Friday, August 8, 2025

جاپالىق ھەم كۆڭۈللۈك تەتىللىك لاگىر پائالىيىتى

تەتىللىك لاگىر پائالىيىتىگە كېنىشكا ئېلىش ئۈچۈن ھازىرلاشقا تېگىشلىك رەسمىيەتلەر ناھايىتى كۆپ بولغاچقا ( ساغلاملىك پىلانى، بىخەتەرلىك پىلانى ، دالا ساياھىتى پىلانى، كېنىشكىلىق سىستىرا، بالىلارھوقۇقىنى قوغداش مۇلازمىتى تەكشۈرۈشى، 5 يىللىق تارخى  ئارقا كۆرۈنۈش تەكشۈرۈشى، تەربىيەلەشكە قاتنىشىش.، پائالىيەت ئېلىپ بارماقچى بولغان ئورۇننىڭ بىخەتەرلىك رەسمىيەتلىرى ۋە باشقا نۇرغۇن تەكشۈرۈپ تەستىقلاشلاردىن ئۆتكۈزىدىغان بۇ ئىشلار مېنى يېرىم يولدا توختىتىپ قويغىلى تاس قالغان. يىغلىغان ۋاقتىممۇ بولغان. چۈنكى، ئالىي مەكتەپتىكى ئوقۇشىم، بىر ئائىلىدە 8 جاننىڭ خىزىمىتى، ئىشتىن سىرىت ئانا تىل، دىن دەرىس بىرىش ئىشلىرى مېنى راۋروس چارچاتقان ئىدى. ئەسىلى بۇلتۇرلا لاگىر پائالىيىتىگە كېنىشكا ئېلىشنىڭ تەسلىكىنى بىلىپ، بۇ ئىشتىن ۋاز كەچكەن ئىدىم. ئەمما ئاللاھ  بەندىسىگە بىر ئىشنى بۇيرىسا، ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن شۇ ئىشنىڭ يولىنى ئېچىپ بېرىدىكەن. ئاللاھنىڭ ئاسان قىلىشىبىلەن  كېنىشكىنىمۇ ئاپتىمەن، لاگىر پائالىيىتىنىمۇ ناھايىتى كۆڭۈللۈك، بالاسىز- قازاسىز مۇۋاپىقىيەتلىك تۆگۈتىپتىمەن. . 

No comments:

Post a Comment

يازمىلار

س قوشاقلىرىم ۋە مەشىقلىرىم

!قوشاق بىلەن مەشىقنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن چۈشۈرۈڭ  س قوشاقلىرىم ۋە مەشىقلىرىم