتىسىدىن تارتىپ ماشىنىدىن ئۇچقاندەك يۈگۈرۈپ چۈشۈدىغان بولدى. 

تېخى پات- پاتلا، -ئائىشە خانىم! -مەن سىزنى بەك ياخشى كۆرىمەن، سىزىنىڭ يېنىڭىزدا تۇراي، سىز قاراپ تۇرۇڭە، مەن گۇمپامنى كۆرسۈتۈپ قوياي ' دەپ ئۆزىنىڭ كۆڭلىنى ئىپادىلەشلىرى ئادەمنى سۆيۈندۈرىدۇ.

ئاپىسىنىڭ خوشاللىقىچۇ،تېخى. بالام يات ئادەملەر بىلەن ئۇچىرشىشتىن قورقاتتى، ئاسانلىقىچە ئۆزىنى ئازادە ھېس قىلالمايىتى، ئەمما سىزنىڭ تەتىللىك پائالىيىتىڭىزگە بارغاندىن تارتىپ كەيپىياتلىرى ئالاھىدە ياخشى، شەنبە - يەكشەنبە ئۆتۈپ بولغىچە ئائىشە مۇئەللىمنىڭ مەكتىپىگە قاچان بارىمەن، دەپ نەچچە قېتىملاپ سوراپ بولىدۇ. سىزگە كۆپ رەھمەت، بالام لاگىر پائالىيىتىڭلارنى بەك ياخشى كۆردى- دەپ ئۆزىنىڭ مېننەتدارلىقىنى ئىپادىلىگەندە، ئۈزۈممۇ خوش بولدۇم، بالىلارغا مۇشۇنچىلىك سۆيگۈ ۋە خوشاللىق بېغىشلىيالىغىنىمدىن ئاللاھقا شۈكۈر ئېيتىم. ھايان بىرىنچى ھەپتىمىزدىن تارتىپ ھازىرغىچە ئىزچىل ئەزايىمىز بولۇپ كېلۋاتىدۇ. ئۆزى كىچىك ئەمما   تاتلىق،ھەم قىزقارلىق گەپلىرى بىلەن ئادەمنى تىلىقتۇرۇپ قويىدۇ.  كۈپچىلىك ئولاش- چولاش ئولتۇرۇپ پاراڭلاشقاندا، تېمىمىزنى كۆپۈنچە ھايانغا قارتىمىز. بىر گەپكە سېلىپ قويساق توختىماي تاغدىن- باغدىن گەپ قىلىپ بىزنى كۆلدۈرىدۇ. بىر كۈنى ئەتگەندە ھەممە بالىلار كېلىپ بولدى، ئەمما مېنىڭ 3-قىزىم بەك ھېرىپ كەتكەچە ئويقۇسىنى ئاچالماي شۇ كۈندىكى دىننى پائالىيەتكە قاتنىشالمىدى.

-ھاسىبە قېنى؟-دەپ سورىدى ھايان. 

-ئوخلاۋاتىدۇ،-دەپ جاۋاب بەردىم مەن.

-ئەمسە ئەتە ئەتىگەن ئويغىنامدۇ؟- دەپ سورىدى ھايان.

ھەمىمىز پارەققىدە كۆلۈپ كەتتۇق. 

-ياق، سەل تۇرۇپ قوپىدۇ، دەپ جاۋاب بەردىم. 

-ئائىشە خانىم، مەن سىزنى بەك ياخشى كۆرىمەن، دىدى ھايان.

- رەھمەت ساڭا، مەنمۇ سىلەرنى ياخشى كۆرىمەن، دەپ جاۋاب بەردىم. بىزنىڭ تەتىللىك پائالىيىتىمىزنى ياخشى كۆردۈڭمۇ؟- دەپ سورسام: "-ھەئە" دەپ جاۋاب بەردى. 

-ئەمسە ھەر ھەپتىسى كەلسەڭ ، سېنى قارىشى ئالىمىز، دىدىم.

-ياق مەن 5 كۈنلا كېلىمەن، دەپ جاۋاپ بەردى ھايان.

ئاندىن نەگە بارىسەن؟-دەپ سوردىم. 

-ئوكدەيىل( مەكتەپنىڭ ئىسمى) گە بارىمەن، دىدى ھايان.

-ھەئە سىلەر نىيو ماركىتتا( بىزگە بەك يېقىن شەھەرنىڭ ئىسمى) تۇردىكەنسىلەردە؟-دەپ سورىسام، -ياق بىز پاكىستاندا تۇرىمىز- دەپ جاۋاپ بەردى. قىزىم قوپوپ -سىلەر پاكىستاندا تۇرامسىلەر؟ - دەپ سورسا،- ياق ، مەن تەنىسى ( باشقا بىر يېراق شىتاتنىڭ ئىسمى) دىن كېلىمەن، ھەر كۈنى شۇ يەردىن كېلىمەن، دەپ جاۋاب بەردى. بۇنى ئاڭلاپ كۈپچلىك پارەققىدە كۈلىشىپ كەتتى. بالىلار ئۆزىنىڭ تاتلىق گەپلىرى ۋە ئۇماق ئىش ھەرىكەتلىرى بىلەن بىزگە خوشاللىق ۋە ئۈمۈت بېغىشلايدۇ. مەن بالىلىقنىڭ ، ئانىلىقنىڭ ھۇزۇرىنى سۈرمەكتىمەن. 

