Saturday, January 5, 2019

بىز ھەرىپلەرنى قانداق ئۆگىنىمىز!

 ، ئەسسالام ئەلەيكۇم قەدىرىلىك ئاتا - ئانىلار

 ھەممىڭلارنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشى بىلەن ھازىرغىچە ئالتە ھەرىپ (ئا ، ئە ، ن ، ت ، س، ش ) ئۆگىنىپ بوپتىمىز . بەزى ئانىلارنىڭ ئېيتىشىچە ، بالىلار ھەرىپلەرنى تازا ئەستە ساقلىيالمايۋېتىپتۇ. .باشقا ئاتا - ئانىلار باللىلىرىغا قايىسى خىل  ئۇسۇلدا ئۆگىتىدۇ ، بۇنىسى ماڭا نامەلەم . 

مەن ئادەتتە  بىر ھەرىپنى 4-5 كۈن ئۆگىتىمەن. كۆپىرەك ئوينىشىپ بېرىمەن. ئويناپ بالىنىڭ كەيپىياتى يوقىرى باسقۇچقا چىققاندا پۇرسەت تېىپىپ شۇ ھەرىپنىڭ بىرەر نەرسىگە ئوخشىشىنى كۆرسىتىپ ئۆگىتىمەن
 يېڭى بىر ھەرىپنى ئۆگىتىشتىن ئاۋۋال ، شۇ ھەرىپنىڭ قوشاقلىرىنى قايتا - قايتا ئوقۇپ بېرىمەن، قوشاققا
 ئۆزەممۇ پىششىق بولمىسام بىر- ئىككى كۈن توڭلاتقۇ ياكى دائىم كۆزگە كۆرىنىپ تۇرىدىغان يەرگە چاپلاپ قويۇپ، ئۇياق -بۇياققا ئۆتكەچ خالىغان ئاھاڭغا سېلىپ  ئېيتىپ بېرىمەن. ئاندىن كىچىك كىتاب شەكىلىدە قاتلاپ مىخلاپ ئىشىلتىمىز. قوشاقنىڭ  كەينىدىكى ھەرىپلەرگە پىششىق بولىشى ئۈچۈن ،كۆپىنچە قىزىمنى ئوقۇغىلى ياكى مەن ئوقۇپ بېرىپ ھەرىپلەرنى تاپقىلى قويىمەن، بۇ جەرياندا ئۆگەنمەكچى بولغان ھەرىپنى خىلى تونۇپ قالىدۇ

:قوشاق يادىلايدىغان ئەڭ ياخىشى ۋاقىتىمىز
ماشىنىغا ئولتۇرۇپ سېرىتقا ئىش بېجىرىگىلى چىققاندا، يول بويى قوشاق ئوقۇپ ماڭىمىز، بۇ ۋاقىتتا قىزىمنىڭ پۈتۈن 
.دىققىتى قوشاق ئوقۇشقا مەركەزلىشىدۇ، شۇڭا بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتىمەن
مەھەلىمىزدىكى كۆلنىڭ بويىغا بېرىپ ئۆردەكلەرنى تاماشا قىلغاچ يادىلايمىز. ھەر قېتىم كۆلنىڭ يېنىغا بارغاندا < سۇ
.ئۆردەك، بىلىق > لارنىڭ قوشاقلىرنىمۇ يېڭى قوشاقلارغا قوشۇپ بىللە ئوقۇيمىز

:س قوشاقلىرىم بىلەن مەشىقلىرىمنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن چۈشۈرۈڭ  
.بەزى خاتالىقلارنى توغرلاپ قويدۇم  

چاپلاق چاپلاش قىزلىرىم ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان بەت ، شۇڭا بىر نەچچىنى ئارتۇق چىقىرىمەن. بۇ بەتنى بىرىنچى كۈنى ئىشلەيمىز. بىر ياشلىق قىزىمنىمۇ 
.بۇنىڭغا قوشۇۋالىمىز، گەرچە بەك سويالمىسىمۇ ، لىكىن بۇنىڭدىن ھۇزىرلىنىدۇ
.بۇ بەتنى بالىلىرىمىز خالىغان شەكىلىدە بوياپ چىقسىمۇ بولىدۇ

