!ش قوشاقلىرىم ۋە ئۇنىڭ مەشىقلىرىنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن چۈشۈرۈڭ
ئاخىرىقى بەتتىكى شىشخال تاشلاپ ھەرىپ تېپىش ئويۇنى بەك قېززىپ كەتتى . ئاۋۋال مەرۋە(11 ياش ، ئۇيغۇر تىلىدا ئىككى يىل ئوقۇغان.) بىلەن ھاسىبە (3 ياش 3 ئايلىق) ئىككىسى مەيدانغا چۈشتى. يېڭىۋالغان ئادەمنى مۇكاپاتلاش . ئۈچۈن بىر تال كەمپۈت بىلەن ئىككى تال سېغىز تەييارلىدىم. ھاسىبە ئۈچۈن ئۆگەنگەن ھەرىپلەرنى ئايرىم قويىۋالدىم
مەرۋە ھەممىنى بىلىدۇ - دەپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەممە ھەرىپنى ئايرىم قويىۋالدىم
چەك تاشلاپ كىمنىڭ ئاۋۋال مېڭىشىنى بەلگىلىۋالدۇق. چەك ھاسىبەگە چىقتى . مەرۋە قانداقلا بولمىسۇن مەن يېڭىمەن دىگەن نېيەتتە، دەسلەپكى بىر مەيدان ئويۇن ئاخىرلاشقۇچە سەل يول قويۇپ ئوينىدى. بىرىنچى مەيداندا ھاسىبە ئۇتۇپ بىر تال كەپمۈتكە ئېرىشتى. بۇ بىر مەيدان جەريانىدا ھاسىبەنىڭ « ئا » بىلەن « ئە » نى ، مەرۋەنىڭ تۆت سوزۇق تاۋۇش « ئو ئۇ، ئۆ، ئۈ » نى سەل ئالماشتۇرۇپ ئوقۇيدىغىنىنى بايقىدىم
ئىككىنچى مەيداندا ئىككىسى ئالماشتۇرۇپ قويىدىغان ھەرىپلەرنى قايتا - قايتا ئوتتۇرغا قويۇپ ( ھەرىپنى ئوقىيالىسا شىشخال كۆرسەتكەن سان بويىچە ئالدىغا ماڭىدۇ ، بولمىسا ئورۇنىدا تۇرىۋىرىدۇ) ئىككىسىنى راسا قايمۇقتۇرۇپ سۇراپتىمەن. بۇ مەيداندىمۇ ھاسىبە يېڭىپ بىر سېغىزغا ئېرىشتى
ئۈچىنچى مەيداننىڭ ئاخىرقى باسقۇچىدا مەرۋە سەل چىدىماسلىق قىلىپ تۇرۇۋالدى ، شۇنىڭ بىلەن ئاخىرقى بىر تال سېغىز مەرۋەنىڭ بولدى
.ئويۇن قېززىپ كەتكىنىنى كۆرگەن چوڭ قىزىم (13 ياش) ، مەنمۇ ئوينايمەن دەپ كەلدى
!سىزدىن نېمە سۇرايمەن؟ ئۇيغۇرچىنى پېششىق بېلىدىغان تۇرسىڭىز -
.ھە ، سىزدىن ئىسپانچە جۈمىلىلەرنى سۇراي » دىدىم » . قىزىم بۇنىڭغا قوشۇلدى -
مەرۋە ئېنگىلىزچە جۈمىلىلەرنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىدىغان ، خەدىچە ئېنگىلىزچە جۈمىلىلەرنى ئىسپانچىگە تەرجىمە قىلىدىغان بولۇپ ، چەك تاشلاپ ئويۇنىمىزنى باشلىدۇق . ئويۇن تەرتىپى يەنىلا ھەرىپلەرنى تونۇش ئويۇنى بىلەن ئوخشاش بولدى
ئاۋۋال ھەر ئىككىلىسىگە ئاسان جۈمىلىلەرنى تەرجىمە قىلغۇزدۇم ، ئىسپانچە بىلمىگەنلىكىم ئۈچۈن ئوقۇلىشى بار بىر بەتلىك ئاددى دىئالوگنى تېپىپ ، شۇنىڭدىن سۇرىدىم .
.جەمىئى ئىككى مەيدان ئويناپتىمىز. ئىككى تەرەپ 1:1 بولۇپ ئويۇنىمىز ئاخىرلاشتى
بۇ ئويۇن جەريانىدا مەرۋەنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى ئونتۇشقا باشلىغانلىقىنى ھېس قىلدىم . ھەرىپلەرنى ئۆگىنىپ بولۇپ ، جۈمىلىلەرنى ئوقۇشقا باشلىغاندا ، ئۇنى سېپىمىزگە قوشۇپ تەكرار قىلدۇرىشنى ئويلاشتىم.