 

Saturday, June 17, 2023

ئۆيدىن باشلانغان يازلىق تەتىللىك لاگىر پائالىيىتى

 ئۆيدىن باشلانغان  يازلىق تەتىللىك لاگىر پائالىيىتى


نەچچە يىلدىن بېرى ھەر يازلىق تەتىل بولسا بالىلىرىمنى مەسجىدنىڭ يازلىق تەتىللىك لاگىر پائالىيىتىگە ئاپرىپ بېرەتتىم. چوڭ ئىككىسى پىدائىي بولۇپ ئىشلىشىپ بەرسە، كىچىكلىرىگە بىې ئاپۇل تۆلەيتىم. بۇ يىل نەچچە ئاي بۇرۇن بالىلىرىمنىڭ  بۇ يىللىق يازلىق تەتىلىنى قانداق ئۆتكۈزۈشى توغىرسىدا باش قاتتۇرۇشقا باشلىدىم. 


بالىلىرىمنى مەسجىدنىڭ يازلىق لاگىر پائالىيىتىگە ئاپرىپ بەرسەم ئىككى چوڭ قىزمغۇ پىدائى بولۇپ ئىشلىشىپ بېرەر، لىكىن كىچىكلىرىگە نەچچە يۈز دوللاردىن پۇل تۈلىگىلى تۇرسام، بۇ ئائىلىمىزگە نىسبەتەن خىلى ئېغىر توختايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇلتۇردىن تارتىپ، مەن بالىلىرىمغا قوشۇلۇپ ئوقۇغۇچى بولۇپ، ئالىي مەكتەپ ھاياتىمنى قايتىدىن باشلىدىم. تەتىلدە ھەم ئۆگىنىدىغان ھەم چېنىقىدىغان ھەم ئىقسادى قىممەت يارتىدىغان بىر ئىش قىلىشىمىز كېرەك، ئىدى .


ئىككى چوڭ قىزىممۇ (16 ۋە 17 ياش) ناھايىتى ياخشى  چوڭ بولۇۋاتىدۇ. مېنىڭ 6 بالىنى تەڭ يېتەكلەپ،  ئۆزۈم ئوقۇپ ۋە باشقا ئىشلاغىمۇ تەڭ يېتىشىپ ماڭالىشىمدا  مۇشۇ ئىككى چوڭ قىزىمنىڭ رولى ناھايىتى چوڭ. بۇلار قېيىنچىلىقلىرىمنى ھەل قىلىشىمغا ھەمدەم بولىدىغان، ياخشى مەسلىھەتلەرنى بىرىدىغان، كۆڭلۈم يېرىم بولسا تەسەللى بېرىدىغان ئاچا-سېڭىللىرىم، ئەڭ يېقىن دوستلىرىم، كىچىك قىزلىرىمنى قولمۇ-قول بېقىشىپ بېرىدىغان ياردەمچىلىرىم،  ئۆزىلىرىنىڭ ئوقۇشىغا كەلگەندە، مېنىڭ تاللانتلىق ئوقۇغۇچىلىرىم بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. 


ئىككى چوڭ قىزىم بىر نەچچە يىلدىن بېرى،  يازلىق تەتىلدە، مەكتەپنىڭ بىرەر دەرىسىنى ئېلىشتىن باشقا، بالىلارغا دەرىس ئۆتۈش، بالىلارنى يېتەكلەش ۋە باشقا قوشۇمچە پائالىيەتلەر بىلەن شوغۇللىنىپ كېلۋاتىدۇ.  كىچىك بالىلارنى ئوقۇ ئوقۇتۇش ۋە يېتەكلەش جەھەتتە خىلى ئىقتىدارلىق. بۇ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشقا  شارائىت، پۇرسەت بولۇشى كېرەك، ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇشۇ ياشتىكى بالىلارنىڭ  ئوقۇشتىن سىرىت ئىشلەپ،  ئازراق بولسىمۇ ئىقتىسادى قىممەت يارتالىشى بۇلارغا نىسبەتەن  ئىشەنچ بېغىشلايدۇ  . 


يازلىق لاگىر پائالىيىتىنى نەدە قىلىش، قانداق باشلاش مېنى كۆپ ئويلاندۇردى. بۇلتۇردىن تارتىپ ۋىرجىنيە ئۇيغۇر مەكتەپتە چوڭ قىزىم (17ياش)دىننى دەرىس ، مەن ئانا تىل دەرىس بېرىپ ئاتا-ئانىلارنىڭ ناھايىتى ياخشى باھالىرىغا ئېرىشتۇق. يازلىق لاگىر پائالىيىتىنى شۇيەردە ئۇيغۇر بالىلىرىغا قىلىش خىلى ئاسانغا توختايدۇ. سۈرىيە مۇئەللىمنىڭ ( مەكتەپ قۇرغۇچىسى) ئوقۇغۇچىلىرى ناھايىتى كۆپ، پائالىيەتكە تېزىملىتىدىغان بالىلارنىڭ بولۇشى ئېنىق ئىدى، پائالىيەتكە قاتنىشىدىغان بالىلارنىڭ كەلمەي قىلىشىدىن ئەنسىرمىسەكمۇ بولاتتى. 

