،ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
ئەسلىدە ھەرىپلەرنى ئويۇن شەكىلىدە ئۆگىتىش(يەنى، ئەمەليەتتىن ئۆتكۈزگەن) جەريانىنى ناھايىتى تەپسىلى قىلىپ تۈزۈپ چىقىش پىلانىم بار ئىدى. لىكىن 4 بالىدىن ۋاقىت ئاجىرتىپ قىلماق تەسكە توختايدىكەن. مەن بالىلىرىمنى قارتىپ قويۇپ ياكى ئۇلارغىمۇ ئىكران ئىچىپ بېرىپ، ئىكران ئالدىدا ئولتۇرۇشنى، بالىلىرىمغا قىلىنغان خىيانەت دەپ قارايمەن. شۇڭا مۇشۇنداق ئاددى شەكىلىدە يوللاپ تۇراي
كومپىيوتىر ئىلىتىش تېخنىكام ناچار بولغاچقا، مەتبوئاتلاردا ئىشلىتىدىغان خەت شەكىلىنى قاچىلاماي ، نېمە بولسا شۇ بويىچە يازىۋەردىم. ئۇنىڭ ئۆستىگە چېكىت، پەشلىرىممۇ ئۆز ئورۇنىغا كەلمەي قالدى، خاتا يەرلىرىنى توغۇرلاپ ، پايدىللانغۇدەك يەرلىرى بولسا پايدىلنىپ قالساڭلار، بۇ مېنىڭ ئۇيغۇرۇم ئۈچۈن قىلغان ئازراق تۆھپەم بولۇپ قالغۇسى
<قوشاقلار<دىكى - دىكى توشقانلار>، <ئاداش - ئاداش بولايلى ۋە باشقاقوشۇمچە كىتابلاردىن ئېلىندى
بىرىنچى كۈنى
:لازىملىق ماتىرياللار تېزىملىكى
.يوملاق چاپلاق ياكى ئۇچى يوملاق بوياق قەلەم ، رەڭلىك قەغەز ، شىلىم، سۇ بوياق، قايچا
كىتاب تېزىملىكى
ماتىريال يېتەرلىك ئەمەس
دىراما ئويۇنى
مۇشۇنىڭدىكى «ئا» ھەرىپىنىڭ ۋىدئوسىنى كۆرۈپ، ئاتا بىلەن بالىنى دوراپ ئوينىساق بولىدۇ ياكى ھېكايە قىلىپ ئېيتىپ بەرسەكمۇ بولىدۇ.
ئۇششاق - چۈششەك يىمەكلىك ئۈچۈن:
ئالما، ئانار، ئالما قىقى، ئاناناس دىگەندەك «ئا» غا ئالاقىدار ھەر خىل يىمەكلىكلەرنى بەرسەك بولىدۇ
!قوشاق بىلەن مەشىقلەرنى تۆۋەندىكى ئولىنىشتىن چۈشۈرۈڭ
ئا قوشاقلىرىم ئا نى كېسىپ چاپلاش ئا نى تېپىش ئا نى ئىزلاپ يېزىش
ئا نى بوياش تاشئالما دەرىسخانىسىنىڭ ئا مەشىقلىرى
مىنىڭ نىشانىم قوشاقنى مەركەز قىلغان ھالدا ئويۇن ئويناش ئارقىلىق ھەرىپ ئۆگىتىش. بۇ جەرياندا بالا نۇرغۇن مەنپەتكە ئېرىشىدۇ. مەسىلەن، بالىنىڭ ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى يوقىرى كۆتۈرىلىدۇ، بەش ئەزاسىنىڭ كوردىناتسىيەسى ئاشىدۇ، ئۇششاق موسكوللىرى تەرەققى قىلىدۇ، بالا ئىرادىلىك، تەرتىپلىك چوڭ بولىدۇ
مەن مۇشۇ مەشىقلەرنى 3-4 كۈنگە بۆلۈپ ، ھەر خىل ئويۇنلارنى قوشۇپ ئۆگىتىمەن
ئاۋۋال ھېكايە، قوشاق ئوقۇپ بالىنىڭ موتۇرنى قوزغىتىشىمىز لازىم ، بۇنىڭغا خىلى ۋاقىت كېتىدۇ، لىكىن ھىچقىسى يوق، قوشاق ئوقۇش جەريانىدا ، كىتابنىڭ كەينىدىكى تۆت ھەرپتىن ئۆگىنىۋاتقان ھەرىپنى بالىغا تاپقۇزساقمۇ ھەرىپنى ئاسان ئەستە تۇتۇۋالىدۇ
ئويۇننى قوشاق يادلىغاچ ئوينايمىز
ئۈنۈمى كۈرنەرلىك ياخشى بولۋاتىدۇ. قالغان قوشۇمچە ئويۇنلارنى فىيسبوكتا يوللارمەن
![]() |
| قاتلانغان شەكىلى |
![]() |
| كۆتۈرۈپ يۈرۈپ ئوقۇشقا قولايلىق |
![]() |
| ئەسلى ھالىتى |
:بىرىنچى كۈنىدىكى ئويۇنلار
![]() |
| ئا نى كېسىپ چاپلاش |
![]() |
| لاي ئويۇنى |
| قوشاق ئورغاق ئايغا ئولتۇردۇم ئاي بولدى ،كىچىك كېمەم كۆردۈم سانسىز يۇلتۇزنى كۆك ئارا كېزىپ ھەردەم |
| قوشاق ئاپتاپ چۈشتى ئاق تامغا شولا چۈشتى كۆك تامغا ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئاۋۋال ئاتا - ئانامغا |





No comments:
Post a Comment