Thursday, June 6, 2019

ق قوشاقلىرىم ۋە مەشىقلىرىم

ۋاقىت مۇناسۋىتى بىلەن ھەرىپكە مۇناسۋەتلىك ئىشلىگەن قول - ھۆنەرۋەنچلىك ۋە گۈزەل - سەنئەتكەتكە دائىر ماتىرياللارنى يوللىمىدىم . ھەرىپلەرنى بالىنىڭ قىزىقىشىغا ئاساسەن ئۆگەتسەك بولىدۇ.
مەن ئادەتتە يېڭى پۈتكەن قوشاقلارنى قىزلىرىم بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ بىر نەچچە قېتىم ئوقۇيمىز، ئاندىن نەگە بارسام يېنىمدا ئېلۋالىمەن ، مۇۋاپىق پۇرسەت بولسىلا ئوقۇپ بېرىمەن. ھەر كۈنى سىرىتقا چىقىپ ئاۋۋال ۋەلسپىت مېنىپ كۆل بويىغا بىرىپ ئۆردەك ، بىلىقلارغا يەم بېرىش ، ئاندىن كىچىك ئېرىقتىكى سۇنى بولىشىغا چاچىرىتىپ ئويناش ، ئاندىن كۆل ياقىسىدىكى ياۋا بۈلجۈرگەن، ياۋا گۈللەرنى تېرىپ ماڭغاچ قوشاق يادىلاش بىز ئۈچۈن ئەڭ ياخشى پۇرسەت.
 . بۇ جەرياندا ئەمدىلا بىر ياش 7 ئايلىق بولغان قىزىممۇ قوشاق ئېيتىپ ، بىزنى زىرىكتۈرمەيدۇ. ھەممدىن «ئاپام ئايدەك ، دادام كۈندك» دىگەن قوشاقنى
 « ئاپام كۈندەك ،
 دادام كۈندەك.
  ئەللەي باقىدۇ
  .تولۇن ئايدەك» دەپ ئۆزگەرتىپ بىزنى كۈلدۈرۋىتىدۇ
پەرزەنتلىرىمىزنى ئەقىلى ۋە جىسمانى جەھەتتىن ساغلام تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، تەبىئەتنىڭ گۈزەل مەنزىرلىرى 
. بىلەن كۆپرەك ئۇچۇراشتۇرىشىمىز لازىم
.بويايدىغان بەتنى قىزلىرىم بىلەن تەڭ ئولتۇرۇپ «كىم چىرايلىق بويايدۇ؟» دەپ بەسلىشىپ بويايمىز. 
.بىر ھەرىپنى 4 -5 كۈنگە بۈلۈپ ئۆگىنىمىز

!ق قوشاقلىرىم ۋە مەشىقلىرىم » نى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن چۈشۈرۈڭ »














" ي " قوشاقلىرىم ۋە مەشىقلىرىم






،ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قەدىرلىك ئاتا - ئانىلار 

ھەممىڭلارنىڭ رامزان ئىيى ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ئۆتتى دەپ ئويلايمەن. ئۇلۇغ ئاللاھ بىلىپ - بىلمەي قىلغان گوناھلىرىمىزنى مەغپىرەت قىلسۇن!  قىلغان ياخشى ئەمەللىرىمىزنىڭ ئەجىرىنى كاتتا قىلىپ بەرسۇن ! ئامىن

  !ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!  ئائىلەرڭلارغا ىاتىرجەملىك ، خوشاللىق يار بولسۇن

 .قوشاقلارنى ۋاقىت مۇناسۋىتى بىلەن ۋاقتىدا يولىيالماي قالدىم 
!بۇ ماتىرياللارنىڭ ئۇماق پەرزەنتلىرىمىز ئۈچۈن مەنپىئەتلىك بولىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن 

 !ي قوشاقلىرىم ۋە مەشىقلىرىمنى » تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن چۈشۈرۈڭ » 










يازمىلار

س قوشاقلىرىم ۋە مەشىقلىرىم

!قوشاق بىلەن مەشىقنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن چۈشۈرۈڭ  س قوشاقلىرىم ۋە مەشىقلىرىم