ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! Monz&kidz نىڭ 2024- يىللىق ھەپتىدە بىر ھەرپ ( 6 ياشتىن يۇقىرى بالىلار ئۈچۈن) ئانا تىل ساۋات چىقىرىش سېنىپىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش باشلاندى!
يازلىق تەتىلدە ئانا تىل ئۆگۈنىشنى باشلىغان بالىلار ھېكايىگە ئوقۇشقا باشلىدى. بۇ بالىلارنىڭ ئىچىدە بىر ئوقۇغۇچىمنىڭ ئىزچىللىقى ماڭا تەسىر قىلدى. بۇ ئوقۇغۇچىم 8 ياشتا، ئائىلىدە پۈتۈنلەي ئېنگىلىزچە پاراڭلىشىدىغان ئوخشايدۇ, ئۇيغۇرچە گەپلەرنى بەك چۈشۈنىپ كەتمەيتى. دەرىس باشلىغان كۈندىن تارتىپ ئاپىسى ئىزچىل يېنىدا تۇرۇپ، يېتەكچىلىك قىلدى. بەزىدە مەن دېگەن گەپلەرنى چۈشىنەلمەي قالغاندا ، ئېنگلىزچە دەپ بەردى. تاپشۇرۇقلارنى ئىزچىل ئىشلەپ ، قوشاقلارنى يادىلاپ ماڭدى. بۇلاردىن بىرەر قېتىممۇ تاپشۇرۇق ئىشلەشكە ۋاقتىمىز چىقماي قالدى ،- دېگەن گەپنى ئاڭلاپ باقمىدىم. ئانا-بالا ئىككىسىدىكى ئىزچىللىق مېنى قايىل قىلدى. مەنمۇ دەرىسنى ئاز ھەم ساز قىلىپ ناھايىتى كۆڭۈللۈك ئۆتۈپ ماڭدىم. “تىرىشقان تاپار”، -دەپ، بۇ ئوقۇغۇچۇمنىڭ باشقا ئوقۇغۇچىلىرىمغا ئوخشاش ھېكايە ئوقۇشقا كېرىشىكىنىدىن بەكمۇ خوش بولدۇم. ئەلۋەتتە، بۇ ئەڭ ئاۋۋال ئانا-بالا ئىككىسىنىڭ ئىزچىللىقى ۋە تىرىشچانلىقىدىن بولدى. مەن پەقەت ئانا تىل ئۆگۈتىشتىكى ئاددىي ھەم كۆڭۈللۈك ئۇسۇللارنى قوللىنىپ يېتەكچىلىك قىلىپ مېڭىۋاتىمەن.
6 ئايدىلا ھېكايىگە كىرىشەلەيدىغان بالىلار:
- يېشى 7 ياشتىن يۇقىرى بالىلار
- قۇرئان ساۋادى چىققان بالىلار
- ئانا تىل ئۆگۈنىشنى كۈندىلىك تۇرمۇش ئادىتىگە ئايلاندۇرالايدىغان بالىلار
- بېرىلگەن تاپشۇرۇقلارنى ۋاقتىدا ئىشلەپ ماڭالايدىغان بالىلار
- ئائىلدە ئانا تىل ئاساسىي ياخشى سېلىنغان بالىلار
مەن ھازىر داۋاملىشۋاتقان ئىككى سىنىپ( ساۋات چىقىرىش باشلانغۇچ سەۋىيە ۋە ئوتتۇرھال سەۋىيە) تىن باشقا ، يەنە بىر يېڭى سىنىپقا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلماقچى. بۇنىڭغا تېزىملاتقان بالىلاردىن، ئاۋۋال ئېغىزچە سىناق ئېلىنىدۇ، ئاندىن سەۋىيىسىگە ئاساسەن سىنىپقا ئايرىلىدۇ.
يېڭى سىنىپنىڭ دەرىسى شەنبە كۈنى ئەتىگەندە ئۆتىلىدۇ.
بالىڭىزنىڭ ئانا تىل ساۋاتىنى چىقىرىشتا، كۆڭۈللۈك ھەم جانلىق ئۇسۇلدا دەرىس ئۆتىدىغان، ئەڭ ياخشى ئوقۇتقۇچىغا ئىھتىياجىڭىز بولسا، MOMZ&KIDZ نىڭ ئانا تىل سېنىپىلىرىغا تېزىملىتىپ سىناپ بېقىڭ. دەرىسكە قاتنىشىپ 2-3 ئايدىلا 32 ھەرپنى تونۇپ، بىر -ئىككى بوغۇملۇق سۆزلەرنى ئوقۇشقا كىرىشكىنىنى، 6 ئايدا ھېكايە ئوقۇغىنىنى كۆرەلەيسىز ( سىزدە ئىزچىللىق بولسىلا)!