Wednesday, September 14, 2022

تىلى كېچىكىپ چىقىدۇ

 2019 - يىلى 5- قىزىم بۇ يورۇق دۇنياغا كۆز ئېچىپ ئائىلىمىز خوشاللىققا چۈمدى. توغۇلۇپ بىر ھەپتىدىن كېيىن بالىنىڭ ئومۇمى ئەھۋالىنى تەكشۈرتۈش ئۈچۈن بالىلار دۇختۇرغا كۆرسەتتۇق. دۇختۇر بالىنى تەپسىلى  تەكشۈشۈرش ئارقىلىق" بالىنىڭ تىلى سەل قىسقا ئىكەن" دىگەننى قىستۇرۇپ ئۆتتى. 

بىردەمدە كاللامدا مىليۇنلىغان سوئاللار پەيدا بولدى. -" ۋاي ئاللاھ، بالام گەپ قىلالمايدىغان بولۇپ قالماس-ھە؟ ئەگەر شۇنداق بولۇپ قالسا، قانداق قىلىمەن؟ شۇنداق بولۇپ قالسا...... ئاخىرىنى ئويلاشقا جۈرئەت قىلالمىدىم.

- تىلى قىسقا بولسا قانداق تەسىرى بولار؟ -دەپ سورىدىم.

-ھېچقانداق تەسىرى بولمايدۇ، تىلى سەل كېچىكىپرەك چىقىدۇ، ئەنسىرمىسەڭلارمۇ بولىدۇ، بالىنىڭ ئەھۋالى ياخىشى ئىكەن ، دىدى دۇختۇر. 

بىز خاتىرجەم ئۆيگە قايتۇۇق. كۈنلەر بىرىنىڭ كەيىنىدىن -بىرىنى قوغلاپ ھەش پەش دېگۈچە بۇ قىزىم بىر ياشقا كىرىپ قالدى. بىر ياشقىچە بالا يېتىلدۈرۈشكە تىگىشلىك موتور ئىقتىدارى، بەدەننىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش ئىقتىدارى، قول- كۆزىنىڭ كوردىناتسىيەسىنى ئاشۇرۇشتەك ئىقتىدارلىرى ناھايتى ياىشى يېتىلدى. ئەمما "دادا" دىن باشقا سۆزنى بىلمەيدۇ، بىز گەپ قىلساق چۈشىنىدۇ، دېگىنىمىز بويىچە ئىشنى ئورۇندايدۇ، ئەمما ئۆزى گەپ قىلالمايدۇ، " سۇ " دەپ بىقىڭ دىسەكمۇ، دوراپ بىقىشقا ئىنتىلمەيدۇ.بۇ ئەھۋالنى قىزىمنىڭ دۇختۇرىغا ئېيتىم، دۇختۇر " تېخى ئەمدى بىر ياشقا كىرىپتۇ، بىر مەزگىل قاراپ بىقىڭ، يەنە گەپ قىلمىسا تىل جەھەتتىن داۋالاش مۇتەخەسىسلىرىگە كۆرسۈتۈپ باقسىڭىز بولىدۇ" دەپ يولغا سالدى. 

 تىلى بالدۇر چىققان بالىلار 7-8 ئايلىقتىن تاتىپلا " دادا، ھەدە، مەمە" دىگەندەك سۆزلەرنى قىلىشقا باشلايدۇ. بالامنىڭ گەپ قىلماي  جىمجىت يۈرۈشى مىنى ئەندىشىگە سېلىشقا باشلىدى. 

دەل بىر ياش 5 ئايلىق بولغىچە ئاران " دادا، سۇ، نان، ئات، ئالما" مۇشۇ بەش سۆزدىن باشقىنى دىيەلمىدى. شۇڭا قىزىمنىڭ دوختۇرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، تىل مۇتەخەسىسىنىڭ نۇمۇرىنى ئالدىم ۋە ئۇلار بىلەن كۆرۈشىشكە دىيىشىپ قويدۇم. ئۇلار ئاۋۋال بالىنىڭ تەرەققىياتىنى باھالاپ ئاندىن تىل جەھەتتىن تەرەققى قىلىدۇرۇش پروگىراممىسىغا قوبۇل قىلىدىغان ياكى قىلمايدىغانلىقىنى  ئېيتى. ئىچىمدە بىر تەرەپتىن سەل جىددىيلەشتىم، چۈنكى 3 ياشقىچە بالىنىڭ تىل تەرەققىياتى ياخشى بولمىسا، ئانا تىلىنى ۋە باشقا تىللارنى  قانداق ئۆگىنىدۇ؟ ھەدىلىرىگە قارغاندا بۇ قىزىم تىلنى كېچىكىپ ئۆگىنىدىغان بولدى،- دەپ ئويلىدىم. يەنە بىر تەرەپتىن بۇ پروگىراممىغا قاتنىنىشىش پۇرسىتىگە ئىگە بولسام ئۇلاردىن " بالىلارنىڭ تىلىنى چىقىرىش توغىرسىدا" نۇرغۇن بىلىمگە ئىگە بولالايمەن،- دەپ خوش بولدۇم. 