ئەمما مۇشۇ بىر سائەت ماشىنا ھەيدەپ بېرىپ، بىر سائەتتە قايتىپ كېلىش مېنى ئىككىلەندۈرۈپ قويدى. ئادەتتە ھەپتىدە بىر قېتىم بارسام يولنىڭ يېراقلىقى بەك بىلىنىپ كەتمەيدۇ، چوڭ قەزىم شۇپۇرلۇق كېنىشكىسىنى ئېلىپ جىنىنغا ھەجەپ خوش ياقتى، ماشىنا ھەيدەپ ئويقۇم كەلسىلا، سىز ھەيدەڭ دەپ ماشىنىنىڭ رولنى تۇتقۇزۇپ قويدىغان بولدۇم . شوپۇرلۇق قىلىشتا بىر ئادەم كۈچىنىڭ قوشۇلغانلىقى چوڭ ئىش بولدى. شۈكۈرلەر بولسۇن. 

6 بالىنى ئەگەشتۈرۈپ ۋىرجىنيەگە ھەر كۈنى بېرىپ-كېلىش، ھاۋانىڭ ئېسسىقىدا ھەقىقەتەن قېيىن بولىدۇ، مەنمۇ باشقا ئاتا-ئانىلارغا ئوخشاش بالامنى لاگىر پائالىيىتىگە تاشلاپ قويۇپ ، تۈگككىچە باشقا ئىشىمنى قىلسام خىلى ئارام ئېلۋىلىش پۇرسىتىم بولىدۇ، لىكىن بۇ لاگىر پائالىيىتىگە مەن مەسئۇل بولۇپ، بالىلارنى يېتەكلىشىم كېرەك. پۈتۈن كۈن ئىشلەپ،  كەچتە ھارىغاندا ماشىنا ھەيدەپ ئۆيگە قايتىش، قايتىپ كېلىپ تاماق ئېتىش، ئۆي ئىشلىرى …..دېگەندەك نۇرغۇن ئىشلار مېنى قىلماي تۇرۇپلا رۇھى جەھەتتىن ھاردۇرۇپ قويدى. شۇڭا بارماسلىقنى قارا قىلدىم 


ئائىلە يەسلىسى كېنىشكىسىنى ئالغىنىمغا 5 يىل بوپتۇ، يىلدا تەلەپ قىلغان دەرىسلىرىنى كېنىشكامنى ئېلىپ يېڭىلاپ  تۇرۋىتىپتىمەن، لىكىن سىرتتىن بالا قوبۇل قىلىپ باقمىدىم. سەۋەبى، يېڭى ئەللىيىم توغۇلغان ياكى  بالام كىچىك ۋە ياكى ئېنگلىزچە سەىيەم يېتەرلىك ئەمەس. بىز ئەتراپىمىزدا  ئۇيغۇر يو ق بىر شەھەردە ياشايمىز. شۇڭا  يەسلىرەمگە شۇ چەتئەللىك مۇسۇلمانلارنىڭ بالىلىرىنى قوبۇل قىلىشىم كېرەك. 


بۇلتۇر ئالىي مەكتەپكە ئوقۇشقا كېرگەندىن تارتىپ، ئۈزۈمنى قايتىدىن بالىلىقىمغا قايتقاندەك ھېس قىلماقتىمەن. مەكتەپكە بارسام ئوقۇغۇچى، ئۆيدە ئانا ، ئايال، خىزمەتتە ئۇستاز بولۇپ نەچچە ۋەزىپىنى ئۈستۈمگە ئېلىپ مېڭىۋىتىپتىمەن .  ئەمسە ئىشنى نېمە ئۈچۈن مۇشۇ لاگىر پائالىيىتىدىن ، ئائىلەمدىن باشلام باقمايمەن؟ كېنىشكامغا 5 ياشتىن يۇقىرى 5 بالىنى قوبۇل قىلسام  بولىدۇ، ئۆزەمنىڭ 6 بالىسى بىلەن 11 بولىدۇ، ئىككى چوڭ قىزىم ھەم ئوقۇغۇچى ھەم ئۇستاز بولالايدۇ، بىزدە يېتەرلىك ئادەم كۈچى بار، ئۆگىتىمىز دىسەك قورساقتا ئۇمۇچىمىز بار، ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇشقا  ھەرخىل ئۇسۇللىرىمىز بار تۇرسا، يەنە نېمىشقا ئۆز ئالدىمىزغا  ئىش قىلىپ باقمايمەن ؟ دېگەن ئوي بىلەن، يازلىق لاگىر پائالىيىتىنى  ھازىرقى ئۆيىمىز ۋە چوڭ ھويلىمىزدىن باشلىدىم . 


ئىلاننى نەچچە ئاي بۇرۇن چىقاردىم.  بۇنى باشقىلارغا بىلدۇرۈش ئۈچۈن،    بىز دائىم بارىدىغان مەسجىدكە بېرىپ ، 40-50 تال  ئىلان   تارقاتتىم. قىزلىرىم دەسلەپ تازا قوللاپ كەتمىدى، ئۇلار بۇنداق ئىشلارنى ياخشى كۆرمەيدۇ، خىجىل بولىدۇ. 

بالىلارنىڭ ئېغىزىغا  قارىسام  بىر ئىشنى ۋۇجۇدىقا چىقارغىلى بولمايدۇ، شۇڭا مەسجىدىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە مەزىنلەردىن ياردەم تەلەپ قىلدىم، ئۇلار مۇسۇلمانلارنىڭ بالىكىرى ئۈچۈن بۇنداق بىر ياخشى ئىشنىڭ بولۇشى ناھايىتى ياخشى ئىش دەپ ياردەمدە بولدى. 

