Sunday, June 9, 2024

ھويلىدىن باشلانغان تەتىللىك لاگىر پائالىيىتىدىن ، مەسجىدكە يۈرۈش

بۇلتۇرقى يازلىق لاگىر پائالىيتىدىن قىسقىچە چۈشەنچە 
بۇرلتۇر  ھويلىدا ھەپتىسىگە 10-11 بالا بىلەن ئېلىپ بارغان يازلىق تەتىللىك بالىلار لاگىر پائالىيىتى- پائالىيەت مەزمۇننىڭ ئۆزگىچىلىكى ۋە يۇقىرى ئۈنۈمى بىلەن ئاتا-ئانىلارنىڭ ئىتىراپ قىلىشى ۋە بالىلارنىڭ ئىنتايىن ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشتى. بۇلتۇرقى پائالىيەتنىڭ مەزمۇنىدىن قىسقىچە خەۋەردار بولۇشنى خالىسىڭىز تۆۋەندىكى ئۇلىنىشلارنى چېكىڭ كۆڭۈللۈك تەتىللىك لاگىر پائالىيىتى،  ئۆيدىن باشلانغان يازلىق تەتىللىك بالىلار لاگىر پائالىيىتى .

بۇلتۇر پائالىيەت ئېلىپ بېرىش جەريانىدا، -ھە... مەن بالىلارغا مەكتەپتىن سىرىت تەربىيە ئالىدىغان بىر سورۇن ھازىرلاپ بەرسەم بولغىدەك، بۇنىڭغا بىزدە ھازىرچە يېتەرلىك ئادەم كۈچى ۋە ئىلىم بارىكەن،- دەپ ئويلىدىم.  ئۇنىڭدىن باشقا ، مەن پەقەت بىر نەچچە ئائىلە ئۈچۈنلا مۇلازىمەت قىلىش بىلەن چەكلىنىپ قالماي  نۇرغۇنلغان مۇسۇلمان ئائىلىسىگە مۇلازىمەت قىلىشنى ئەۋزەل كۆرۈپ،  بىر قېتىمدا نەچچە يۈز ئوقۇغۇچىنى قوبۇل قىلغىلى بولىدىغان، بىر ۋاقىتتا نەچچە يەردە بۇ پائالىيەتنى ئويۇشتۇرغىلى بولىدىغان مەخسۇس تەتىللىك لاگىر پائالىيىتىنىڭ كېنىشكىسىنى ئېلىشقا ئىلتىماس قىلدىم. بۇنى سەھىيە مېنىستىرلىقى تەكشۈرۈپ قارا قىلاتتى. 
 مەن 9-ئاي كېرىشى بىلەنلا بۇ ئىشقا تۇتۇش قىلغاچ ، ئالىي مەكتەپتىكى ئىككىنچى يىللىق ئوقۇشۇمنى باشلاپ كەتتىم. تور مەنبەلىرىنى ئاختۇرۇپ يۈرۈپ، تەتىللىك لاگىر پائالىيىتىنى باشقۇرىدىغان سەھىيە مېنىستىرلىكىنىڭ ئالاقىلىشىش ئۇچۇرنى تېپىپ، ئۇچۇر يوللاپ قويسام، ئەڭ ئاۋۋال ئىلتىماس قىلىشقا تېگىلشلىك جەدۋەللىنى يوللاپتۇ. بۇنى چوڭ قىزىم خەدىچەنىڭ ياردىمى بىلەن قىلدىم. مەسئۇل خادىم تەييارلاشقا تېگىشلىك ماتېرياللارنىڭ ئۇچۇرىنى بىر- بىرلەپ ئىلىخەت ئارقىلىق يوللاشقا باشلىغانتى، كۆپلىكىدىن تاس قالدىم، بىر قىسما بولۇپ قالغىلى😟. 
بىر كۈنى يولدىشىمغا، سىز ئىشتىن چۈشكەچ ئۇلارنىڭ ئىشخانىسىغا بىر بىرىپ تەپسىلاتىنى ئوقۇپ كەلسىڭىز! نەدىن قانداق باشلاشنى بىلمەيۋاتىمەن،- دىدىم. يولدىشىمنىڭ بۇنداق ئىشلارغا ئايىقى بەك يەڭگىل بولغاچقا، بولىدۇ-دەپ جاۋاب بەردى. 
بۇنداق لاگىر پائالىيەتلىرىنىڭ كۈپىنچىسىنى مەكتەپ ۋە باشقا تەنتەربىيە ئورۇنلىرى ئۈستىگە ئېلۋالغان بولغاچقا ، شەخسى ئۇرۇنلارنىڭ ئۆز ئالدىغان قىلىشى سەل تەس ئىكەن. ئەڭ مۇھىم سىزنىڭ چوڭ يېرىڭىز بولۇشى، يەر بولغان تەقدىردىمۇ، سەھىيە مېنىستىرلىقىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، تەكشۈرۈپ تەستىقلاشتىن ئۆتكەن بىخەتەر ئورۇن بولۇشى كېرەك ئىكەن ياكى مەكتەپ، باغچا دېگەندەك (ئاللىقاچان تەكشۈرۈشتىن ئۈتكەن) بىر يەرنى ئىجارىگە ئېلىشىڭىز كېرەك ئىكەن.
يولدىشىم بېرىپ، ئايالىم كېلەر يىلى ھويلىدا كۆپرەك بالىلارغا يازلىق تەتىللىك لاگىر پائالىيىتى قىلماقچى ئىدى، بۇنىڭ ئۈچۈن نەدىن باشلىساق بولىدۇ؟ - دەپ سوراپتىكەن، ئۇلار ھېچقانداق گەپ قىلمايلا، قانچىلىك يېرىڭ بار؟- دەپ سوراپتۇ. 
يولدىشىم: - 12 مۇ ئەتىراپىدا دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. 
ئۇلار: سەن 12 مۇ يەر بىلەن لاگىر پائالىيىتى قىلىشنى ئويلىشىپمۇ قويما، بۇ ئىشنىڭ بوسىغىسىغىمۇ كېلەلمىگۈدەكسەن، ئاز دېگەندە 80 مۇ يېرىڭ بولۇشى كېرەك، -دەپ يولدىشىمنى يولغا ساپتۇ. ئۇلار بىلەن ئۈزۈم تېلفۇندا بەزى گېپىنى چۈشۈنۈپ، بەزى گېپىنى چۈشەنمەي پاراڭلاشقانمۇ بولدۇم. ئىشنىڭ تەسلىكىگە قاراپ بۇ ئىشتىن ۋاز كەچتىم، ئۇنىڭ ئۈستىگە قوشلاپ كەلگەن بىسىملار يەنى ، مەكتەپتىكى دەرىسنىڭ تەسلىكى، لاگىر پائالىيىتىدىن كىيىن قوزغالغان قاتتىق بەل ئاغرىقى، ئوقۇشتىن سىرىت ئانا تىل مەكتەپتە دەرىس ئۆتۈش، دەرىستىن سىرىت تور ۋە نەق مەيداندا دەرىس ئۆتۈش،  ئائىلەمدىكىلەرنىڭ خىزمىتى ۋە بالىلىرىمنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلىرى دېگەندەك نۇرغۇنلىغان بىسىملار مېنى بۇ ئىشلارغا كۆڭۈل بۆلۈشتىن پۈتۈنلەي قول ئۆزدۈرگەن ئىدى. 
يازلىق تەتىللىك پائالىيەت تۈگكەندىن كېيىن،  ئاتا-ئانىلار كېلەر يىللىق تېزىملاشنىڭ قاچان باشلىنىدىغانلىقىنى سورىغاندا، چاخچاق قىلغاندەكلا، 2- ئاينىڭ ئاخىرى ئىلانىمىز چىقىدۇ،- دەپ قويغان ئىدىم. ۋاقىت ئۇچقاندەك ئۆتۈپ، ھەش-پەش دېگۈچە 2024-يىلىنىڭ 2-ئېيىمۇ كېرىپ بولدى، ئۇنىڭدىن ئاۋۋال نەچچەيلەن ئايرىم ئۇچۇر قىلىپ بۇ يىللىق تەتىللىك لاگىر پائالىيىتىنىڭ ئىلانى قاچان چىقدىغانلىقىنى سۈيلەپ ئۇچۇر قىلىغان ئىدى. 
-قانداق قىلىشىم كېرەك؟ بۇ يىل بالىلارغا تەتىللىك لاگىر پائالىيىتى ئويۇشتۇرامدىم -يوق؟ ئويۇشتۇرمىسام، بالىلىرم نەگە، كىمنىڭ لاگىر پائالىيىتىگە قاتنىشىدۇ؟ چوڭ ئىككى قىزىم نەدە ئىشلەيدۇ؟ بوپتۇ ئۇ ئىككىسى بىرەر يەردىن ئىش تېپىپ ئىشلەر، ئەمما قانداق ئىشنى قىلسا ھەسسىلەپ ساۋاب ۋە ئەجىرگە ئېرىشىدۇ؟ بۇنى ھازىرقى ياش بالىلار بەك ئويلىشىپ كەتمەيدۇ، نەدە ئاسان، راھەت ئىش بولسا، ئازراق مۇئايىش بەرسىلا خوش بولۇپ قىلىۋىرىدۇ. ھازىرقى  ياشلىرىمىزنىڭ كەلگۈسىدە ياخىشى خىزمەتلەرنى تېپىپ ئىشلىشى ناھايىتى تەبىئى، بولۇپمۇ بۈگۈنكىدەك ياخشى شارائىتلاردا، ئاتا-ئانىسىنىڭ ياخشى تەربىيەسىدە چوڭ بولغان بالىلار. ئارىمىزدا نۇرغۇن كىشىلىرىمىز  ناھايىتى ياخشى ئوقۇغان، يۇقىرى مۇئايشلىق. بۇلاردىن قانچىمىز مىللەتنىڭ\ئۈممەتنىڭ  ئىشىنى قىلۋاتىمىز؟ نۇرغۇنلىرىمىز قىلالمايمىز،  ئەمما قىلىشقا ۋاقىت ئاجىرتالمايمىز،  ئازراق پۇل ئىئانە قىلىپ قويساقلا ۋەزىپىمىزنى ئادا قىلغان بولىمىز. ئىشقىلىپ مىللەت\ئۈممەت ئۈچۈن ئۆزىنى ھەقىقىي قۇربان قىلىدىغانلار  بەك ئاز. مىللەت\ئۈممەت دەيدىكەنمىز، قۇربانلىق بېرىشىمىزكېرەك، بالىلىرىمىزدا مىللىتىم ، دىنىم ئۈچۈن قۇربان بولۇشقا رازىمەن، -دەيدىغان ئاڭ يېتىلدۈرۈشكە تىرىشىشىمىز لازىم. 