بۇ دەل كورونا باشلىنىپ بىر نەچچە ئايدىن كېيىن بولغاچقا، كۆرۈشمىمىز زومدا بولدى. كۆرۈشمىدىن ئاۋۋال قىزىم ياخشى كۆرۈپ ئوينايدىغان ئويۇنچۇق، ياخشى كۆرۈپ ئوقۇيدىغان كىتاب ۋە كىچىك توپ دېەەندەك نەرسىلەرنى تەييارلىشىمنى ئىيتتى. بالىنى باھالاشتىن ئاۋۋال، ئۇلار بالىغا گەپ قىلغاندا، ھېچقانداق ئىپادە بۆلدۈرمەسلىكىمنى، پەقەت ئېنگىلىزچىنى چۈشەنمىگەندە، ئۇيغۇرچە دەپ بىرىشىمنى ئېيتتى. ئىنگىلىزچىنى ئانچە چۈشىنىپ كەتمەيتتى. سوئال سوراشتىن ئاۋۋال، بالىنى بىردەم ئەركىلىتىپ، ھەر خىل قونچاقلارنى قىزىقارلىق ھەرىكەتلەر كۆرسىتىپ، بالىنى ئۆزلىرىگە مايىل قىلدى. ئاندىن " ئولتۇرۇڭ، قوپۇڭ، بېشىڭىزنى تۇتۇپ بىقىڭ، ئاپىڭىزنى قوچاقلاڭ، توپنى سېۋەتكە سېلىڭ" دېگەندەك سوئاللارنى سورىدى. قىزىم گەپ قىلالمىغان بىلەن بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ناھايتى بىمالال قىلالىدى، قىزىمنىڭ موتۇر ئىقتىدارئۆزىنىڭ يېشىغا نىسبەتەن خىلى يۇقىرى ئىدى. 

باھالاش نەتىجىسى 97 بولۇپ، قىزىمنىڭ تىلىنىڭ نۇرمال ئىكەنلىكىنى، تىل جەھەتتىن داۋالاش قىلىشنىڭ ھاجىتى يوقلۇقىنى، رەسىملىك كىتابلارنى كۆپرەك ئوقۇپ بىرىشىمىز، كۆپرەك گەپ قىلىپ بىرىشىمزنى ئىيتتى، ئازراق كېچىكىپ چىقىدۇ، بۇنىڭ چوڭ تەسىرى يوق،- دەپ قىزىمنىڭ بۇ پروگىراممىغا قاتنىىش سالاھيىتى توشمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. يەنە 6 ئايدىن بىر يىلغىچە قاراپ بىقىپ، ياردەم لازىم بولسا ئالاقىلىشىشىمنى ئىيتىپ، بۇ كۆرۈشمىنى ئاخىرلاشتۇردۇق. 

قانداق قىلىشىم كېرەك؟ ۋەتەندىكى گەپ بويىچە ( يەنى بالام گەپ قىلمىدى،  تىلى كېيىن چىقىدىغان ئوخشايدۇ، 3 ياشقا كىرگەندە بىراقلا پارتىلاپ چىقىدۇ) 3-4 ياشقا كىرگەندە چىقىپ كېتىدۇ،- دېگەننى ساقلاپ تۇرامدىم ياكى بۇنىڭغا بىر تەدبىر قوللىنامدىم؟ دېگەن سوئاللار مېنى ئىزدىنىشكە، ئويلىنىشقا سالدى. 

 مەن خىلى ئويلىنىپ :- قىزىم " دادا، سۇ، نان، مەمە، ئالما" دېگەن سۆزلەرنى بىلىدۇ، دىمەك،  قىزىم بۇ ھەرپلەردىن باشلانغان ئاددى سۆزلەرنى دىيەلىشى مۇمكىن، مەن مۇشۇ " د، س، م ،ئا " ھەرپلەردىن باشلانغان ھەم مۇشۇ ھەرپلەرندىن تۈزۈلگەن  ئاددى سۆزلەرنى (بولسا رەسىمى بىلەن) ئۆگىتىشتىن باشلاي- دەپ قىزىمنىڭ تىلىنى چىقرىشقا ئائىلە بويىچە سەپەرۋەر قىلدىم، ئائىلە ئەزالىرىدىن بۇ قىزغا گەپ قىلغاندا،  پەقەت ئۇيغۇرچە گەپ قىلىشىنى، ئېنگىلىزچە گەپ قىلماسلىقنى ئېيتتىم. قىزىمنىڭ تىلىنى چىقىرىشىمغا چوڭ قىزىم ( شۇ ۋاقىتتا 14 ياش) خىلى كۆپ تۆھپىسىنى قوشتى، ئاللاھ رازى بولسۇن. 