ئىلانىمنى ئۇ يەر بۇ يەردە تارقىتىپ يۈرۈپ، يازلىق لاگىر پائالىيىتىمىزنىڭ ھەر ھەپتىسىگە بالىلار تېزىملىتىشقا باشلىدى. 


بۇ لاگىر پائالىيىتى 9- 3 كىچە داۋاملىشىدۇ، ھەركۈنى ئەتگەندە بالىلارنىڭ سەۋىيىسىگە ئاساسەن بىرەر سائەت قۇرئان ئۆگنىش / يادىلاش ۋە پەيغەمبەرنىڭ ھېكايىلىرىنى ئاڭلاش پائالىيىتى بولىدۇ. مەن مۇشۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ قىسىسىنى چوڭ قىزىم خەدىچەنىڭ ئېغىزىدىن ئاڭلاشنى بەك ياخشى كۈرىمەن، مەن ھېكايىكەرنى بىلسەممۇ قىزىم ناھايىتى جەلىپ قىلارلىق قىلىپ سۆزلەيدۇ، ھەتتا مەن بىلمەيدىغان مەزمۇنلارمۇ چىقىپ قالىدۇ.  

ئاندىن ھەپتىدە ئىككى قېتىم رەسىم دەرىس، ھەركۈنى ھەر خىل شەكىلدىكى تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى( ۋالىبۇل، ۋاسكىتبۇل، پوتبۇل، ھەر خىل ئاتلانچۇق ئويىنلىرى) ، دالا سەيلىسى پائالىيىتى، مەخسۇس  سۇ ئۇيۇنلىرى ۋە جۈمە كۈندىكى بالىلارنى مېھمان قىلىش ، كىنو كۆرۈش قىزىقارلىق پائالىيەتلىرىمىز بالىلارنىڭلا ئەمەس، ئاتا -ئانىلارنىڭمۇ ئىنتايىن ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشتى. بىرىنچى ھەپتىمىز تولۇق سان بىلەن  ناھايىتى نەتجىلىك ھەم ئەھمىيەتلىك ئاخىرلاشتى. ئىككىنجى ھەپتىمىزنىڭمۇ ئادەم سانى توشتى، بۇ ھەپتىدىكى پائالىيەتلەر تېخىمۇ كۆڭۈللۈك. مەسىلەن، سۇلۇق سىيىرلغۇچتا سىىرىلىش، ، ھەركىم ئۆزىنىڭ پىساسىنى ياساپ پىشۇرۇش، تاش ئۈستىگە رەسىم سىزىش، گىلاس ئۈزۈش ھەم ھايۋاناتلارنى زىيارەت قىلىش، ئۇنىڭدىن باشقا ھەر كۈنى دىننى پائالىيىتىمىز ۋە

 

تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىمىز نۇرمال داۋامىلىشىدۇ. 

IMG_1063.jpg
IMG_4413.HEIC
IMG_1022.HEIC
IMG_1104.HEIC
IMG_1014.HEIC
IMG_1083.HEIC
IMG_1068.HEIC
IMG_1030.HEIC

IMG_1063.jpg
IMG_4413.HEIC
IMG_1022.HEIC
IMG_1104.HEIC
IMG_1014.HEIC
IMG_1083.HEIC
IMG_1068.HEIC
IMG_1030.HEIC
IMG_1127.HEIC
IMG_1043.HEIC
IMG_1013.HEIC

Wednesday, September 14, 2022

تىلى كېچىكىپ چىقىدۇ

 2019 - يىلى 5- قىزىم بۇ يورۇق دۇنياغا كۆز ئېچىپ ئائىلىمىز خوشاللىققا چۈمدى. توغۇلۇپ بىر ھەپتىدىن كېيىن بالىنىڭ ئومۇمى ئەھۋالىنى تەكشۈرتۈش ئۈچۈن بالىلار دۇختۇرغا كۆرسەتتۇق. دۇختۇر بالىنى تەپسىلى  تەكشۈشۈرش ئارقىلىق" بالىنىڭ تىلى سەل قىسقا ئىكەن" دىگەننى قىستۇرۇپ ئۆتتى. 

بىردەمدە كاللامدا مىليۇنلىغان سوئاللار پەيدا بولدى. -" ۋاي ئاللاھ، بالام گەپ قىلالمايدىغان بولۇپ قالماس-ھە؟ ئەگەر شۇنداق بولۇپ قالسا، قانداق قىلىمەن؟ شۇنداق بولۇپ قالسا...... ئاخىرىنى ئويلاشقا جۈرئەت قىلالمىدىم.

- تىلى قىسقا بولسا قانداق تەسىرى بولار؟ -دەپ سورىدىم.

-ھېچقانداق تەسىرى بولمايدۇ، تىلى سەل كېچىكىپرەك چىقىدۇ، ئەنسىرمىسەڭلارمۇ بولىدۇ، بالىنىڭ ئەھۋالى ياخىشى ئىكەن ، دىدى دۇختۇر. 