بۇ بەت قىزىلىرىم ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان بەت 

ت كىتابىم بېتىنى كىچىك كىتاب شەكىلىدە قاتلاپ ئىشلەتسەكمۇ  ياكى ئۆزپىتى ئىشلەتسەكمۇ بولىدۇ، مەن بۇ بەتنىمۇ بىر  يۈرۈش ئارتۇق چىقىرىمەن، ئاندىن ئۆزىمىز خالىغان رەڭنى تاللاپ بويايمىز. بەزىدە نەرسىلەرنىڭ رەڭگىنىڭ قانداق بولدىغىنىنى دەپ بېرىمەن، ياكى ئۈلگە قىلىپ بوياپ كۆرسۈتۈپ قويىمەن



سۇ بوتۇلكىسىنىڭ ئېغىزىدا (يېپىقلىق ھالەتتە ) بېسىلغان گىلاس  ·
ياندىكىسى قېرىنداشىنىڭ بېشىدا بېسىلغان گىلاس چىچىكى.



كاۋاك ھەرىپلەرنى ھەر خىل شەكىلىدە تۇلدۇرسا بولىدۇ
قېرىنداشتا بېسىلغان گىلاس

پىلاستىكتىن ئۆتكۈزۈلگەن سان قوراقلىرى
 

ئۈچۈرگىلى بولىدىغان قەلەمدە سىزىپ كۆرسەتسىمۇ ، چاپلاق چاپلىسىمۇ بولىدۇ
.بىز كېيم قىسقۇچتا قېسىپ كۆرسەتتۇق
سان قوراقلىرىدىكى رەسىملەرنىڭ ھەممىسىنىڭ دىگۈدەك قوشاقلىرىنى ئىلگىرى ئۆگىنىپ بولغان ، شۇڭا سان ئۆگىنىش جەريانىدا رەسمىگە ماس كىلىدىغان قوشاقنى ئوقۇپ بەرسەك بىر تەكرارلاش بولىدۇ
ئادەتتە،  مەشىقلەرنى ئۆزىمىزنىڭ ۋاقىت ، شارائىتىغا ئاساسەن نەچچە كۈنگە بۈلۈپ، ئويۇنغا ئارلاشتۇرۇپ ئىشلىگۈزسسەك بولىدۇ. بۇنىڭدا ئانىلار بەكرەرك تەشاببۇسكار ھالەتتە بولىشىمىز لازىم
ھەر كۈنى 10 - 20 مېنۇتقىچە ۋاقىت ئاجىراتساقلا بولىدۇ. ئۆگىتىشتىن ئاۋۋال بالىنىڭ دونياسىغا چۈكۈپ بىللە ئوينىشىپ بېرىپ ، شۇ ئارلىقتىكى پۇرسەتلەردىن پايدىللانساق بولىدۇ

Wednesday, December 26, 2018

ئۈچ خىل تىلدا ئوينالغان ئويۇن


!ش قوشاقلىرىم ۋە ئۇنىڭ مەشىقلىرىنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن چۈشۈرۈڭ


    ئاخىرىقى بەتتىكى شىشخال تاشلاپ ھەرىپ تېپىش ئويۇنى بەك قېززىپ كەتتى . ئاۋۋال مەرۋە(11 ياش ، ئۇيغۇر تىلىدا ئىككى يىل ئوقۇغان.)  بىلەن  ھاسىبە (3 ياش 3 ئايلىق) ئىككىسى مەيدانغا چۈشتى. يېڭىۋالغان ئادەمنى مۇكاپاتلاش   . ئۈچۈن  بىر تال كەمپۈت بىلەن ئىككى تال سېغىز تەييارلىدىم. ھاسىبە ئۈچۈن ئۆگەنگەن ھەرىپلەرنى ئايرىم قويىۋالدىم
مەرۋە ھەممىنى بىلىدۇ - دەپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەممە ھەرىپنى ئايرىم قويىۋالدىم 
چەك تاشلاپ كىمنىڭ ئاۋۋال مېڭىشىنى بەلگىلىۋالدۇق. چەك ھاسىبەگە چىقتى . مەرۋە قانداقلا بولمىسۇن مەن يېڭىمەن دىگەن نېيەتتە، دەسلەپكى بىر مەيدان ئويۇن ئاخىرلاشقۇچە سەل يول قويۇپ ئوينىدى. بىرىنچى مەيداندا ھاسىبە ئۇتۇپ بىر تال كەپمۈتكە ئېرىشتى. بۇ بىر مەيدان جەريانىدا ھاسىبەنىڭ « ئا » بىلەن « ئە » نى ، مەرۋەنىڭ تۆت سوزۇق تاۋۇش « ئو ئۇ، ئۆ، ئۈ » نى سەل ئالماشتۇرۇپ ئوقۇيدىغىنىنى بايقىدىم