قىزلىرىمنى قايىل قىلىش
تەتىللىك لاىر پائالىيىتىنىڭ كېنىشكىسىنى ئېلىشتىن ۋاز كەچكەندىن كېيىن، ئويان ئويلاپ، بۇيان ئويلاپ بۇ يىللىق  تەتىللىك لاگىر پائالىيىتىنى (ئائىلە يەسلىسى كېنىشكامدىكى قوبۇل قىلغىلى بولىدىغان بالىنىڭ سانىغا ئاساسەن) بالا سانى ئاز بولسىمۇ، يەنە ھويلىدا قىلىشنى قارار قىلىپ، بۇ ئويۇمنى  ئىككى قىزىمغا ئېيتىم. چوڭ قىزىم بىرىنچى بولۇپ، - مەن قىلمايمەن، بۇلتۇر قىلىپ بەك زىرىكىپ كەتكەن، بەك تەسكەن، باشقا بىر ئىش تېپىپ قىلىمەن،- دەپ چەتكە چىقتى. ئىككىنچى قىزىم :- مەن سىزگە قىلىشىپ بېرەي،- دەپ جاۋاب بەردى. بۇنى پەقەت سىزنىڭ كۆڭلىڭىزگە قاراپلا دەۋاتىمەن،- دەپ قىستۇرۇپ قويدى. بۇ قىزىم ئۇنداق دېگىنى بىلەن نۇرغۇن ئىشلاردا گىپىمىز بىر يەردىن چىقاتتى. 
مەن قىزلىرىمنىڭ ۋاقىتتىن -ۋاقىت ئاجىرتىپ ، مىللەت  ۋە ئۈممەت ئۈچۈن خىزىمەت قىلالايدىغان جەڭگىۋار قىزلار\ئانىلار دىن بولۇپ چوڭ بولۇشىنى ئۈمۈت قىلىمەن. شۇڭا چوڭ قىزىمغا نەسىھەت قىلىشقا باشلىدىم. 
-توغرا سىزنىڭ ھازىر ئىقتىسادقا بەك ئېھتىياجىڭىز يوق، چۈنكى ئوقۇشتىن سىرىت دەرىس ئۆتۈپ تاپقان پۇلىڭىز سىزگە يېتىپ ئاشىدۇ، كەلگۈسىدە ئالىي مەكتەپكە ئوقۇشقا ئۆتسىڭىز،  دۇختۇرلۇق ئوقۇشىڭىزنى مۇۋاپىقىيەتلىك تاماملىسىڭىز، يۇقىرى مۇئايشلىق ئىش تېپىشىڭىز مۈمكىن، ئەمما ئىنساننىڭ ھاياتى ياخشى خىزىمەت تېپىش، يۇقىرى مۇئايشلىق بولۇپ ياخشى يەپ، ياخشى كېيىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالسا بولمايدۇ. چوقۇم مىللەت، ئۈممەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئېڭى بولۇشى كېرەك. بۇ ھايات باشقىلارغا مەنپەت يەتكۈزۈش، ۋەتىنى ئۈچۈن خىزىمەت قىلىش ۋە ئىنسانىيەتكە تۆھپە قوشۇش ئارقىلىق بەرىكەتلىك ھەم گۈزەل بولىدۇ. -بۇ   خىزمەتنى سىز قىلمايمەن، دىسىڭىز، يەنە بىرسى قىلمايمەن دىسە، بۇنى  كىم قىلىدۇ؟ بىز دۆشمەنلىرىمىز  ئۈستىدىن قانداق غالىپ كېلىمىز؟ بىز دادىڭىز ئىككىمىز نۇرغۇن قۇربانلىقلارنى بېرىپ مۇشۇ يەرگە كەلگەن، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ قۇربانلىق بېرىشكە تەييارمىز، ئەمما بىزدىن كېيىن قالساڭلار، قانداق قىلىسىلەر؟ بۇ مۈشكۈل ۋەزىپىنى باشقىلار قىلىشىىپ بەرمەيدۇ، سىز ۋە سىزگە ئوخشاش ياشلىرىمىز قىلىشى كېرەك.   بالىلارنى تەربىيەلەش ھەقىقەتەن قېيىن، ئەمما ئۇ ئەجىرى ئۈزۈلۈپ قالمايدىغان كاتتا خىزىمەت. سىز بىر ئوقۇغۇچىنى تەربىيەلىسىڭىز، ئۇنىڭ ئەجرى كاتتا بولىدۇ. ئوقۇغۇچىڭىز سىزدىن ئالغان ئىلىم بىلەن يەنە بىرىنى تەربىيلىسە، ئۇنىڭ ئەجىرى ھەر  ئىككىڭلارغا تەڭ بولىدۇ، بۇ نېمىدىگەن كاتتا ئىش! نۇرغۇن ئادەم قىلىمەن دەپ قىلىپ بولالمايدىغان ئەجىرى ئۈزۈلۈپ قالمايدىغان ئېسىل ئىشقۇ بۇ! مەن سىلەرنى نەچچە يىل تەربىيەلەپتىمەن، ئوقۇتقۇچى -ئۇستازلىرىڭلار تەربىيەلىدى، ئەمدى بىزدىن ئالغاننى بېرىشىڭلار كېرەك، بولمىسا ئالغان ئىلمنىڭ ھەققىنى ئادا قىلغان بولمايسىلەر ،- دەپ تەربىيە قىلدىم. مەن ئەڭ ئاۋۋال باللىرىمنى تەربىيلىيەلمىسەم، باشقىلارنىڭ باللىرىنى قانداق تەربىيلەيمەن؟ سىلەر مېنى قوللىمىساڭلار،  مېنى كىم قوللايدۇ؟ ئائىلە دېگەن بىر كىچىك جەمىيەت، بىر كىچىك ئورگان، شۇ جەمىيەتتىكى كىشىلەر بىر -بىرىنى قوللىمىسا، بىر -بىرىگەياردەم بەرمىسە، بۇ جەمىيەت قانداق گۈللىنىدۇ؟ شۇڭا مەن سىلەرنىڭ قوللىششىڭلارغا، ماسلىشىشىڭلارغا مۇھتاجمەن،- دىدىم. گەپنىڭ كەينىگە ئۆلگۈرۈپ كىرگەن يولدىشىم:- ئاپاڭلار نېمە دىسە شۇ بويىچە قىلىڭلار، شۇنى بەجا كەلتۈرۈشىڭلار كېرەك،-دەپ قوشۇپ قويدى. چوڭ قىزىمنىڭ كاللىسىدىن ئۆتكەندەك قىلدى، ئارتۇق گەپ سۆز قىلمىدى. 
شۇنداق قىلىپ، قىزلارنىڭ قوشۇلىشى بىلەن 5-6 بالا بولسىمۇ مەيلى دەپ ، ئۈزۈمنىڭ باللىرىنى قوشقاندا 10 بالىغا تەتىللىك پائالىيەت قىلىش ئىلاننى چىقىرۋەتتۇق. ئىلاننى چىقىرىپلا بىر ئىككى كۈندە ھەممە ھەپتە دېگۈدەك توشۇپ قالدى. ئىلاننى بەك بۇرۇن يەنى 3-ئاينىڭ بىرىنچى ھەپتىسى چىقارغاچقا، يازلىق تەتىل بولغىچە بوش قالغان ھەپتىلەرنى ئوقۇغۇچى بىلەن تولدۇرۇشقا يېتەرلىك ۋاقتىمىز بار ئىدى. 
مەن ئىككىنچى مەۋسۇملۇق دەرىسكە سىتاتىستىكا دەرىسىنى ئېلۋاپتىكەنمەن، ھېلقى دەرىسنىڭ تەسلىكىدە، ئارقىغا چېكىنىپ توختاپ قېلىشنىڭ ئورۇنى يوق ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە قېرى بىر پىرافىسۇر دەرس ئۆتۈپ، گىپىنى بىلگىلىمۇ بولمايتى. نەچچە قېتىم  تاپشۇرۇق ئىشلىيەلمەي يىغلاپ،  -خەپ مۇشۇ مەكتەپتىن توختاپ قالمىسام دېگەنلەرنىمۇ ئويلاپ كەتتىم. 