بىز خاتىرجەم ئۆيگە قايتۇۇق. كۈنلەر بىرىنىڭ كەيىنىدىن -بىرىنى قوغلاپ ھەش پەش دېگۈچە بۇ قىزىم بىر ياشقا كىرىپ قالدى. بىر ياشقىچە بالا يېتىلدۈرۈشكە تىگىشلىك موتور ئىقتىدارى، بەدەننىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش ئىقتىدارى، قول- كۆزىنىڭ كوردىناتسىيەسىنى ئاشۇرۇشتەك ئىقتىدارلىرى ناھايتى ياىشى يېتىلدى. ئەمما "دادا" دىن باشقا سۆزنى بىلمەيدۇ، بىز گەپ قىلساق چۈشىنىدۇ، دېگىنىمىز بويىچە ئىشنى ئورۇندايدۇ، ئەمما ئۆزى گەپ قىلالمايدۇ، " سۇ " دەپ بىقىڭ دىسەكمۇ، دوراپ بىقىشقا ئىنتىلمەيدۇ.بۇ ئەھۋالنى قىزىمنىڭ دۇختۇرىغا ئېيتىم، دۇختۇر " تېخى ئەمدى بىر ياشقا كىرىپتۇ، بىر مەزگىل قاراپ بىقىڭ، يەنە گەپ قىلمىسا تىل جەھەتتىن داۋالاش مۇتەخەسىسلىرىگە كۆرسۈتۈپ باقسىڭىز بولىدۇ" دەپ يولغا سالدى. 

 تىلى بالدۇر چىققان بالىلار 7-8 ئايلىقتىن تاتىپلا " دادا، ھەدە، مەمە" دىگەندەك سۆزلەرنى قىلىشقا باشلايدۇ. بالامنىڭ گەپ قىلماي  جىمجىت يۈرۈشى مىنى ئەندىشىگە سېلىشقا باشلىدى. 

دەل بىر ياش 5 ئايلىق بولغىچە ئاران " دادا، سۇ، نان، ئات، ئالما" مۇشۇ بەش سۆزدىن باشقىنى دىيەلمىدى. شۇڭا قىزىمنىڭ دوختۇرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، تىل مۇتەخەسىسىنىڭ نۇمۇرىنى ئالدىم ۋە ئۇلار بىلەن كۆرۈشىشكە دىيىشىپ قويدۇم. ئۇلار ئاۋۋال بالىنىڭ تەرەققىياتىنى باھالاپ ئاندىن تىل جەھەتتىن تەرەققى قىلىدۇرۇش پروگىراممىسىغا قوبۇل قىلىدىغان ياكى قىلمايدىغانلىقىنى  ئېيتى. ئىچىمدە بىر تەرەپتىن سەل جىددىيلەشتىم، چۈنكى 3 ياشقىچە بالىنىڭ تىل تەرەققىياتى ياخشى بولمىسا، ئانا تىلىنى ۋە باشقا تىللارنى  قانداق ئۆگىنىدۇ؟ ھەدىلىرىگە قارغاندا بۇ قىزىم تىلنى كېچىكىپ ئۆگىنىدىغان بولدى،- دەپ ئويلىدىم. يەنە بىر تەرەپتىن بۇ پروگىراممىغا قاتنىنىشىش پۇرسىتىگە ئىگە بولسام ئۇلاردىن " بالىلارنىڭ تىلىنى چىقىرىش توغىرسىدا" نۇرغۇن بىلىمگە ئىگە بولالايمەن،- دەپ خوش بولدۇم. 

بۇ دەل كورونا باشلىنىپ بىر نەچچە ئايدىن كېيىن بولغاچقا، كۆرۈشمىمىز زومدا بولدى. كۆرۈشمىدىن ئاۋۋال قىزىم ياخشى كۆرۈپ ئوينايدىغان ئويۇنچۇق، ياخشى كۆرۈپ ئوقۇيدىغان كىتاب ۋە كىچىك توپ دېەەندەك نەرسىلەرنى تەييارلىشىمنى ئىيتتى. بالىنى باھالاشتىن ئاۋۋال، ئۇلار بالىغا گەپ قىلغاندا، ھېچقانداق ئىپادە بۆلدۈرمەسلىكىمنى، پەقەت ئېنگىلىزچىنى چۈشەنمىگەندە، ئۇيغۇرچە دەپ بىرىشىمنى ئېيتتى. ئىنگىلىزچىنى ئانچە چۈشىنىپ كەتمەيتتى. سوئال سوراشتىن ئاۋۋال، بالىنى بىردەم ئەركىلىتىپ، ھەر خىل قونچاقلارنى قىزىقارلىق ھەرىكەتلەر كۆرسىتىپ، بالىنى ئۆزلىرىگە مايىل قىلدى. ئاندىن " ئولتۇرۇڭ، قوپۇڭ، بېشىڭىزنى تۇتۇپ بىقىڭ، ئاپىڭىزنى قوچاقلاڭ، توپنى سېۋەتكە سېلىڭ" دېگەندەك سوئاللارنى سورىدى. قىزىم گەپ قىلالمىغان بىلەن بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ناھايتى بىمالال قىلالىدى، قىزىمنىڭ موتۇر ئىقتىدارئۆزىنىڭ يېشىغا نىسبەتەن خىلى يۇقىرى ئىدى. 