ئەڭ ئاۋۋال، " ئا" دىن باشلانغان سۆزلەرنى ئۆگىتىشكە باشلىدۇق. ئۆگەتكەندە، قولىمىزغا يەيدىغان بىرەر نەرسە ياكى بىرەر ئويۇنچۇق تۇتۇپ تۇرۇپ، بالا بىلەن ئوخشاش ئىگىزلىكتە ئولتۇرۇپ، ئات بولسا ئاتنىڭ رەسىمىنى تۇتۇپ تۇرۇپ، " ئا    ت" دەڭە، مېنىڭ ئېغىزىمغا قاراپ تۇرۇپ مىنى دوراڭ، مىنى دورىسىڭى قولۇمدىكى بۇ نەرسىنى بىرىمەن،- دەپ شۇ ئات دىگەن سۆزىنى توغرا بولسۇن خاتا بولسۇن دوراپ دەپ بىقىشقا دەۋەت قىلدۇق. دەسلەپ دوراشقا ئونمىدى، ئونماسلىققا ئاساسى بار، چۈنكى بۇ سۆزنى تەلەپپۇز قىلالمايدۇ، دوراپ دىيەلمەسلىكتىن قورقىدۇ. شۇڭا ئالدىرماي ئېغىزىمزنى چوڭ ئىچىپ تۇرۇپ، -"ئا" نىڭ چىقىشىنى، " ت" نىڭ چىقىشنى كۆرسۈتۈپ تۇرۇپ، قاراڭ، تىلىڭىزنى مۇنداق مىدىرلىتىسىز، دەپ بىقىڭە! قاراڭ دەۋاتىسىز، ئەنە " ئات " چىقىۋاتىدۇ- دەپ قىزىم ئىككىمىز يېىنىدا تۇرۇپ، "ئات" نى دىگۈزدۇق. ئات ئىنىق چىقمىسىمۇ، ئەمما "ئات"نىدەپ بېقىشقا ئۇرۇندى. مۇشۇنىڭ ئۆزى  ئۆزى بىز ئۈچۈن ئىلگىرلەش بولۇپ ھېساپلىنىدۇ، ئاندىن قىزىم بىلەن ئىككىمىز:" ۋاھ، يارايسىز،  "ئات" نى دىدىڭىز!- دەپ چاۋاك چىلىپ قىزىمنى تەبرىكلىدۇق ھەم مۇكاپاتىنى بەردۇق، قىززىممۇ خوش بولۇپ كەتتى( مۇكاپاتى بىر تال كەمپۈت ئىدى، كەمپۈتنى كىمنىڭ يىگۈسى كەلمەيدۇ، بولۇپمۇ بالىلار بەك ئامىراق، باشلانمىسى بولغاچقا، بالىنى دوراشقا ئىلھاملاندۇرۇش ئۈچۈن، كەمپۈت بىرىشتىن باشلىدۇق) . 

شۇنىڭ بىلەن ئات، ئاش، ئاي، ئاس، ئان، ئام  دېگەندەك ئادىدى بىر بوغۇملۇق سۆزلەرنى دېگۈزۈپ مەشىق قىلدۇرۇدۇق. "ن" دىن باشلانغان سۆزلەرنى ئۆگەتكەندىمۇ، "نان ، نام، نات، نەم" دېگەندەك ئېغىزدا ئېنىق تەلەپپۇز قىلغىلى بولىدىغان سۆزلەرنى ياساپ ئۆگەتتىم. ھەر بىر قېتىم دوراپ دېگۈزۈش بالىنىڭ تىل موسكوللىرىنى تەرەققى قىلدۇرۇش پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى. 

دەسلەپ سۆزلەرنى تەلەپپۇز قىلغاندا تىلى بەك قاتتىق ھەم تەلەپپۇزى ئوچۇق بولمىدى، ئەمما ئىزچىل بالىنىڭ كۆزىگە قاراپ تۇرۇپ ئاددى،  ئوچۇق  تەلەپپۇز قىلغىلى بولدىغان سۆزلەرنى ئىشلىتىپ گەپ قىلىشىنى داۋاملاشتۇرۇدۇم. "سەۋەپ قىلساڭ سېۋەتتە سۇ توختار" دەپ ، بۇ قىزىم ئەمدى دەل 3 ياشقا كېرىپ ئۆزىدە ئانا تىل ئۆگىنىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىدى، ئەلھەمدۇلىلاھ. 

ھازىرمۇ بەزى ھەرپلەرنى چىقىرالمايدۇ، ئەمما ساۋادى چىقىش بىلەن تەڭ تۈزۈلۈپ كېتىدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل.



No comments:

Post a Comment

يازمىلار

س قوشاقلىرىم ۋە مەشىقلىرىم

!قوشاق بىلەن مەشىقنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن چۈشۈرۈڭ  س قوشاقلىرىم ۋە مەشىقلىرىم