لاگىر پائالىيىتنىڭ ئەمەلدىن قىلىشى
رامىزانغا بىرەر ھەپتە قالغان بىر كۈنى تۇيۇقسىز بىرەيلەن "-مەن سەھىيە مېنىستىرلىكىدىن " بىيىل بولىمەن. سىز  Momz &Kidz يازلىق لاگىر پائالىيىتنىڭ باشقۇغۇچىسىمۇ؟ بىرەيلەن سىزنىڭ ھويلىدا لاگىر پائالىيىتى قىلماقچى ئىكەنلىكىڭىزنى خەۋەر قىلدى'-دەپ تېلىفون قىلدى.  
مەن:- ھە مەن شۇ، -دەپ جاۋاب بەردىم. 
بېيىل: - سىز ھويلىڭىزدا، لاگىر پائالىيىتى قىلالمايسىز.
مەن:-نېمە ئۈچۈن قىلالمايمەن؟ مېنىڭ ئۆي يەسلىسى كېنىشكام بار، شۇ كېنىشكا بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلسام بولىدۇ، بۇنى   يەسلى باشقۇرغۇچى مەسئۇل خادىمى دېگەن ،- دىدىم. 
بىيىل: لاگىر پائالىيىتىنى ئۇلار باشقۇرمايدۇ، بىز سەھىيە مىنىستىرلىكى باشقۇرىمىز، سىز ئاچسىڭىز بولمايدۇ، چۈنكى ئورۇنىڭىز  ئاھالىلەر ئولتۇرۇشلۇق رايۇنى ئىكەن، -دىدى.
مەن: -ئەمسە ، قانداق قىلىمەن؟ مەن ئىلاننى چىقىرىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىپ بولغان تۇرسام. 
 بىيىل: -قانداق قىلاتتىڭىز، مەكتەپلەر، باغچىلار بىلەن ئالاقە قىلىپ بېقىڭ، ئۇلار بىرەر ئۇرۇننى ئىجارىگە بەرسە ، شۇ يەردە قىلسىڭىز بولىدۇ، سىز ئۇرۇن تاپسىڭىز ، دەرھال ئورۇنىنى ئالماشتۇرۇپ بېرىمىز،- دىدى.
مەن تىلفوننى قويۇۋىتىپ، باشقىلار نېمە ئۈچۈن ئۇلارغا  چاققاندۇ؟ ئادەم بىر ئىش قىلسا كۆرەلمەيدىغانلار نۇرغۇن،- دەپ ئويلاپ كۆڭلىم سەل غەش بولغاندەك بولدى، ئەمما دەرھال، بۇنى ياخشىلىققا بۇراپ ئويلىدىم. بەلكىم بۇ ئىشتا  بىر خەيىر باردۇر، ئاللاھ بەندىسىگە ياخشىلىقىنى نىسىپ قىلسا، ھەر خىل ئەگىرى توقايلىقلار بولىدۇ، بىر كۆڭۈلسىزلىكىتىن كېيىن بىر خوشاللىق بولىدۇ. قېنى ئىزدىنىپ باقاي، بىرەر يەر تېپىپ قالسام، بىر نەچچە ئوقۇغۇچىنى ئەمەس، نەچچە يۈز ئوقۇغۇچىنى تەربىيەلەش ( قوبۇل قىلىش) پۇرسىتى بولىدىغان تۇرسا،- دەپ ئۈزۈمگە تەسەللى بەردىم. ئۆيىمىزگە 20 مېنۇت كېلىدىغان بىر مەسجىت بار ئىدى، ئۇنى سەل يېراق كۆرۈپ ئاۋۋال ئىشنى باغچىلار بىلەن ئالاقىلىشىپ بېقىشتىن باشلدىم.  بىرىنچى كۈنى باغچىنى ئىجارىگە بىرىمىز دېگەن  خادىم ئىككىنچى كۈنى يوقاپ كېتىپ،  باغچىلارنىڭ شەخسىكە بىرىلمەيدىغانلىقى ئېنىق بولدى. -ئەمدى مەكتەپلەرنى سۈرۈشتۈرەيمۇ؟ دىدىم، لېكىن ئىجارە ھەققىنىڭ قىممەت بولۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ ساقلاپ تۇردۇم. 

