كۆڭۈللۈك يازلىق تەتىللىك لاگىر پائالىيىتى
مۇسۇلمان بالىلىرىنى ئاساس قىلغان بۇ لاگىر پائالىيىتىمىزنى باشلىغاننى بىلىمەن، ھەش-پەش دېگۈچە 4- ھەپتىمىزگە قەدەم قويۇپ بوپتىمىز.
مەن بالىلىرىم ۋە باشقىلارنىڭ بالىلىرى ئۈچۈن ناھايىتى كۆڭۈللۈك ھەم ئەھمىيەتلىك بىر پائالىيەت سورۇنى ھازىرلاپ بېرەلىگىنىمدىن ناھايىتى خوشالمەن ۋە ھاياجانلىق ئىلىكىدىمەن .
ھەر ھەپتىدىكى ھەر خىل پائالىيەتلەر مەسىلەن، ھەپتىدە بىر قېتىم دالا سەيلىسى( يەنى، مېۋىلىك باغقا بېرىش، ھايۋانات باغچىسىغا بېرىش، دالا تامىقى پائالىيىتى، پويىزغا ئولتۇرۇپ دالا تامىقى پائالىيتىگە بېرىش، تىركتۇرغا ئولتۇرۇپ مېۋىلىك باغقا بېرىش)، ھەر خىل شەكىلدىكى سۇ ئويناش پائالىيىتى( يەنى، شارغا سۇ تولدۇرۇپ بىر-بىرىگە ئېتىش، سۇ تۇشقۇزۇلغان شارنى ۋالىبۇل ئورۇنىدا ئېتىلىپ كەتكۈچە ئويناش، سۇ تاپانچىسى، بوتۇلكا، چېلەك ۋە باشقا نەسىلەر بىلەن سۇ چېچىشىپ ئويناش، سۇلۇق سىيرىلغۇچ قاتارلىقلار) ، ئىككى قېتىملىق گۈزەل سەنئەت( ئىككىنچى قىزىم خىلى جەلىپ قىلارلىق ئۆتۈۋاتىدۇ) دەرىسى، ھەر خىلى تەنتەربىيە (پۇتبول، ۋالىبۇل، ۋاسكىبول ئويناش، ئاتلانچۇق ئويناش، ئارغامچا تارتىش، پۇتنى باغلاپ ئۈچ پۇتلۇق، تۆت پۇتلۇق بولۇپ مېڭىش، مۆكۈ-مۈكۈلەڭ ئويناش....) پائالىيەتلىرى، ھەر كۈنى يېرىم سائەت قۇرئان ئۆگىنىش، يېرىم سائەت پەيغەمبەرلەر توغىرسىدا ھېكايە ئاڭلاش (چوڭ قىزىم ھېكاينى ناھايتى جەلىپ قىلالىق قىلىپ ئېيتىدۇ) ، ھەر جۈمە كۈنى پىزا ، مارۇژنا، كىنو كۈرۈش پائالىيتى ۋە جۈمە نامزىغا كوللىكىتىپ بېرىش ، ئۇنىڭدىن باشقا ھەرخىل ئۇسۇلدا ئۆزنىڭ مارۇژنىسىنى ، پىساسىنى ۋە ئېچىملىكىنى ئۆزى ياساش، ھەر خىل قول ھۆنەرۋەنچىلىك پائالىيەتلىرى، بالىلارنىڭ يېشىغا ماس كېلىدىغان ۋەلىسپىت ، ماشىنا قاتارلىقلار بالىلار ۋە ئاتا ئانىلارنىڭ قىزغىن ئالقىشى ۋە ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشمەكتە. بىر قېتىم قاتناشقان بالىلار ۋاقىت شارئىتى يار بەرسىلا ئىزچىل قاتنىشىپ كېلۋاتىدۇ ھە داۋاملىق يېڭى بالىلار قوشۇلماقتا. ھەپتىدە كېلىدىغان بالىلارنىڭ سانىنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئېشىشپ مېڭىشى بىر تەرەپتىن مېنى خوش قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن "-ھە مەن كەلگۈسىدە مۇسۇلمان بالىلىرىنى ئاساس قىلغان مەكتەپ قۇرسام، بۇلار رازى بولغىدەك مۇلازىمەت قىلالىغۇدەكمەن" دېگەن ئىشەنچنى بېغىشلىماقتا.
مۇشۇ يەردە تۇنجى ھەپتىسىدىن باشلاپ كېلۋاتقان 6 ياشلىق ئوقۇغۇچىم( ھايان) نىڭ گىپىنى ئازراق قىلغۇم كەلدى.
ھايان بىرىنچى ھەپتىسىنىڭ بىرىنچى كۈنى كەلگەندە يىغلاپ خىلى ئۇزۇنغىچە ماشىنىدىن چۈشكىلى ئۇنىمىدى.