باھالاش نەتىجىسى 97 بولۇپ، قىزىمنىڭ تىلىنىڭ نۇرمال ئىكەنلىكىنى، تىل جەھەتتىن داۋالاش قىلىشنىڭ ھاجىتى يوقلۇقىنى، رەسىملىك كىتابلارنى كۆپرەك ئوقۇپ بىرىشىمىز، كۆپرەك گەپ قىلىپ بىرىشىمزنى ئىيتتى، ئازراق كېچىكىپ چىقىدۇ، بۇنىڭ چوڭ تەسىرى يوق،- دەپ قىزىمنىڭ بۇ پروگىراممىغا قاتنىىش سالاھيىتى توشمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. يەنە 6 ئايدىن بىر يىلغىچە قاراپ بىقىپ، ياردەم لازىم بولسا ئالاقىلىشىشىمنى ئىيتىپ، بۇ كۆرۈشمىنى ئاخىرلاشتۇردۇق. 

قانداق قىلىشىم كېرەك؟ ۋەتەندىكى گەپ بويىچە ( يەنى بالام گەپ قىلمىدى،  تىلى كېيىن چىقىدىغان ئوخشايدۇ، 3 ياشقا كىرگەندە بىراقلا پارتىلاپ چىقىدۇ) 3-4 ياشقا كىرگەندە چىقىپ كېتىدۇ،- دېگەننى ساقلاپ تۇرامدىم ياكى بۇنىڭغا بىر تەدبىر قوللىنامدىم؟ دېگەن سوئاللار مېنى ئىزدىنىشكە، ئويلىنىشقا سالدى. 

 مەن خىلى ئويلىنىپ :- قىزىم " دادا، سۇ، نان، مەمە، ئالما" دېگەن سۆزلەرنى بىلىدۇ، دىمەك،  قىزىم بۇ ھەرپلەردىن باشلانغان ئاددى سۆزلەرنى دىيەلىشى مۇمكىن، مەن مۇشۇ " د، س، م ،ئا " ھەرپلەردىن باشلانغان ھەم مۇشۇ ھەرپلەرندىن تۈزۈلگەن  ئاددى سۆزلەرنى (بولسا رەسىمى بىلەن) ئۆگىتىشتىن باشلاي- دەپ قىزىمنىڭ تىلىنى چىقرىشقا ئائىلە بويىچە سەپەرۋەر قىلدىم، ئائىلە ئەزالىرىدىن بۇ قىزغا گەپ قىلغاندا،  پەقەت ئۇيغۇرچە گەپ قىلىشىنى، ئېنگىلىزچە گەپ قىلماسلىقنى ئېيتتىم. قىزىمنىڭ تىلىنى چىقىرىشىمغا چوڭ قىزىم ( شۇ ۋاقىتتا 14 ياش) خىلى كۆپ تۆھپىسىنى قوشتى، ئاللاھ رازى بولسۇن. 

ئەڭ ئاۋۋال، " ئا" دىن باشلانغان سۆزلەرنى ئۆگىتىشكە باشلىدۇق. ئۆگەتكەندە، قولىمىزغا يەيدىغان بىرەر نەرسە ياكى بىرەر ئويۇنچۇق تۇتۇپ تۇرۇپ، بالا بىلەن ئوخشاش ئىگىزلىكتە ئولتۇرۇپ، ئات بولسا ئاتنىڭ رەسىمىنى تۇتۇپ تۇرۇپ، " ئا    ت" دەڭە، مېنىڭ ئېغىزىمغا قاراپ تۇرۇپ مىنى دوراڭ، مىنى دورىسىڭى قولۇمدىكى بۇ نەرسىنى بىرىمەن،- دەپ شۇ ئات دىگەن سۆزىنى توغرا بولسۇن خاتا بولسۇن دوراپ دەپ بىقىشقا دەۋەت قىلدۇق. دەسلەپ دوراشقا ئونمىدى، ئونماسلىققا ئاساسى بار، چۈنكى بۇ سۆزنى تەلەپپۇز قىلالمايدۇ، دوراپ دىيەلمەسلىكتىن قورقىدۇ. شۇڭا ئالدىرماي ئېغىزىمزنى چوڭ ئىچىپ تۇرۇپ، -"ئا" نىڭ چىقىشىنى، " ت" نىڭ چىقىشنى كۆرسۈتۈپ تۇرۇپ، قاراڭ، تىلىڭىزنى مۇنداق مىدىرلىتىسىز، دەپ بىقىڭە! قاراڭ دەۋاتىسىز، ئەنە " ئات " چىقىۋاتىدۇ- دەپ قىزىم ئىككىمىز يېىنىدا تۇرۇپ، "ئات" نى دىگۈزدۇق. ئات ئىنىق چىقمىسىمۇ، ئەمما "ئات"نىدەپ بېقىشقا ئۇرۇندى. مۇشۇنىڭ ئۆزى  ئۆزى بىز ئۈچۈن ئىلگىرلەش بولۇپ ھېساپلىنىدۇ، ئاندىن قىزىم بىلەن ئىككىمىز:" ۋاھ، يارايسىز،  "ئات" نى دىدىڭىز!- دەپ چاۋاك چىلىپ قىزىمنى تەبرىكلىدۇق ھەم مۇكاپاتىنى بەردۇق، قىززىممۇ خوش بولۇپ كەتتى( مۇكاپاتى بىر تال كەمپۈت ئىدى، كەمپۈتنى كىمنىڭ يىگۈسى كەلمەيدۇ، بولۇپمۇ بالىلار بەك ئامىراق، باشلانمىسى بولغاچقا، بالىنى دوراشقا ئىلھاملاندۇرۇش ئۈچۈن، كەمپۈت بىرىشتىن باشلىدۇق) . 