لاگىر پائالىيىتى ئۆتكۈزۈدىغان ئورۇن ئىزدەش 
بۇ جەرياندا رامىزان باشلىنىپ كەتتى، كاللامغا لاگىر پائالىيىتىنى قىلالماسلىقتىن ئىبارەت بۇ ئىش تەسىر قىلىپ بىسىم بولدى،  يەنە بىر تەرەپتىن دەرىسنىڭ بىسىمى بولۇپ، رۇزىلىرىم روزىدەك بولماي قىلۋاتاتتى. مەن رامىزاننى باشقا رامىزان ئايلىرى ۋە ئادەتتىكى ئىبادەتلىرىمىدىن باشقىچە ئالاھىدە ئۈتكۈزۈش ئويىم بار ئىدى، ئەمما بىرەر ئون كۈن نامىزىم نامازدەك بولمىدى. بۇنىڭدىن ئىچىم بەك سىقىلدى، ئاللاھقا دۇئا قىلدىم، يىغلىدىم. رامىزاندىكى ئىبادەتلەردىن دۇنيا ئىشلىرىنىڭ غالىپ كەلمەسلىكىنى تىلىدىم. 
رامىزانغا 15 كۈن بولاي دېگەندە، - بولدى، لاگىر پائالىيىتى قىلمىسام قىلمىدم، مۇشۇ رامىزاننى كۆڭۈللۈك ئۈتكۈزەي،- دەپ ئۇ ئىشنى تاشلاپ قويدۇم. كۆڭلۈم سەل جايىغا چۈشۈپ، رامىزان ئېيىم ھۇزۇر بىغىشلاشقا باشلىدى. رامزاننى خاتىرجەم تۇتۇش بىلەن بىرگە، مەسجىدكە نامازغا بېرىش جەريانىدا، مەسجىدنى ئىشلىتىشكە روخسەت قىلسا، شۇ يەرنى ئىشلىتەي،- دەپ ئۇلارغا ئۇچۇر قىلىپ باقتىم. ئۇلار ، مەسجىدكە بىر كېلىشمنى، يۈز تۇرانە كۆرۈشۈشنى ئىيتى. چۈنكى نۇرغۇن ئادەم مېنى تونۇمايىتتى.
بىر كۈنى جۈمەگە بارغاچ كۆرۈشىدىغان بولۇپ مەسجىدكە باردىم. كۆڭلۈمدە، بۇلار نېمە دەر؟ مەسجىدنى ئىشىلتىشىمگە قوشۇلارمۇ؟  بۇلار مېنى بىلمەيدىغان تۇرسا.، ئەگەر قوشۇلماي قالسا، قانداق قىلىشىم كېرەك؟..دېگەندەك ئويلار بىلەن، تەۋەككۈل ئاللاھ،- دەپ مەسجىدكە كەلدىم. جۈمە نامىزىدىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئىشخانىسىغا ئاستا قەدەم بىلەن كىرىپ تۇرۇشۇمغا ، كەينىمدە ئەڭ يېقىن تۈرۈك دوستۇم  "سەمرا " ئاسماندىن چۈشكەندەكلا پەيدا بولۇپ قالدى. - ھەي سەمرا! سەن قانداق بولۇپ بۇ يەرگە كىرىپ قالدىڭ؟ - دەپ سورىدىم. ئۇمۇ ،- ئائىشە ھەدە ، سەن بۇ يەردە نېمە قىلۋاتىسەن ،- دەپ سورىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ مۇشۇ مەسجىدىنىڭ قۇرغۇچىلىرى بىلەن يېقىن ئەتىراپتىكى بىر دۇختۇرخاندا خىزمەتداش ئىكەنلىكىنى، بۇلارنى زىيارەت قىلىپ كىرگەنلىكىنى ئېيتى. مەنمۇ ئۆزۈمنىڭ كېلىش مەقسىتىمنى چۈشەندۈرۈدم. ئۇنىڭغچە، سەمرا، بۇ مېنىڭ ئەڭ يېقىن، ئەك ئىشەنچىلىك دوستۇم، ئۆزى ئۇيغۇر ، مانا مۇشۇلار ھەقىقىي تۈرۈكلەر، بىز ئەمەس،- دەپ ئۇلارغا ئازراق تونۇشتۇردى. بۇ يەردە، سەمرا دوستۇمنىڭ تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپ قىلىشى، مېنى ئۇلارغا ، "بۇ ئىشەنچىلىك دوستوم" ، دەپ گۇۋاھلىق بىرىشى  ئالاھىدە  ئىش بولدى.  ئۇ دوستۇم باشقا بىر ۋىلايەتتە  ئولتۇرىدۇ. بۇ مەسجىدىكە ئىزىپ-تىزىپمۇ كېلىپ قالمايىتى، ھەجەپ بولدى، بۇنىڭدا بىر ھېكىمەت بولۇشى مۈمكىن، -دەپ ئويلاپ كۆڭلۈم سەل يۇرىغاندەك بولدى. جۈمە كۆرۈشمىدىن كېيىن، مەسجىد ئەزىرلىرى مەسلىھەتلىشىپ جاۋاب بېرىدىغان بولدى.  
شۇنداق قىلىپ بىرەر 10 كۈن ئۆتتى، ئۇلار جاۋابىنىمۇ بەرمەي ، جىمجىت بولۇپ كەتتى. رامىزانمۇ خىلى پەيزى ئۆتۈۋاتاتتى. -توختا، بۇلارنى سۆيلەپ ئۇچۇر قىلاي، -دەپ، ئۇلارغا ئۇچۇر قىلدىم. 
-ئۇلار ئۇچۇرىمغا " ئىشلەتسىڭىز بولىدىغان بولدى، سىزنى قارىشى ئالىمىز"،- دېگەن جاۋابنى بەردى. يەنە بىر جۈمە كۈنى  مەسجىدنىڭ قايسى قەۋىتىنى  ئىشلىتىمەن؟  تەكشۈرۈشتىن ئۈتكەنمۇ؟ بۇلارنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن يەنە باردىم. مالىيەگە مەسئۇل ئايال، مەسجىدنىڭ يەر ئاستىنى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ ( بۇ يەر ھېيت بايرام، رامىزانلاردا ئادەم كۆپ بولۇپ كەتسە، ئاياللار ناماز ئۆتەيدىغان ياكى تاماق يەيدىغان يەر ئىدى. )، -دىدى. راستنى ئېيتسام، يەر ئاستىنى ئىشلەتكۈم تازا يوق ئىدى، چۈنكى، تاسادىپى بالا-قازا،  ھادىسە يۈز بەرسە كىچىك بالىلارنىڭ ئاستىدىن ئۈستىگە يۈگۈرۈپ سىرىتقا چىقىپ كېتىشىگە سەل قولايسىز بولۇپ قالاتتى.
مەسجىدنىڭ قۇرغۇچىسى خىلىل ئەپەندىمگە رەھمىتىمنى ئېيتقاچ، يەر ئاستىنى ئىشلىتىدىكەنمەن، تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەنلىك ئىسپاتلار باردۇ؟ دەپ قىستۇرۇپ قويدۇم. - خاتىرجەم بولۇڭ، ھەممىسى بار، دەپ جاۋاب بەردى. بۇنى قايتا جەزىملەشتۈرۈپ سوراپ كېتىشىم، ئەينى ۋاقىتتا مەن يەسلى كېنىشكىسىنى ئالغاندا، بىزنىڭ ئۆي تەكشۈرۈشتىن خىلى تەستە ئۆتكەن ( يەنى سىرلىرى چۈشۈپ تۇرىدىغان ئۆي بولماسلىق، ھەر بىر ئاشخانا، بالىلار ئوخلايدىغان، ئوينايدىغان  ئۆي، ئوبۇرنىدا غەيرىنى پۇراقنى ھېس قىلغۇچى ئۈسكۈنە بولۇش، جىددى ئەھۋالدا قاچىدىغان ئىشىكلىرى ئالاھىدە بەلگىلەنگەن ئۆينىڭ چىرتىيوژى بولۇش، ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەن بولۇش...دېگەندەك نۇرغۇنلىغان تەلەپلەرنى قاندۇرۇش ئارقىلىق تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزگەن) . يازلىق تەتىللىك لاگىر پائالىيتىنىڭ كېنىشكىسىنى ئېلىشتىمۇ بارلىق تەكشۈرۈشتىن ئۆتۈش دەپ ئالاھىدە كۆرسىتىلگەن ئىدى. 