ئۇنىڭغىچە ماشىنىنىڭ يېنىغا ئۈزۈم بېرىپ دادىسىدىن -نېمىشقا يېغلايدۇ؟ دەپ سورىدىم . -ئاپىسىدىن ئايرىلغۇسى يوق ، كۆپ ئادەم بولسا قورقىدۇ-دەپ جاۋاپ بەردى دادىسى.
-بالىنى ماڭا بېرىڭ، مەن گەپ قىلاي-دەپ بالىنى قولىدىن ئالدىم-دە دادىسىغا ماڭىۋىرىڭ،-دەپ ئىشارەت قىلدىم. دادىسى كۆزى ئارقىسدا كېتىپ قالدى.
ئۇنىڭغىچە ھايان راسا يېغلاشقا باشلىدى. شۇ چاغدا ھاياننىڭ ھاجىرا ئىسىملىك بىر دوستىمۇ بىزنىڭ لاگىر پائالىيىتىمىزدە بار ئىدى.
ئۇ قىزچاق يۈگۈرۈپ كېلىپ ،- ھايان كىرئالغۇغا بەك ئامراق، كىرئالغۇنى كۆرسە يېغلىمايدۇ،-دىدى.
ھايان! -مەن ساڭا بىزنىڭ كىرئالغۇنى كۆرسىتىمەن، يىغلىما،-دىسەممۇ ئاپامنى سېغىنىپ كەتتىم، ئاپام مېنى ئالغىلى كەلمىسە قانداق قىلىمەن؟ -دەپ يىغلاۋەردى.
ھايان، ماڭا قارا! -مەن ساڭا مېنىڭ ھېكايەمنى دەپ بېرەي،- دەپ ھېكايەمنى باشلىدىم. ئۇ كۆزلىرىدىن ياشلىرىنى تاراملاتقىنچە، تېڭشىغان-تېڭشىمىغان قىياپەتتە تۇردى.
-مېنىڭ ئاپام بەك ، بەك يېراق يەردە تۇرىدۇ. مەن ئۇلارنى كۆرەلمەيمەن، ئۇلارنىڭ ئاۋازىنمۇ ئاڭلىيالمايمەن. ئۇلار مېنىڭ يېنىمغا كېلەلمەيدۇ، مەنمۇ بارالمايمەن، ھەتتا تېلفۇنمۇ قىلالمايمەن، ئۇلارنى بەك ، بەك سېغىندىم، ئەمما يېغلىمايمەن.
-قارا، سېنىڭ ئاپاڭ ھەر ۋاقىت يېنىڭدا، نەچچە سائەتتىن كېيىن پائالىيىتىمىز تۈگسە سېنى ئېلىپ كېتىدۇ، سېنى ھەرگىز تاشلاپ قويمايدۇ، تېخى تېلفۇن قىلساڭ پاراڭلىشالايسەن ، سەن نېمىدىگەن بەخىتلىك!
قارا! مايكاڭ بەك چىرايلىقكەن، بۇ رەسىمدىكى كىم؟ -دەپ سورىدىم.
-بۇ ئادەتتىن تاشقىرى پالۋان -دەپ جاۋاب بەردى.
-ھەئە ، سېنىڭمۇ مۇشۇنىڭدەك پالۋان بولغىڭ بارمۇ؟-دەپ سورىدىم .
-دەرھاللا ھەئە ، دەپ جاۋاب بەردى.
-ئەمسە يېغلىما، پالۋانلار كۆزىدىن ياش چىقارمايدۇ-دەپ يەر ئاستىغا ئېلىپ چۈشۈپ كىرئالغۇلارنى كۆرسەتكەن بولدۇم. بىردەمدىن كېيىن سەل ئېچىلغاندەك بولۇپ كەيپىياتى ئازراق ئوڭشالدى.
-كۈلگنىگە، ئاپاڭ سېنىڭ كۆلگىنىڭنى كۆرسە خاتىرجەم بولىدۇ، ئاپاڭمۇ سېنى بەك سېغىندى،- دەپ كۆلۈپ تۇرغان رەسىمىدىن بىرنى تارتىم.
كۆلۈپ تۇرۇپ، -ئاپا، سېنى ياخشى كۆرىمەن، دېگىنە، سېنى ۋىدىيوغا تارتىپ ئاپاڭغا يوللاپ بېرەي، دەپ ۋىدىيوغا تارتىپ ئاپىسىغا يوللاپ قويدۇم. ئەتىسى سەل ئىككىلنىپ ماشىنىدىن چۈشتى. ئۇنىڭ ئەتىسىدىن تارتىپ ماشىنىدىن ئۇچقاندەك يۈگۈرۈپ چۈشۈدىغان بولدى.
تېخى پات- پاتلا، -ئائىشە خانىم! -مەن سىزنى بەك ياخشى كۆرىمەن، سىزىنىڭ يېنىڭىزدا تۇراي، سىز قاراپ تۇرۇڭە، مەن گۇمپامنى كۆرسۈتۈپ قوياي ' دەپ ئۆزىنىڭ كۆڭلىنى ئىپادىلەشلىرى ئادەمنى سۆيۈندۈرىدۇ.