شۇنىڭ بىلەن ئات، ئاش، ئاي، ئاس، ئان، ئام  دېگەندەك ئادىدى بىر بوغۇملۇق سۆزلەرنى دېگۈزۈپ مەشىق قىلدۇرۇدۇق. "ن" دىن باشلانغان سۆزلەرنى ئۆگەتكەندىمۇ، "نان ، نام، نات، نەم" دېگەندەك ئېغىزدا ئېنىق تەلەپپۇز قىلغىلى بولىدىغان سۆزلەرنى ياساپ ئۆگەتتىم. ھەر بىر قېتىم دوراپ دېگۈزۈش بالىنىڭ تىل موسكوللىرىنى تەرەققى قىلدۇرۇش پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى. 

دەسلەپ سۆزلەرنى تەلەپپۇز قىلغاندا تىلى بەك قاتتىق ھەم تەلەپپۇزى ئوچۇق بولمىدى، ئەمما ئىزچىل بالىنىڭ كۆزىگە قاراپ تۇرۇپ ئاددى،  ئوچۇق  تەلەپپۇز قىلغىلى بولدىغان سۆزلەرنى ئىشلىتىپ گەپ قىلىشىنى داۋاملاشتۇرۇدۇم. "سەۋەپ قىلساڭ سېۋەتتە سۇ توختار" دەپ ، بۇ قىزىم ئەمدى دەل 3 ياشقا كېرىپ ئۆزىدە ئانا تىل ئۆگىنىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىدى، ئەلھەمدۇلىلاھ. 

ھازىرمۇ بەزى ھەرپلەرنى چىقىرالمايدۇ، ئەمما ساۋادى چىقىش بىلەن تەڭ تۈزۈلۈپ كېتىدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل.



Saturday, August 27, 2022

ھاياتلىق ئەسلىمىلەر

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
كورونا دىسە مەن ساغلامغۇ دەپ ئانچە ئەنسىرەپ كەتمەيتىم. يىل بېشىدا ئامىرىكا ۋەتەنداشلىقىغا ئۆتۈش ئۈچۈن ( 7 يىل ساقلىغان) كۆرۈشمىنىڭ چاقىرقىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ ئىنتايىن خوش بولدۇم، ئەمما كۆرۈشمىدىن مۇۋاپىقىيەتلىك ئۆتۈش ماڭا ئېغىر بىسىم بولدى. ۋەتەندە بېشىمدىن ئۆتكەن ئېغىر كۈنلەر ، ئورۇقـ تۇققان ، قېرىنداشلىرىم ئۇچۇرغان ۋە ئۇچراۋاتقان زۇلۇملار ھەقىقەت بولسىمۇ، مۇشۇلارنى ئوفىسىرنى قايىل قىلغۇدەك قىلىپ دىيىش ماڭا قېيىن تويۇلدى، ئادۇكاتتىمنىڭ تەلىپىنىڭ يۇقىرلىقى تېخىمۇ بىسىم بولدى. ھەر قېتىم ھېكايلىرىمنى سۆزلەپ مەشىق قىلسام نەچچە ئۆلۈپ نەچچە تىرىلغاندەك بولدۇم، ئىچىم ئاچچىق بولۇپ تىلىمغا تاماق تىتىمايدىغان، كۆزۈمگە ئويقۇ كەلمەيدىغان بولدى. ئىشتاھاسىزلىق ، ئويقۇسىزلىق، ھېرىپ چارچاش مېنى كوروناغا مۇپتىلا قىلدى. كورۇنا 6 بالىنى يەڭگىش، ئۇلارنى قاتارغا قوشۇش ۋە تەربىيەلەش جەريانىدا مەن ھېس قىلىپ باقمىغان باش ئاغرىق، بەل ئاغرىق، پۇت - قول، بوغۇم ئاغىرىق، ئىشقىلىپ كۆمۈلۈپ قالغان ئاغرىقلارنىڭ ھەممىنى تارتىپ چىقتى. شۇنداق بولسىمۇ بالىلىرىمنىڭ ئۆگىنىش ۋە باشقا ئىشلىرىغا يېتەكچىلىل قىلىشنى تاشلاپ قويمىدىم. ئەمما فىيسبوك، ئىنستىگرام سەھىپىسىدىن چىكىنىپ تۇردۇم. ۋەتەنداشلىقىتىن ئۆتسەم خوشاللىقتا ساقىيىپ قالارمەن دەپ ئويلىدىم، ئەمما يەنىلا ئوڭشالمىدىم. ھۆرمەتلىك ئادۇكاتىم ( نۇرى تۈركەل) گە چەكسىز مىننەتدارلىقىمنى ئېيتىمەن. ماڭا قاتتىق تەلەپ قويغاچقا، بىر قېتىملىق كۆرۈشمىدىلا ئۆتۈپ كەتتىم ئەلھەمدۇلىلاھ. كورونانىڭ ئارام ئېلىشتىن باشقا داۋاسى يوق - دەپ ، ئادەم بىرەر يېرىم كۈن يېتىپ ئارام ئالىدىكەن ، ئەمما بالا چاقىسى كۆپ، ھەرىكەتچان ئادەملەر يېتىۋەرسە ئىچى پۇشۇپ تۇرۇپ كېتىدىكەن. مەن دەل مۇشۇ ئادەملەردىن😁😁. شۇڭا چىنىقىپ ئەسلىمگە قايتىشنى ئويلاپ، چىنىقىش ئۈچۈن مەخسۇس ۋاقىت ئاجىراتتىم ھەم بۇنىڭ ئۈنۈمىنى كۆردۈم. ئالىي مەكتەپتە 5 يىل ئۇدا ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش چىمپىيونىلۇقنى قولغان كەلتۈرگەن « چىمپىيۇن” دېگەن قالپاقنى ئالغان. شۇ چاغدا چىنىققاننىڭ پايدىسى ھازىرغىچە كۆرگەن ھەم كۆرۈۋاتىمەن، ئەلھەمدۇلىلاھ.
باشقىلار كورونادىن بىر-ئىككى ھەپتىدىلا ساقايسا، مەن بۇ كورونانى بىر يىل كۆتۈرۈپ يۈرۈدىغان ئوخشايمەن، پۇتۇمنىڭ ئۇچىغا كېلىپ ، چىقىپ كەتمەي تۇرىدۇ. ئىنشائاللاھ يىل ئاخىرى چىقىپ
كەتكۈچە ساقىيىپ كېتەر.
ئەمدى گىپىمنىڭ مېغىزىنى دىسەم: 5- قىزىم ئىككى كۈن ئاۋۋال 3 ياشقا كىردى. بۇ قىزىم توغۇلغاندا، دۇختۇر: -تىلى قىسقا ئىكەن، باشقا مەسىلە يوق، شۇ تىلى كېچىكىپ چىقىدۇ » دېگەن. ھازىر ئانا تىلدا ساۋادىنى چىقىرىشقا تەييار بولدى، قىزىمنى قانداق قىلىپ بۇ باسقۇچقا ئەكەلگىنىمىنى كېيىنكى قېتىم يېزىپ يوللاي. بالىلىرىنىڭ ئانا تىل ساۋادىن چىقارماقچى بولغان ئانىلار. ھازىردىن
تارتىپ مەن بىلەن ئالاقە قىلسا بولىدۇ.



