نىمە ئۈچۈن قاپىيەلىك قوشاقلارمۇھىم ؟
قاپىيە بالىلىق دەۋىرنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى . قاپىيە بالىلارغا تىلنىڭ قانداق ئىشلەيدىغانلىقىنى ئۆگىتىدۇ. يەنى بالىلار قاپىيە ئارقىلىق سۆزلەرنىڭ ئاھاڭىنى پەرىق ئېيتىشنى ئۆگىنىدۇ. شۇنىڭغا ئەگېشىپ بالىلارنىڭ تىل ئىقتىدارى يوقىرى كۆتۈرلىدۇ. مەسىلەن، يېڭىدىن تىلى چىقىۋاتقان بالىلىرىمىزغا ئەڭ ئاددى بولغان بىر بوغۇملۇق (ئات، ئەت، كەت دىگەندەك) سۆزلەرنى قايتا- قايتا دېگۈزىمىز، بۇنىڭدىن مەقسەت تىلىنى بالدۇر چېقىرىش
قاپىيەلىك قوشاقلارنى يادلىتىش ئارقىلىق بالىلارنىڭ ئەستە توتۇش ئىقتىدارىنى يوقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ، شۇنداقلا بالىلارنىڭ تىل قاپىيەلىكىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ .
بالىلار قاپىيەلىك قوشاقلارنى ئاڭلاش ۋە يادىلاش ئارقىلىق قاپىيەلىك سۆزلەرنى ياساش ئىقىتىدارىنى ھازىرلايدۇ، ئەڭ مۇھىمى كىتاب ئوقۇش ئىقتىدرىنى ھازىرلايدۇ
قاپىيەلىك شئىر ، قوشاقلارنى ئاڭلاپ چوڭ بولغان بالىلار مول تەسەۋۇر كۈچىگە ئىگە بولىدۇ. يەنى، ئۇلار قوشاق ئاڭلىغاندا شۇ قوشاقتىكى پۇرسۇناژلارنىڭ ئوبرازىنى مىڭىسىدە شەكىللەندۈرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ تەسەۋۇرى ئېشىپ بارىدۇ. مۇھىمى كەلگۈسىدىكى يېزىقچىلىق ئۈچۈن ئۆزىنى ھازىرلايدۇ. قاپىيەلىك قوشاقلار كىتاب ئوقۇشنى ئۆگىتىشتىن ئىبارەت بۇ مۈشكۈل ۋەزىپىگە ھوزۇر بېغىشلايدۇ

No comments:
Post a Comment