   ئىككىنچى مەيداندا ئىككىسى ئالماشتۇرۇپ قويىدىغان ھەرىپلەرنى قايتا - قايتا ئوتتۇرغا قويۇپ  (  ھەرىپنى ئوقىيالىسا   شىشخال كۆرسەتكەن  سان بويىچە ئالدىغا ماڭىدۇ ، بولمىسا ئورۇنىدا تۇرىۋىرىدۇ) ئىككىسىنى راسا قايمۇقتۇرۇپ  سۇراپتىمەن. بۇ مەيداندىمۇ ھاسىبە يېڭىپ بىر سېغىزغا ئېرىشتى 

ئۈچىنچى مەيداننىڭ ئاخىرقى باسقۇچىدا مەرۋە سەل چىدىماسلىق قىلىپ تۇرۇۋالدى ، شۇنىڭ بىلەن ئاخىرقى بىر تال سېغىز مەرۋەنىڭ بولدى

.ئويۇن قېززىپ كەتكىنىنى كۆرگەن چوڭ قىزىم (13 ياش) ، مەنمۇ ئوينايمەن دەپ كەلدى
!سىزدىن نېمە سۇرايمەن؟ ئۇيغۇرچىنى پېششىق بېلىدىغان تۇرسىڭىز -
 .ھە ، سىزدىن ئىسپانچە جۈمىلىلەرنى سۇراي » دىدىم » . قىزىم بۇنىڭغا قوشۇلدى -
مەرۋە ئېنگىلىزچە جۈمىلىلەرنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىدىغان ، خەدىچە ئېنگىلىزچە جۈمىلىلەرنى ئىسپانچىگە تەرجىمە قىلىدىغان بولۇپ ، چەك تاشلاپ ئويۇنىمىزنى باشلىدۇق . ئويۇن تەرتىپى يەنىلا ھەرىپلەرنى تونۇش ئويۇنى بىلەن ئوخشاش بولدى
ئاۋۋال ھەر ئىككىلىسىگە  ئاسان جۈمىلىلەرنى تەرجىمە قىلغۇزدۇم ، ئىسپانچە بىلمىگەنلىكىم ئۈچۈن ئوقۇلىشى بار بىر بەتلىك ئاددى دىئالوگنى تېپىپ ، شۇنىڭدىن سۇرىدىم .
.جەمىئى ئىككى مەيدان ئويناپتىمىز. ئىككى تەرەپ 1:1 بولۇپ ئويۇنىمىز ئاخىرلاشتى 

بۇ ئويۇن جەريانىدا مەرۋەنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى ئونتۇشقا باشلىغانلىقىنى ھېس قىلدىم . ھەرىپلەرنى ئۆگىنىپ بولۇپ ، جۈمىلىلەرنى ئوقۇشقا باشلىغاندا ، ئۇنى سېپىمىزگە قوشۇپ تەكرار قىلدۇرىشنى ئويلاشتىم. 














Sunday, December 16, 2018

بىللە ئۆگىنەيلى!

