Saturday, September 12, 2020

ئا قوشاقلىرىم ۋە مەشىقلىرىم

 ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، 

يوقۇملۇق ۋىرۇس سەۋەبىدىن ، سىرتقى مۇھىت بىلەن ئۇچۇرششىمىز ئازىيبپ ، ھەممىمىز ئۆيگە قاپسىلىپ ياشاۋاتىمىز. بۇنىڭ پايدىلىق ۋە پايدىسىز تەرەپلىرىمۇ بولۋاتىدۇ . پايدىلىق تەرەپلىرى بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ جەم بولۇپ بىرگە  تاماق يېيىش ، موڭدىشىش ، ئۆزئارا چۈشۈنۈش ، باللار بىلەن ئۆگىنىش ، ئۇلارغا ئۆگىتىش پۇرسەتلىرىمىز بولۋاتىدۇ . پايدىسىز تەرەپلىرى باللارنىڭ ۋاقتىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇشنى بىلمەي قىلۋاتقان ئاتا ئانىلار باللار باللىرىنىڭ قولىغا تېلفۇن ، كومپىيوتىر دىگەندەك ئېلېكتۇرۇنلۇق ئەسۋابلارنى  تاشلاپ بېرىپ ، ئۇلارنىڭ  جىدىلىنى بېسىقتۇرماقتا . 

ئەمدى مەكتەپ باشلاپ ۋەزىپىمىز تېخىمۇ ئېغىر بولۋاتىدۇ . ئۇنداقتا چوڭلىرى توردە دەرىس ئېلۋاتقاندا ، كىچىكلىرىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش كىرەك ؟ ئۇلارغا تېلېفۇن ، ئايپەد دىگەندەك نەرسىلەرنى ھەمرا قىلىپ تاشلاپ قويامدۇق ؟ ياق ، بۇ باللارنى يېتەكلەشتىكى توغرا ئۇسۇل ئەمەس  . 

باللارنى يېتەكلەشتە : 

مۇنتىززىم ئائىلە تەرتىپى بولسۇن . 

ھەر كۈنى ئاز دىگەندە بىر ـ ئىككى سائەت بالا بىلەن ئوينىشىپ بېرىڭ ، بىرلىكتە قول سېلىپ ئىشلەيدىغان بىرەر پرۇجەكىت ئىشلەڭ .بالا  ئويۇن ئارقىلىق ھەم خوشاللىققا،  ھەم  بىلىمگە ئىگە بولسۇن . ئويۇن ئارقىلىق ساۋادىنى چىقىرىڭ ، تىل ئۆگىتىڭ ، موتۇر ئىقتىدارىنى يوقىرى كۆتۈرۈڭ . 

ھەقسىز ماتىريال ۋە بەزى ئۆلگىلەردىن پايدىللنىپ ، باللىرىڭىزنى يېتەكلەڭ .دەسلەپ سەل قېيىن بولىدۇ ، لىكىن ئىزچىل داۋاملاشتۇرالىسىڭىز ، سىزمۇ بۇ جەھەتتە پىرافىسسۇر بولالايسىز ، ئىنشائاللاھ .

قېنى ئەمسە ماتىريال مەندىن ، ھەممىمىز ئۆز باللىرىمىزنى يېتەكلەپ باقايلى !!!   

ئا قوشاقلىرىم ۋە مەشىقلىرىمنى چۈشۈرۋىلىڭ.                 ئا قوشاقلىرىم ۋە مەشىقلىرىم


 

  

 

 

 




 



 

 

Saturday, September 5, 2020

مەن قىزىمنىڭ ساۋادىنى ئىككى خىل تىلدا قانداق چىقاردىم

بالىلارنىڭ ئەدەپ - ئەخلاقلىق، دىيانەتلىك ۋە ياراملىق ئەۋلاد بولۇپ چىقىشى ئاتا - ئانىلارنىڭ پەرزەنىت تەربىيەسىگە باغلىق، بولۇپمۇ ئانا تەربىيەسىنىڭ قانداق بولۇشىغا باغلىق . بۇ توغىرسىدا نۇرغۇنلىغان كىتابلار ۋە ماقالىلار ئىلان قىلىنغان ھەم قىلىنۋاتىدۇ ·  مەن بۇ يەردە بالا تەربىيەسى توغىرسىدا توختالمايمەن · پەقەت  باللارنڭ ساۋادىنى  چىقىرىش توغىرسىدا قىسقىچە  توختىلىپ ئۆتمەكچىمەن .

