Wednesday, October 24, 2018

ھەرىپ دوكىنى ئىچىلدى

   بۇ بىر ئاتىنىڭ بالىسىغا ئويۇن شەكىلىدە ھەرىپ ئۆگىتىش ئۇسۇلى ئىكەن. مەنمۇ شۇلارنى دۇراپ قىزىم بىلەن ئويناپ    باقسام  ناھايىتى مۇۋاپىقىيەتلىك بولدى 
  قىزىم ھەرىپ دوكىنى ئاچتى ، مەن خىرىدار بولۇپ دوكىنىغا كەلدىم، كىلىشتىن ئاۋۋال دوكىنىغا تېلىفۇن ئۇرۇپ دوكىننىڭ ئىچىلىش -تاقىلىش ۋاقتىنى ، مال بار يوقلىقىنى سۇراۋالدىم . ئەگەر پۇلىڭىز يەتمىسە دوكىنىنىڭ يېنىدا بىر ئاپتۇماتىك پۇل چىقىرىش ماشىنىسى با رتېخى. بانكا كارتىڭىزنى يانچۇقىڭىزغا سىلىپ بارسىڭىزلا بولىدۇ ، لىكىن مەن يېتەرلىك پارچە پۇل   ئېلۋالدىم، بۇنىڭدىن مەقسەت قىزىمغا پۇلنى تونۇتۇش. ئاۋۋال ئۆزەمگە 3 تال ھەرىپ سېتىۋالدىم ، ئاندىن چوڭ قىزىممۇ بىر نەچچە ھەرىپ ئالغاچ كەلگىن دىگەن ، ئونتۇپ قاپتىمەن ، قايسى ھەرىپلەرنى دىگەندۇ؟ تېلفۇن قىلىپ سۇراپ باقاي - ھە، دەپ تېلىفۇن ئۇردۇم، بۇ چاغدا قىزىم ھەدىسىنىڭ رولىنى ئېلىپ دەرھال  تېلفۇننى ئالدى. مەن قەستەن ئاڭىلمىغان بولۇپ ھە « ئا » نىما ،« ب » نىما دەپ قايتىلاپ سۇرىدىم . دوكىنىغا قايتىپ كەلسەم «ئەللىيىڭىز قىنى ؟ » دەپ سۇراپ ، ھە ھەدىسى قاراپ قاپتۇ-دە ،  دىۋىدى ، مەن شۇنداق ئەللىيىم ئوخلاپ قالغان ھەدىسى قاراۋاتىدۇ، دەپ قويدۇم. ئاندىن قىزىم ھاۋالە قىلغان ھەرىپلەرنى پۇلىنى بېرپ  سېتىۋالدىم . دوكىنىدا ئۆزى سىزىغان ھېس- تۇيغۇ ئىپاىلىرىمۇ بار ئىكەن ، ئۇلاردىمنۇ قوشۇپ سېتىۋالدىم . قارسام 6 ھەرىپتىن ئىككى سۆز ياسالايدىكەنمىز ، يەنى «ئات»، «ئاش » دىگەندەك . شۇنىڭ بىلەن بۇلارنى قىزىم بىلەن بىرلىكتە ھەجىلەپ ئوقىدۇق. ئەتە دوكىنىغا سانلار بىلەن شەكىللەرنى قوشۇپ  يىڭى مال كىرگۈزمەكچى. قىزىم خۇشاللىقىدا بەكلا ھاياجنلىنىپ كەتتى. ئەمدى ئوخلايلى ھېكايە ئوقۇپ بىرىمەن دىسەم بىر دەمدە كىتابلارنى تەييار 
.قىلىپ بوپتۇ. كىتابنى ئوقۇپ بولغۇچە ئۆزەم ئوخلاپ قاپتىمەن  
!چىكىت -پەشلىرىم ئىگىز -پەس بولۇپ قالدى ، ھازىرچە مۇشۇنداق يوللاۋىرەي  







سۆز ياساش
دوكان ئىچى

خىرىدار بىلەن سۆزلىشىش


No comments:

Post a Comment

يازمىلار

س قوشاقلىرىم ۋە مەشىقلىرىم

!قوشاق بىلەن مەشىقنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن چۈشۈرۈڭ  س قوشاقلىرىم ۋە مەشىقلىرىم