قىزىم بىلەن ئېلپىبە كىتابىنى ۋاراقلاپ ئۆزىمىز ئۆگىنىپ بولغان ھەرىپلەرگە كەلگەندە، <تېيىن> نى كۆرۈپ تېيىننىڭ قوشىقى، <ئاي> نى كۆرۈپ
ئاينىڭ قوشىقى، <مەشئەل> نى كۆرۈپ مەشئەلنىڭ قوشىقىنى دىگەندەك ھەر بىر ھەرىپكە ماس كىلىدىغان رەسىملەرنىڭ قوشاقلىرىنى يادىلاپ بېرەلىگىنىمىزدىن تۇلىمۇ خورسەن بولدۇم، ھەم تىل ئۆگىنىشتىكى بۇ قەدىمىمىزنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك بولۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم. ئويلاپ باقسام تۇنجى قىزىم (13 ياش) بىلەنمۇ ئەينى ۋاقىتتا 2 ياش مەزگىلىدە قوشاق يادلىغان، لىكىن ھازىرقىدەك سىستىمىلىق ئەمەس. شۇنداق بولسىمۇ ساۋادى 4 يىرىم ياشتا پۈتۈنلەي چىقىپ بولغان(ئاساسلىق تىلى بۇرۇن چىققان). بۇنداق بالىلارنىڭ تىل ئۆگىنىش ئىقتىدارى ئالاھىدە يوقىرى بولىدىكەن. ھازىر 4 - تىلى ئىسپانچىنى ئۆگىنۋاتىدۇ(ئەرەبچىنى ھىسابقا ئالمىغاندا).
ھازىرقى قىزىمنىڭ تىلى كىچىكىپ چىققان، لىكىن مۇشۇ تىل ئۆگىنىشىنى قوشاقلارنى يادىلاشتىن باشلىغاندىن تارتىپ، تىلى پارتىلاپ چىقىشقا بالىدى. بۇ قوشاقلارنىڭ سىڭلىسى ( 1 ياش) غىمۇ بەك پايدىسى بولۋاتامدىكىن ، تىلى تىز چىقىشقا باشلىدى. بۇنى ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە نىئمىتى دەپ بىلىمەن. شۇڭا بۇ قوشاقلارنى بالىلىرىڭلار بىرگە ئوقۇشنى تەۋىسيە قىلىمەن.

!ھەرىپ ئۆگىتىش ئۈچۈن ئىلھام ۋە ئۆرنەك ئالماقچى بولسىڭىز فىيىسبوك ئادرىسىمىز مەرھەمەت قىلىڭ

https://www.instagram.com/momz_and_kidz/ ئىنستىگىرام ئادېرىس





Wednesday, December 12, 2018

ئە قوشاقلىرىم ۋە مەشىقلەر


،ئەسسالام ئەلەيكۇم

.مۇشۇ كۈنلەردە تور بېتىم بىلەن بلاگىمنى يېڭىلايدىغان ئادەم يوق بوينىنى قىسىپلا  قالدى، دىسە
.قوشاقلارنى يادىلاپ بولۇپ ئاندىن يوللىدىم ، ئەمدى يادىلاش سىلەردىن

قوشاقلارنى ئوقىغاندا ھەرىكەتلەرنى قوشۇپ جانلىق ، قىزىقارلىق قىلىپ ئوقۇپ بېرىڭ ، ئەگەر قىزىقسا قايتا - قايتا بىر نەچچە قېتىم ئوقۇپ بەرسەك بولىدۇ

!تەپسىلى چۈشەندۈرلىشىنى پۈتكەندە يوللاي
  
قوشاقنى مۇشۇنداق كىچىك كىتاپ شەكىلىدە قاتلاپ مىخلاپ ئىشلەتسەك بولىدۇ


ھەر خىل شەكلىدىكى چاپلاق چاپلىسا ياكى بويسا بولىدۇ

                                                                           
                                  ئىزلاپ يېزىش                                                                                                  
                       
                                  ھەر خىل رەڭدە خالىغانچە بوياپ چىقسا بولىدۇ
                               


فوم بىلەن ئاليومىن قەغەزدىن ياسالغان ئەينەك




                                        
يوملاق پاختا، مونۇپۇللىغۇچ، تۈگىمە ، چاپلاق دىگندەك 
نەرسىلەرنى ئىشلىتىپ تۇلدۇرسا بولىدۇ       