2015 - يىلى 3 - قىزىمغا 7 ئايلىق ھامىدارلىق مەزگىلىمدە ئامىرىكىغا كەلدۇق، بالىنى يەڭگىپ بولۇپ كېتىش پىلانىمىز بولغاچقا ، ھىچقانداق تەييارلىق قىلماي، بىر قور ئارتۇق كىيىم ۋە ئازراق پۇل بىلەنلا كەلگەن، ھەتتا چوڭ ئىككى قىزىمنىمۇ ئالماي كەلگەن · (تەتىل بولغاچقامۇمىسىنىڭ  ئۆيىگە يېزىغا ئەۋەتىۋەتكەن). 
ئامىرىكىغا كىلىپ بىر ئىككى ھەپتە كۆزۈتۈش جەريانىدا ،  بىزدەك ئەركىنلىكىمىز چەتكە قىقىلغان ،  ناماز ئۆتەپ ،  ياغلىق چىگكەنلىك سەۋەبىدىن ئېغىر تەھدىتكە ئۇچۇرغانلار ئۈچۈن ، ئەركىن ياشاپ ،  يېڭى  ئەۋلادلارنى  يېڭىچە تەربىيەلەپ مىللىتىمىز ،  تىلىمىز ۋە دىنىمىز ئۈچۈن كىچىكنە تۆھپە قوشۇش ئىمكانىيىتىمىزنىڭ بارلىقىنى غوۋا تونۇپ يېتىپ مۇشۇ يەردە تۇرۇپ قىلىش قارارىغا كەلدۇق ·  بۇ قارارغا كىلىش بەك تەسكە توختىدى ،  ھەتتا مەن بۇ يەردە قالسام ،  قالغان قىرىنداشلىرىم قانداق كۈنگە قالار ؟   مەن سەۋەبلىك ئۇلارنى تۇتۇپ كېتەرمۇ ؟  دىگەندەك نۇرغۇن خىياللار كەچتى ،  نەچچە كۈن يىغلاپتىمەن · مەن  قەتئى ئىرادىگە كەلگەندىن كىيىن يولدىشىم دەرھال خوڭكۇڭغا ماڭدى ھاۋالە ئارقىلىق  قىزلىرىمنى  تونۇشلار  خوڭكۇڭغا ئەكىلىپ بەردى، يولدىشىم شۇ يەردىن ئېلۋالدى). ئاللاھقا شۈكۈرلەر بولسۇن. بىر ئائىلە كىشلىرى بىر يەردە بولدۇق. قىزىم توغۇلۇپ بىر نەچچە يىلغىچە ئۇچۇرغان قېيىنچىلىقلار، سېغىنىشلار ۋە باشقا  تىڭىرقاپ يۈرگەنلىرىمىزنى دەپ ئولتۇرماي. بىزگە ئوخشاش باشقا يۇرۇتلاردا مۇساپىر، مۇھاجىر بولۇپ يۈرۋاتقان قىرىنداشلار بۇنىڭ تەمنى ئۇبدان بىلىدۇ.
 