Friday, August 19, 2022

ف قوشاقلىرىم ۋە مەشىقلىرىم


 2018- يىلى 3- قىزىمنىڭ ساۋادىنى چىقرىشتا بىر تەرەپتىن ماتېريال تۈزۈپ ، بىر تەرەپتىن ئۆگىتىپ نەق 22 ھەرپنىڭ ماتېريللى پۈتكەندە، قىزىمنىڭ ساۋادى تولۇق چىقىپ، قالغان ھەرپلەرنىڭ ماتېريالىنى تۈزمەي تاشلاپ قويغان. ئۆتكەن يىلى  4- قىزىمىڭ ساۋادىنى چىقىرش ھەم   ئانىلارنى يېتەكلەش مۇناسۋىتى بىلەن ماتېريالنى قايتىدىن تۈزۈشكە باشلىغان. ھازىرغىچە 20 ھەرپنىڭ ماتېريالى پۈتتى. ئەمدى  ئىلگىرى قوشاق تۈزمىگەن ھەرپلەردىن بىرى بولغان  <  ف > ھەرپىگە كەلگەندە، قوشاقلارنى نەردىن تېپىش بېشىمنى سەل قاتتۇردى.  بىر نەچچە كۈن ماتېرياللارنى ئاختۇرۇپ، تورلاردىن ئىزدەپ يۈرۈپ مۇۋاپىق قوشاق تاپالمىدىم. ئاخىرى تۈزمەكچى بولغان قوشاقلارنىڭ تېمىسىنى ، ھەپتىدە بىر ھەرپ ئۆگىنىش گۇرۇپپىسىدىكى ئانىلارنىڭ ئالدىغان تاشلىدىم. ئۇ ئانا بىر كوپلىت، بۇ ئانا بىر كوپلىت تۈزۈش ، كەيندىن قايتا -قايتا تەھرىرلەش ئارقىلىق، بالىلارغا خاس ناھايىتى ياخشى قوشاقلار ۋۇجۇدقا چىقتى. ھازىرچە بىر بەتنىلا قويۇپ تۇراي، كېيىن ھەممىنى كۆرۈش نىسىپ بۇلار، ئىنشائاللاھ. <ف> ھەرپىدىن باشلانغان سۆزلەر ئاز ، قوللىنىش نېسبىتى تۆۋەن بولسىمۇ،  گۈزەل سەنئەتكە دائىر پائالىيەتلىرى ناھايىتى كۆڭۈللۈك  ئىكەن. مەسىلەن ، تېلېفۇن ياساش، فونتان ياساش، فوتۇ-ئاپپارات ياساش، فار- فۇرقاچا ياساش دېگەندەكلەر بالىلارئەڭ  ياقتۇرۇپ قىلىدىغان پائالىيەتلەر ئىكەن. 

يازمىلار

س قوشاقلىرىم ۋە مەشىقلىرىم

!قوشاق بىلەن مەشىقنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن چۈشۈرۈڭ  س قوشاقلىرىم ۋە مەشىقلىرىم