ئاپىسىنىڭ خوشاللىقىچۇ،تېخى. بالام يات ئادەملەر بىلەن ئۇچىرشىشتىن قورقاتتى، ئاسانلىقىچە ئۆزىنى ئازادە ھېس قىلالمايىتى، ئەمما سىزنىڭ تەتىللىك پائالىيىتىڭىزگە بارغاندىن تارتىپ كەيپىياتلىرى ئالاھىدە ياخشى، شەنبە - يەكشەنبە ئۆتۈپ بولغىچە ئائىشە مۇئەللىمنىڭ مەكتىپىگە قاچان بارىمەن، دەپ نەچچە قېتىملاپ سوراپ بولىدۇ. سىزگە كۆپ رەھمەت، بالام لاگىر پائالىيىتىڭلارنى بەك ياخشى كۆردى- دەپ ئۆزىنىڭ مېننەتدارلىقىنى ئىپادىلىگەندە، ئۈزۈممۇ خوش بولدۇم، بالىلارغا مۇشۇنچىلىك سۆيگۈ ۋە خوشاللىق بېغىشلىيالىغىنىمدىن ئاللاھقا شۈكۈر ئېيتىم. ھايان بىرىنچى ھەپتىمىزدىن تارتىپ ھازىرغىچە ئىزچىل ئەزايىمىز بولۇپ كېلۋاتىدۇ. ئۆزى كىچىك ئەمما تاتلىق،ھەم قىزقارلىق گەپلىرى بىلەن ئادەمنى تىلىقتۇرۇپ قويىدۇ. كۈپچىلىك ئولاش- چولاش ئولتۇرۇپ پاراڭلاشقاندا، تېمىمىزنى كۆپۈنچە ھايانغا قارتىمىز. بىر گەپكە سېلىپ قويساق توختىماي تاغدىن- باغدىن گەپ قىلىپ بىزنى كۆلدۈرىدۇ. بىر كۈنى ئەتگەندە ھەممە بالىلار كېلىپ بولدى، ئەمما مېنىڭ 3-قىزىم بەك ھېرىپ كەتكەچە ئويقۇسىنى ئاچالماي شۇ كۈندىكى دىننى پائالىيەتكە قاتنىشالمىدى.
-ھاسىبە قېنى؟-دەپ سورىدى ھايان.
-ئوخلاۋاتىدۇ،-دەپ جاۋاب بەردىم مەن.
-ئەمسە ئەتە ئەتىگەن ئويغىنامدۇ؟- دەپ سورىدى ھايان.
ھەمىمىز پارەققىدە كۆلۈپ كەتتۇق.
-ياق، سەل تۇرۇپ قوپىدۇ، دەپ جاۋاب بەردىم.
-ئائىشە خانىم، مەن سىزنى بەك ياخشى كۆرىمەن، دىدى ھايان.
- رەھمەت ساڭا، مەنمۇ سىلەرنى ياخشى كۆرىمەن، دەپ جاۋاب بەردىم. بىزنىڭ تەتىللىك پائالىيىتىمىزنى ياخشى كۆردۈڭمۇ؟- دەپ سورسام: "-ھەئە" دەپ جاۋاب بەردى.
-ئەمسە ھەر ھەپتىسى كەلسەڭ ، سېنى قارىشى ئالىمىز، دىدىم.
-ياق مەن 5 كۈنلا كېلىمەن، دەپ جاۋاپ بەردى ھايان.
ئاندىن نەگە بارىسەن؟-دەپ سوردىم.
-ئوكدەيىل( مەكتەپنىڭ ئىسمى) گە بارىمەن، دىدى ھايان.
-ھەئە سىلەر نىيو ماركىتتا( بىزگە بەك يېقىن شەھەرنىڭ ئىسمى) تۇردىكەنسىلەردە؟-دەپ سورىسام، -ياق بىز پاكىستاندا تۇرىمىز- دەپ جاۋاپ بەردى. قىزىم قوپوپ -سىلەر پاكىستاندا تۇرامسىلەر؟ - دەپ سورسا،- ياق ، مەن تەنىسى ( باشقا بىر يېراق شىتاتنىڭ ئىسمى) دىن كېلىمەن، ھەر كۈنى شۇ يەردىن كېلىمەن، دەپ جاۋاب بەردى. بۇنى ئاڭلاپ كۈپچلىك پارەققىدە كۈلىشىپ كەتتى. بالىلار ئۆزىنىڭ تاتلىق گەپلىرى ۋە ئۇماق ئىش ھەرىكەتلىرى بىلەن بىزگە خوشاللىق ۋە ئۈمۈت بېغىشلايدۇ. مەن بالىلىقنىڭ ، ئانىلىقنىڭ ھۇزۇرىنى سۈرمەكتىمەن.