لاگىر پائالىيىتىنىڭ كېنىشكىسىنى ئېلىشقا سەپەر
مەسجىد ھەممە نەرسىمىز بار دېگەندىكىن،  خاتىرجەم بولۇپ، تەتىللىك لاگىر پائالىيىتىنىڭ كېىنىشكىنى ئېلىشنىڭ باشقا تەلەپلىرىنى ئورۇنداشقا تۇتۇش قىلىپ كەتتىم. ئىككىنچى قىزىم (مەرۋە) بىلەن ئىككىمىز ، سەھىيە مېنىستىرلىكى ېىراق بىر ۋىلايەتتىكى بىر كۈنلۈك ئۆگۈنۈشكە بېرىپ كەلدۇق. بۇ دەل رامىزان ۋاقىتلىرى بولغاچقا، مەرۋە ئوخلاپ بېرىپ، ئوخلاپ كەلدى، -سېنى ئېلۋالغىنىم نېمە بولدى؟ توختىماي ئوخلاپلا چىقتىڭ،- دەپ تەنقىدلەپ قويدۇم. 
يېزىپ تەييارلاشقا تېگىشلىك ماتېرياللار، دەل بالىلارنىڭ ئەتىيازلىق تەتىل ۋاقتىغا توغرا كەلگەچكە، ئىككى چوڭ قىزىمنى  ئىككى تەرەپتىن ، سەھىيە مىنستىرلىقىنىڭ تەلىپى بويىچە ماتېريال تەييارلاشقا ئورۇنلاشتۇردۇم. چوڭ قىزىمنىڭ يېزىقچىلىق ئىقتىدارى ئالاھىدە يۇقىرى بولغاچقا ، ئۇ مەخسۇس ساغلاملىق پىلانى، جىددى ئەھۋالدا تەدبىر قوللىنىش پىلانى، بالىلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش پىلانى، لاگىر پائالىيىتىدكى ھەر بىر پائالىيەتكە بىر پىلان  ۋە باشقا قائىدە تۈزۈم ، پىلانلارنى تۈزۈشكە مەسئۇل بولدى، تۈزۈش جەريانىدا، نەچچە قېتىم قاخشاپ بولدى. 
ئىككىنچى قىزىم (مەرۋە) گە ، ئىلان ياساش، پائالىيەت كۈن تەرتىپى، ھەر خىل پائالىيەت مەزمۇنلىرىنى قوشۇش دېگەندەك، ئۆزىنىڭ ئىقتىدارى ۋە مىجەزىگە ماس كېلىدىغان ئىشنى ئورۇنلاشتۇردۇم. ئۆزۈم ئۇ ئىككى قىز قىلغان ئىشنىڭ ئۈستىدىن كۆرۈپ، -بوپتۇ، بولماپتۇ، ماۋۇ يېرىنى مۇنداق ئوڭشاڭ، ئاۋۇ يەرگە مانى قوشۇڭ دېگەندەك تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ۋەزىپىسىنى ئۈستۈمگە ئالدىم. بۇ ئىشلار بىرەر ئىككى بەت بىلەن تۈگەيدىغان ئىش ئەمەس ئىدى. ئەڭ ئۇزۇن پىلان 10 بەتلىكتىن يۇقىرى  ، ئەڭ قىسقىسى 7 بەت ئەتىراپىدا ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ كەلگۈسىدىكى بىرتەربىيەلەش ئۇرۇننىڭ بىر ئۈمۈر ئىشلىتىدىغان ماتېرياللىرى بولۇپ قالاتتى، شۇڭا تۇنجى قەدەمنىڭ جاپالىق بولۇشى تەبىئى ئىدى. بۇ يىل جاپاغا چىداپ ھەممىنى تۈزۈپ تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزەلىسەك ، كېىيىنكى يىللىرى تەييارنىلا ئىشلىتەتتۇق. قىزلىرىمنىڭ تەتىل ۋاقتىدىن پايدىلنىپ تەييارلىغان ماتېرياللارنى بىر- بىرلەپ سەھىيە مېنىستىرلىكنىڭ تور بېكىتىگە  ، ئۇلارنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلىشى ئۈچۈن يوللىدىم. 
ماتېرياللارنى تەييارلاش جەريانىدا، قانۇنى گۇۋاھلىقتىن ئۆتۈش، سالاھىيەت تەكشۈرۈشىدىن ( جىنايىتىڭىز بارمۇ؟) ئۆتۈش، FBI  نىڭ تەكشۈرۈشى، ئادەم ئىشلىتىپ مۇئايىش بېرىش ئۈچۈن ئالاھىدە ھۇقۇدارلىق نۇمۇرغا ئىلتىماس قىلىش  دېگەندەك رەسمىيەتلەرنى تەييار قىلغاچ تۇردۇم . ماتېريال تەييارلاش جەريانىدا، مەسجىتتىن  بىنانى ئىشىلتىش ئىجازەتنامىسى بىلەن ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەن ئىسپاتنى يوللاپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدىم. ئۇلار خىلى كۈنگىچە جىمىپ قالدى، بۇ مېنى ئەندىشىگە سېلىشقا باشلدى. چۈنكى، بىر قېتىملىق قايتا ئۇچۇرشىشتا، مەسجىد قۇرغۇچىسى خىلىل ئەپەندىمنىڭ ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسىدن تەكشۈرۈپ كەلسە، مەسجىدنىڭ ماۋۇ- ماۋۇ ئۆيى تەكشۈرۈشتىن ئۆتمەيدۇ، شۇڭا چوڭ ئوتتۇردىكى ئاساسلىق ئۆينى كۆرسەتسىڭىز بولىدۇ، دېگىنىنى ھەم ئىشخانىغا مەسئۇل خانىمنىڭ ، تەكشۈرۈش دوكلاتنى ئۆزلىرىنىڭ مەخسۇس خادىمى كېلىپ تەكشۈرۈپ ، ئىسپات چىقىردىغانلىقىنى دەپ ئۆتكەندى.ئۇلارنىڭ بۇ گەپلىرى مېنى سەل ئەندىشىگە سېلۋاتاتتى. ئۇلارنى سۈيلەش جەريانىدا، بىنانىنى ئىشلىتىش ئىجازەتنامىسى بولمىغاچقا، قانچە ئادەم پاتىدىغانلىق ئىسپاتى بىلەن شەخسى شىركەتنىڭ تەكشۈرۈش دوكىلاتىدىن بىرنى يوللاپ بېرىپتۇ. كۆڭلۈم سەل دەكە -دۆكە ئىچىدە بۇ ئىككى ماتېريالنىمۇ سەھىيە مېنىستىرلىقىغا يوللاپ قويدۇم. 
ھەممىنى يوللاپ بولۇپ سەل يەڭگىللەپ قالغاندەك بولدۇم، ئەمدى گەپ ، مۇشۇ ماتېرياللارنىڭ تەكشۈرۈشتىن مۇۋاپىقيەتلىك ئۆتۈشى ئىدى. بۇ جەرياندا تارتقان جاپالارنى بالدۇر بىلگەن بولسام بۇ قەدەمنى ئالماس ئىدىم ، -دەپ كەتتىم.  سەھىيە مىنستىرلىقى لاگىر پائالىيىتى قىلىدىغان بىر ئورۇن تاپسىڭىز، ئورۇننى ئالماشتۇرۋەتسەكلا بولىدۇ، -دىسە ، بۇ بەك ئاسان ئىشكەن.- دەپ ئويلاپ قاپتىكەنمەن، لېكىن ئىش ئۇنداق ئاسان ئەمەسكەن. بىر تال كېنىشكىنى ئېلىش ئۈچۈن نۇرغۇن قەدەم باسقۇچلارنى بېسىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدىكەن. لاگىر پائالىيىتنىڭ كېنىشكىسىنى ئىلىش، يەسلى كېنىشكىسىنى ئېلىشتىنمۇ قېيىن ئىكەن ئەمەسمۇ! 