گەرچە مەن بالا تەربىيەسىگە ئەھمىيەت بېرىدىغان بىر ئانا بولساممۇ ، دەسلەپتە ئامىرىكىنىڭ مائارىپىنى تازا چۈشەنمەي، بۇ يەردىكى بالىلار كىچىكىدىن تارتىپلا ئېلكتۇرۇنلۇق ئويۇنچۇق ، ئايپەد، تەبلىت دىگەندەك نەرسىلەربىلەن چوڭ بولىدىغان ئوخشايدۇ دەپ قاپتىمەن. چۈنكى مېنىڭ كۆزۈمگە شۇنداق ئائىلىلەرلا چىلىقىپتىكەن. شۇڭا كىچىك قىزىممۇ ئايپەدتىن ناخشا تېڭشاپ ، كارتون كۆرۈپ يۈرۈپ، تىلى ئېنگىلىزچە چىقتى. ئۇ چاغلاردا ھەممىمىز تىل ئۆگىنىش باسقۇچىدا بولغاچقا، دەسلەپ تازا دىققەت قىلماپتىمىز. تېخى ئېنگىلىزچە سۆزلىدى دەپ خوش بوپتىمىز. 4 - قىزىم توغۇلغاندا، بىر چەتئەللىك ئايال تونۇشۇمنىڭ  تەۋىسيەسى بىلەن ئائىلە يەسلىسى مائارىپىدا ئوقۇپ  كىنىشكا ئالدىم .  يەسلىنى ئېچىپ باشقىلارغا ئۈلگە  بولۇش ئۈچۈن، تەربىيەنى باللىرىمدىن باشلىدىم. ھەپتىدە بىر ھەرىپ ئۆگىنىش پىلانىم  بويىچە، ئەمدىلا 3 ياشقا كىرگەن قىزىمغا ئېنگىلىزچە ئۈگىتىشنى باشلىدىم، تىلى ئېنگىلىزچە چىققان بولغاچقا، ئاسان ئۈگىنىدۇ دەپ ئويلاپتىمەن . لىكىن بىرىنچى كۈنىلا مۇۋاپىقىيەتلىك بولمىدى . ئەڭ ئاددى ھەرىپلەرنىمۇ تەلەپپۇ قىلىشى ئىنتايىن تەسكە توختىدى، تىلى بەك قاتتىق. شۇڭا چوقۇم ئۇيغۇرچە ئۆگەتمىسەم بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم. قانداق ئۆگىتىمەن ؟ نەدىن باشلايمەن ؟   ئۆيدە ھىچقانداق ئۇيغۇرچە ماتىريال يوق،  ھەتتا بىر تال ئىلىپبەمۇ  بولمىسا؟ ماتىريال ئەۋەتىپ بېرىڭلار دەي دىسەم ،  ئۆيدىكىلەر بىلەن ئالاقەممۇ بولمىسا  ماتىريالنىڭ يوقلىقى بىر مەسىلە بولدى . كومپىيوتىر سەۋىيەمنىڭ ناچارلىقىغا باقماي، ئىنگىلىزچە ماتىرياللاردىن ئۆلگە ئېلىپ، ئەڭ ئاددى شەكىلىدە< ئا > ھەرىپىدىن باشلاپ ، بىر تەرەپتىن تۈزۈپ بىر تەرەپتىن ئۆگۈتىشكە  باشلىدىم. بىر ھەپتە ئۇيغۇرچە، بىر ھەپتە ئىنگىلىزچە ئۆگەندۇق. ھەر بىر ھەرىپكە ماس ھالدا قوشاق تەييارلىدىم. قوشاقلارنى ئاتا - ئانىلار ، ئۇستازلارنىڭ ياردىمى ۋە باشقا ماتىرياللارددىن پايدىلنىش ئارقىلىق رەسىم كېرىشتۈرۈپ تۈزۈپ چىقتىم. ئېنگىلىزچە ماتىريال تەييار بولغاچقا، بەك تەس بولمىدى. ئىنگىلىزچە ئۆگەنگەن بىر ھەپتىدە ئۇيغۇرچە ماتىريالنى تۈزۈپ تەييار قىلۋالدىم ، شۇنداق قىلىپ بىر ھەپتە ئۇيغۇرچە،  بىر ھەپتە ئىنگىلىزچە ئۆگىنىپ، ئ‍ۆگىنىشىمىز بىر يېرىم يىلغىچە داۋاملاشتى. مۇشۇ بىر يېرىم يىلدائىككى خىل تىلدا تەڭ ساۋادى چىقتى . ئۇيغۇرچىدىن 23 ھەرىپنى تۈگەتمەي تۇرۇپلا ساۋادى چىقىپ ، ئاددى ھېكايە كىتابلارنى ئوقۇشقا كىرىشتى . قالغان 7 ،8 ھەرىپنىڭ قوشاق ، مەشىقلىرىنى تۈزۈشكىمۇ ئۆلگۈرمىدىم ، بۇ قىتىم تۇلۇقلاپ تۈزىۋىتىمەن . تىلنى پۈتۈنلەي ئويۇن ئويناش ئارقىلىق ئۆگەندۇق.

