ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
كورونا دىسە مەن ساغلامغۇ دەپ ئانچە ئەنسىرەپ كەتمەيتىم. يىل بېشىدا ئامىرىكا ۋەتەنداشلىقىغا ئۆتۈش ئۈچۈن ( 7 يىل ساقلىغان) كۆرۈشمىنىڭ چاقىرقىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ ئىنتايىن خوش بولدۇم، ئەمما كۆرۈشمىدىن مۇۋاپىقىيەتلىك ئۆتۈش ماڭا ئېغىر بىسىم بولدى. ۋەتەندە بېشىمدىن ئۆتكەن ئېغىر كۈنلەر ، ئورۇقـ تۇققان ، قېرىنداشلىرىم ئۇچۇرغان ۋە ئۇچراۋاتقان زۇلۇملار ھەقىقەت بولسىمۇ، مۇشۇلارنى ئوفىسىرنى قايىل قىلغۇدەك قىلىپ دىيىش ماڭا قېيىن تويۇلدى، ئادۇكاتتىمنىڭ تەلىپىنىڭ يۇقىرلىقى تېخىمۇ بىسىم بولدى. ھەر قېتىم ھېكايلىرىمنى سۆزلەپ مەشىق قىلسام نەچچە ئۆلۈپ نەچچە تىرىلغاندەك بولدۇم، ئىچىم ئاچچىق بولۇپ تىلىمغا تاماق تىتىمايدىغان، كۆزۈمگە ئويقۇ كەلمەيدىغان بولدى. ئىشتاھاسىزلىق ، ئويقۇسىزلىق، ھېرىپ چارچاش مېنى كوروناغا مۇپتىلا قىلدى. كورۇنا 6 بالىنى يەڭگىش، ئۇلارنى قاتارغا قوشۇش ۋە تەربىيەلەش جەريانىدا مەن ھېس قىلىپ باقمىغان باش ئاغرىق، بەل ئاغرىق، پۇت - قول، بوغۇم ئاغىرىق، ئىشقىلىپ كۆمۈلۈپ قالغان ئاغرىقلارنىڭ ھەممىنى تارتىپ چىقتى. شۇنداق بولسىمۇ بالىلىرىمنىڭ ئۆگىنىش ۋە باشقا ئىشلىرىغا يېتەكچىلىل قىلىشنى تاشلاپ قويمىدىم. ئەمما فىيسبوك، ئىنستىگرام سەھىپىسىدىن چىكىنىپ تۇردۇم. ۋەتەنداشلىقىتىن ئۆتسەم خوشاللىقتا ساقىيىپ قالارمەن دەپ ئويلىدىم، ئەمما يەنىلا ئوڭشالمىدىم. ھۆرمەتلىك ئادۇكاتىم ( نۇرى تۈركەل) گە چەكسىز مىننەتدارلىقىمنى ئېيتىمەن. ماڭا قاتتىق تەلەپ قويغاچقا، بىر قېتىملىق كۆرۈشمىدىلا ئۆتۈپ كەتتىم ئەلھەمدۇلىلاھ. كورونانىڭ ئارام ئېلىشتىن باشقا داۋاسى يوق - دەپ ، ئادەم بىرەر يېرىم كۈن يېتىپ ئارام ئالىدىكەن ، ئەمما بالا چاقىسى كۆپ، ھەرىكەتچان ئادەملەر يېتىۋەرسە ئىچى پۇشۇپ تۇرۇپ كېتىدىكەن. مەن دەل مۇشۇ ئادەملەردىن
. شۇڭا چىنىقىپ ئەسلىمگە قايتىشنى ئويلاپ، چىنىقىش ئۈچۈن مەخسۇس ۋاقىت ئاجىراتتىم ھەم بۇنىڭ ئۈنۈمىنى كۆردۈم. ئالىي مەكتەپتە 5 يىل ئۇدا ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش چىمپىيونىلۇقنى قولغان كەلتۈرگەن « چىمپىيۇن” دېگەن قالپاقنى ئالغان. شۇ چاغدا چىنىققاننىڭ پايدىسى ھازىرغىچە كۆرگەن ھەم كۆرۈۋاتىمەن، ئەلھەمدۇلىلاھ.
باشقىلار كورونادىن بىر-ئىككى ھەپتىدىلا ساقايسا، مەن بۇ كورونانى بىر يىل كۆتۈرۈپ يۈرۈدىغان ئوخشايمەن، پۇتۇمنىڭ ئۇچىغا كېلىپ ، چىقىپ كەتمەي تۇرىدۇ. ئىنشائاللاھ يىل ئاخىرى چىقىپ
كەتكۈچە ساقىيىپ كېتەر.
ئەمدى گىپىمنىڭ مېغىزىنى دىسەم: 5- قىزىم ئىككى كۈن ئاۋۋال 3 ياشقا كىردى. بۇ قىزىم توغۇلغاندا، دۇختۇر: -تىلى قىسقا ئىكەن، باشقا مەسىلە يوق، شۇ تىلى كېچىكىپ چىقىدۇ » دېگەن. ھازىر ئانا تىلدا ساۋادىنى چىقىرىشقا تەييار بولدى، قىزىمنى قانداق قىلىپ بۇ باسقۇچقا ئەكەلگىنىمىنى كېيىنكى قېتىم يېزىپ يوللاي. بالىلىرىنىڭ ئانا تىل ساۋادىن چىقارماقچى بولغان ئانىلار. ھازىردىن
تارتىپ مەن بىلەن ئالاقە قىلسا بولىدۇ.
No comments:
Post a Comment