لاگىر پائالىيىتى ئۈچۈن سىستىرا تېپىش 
ماتېرياللارنى يېزىپ تەييارلاش جەريانىدا،  جىددى ئەھۋالدا يۈگۈرۈپ بېرىپ ياردەم قىلالايدىغان  بىر كېنىشىكىلىق سىستىرانىڭ بولۇشى تەلەپ قىلنغانكەن . بۇ ئىش بېشىمنى بەك قاتتۇردى. سىسىتىرانى نەدىن، قانداق  تاپارمەن؟ كىم بۇ ئىشنى قىلىپ بېرىشنى خالايدۇ؟ بولۇپمۇ ئامرىكىدا ھېچكىم بىر قەدەمنى بىكارغا ماڭمايدىغان تۇرسا ...،- دەپ ئويلاپ ئەتىراپىمدىكى تونۇشلارنى ئويلاشقا باشلىدىم. ئەڭ ئاۋۋال  بالىلىرىمنى ئاپىرىدىغان دوختۇرخاندىكى سىستىرا جۇلىيە ئېسسىمگە كەلدى؟ شۇنىڭغا دەپ باقايمۇ؟ -ئۇ قىز ھەر قانداق ۋاقىتتا بىرەر ئىشقا ئېھتىياجىمىز بولسا، شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ھەل قىلىپ بېرىشكە تىرىشىدۇ،- دەپ ئويلىدىم. -ياق، نۇرمال ئىشلەۋاتقان خادىم بولسا، لاگىر پائالىيىتىدە جىددى ئېھيتىياجلىق بولۇپ قالساق، ئىشىنى تاشلاپ كېلەلمەسلىكى مۈمكىن، كېنىشكىسى بار، ئۆيىدە تۇرىدىغان بىرەيلەن بولسا ياخشىراق،  دەپ ئويلاپ، ئۇ قىزغا دەپ بېقىشتىن ۋاز كەچتىم ۋە تويۇقسىزلا، بىزگە خوشنا ئولتۇردىغان، سومالىلىق تونۇشىم ( سالاماتا) نىڭ ئۆزىنىڭ سىستىرالىقى توغىرسىدا گەپ قىلغانلىقى ئېسسىمگە كېلىپ، يازلىق لاگىر پائالىيىتىمىزنىڭ سىستىراسى بولۇپ بېرىشى ئۈچۈن، ئۈزۈمنىڭ قىلۋاتقان ئىشىمنىڭ تەپسىلاتى توغىرسىدا ئۇزۇن ئۇچۇردىن بىرنى يوللىدىم. بۇ خانىم بىزگە ئۆيى ئەڭ يېقىن بىردىنبىر تونۇشىم ئىدى. 
سالاماتا، ئۇچۇرۇمغا، -ۋاي بولىدۇ، مەن كېنىشكىلىق سىستىرا ، مەن قىلىشىپ بېرىمەن،  مەن سىزنى قوللايمەن، سىزنىڭ مائارىپ ئۈچۈن  باسقان بۇ قەدىمىڭىزنىڭ رۇناق تېپىشىنى كۆرگۈم بار، بىز بۇ يەردىكى  مۇسۇلمانلارنىڭ بالىلىرى سىزدەك بىر كىمنىڭ يېتەكلىشىگە بەك مۇھتاج، سىز قىلالايسىز، قىزلار قىلىشقا تېخىمۇ لايىق، بۇ ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى. خاتىرجەم ئالدىڭىزغا قاراپ مېڭىڭ، مەن ساغلاملىق پىلانىڭىزنى كۆرۈپ چىقاي، قوشۇشقا تېگىشلىك يەر بولسا تولۇقلاپ، سىستىرا تولدۇردىغان بەتنى مەن تولدۇرۇپ قويىمەن،- دەپ ئۇچۇر قايتۇرۇپتىكەن، بەك خوش بولۇپ كەتتىم، سىستىرا تېپىش غىمىمنى ئاللاھ ئاسان قىلىپ بەردى، بۇ ئىش شۇنىڭ بىلەن پۈتتى. 