مەيلى ئۇيغۇرچە بولسۇن ياكى ئېنگىلىزچە بولسۇن ئەڭ ئاددى ھەرىپلەرنى ئۆگىتىشتىن باشلىدىم · ئۇيغۇرچە ھەرىپلەردىن پەقەت ئانا ھەرىپلەرنىلا ئۆگەندۇق ، مەن بىر تەرەپتىن ھەرىپ ئۆگىتىپ، بىر تەرەپتىن قوشۇپ ئوقۇشنى ئۆگىتىپ ماڭدىم .   ئانا ھەرىپ بىلەن ئانا ھەرىپنىلا قوشۇپ ، سۆز ياساپ ئوقۇپ مەشىق قىلدۇق · ئاندىن ھەرىپلەرنى ئېلىپبە تەرتىپى بويىچە ئۆگەتمەي ، شەكىلنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن، ئاددىيلىقتىن مۇرەككەپلىككە قاراپ ئۆگەتتىم ھەم بىر سوزۇق تاۋۇشنى ئۆگىتىپ بولۇپ، تۆت - بەشچە ئۈزۈك تاۋۇشنى ئۆگەتتىم. مەسىلەن :< ئا > نى ئۆگىنىپ بولۇپ، < ت ، ن ، س، ش > نى ئۆگەتتىم، چۈنكى بۇلارنى  مۇشۇ < ئا > سوزۇق تاۋۇشىغا قوشۇپ بىر بوغۇملۇق( ئاش،  ئات ،  ئاس) دىگەندەك  سۆزلارنى ياساپ ئوقۇش ئاددىي ئىدى. قىزىمغا ئىككى ھەرىپنى ( بىر سوزۇق ، بىر ئۈزۈك تاۋۇش) ئۆگىتىپ بولۇپلا قوشۇپ ئوقۇشنى ئۆگەتتىم. بۇ ۋاقىتلاردا " ھەرىپ ئېچىش دۇكىنى " ئويىنىمىز بەكلا ئەسقاتتى. ئاندىن يەنە بىر سوزۇق تاۋۇش< ئە > نى ئۆگەتتىم، ئۇنىڭغا ئۇلاپ < ب، پ، ر، ز ،ل ، م > ھەرىپلىرىنى ئۆگەتتىم. ئانا ھەرىپكە ئانا ھەرىپنى قوشۇپ سۆز ياساپ ئوقۇشنى ئىزچىل مەشىق قىلدۇق. ئاندىن " ئو " نى ،  بۇنىڭغا ماسلاشتۇرۇپ بىر قانچە ئۈزۈك تاۋۇشنى ئۆگەتتىم· ئاندىن  " ئۇ ،  ئۆ ،  ئۈ " لەرنى ئۆگىتىشتە ،  خىلى ئويلىنىپ ئۆردەك ،  ئۆي  دىگەن سۈزلەر  تۇرمۇشىمىزدا ھەر كۈنى دىگۈدەك قوللىنىلدىكەن ،  شۇڭا   " ئۆ " نى ئوقۇش ھەم ئەستە تۇتۇش ئاسان دەپ " ئۆ" نى  ئۆگەتتىم · باللا  يېشى كىچىك بولغاچقا قايمىقۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ،     يانداشما ھەرىپلەرنى مەخسوس ئۆگەتمىدىم، پەقەت ئېلىپبە كىتابنى ئوقۇغاندا ،ئاندا- ساندا كۆرسۈتۈپ قويدۇم. شۇ بويىچە ئۆگىنىپ 22 ھەرىپنى ئۆگنىپ بولغاندا ، پۈتۈن ھەرىپنى تونۇپ ، قوشۇپ ئوقۇشقا كىرىشىپ كەتتى . ئېنگىلىزچىنىمۇ شۇ تەرتىپ بويىچە ئۆگەتتىم. A, B,C  تەرتىپى بويىچە ئۆگەتمەي ، ئۇيەر- بۇيەردىن تاللاپ،  قايسى ھەرىپلەرنى ئۆز- ئارا قوشسا،  ئەڭ ئاددى بىر بوغۇملۇق سۆز ياسىغىلى بولىدىغانلىرىنى ئەڭ ئاۋۋال  ئۆگەتتىم . بەزىدە ئىككى ھەپتىدە بىر ھەرىپ  ئۆگەندۇق  ·  ئۆگىنىشىمىز پۈتۈنلەي ئويۇن ئويناش ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلدى ·شۇ بويىچە ،  ئىككى تىلنى ئۆگىتىشكە بىر يېرىم يىل ۋاقىت كەتتى. بۇ بىر يېرىم يىلدا قىزىم ھەرىپ ئۆگىنىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي،،  قوشاق يادىلاپ ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ، بەش ئەزاسىنى تەڭ تەرەققى قىلدۇرۇش ،  دېققىتىنى مەزكەزلەشتۈرۈش ،  قول _ھۆنەرۋەنچىلىك ،  گۈزەل _ سەنئەت ماھارىتىنى يوقىرى كۆتۈرۈش   ،    





يازمىلار

س قوشاقلىرىم ۋە مەشىقلىرىم

!قوشاق بىلەن مەشىقنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن چۈشۈرۈڭ  س قوشاقلىرىم ۋە مەشىقلىرىم