ماتېرياللارنى تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈشتە ئۇچىرغان بىسىم
ئەمدىكى گەپ، ماتېرياللارنى ئۆتكۈزۈشتە قالدى. بىر كۈنى سەھىيە مىنستىرلىكىدىكى خادىم بىيىل ۋاقتىڭىز بولسا ماتېرياللىرىڭىزغا بىرلىكتە بىر قاراپ باقساق دەپ تېلىفون قىپتۇ، يۈرۈكۈم قارىسدە قىلدى، دە، ئاستا كومپىيوتىرنى ئېچىپ، ئۇ خادىم بىلەن تەڭ تورغا چىقتىم. 
يازمىچە ماتېرياللارنى بىر تەرەپتىن كۆرۈپ، بىر تەرەپتىن تۈزۈتۈش بېرىپ ماڭدى، مەن ئۆزگەرتىشكە تېگىشلىك يەرلەرگە قىزىل رەڭدە ئەسكەرتىش قوشۇپ ماڭدىم. ئەمدى، مەسجىد تەمىنلىگەن ئىككى ئىسپاتقا كەلگەن ئىدى. 
بىيىل: ماۋۇ بىنانى ئىشلىتىش ئىسپاتى بىلەن ئوت ئۈچۈرۈش ئىدارىسى (شەخسى شىركەتنىڭ ئىسپاتى) نىڭ ئىسپاتنى بولمايدۇ، ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسىدىن مەخسوس بىر ئوفىسىر كېلىپ بۇ بىناننىڭ بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلىشى كېرەك، دىدى. تېخى بىنانىڭ سۈيى شەھەر تەمىنلىگەن سۇمۇ ياكى قۇدۇق سۈيىمۇ ؟ ئەگەر شەھەر تەمىنلىگەن سۇ بولسا، چاتاق يوق. قودۇق سۈيى بولسا سۇنىڭ پاكىزلىقىنى تەكشۈرۈتۈپ ، ئۆتكەنلىك ئىسپاتنى يوللىشىڭىز كېرەك،-دەپ قوشۇپ قويدى. مەن مەسجىد تەمىنلىگەن ماتېرياللارنىڭ ئۆتمەي قىلىشىدىن بەك ئەنسىرگەن ئىدىم، ئەنسىرگىنىمدەك ئىش بولدى. چۈنكى، مەسجىدنىڭ بەزى رەسمىيەتلىرى تولۇق ئەمەسكەن، بەزى ناماز ئۆتەيدىغان كىچىك ئۆيلەرنى تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزمەي ئۆزلىرى ئوڭشاپلا قىلۋالغان، ئۇ يەردە نە جىددى ئەھۋالدا قوللىنىدىغان ئىشىكلەر، نە ئىس-تۆتەك تەكشۈرگۈچى ئەسۋابلار يوق ئىدى. بۇ پەقەت مەن قوللانماقچى بولغان مەسجىدنىڭلا مەسىلىسى ئەمەس. باشقا مەسجىدلەردىمۇ بۇنداق تەشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈلمىگەن ئورۇنلارنى ناماز ئۆتەيدىغان يەر قىلۋىلىش نۇرمال ئىش. ئەگەر مۇناسۋەتلىك ئورۇنلار كېلىپ بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈپ قالسا ئۆتەلمەيدىغانلىقى ئېنىق. 
 مەسجىدنىڭ سۈيى قودۇق سۈيى بولۇپ قالسا، سەھىيە ئىدارىسىنىڭ  تەشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈش بەك تەس. ئەگەر سۇ تەكشۈرۈشتىن ئۆتمىسە، يەنى سۇدا باكتىريە بولۇپ قالسا، سۇنى تازلىتىپ قايتا تەكشۈرتۈش (تازلاش ھەققىغىمۇ خىلى پۇل كېتىدۇ). بۇ مەن ئائىلە يەسلىسى كېنىشكىسىنى ئېلىشتا، ئۆينىڭ سۈيى تەكشۈرۈشتىن ئۆتمەي ( قودۇق سۈيى)، تازلىتىپ قايتا تەكشۈرۈپ سۇنىڭ سۈپىتى ئۆلچەمگە يەتكەندە، ئاندىن ئۆتكەن. ھەر ئىككى يىلدا ئۆينىڭ سۈيىنى تەكشۈرەيدۇ. بۇ يىلمۇ يەسلى كېنىشكامىنى يېڭلاش جەرياندا، سۇ تەكشۈرۈشتىن ئۆتمەي، ئاخىرى نەچچە مېڭ دوللارغا باكتىريە ئۆلتۈردىغان چىراق ئورۇنتۇپ، ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم سۇ تازلىتىشتىن ئىبارەت ئاۋارچىلىقتىن قۇتۇلدۇق، ئەلھەمدۇلىلاھ ، شۇ جەرياندا ئىچۋاتقان سۈيىمىزنىڭ پاكىزلىقغا كاپالەتلىك قىلۋالغىنىمىزدىن خوش بولدۇق ( ئەمما كەتكەن چىقىمنىڭ دەردى ئاچچىق بولدى).  مەسجىدنىڭ ئىشلىتىۋاتقان سۈيى قۇدۇق سۈيى بولسا، تەكشۈرۈشتىن ئۆتمەسلىكى ئېنىق.  دەكە-دۆككە ئىچىدە، مەسجىدنىڭ قۇرغۇچىسى خىلىل ئەپەندىمگە ئۇچۇر قىلدىم. خىلىل ئەپەندىم: -بۇ ئىشتىن خاتىرجەم بولۇڭ، مەسجىدنىڭ سۈيى شەھەر تەمىنلىگەن سۇ، دىگەنتى، بەك خوش بولۇپ كەتتىم. ئەلھەمدۇلىلاھ ، ھېچ بولمىسا ماۋۇ سۇ تەكشۈرتۈش ئاۋارچىلىقىدن قۇتۇلدۇم،-دەپ كۆڭلۈم سەل ئارامىغا چۈشتى. ئەمدىكى گەپ مەسجىدنى ئوت ئۈچۈرۈش ئىدارىسنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزۈش بولۇپ قالدى. 
مەكتەپتە ئەتىيازلىق مەۋسۇم ئاخىرلىشىپ ئىشلەيدىغان پرۇجەت، تاپشۇرۇقنىڭ كۆپلىكى، باللىرىم، ئوقۇغۇچىلىرمنىڭ دەرىس- تاپشۇرۇقلىرى ، لاگىر پائالىيتىنىڭ كېنىسكىسىنى ئېلىشتا ئۇچۇراۋاتقان قېيىنچىلاردىن ئىبارەت بۇ  ئارقا-ئارقىدىن كەلگەن بىسىملار مېنى راۋروس چارچاتتى. ئەگەر لاگىر پائالىيىتىگە كېنىشكا ئېلىشنىڭ بۇ قەدەر تەسلىكىنى بالدۇر بىلگەن بولسام ، شۇ ۋاقتنىڭ ئۆزىدە ۋاز كەچكەن بولاتتىمكەن. بەلكىم بۇ ئىشلارماڭا مۇشۇنداق تەس تويۇلغان بولۇشى مۈمكىن.  چۈنكى مەن بۇ يۇرتقا كۆچمەن بولۇپ كەلگەن، بۇلارنىڭ نۇرغۇن قائىدە - تۈزۈملىرىنى،  بىلمەيمەن، پەقەت ئالدىمغا كېلىپ قالغاندا، نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلىش پۇرستىم بولىدۇ. 

مەسجىدنى تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈش
كۈنلەر بىرىنىڭ كەينىدىن بىرىنى قوغلاپ ھەش-پەش دېگۈچە 5-ئاي كىرىپ بولدى. يازلىق تەتىل بولىدىغانغا بىر ئايلا ۋاقىت قالغان ئىدى. شۇڭا «تەۋەككۈل» دەپلا يازلىق تەتىللىك لاگىر پائالىيىتىمىز مەسجىتتە ئۆتكۈزۈلىدۇ، دېگەن يېڭى ئىلاننى چىقىرۋەتتۇق. مەسجىدنى ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزۈشتە، مەسجىد خادىملىرى بىز ئۇلارنى چاقىرالمايمىز، ئۆزىڭىز ئۇلار  بىلەن ئالاقلىشىپ ئورۇنلاشتۇرسىڭىز،- دەپ بۇ ئىشنى ماڭا تاشلاپ قويدى.  ئۇلار ئەلۋەتتە چاقىرمايدۇ، چۈنكى تەكشۈرۈشتىن ئۆتەلمەي مەسجىدنىڭ تاقىلىپ قىلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. مەن ئۇ ياندىن، نۇ ياندىن سۈرۈشتۈرۈپ يۈرۈپ، مەسجىد قاراشلىق ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارسىنىڭ ئالاقىلىشىش نۇمۇرنى تېپىپ، جىددى ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدىم. نۇرمالدا ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسى ھەقسىز تەكشۈرۈش قىلاتتى، ئەمما بۇ قېتىم 72 دوللار تاپشۇرسىڭىز «تەكشۈرۈش»نى ئورۇنلاشتۇرىمىز،- دىدى. -ۋاي، پۇلنى ئېلىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرىدىغان ئىش بولسا تاپشۇراي،- دەپ دەرھال تاپشۇرۋەتتىم. پۇلنى تاپشۇرۇپ بولغان ھامان، جۈمە كۈنىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ بەردى. ئۇلار جۈمە ئارلىقىغا ئورۇنلاشتۇرۇپتىكەن، ۋاقىتنى جۈمەدىن بۇرۇنغا ئۆزگەرتتۇق. شۇنداق قىلىپ مەن ساقلىغان جۈمە كۈنى كەلدى. دەكە-دۈكە ئىچىدە ئىككى كىچىك قىزىم بىلەن ئۇلارنىڭ كېلىشنى ساقلىدىم. 3-4 سائەت ئۇلارنىڭ كېلىشنى ساقلاپ، 12 گە يېقىن بىر ئوفىتسىر كەلدى. ئۇ خادىم : -بۇ ئورۇننى نېمگە ئىشلىتىسىز؟ قانداق ئىشلىتىسىز؟ قانچە بالا كېلىدۇ؟.....دېگەندەك بىر مۇنچە سوئاللارنى سوراپ بولۇپ مەسجىتنىڭ ئىچىگە تەكشۈرۈش ئۈچۈن كىردى. مەسجىد قۇرغۇچىسى خىلىل ئەپەندىمنىڭ تەلىپى بويىچە مەسجىدنىڭ چوڭ ناماز ئۆتەيدىغان ئۆيدىن باشقىلىرىنى تاقاۋەتتىم. ئوفىتسىر خادىم تەكشۈرۋاتقاندا، مەن بۇ يەرنى مەكتەپ قىلىش ئۈچۈن ياكى يەسلى قىلىش ئۈچۈن ئەمەس، پەقەت بىر تەتىللىك لاگىر پائالىيىتى ئۈچۈنلا ئىشلىتىمەن، پائالىيىتىمىز سىرىتتا بولىدۇ، پەقەت جىددى ئەھۋال بولۇپ قالغاندىلا بىنا ئىچىنى ئىشلىتىمىز،-دەپ قوشۇپ قويدۇم. ئۇ خادىم مەسجىد قۇرغۇچىسى بىلەن تىلفۇندا پارڭلىشىپ بىر نەچچە سوئال سورىغان بولدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ تەكشۈرۈش ئاخىرلاشتى. بىناننىڭ سىرتىغا چىقىپ تەكشۈرۈشنىڭ نەتىجىسنى ساقلىدىم. ھايال ئۆتمەيلا، ئۇ خادىم يىنىمغا كېلىپ، سىزگە نېمە قىلىپ بېرىمەن؟-دىدى.
-ماڭا «تەكشۈرۈشتىن ئۆتتى» دېگەن ئىسپاتنى چىقىرپ بەرسىڭىز بەك خوش بولاتتىم،- دىدىم.
-قاچان ئىشلىتىسىز؟- دەپ سورىدى.
-قانچە تىز بولسا، شۇنچە ياخشى، ھەممە نەرسىلىرىم تەكشۈرۈشتىن ئۆتۈپ، پەقەت مۇشۇ ئىسپاتلا قالغان،- دىدىم.
-بۇلىدۇ، مەن ئەتە ئەتگەنگىچە سىزگە ئى-خەت ئارقىلىق يوللاپ بېرەي،-دىگەنتى، بەك خوش بولۇپ رەھمەت ئېيتىپ خوشلاشتىم. مەسجىتتىن ئۆيگە يېنىپ يېرىم سائەت ئۆتمەيلا « مەسجىد تەكشۈرۈشتىن ئۆتتى، مۇبارەك بولسۇن!» دېگەن ئىسپاتنى يوللاپتىكەن، خوشاللىقىم ئىچىمگە پاتماي، ئاللاھقا شۈكۈر ئېيتىپ، يىغلاپ كەتتىم.  
شۇنداق قىلىپ پۈتۈن ماتېرياللارنى سەھىيە مىنىستىرلىكىگە يوللاپ ئۇلارنىڭ جاۋابىنى كۆتتۈم. ئۇلار قايتا بىر قېتىم كۆرۈپ چىقىپ، بىنانى ئىشلىتىش ئىجازەتنامىسى يوقكەن، -دەپ ئازراق غىڭىشقانتى، ئۇ ئىسپاتنى ئەكىلەلمەيمەن، 30 يىل بۇرۇن سېلىنغان  بىناكەن، مەن مەكتەپ قۇرىمەن ياكى يەسلى قۇرىمەن دىمىسەم، بىر تەتىللىك لاگىر پائالىيىتىنىڭ كېنىشكىسى ئۈچۈن مېنى بەك قىينىۋەتتىڭلار-دەپ مەنمۇ غىڭىشىپ چىڭ تۇرۋالدىم. بىز چوڭ باشلىق بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، سىزگە جاۋابىنى بېرەيلى، دەپ ئىككى كۈن يوقاپ كەتتى. مەن تىت-تىت بولۇپ ، بىۋاستە ماڭا مەسئۇل بىيىل ئەپەندىمگە تېلېفۇن قىلىپ، كېنىشكىڭىز تەستىقلاندى، مۇبارەك بولسۇن!-دېگەن جاۋابقا ئېرىشتىم، ئاللاھقا شۈكۈرلەر بولسۇن،-دەپ خوش بولدۇم. نەچچە ئايلىق جاپانىڭ نەتىجىسى بولدى. بىزنىڭ شىتاتتىكى مۇسۇلمانلار ئارسىدا بىردىنبىر يۇقىرنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەن كېنىشكىلىق تەتىللىك لاگىر پائالىيىتىنىڭ قۇرغۇچسى بولۇپ قالدىم. تەتىل باشلىنىش بىلەن تەڭ تەتىللىك لاگىر پائاليىتىمىز باشلىنىپ، كۆزنى يومۇپ ئاچقۇچە 4 ھەپتىنى تۆگەتكەن بوپتىمىز. ئەھمىيەتلىك، ئۈنۈملۈك ۋە بەرىكەتلىك ئېلىپ بېرىلۋاتقان  Kidz&Momz  يازلىق تەتىللىك لاگىر پائالىيتى ئاتا-ئانىلارنىڭ ئىتراپ قىلىشى، بالىلارنىڭ ياخشى كۆرۈشى، مەسجىد خادىملىرىنىڭ قوللىشى بىلەن كۈندىن-كۈنگە جانلىنىپ كېتۋاتىدۇ!  بۇ ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئاللاھنىڭ ياردىمى بولمىسا، قولىمىزدىن ھېچ ئىش كەلمەيتى.  
 
Kidz&Momz نىڭ 2024-يىللىق يازلىق تەتىللىك بالىلار لاگىر پائالىيىتى:




 

يازمىلار

س قوشاقلىرىم ۋە مەشىقلىرىم

!قوشاق بىلەن مەشىقنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن چۈشۈرۈڭ  س قوشاقلىرىم ۋە مەشىقلىرىم