Friday, November 16, 2018

نىمە ئۈچۈن قاپىيەلىك قوشاقلارمۇھىم ؟




  نىمە ئۈچۈن قاپىيەلىك قوشاقلارمۇھىم ؟

قاپىيە بالىلىق  دەۋىرنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى . قاپىيە بالىلارغا تىلنىڭ قانداق ئىشلەيدىغانلىقىنى ئۆگىتىدۇ. يەنى بالىلار قاپىيە ئارقىلىق سۆزلەرنىڭ  ئاھاڭىنى  پەرىق ئېيتىشنى ئۆگىنىدۇ. شۇنىڭغا ئەگېشىپ بالىلارنىڭ  تىل ئىقتىدارى   يوقىرى كۆتۈرلىدۇ. مەسىلەن، يېڭىدىن تىلى چىقىۋاتقان بالىلىرىمىزغا ئەڭ ئاددى بولغان بىر بوغۇملۇق (ئات، ئەت،  كەت دىگەندەك) سۆزلەرنى قايتا- قايتا دېگۈزىمىز، بۇنىڭدىن مەقسەت تىلىنى بالدۇر چېقىرىش

 قاپىيەلىك قوشاقلارنى يادلىتىش ئارقىلىق  بالىلارنىڭ ئەستە توتۇش ئىقتىدارىنى يوقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ، شۇنداقلا بالىلارنىڭ تىل قاپىيەلىكىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ .
 بالىلار  قاپىيەلىك قوشاقلارنى ئاڭلاش ۋە  يادىلاش  ئارقىلىق قاپىيەلىك سۆزلەرنى ياساش ئىقىتىدارىنى ھازىرلايدۇ،  ئەڭ مۇھىمى كىتاب ئوقۇش ئىقتىدرىنى ھازىرلايدۇ

  قاپىيەلىك شئىر ، قوشاقلارنى ئاڭلاپ چوڭ بولغان بالىلار مول تەسەۋۇر كۈچىگە ئىگە بولىدۇ. يەنى، ئۇلار قوشاق ئاڭلىغاندا  شۇ قوشاقتىكى پۇرسۇناژلارنىڭ ئوبرازىنى مىڭىسىدە شەكىللەندۈرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ تەسەۋۇرى ئېشىپ  بارىدۇ. مۇھىمى كەلگۈسىدىكى يېزىقچىلىق ئۈچۈن ئۆزىنى ھازىرلايدۇ. قاپىيەلىك قوشاقلار كىتاب ئوقۇشنى ئۆگىتىشتىن ئىبارەت بۇ مۈشكۈل ۋەزىپىگە ھوزۇر بېغىشلايدۇ



:قوشاق كىتابلار


Thursday, November 15, 2018

ئا قوشاقلىرىم


 ،ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم 


ئەسلىدە ھەرىپلەرنى ئويۇن شەكىلىدە ئۆگىتىش(يەنى، ئەمەليەتتىن ئۆتكۈزگەن) جەريانىنى  ناھايىتى تەپسىلى قىلىپ تۈزۈپ چىقىش پىلانىم بار ئىدى. لىكىن  4 بالىدىن ۋاقىت ئاجىرتىپ قىلماق تەسكە توختايدىكەن. مەن بالىلىرىمنى قارتىپ قويۇپ ياكى ئۇلارغىمۇ ئىكران ئىچىپ بېرىپ،  ئىكران ئالدىدا  ئولتۇرۇشنى، بالىلىرىمغا قىلىنغان خىيانەت دەپ  قارايمەن. شۇڭا مۇشۇنداق ئاددى شەكىلىدە يوللاپ تۇراي

كومپىيوتىر ئىلىتىش تېخنىكام ناچار بولغاچقا، مەتبوئاتلاردا ئىشلىتىدىغان خەت شەكىلىنى قاچىلاماي ، نېمە بولسا شۇ بويىچە يازىۋەردىم. ئۇنىڭ ئۆستىگە چېكىت، پەشلىرىممۇ ئۆز ئورۇنىغا كەلمەي قالدى، خاتا يەرلىرىنى توغۇرلاپ ، پايدىللانغۇدەك  يەرلىرى بولسا پايدىلنىپ قالساڭلار، بۇ مېنىڭ ئۇيغۇرۇم ئۈچۈن قىلغان ئازراق تۆھپەم بولۇپ قالغۇسى

  <قوشاقلار<دىكى - دىكى توشقانلار>، <ئاداش - ئاداش بولايلى  ۋە باشقاقوشۇمچە كىتابلاردىن ئېلىندى

بىرىنچى كۈنى

:لازىملىق ماتىرياللار تېزىملىكى

.يوملاق چاپلاق ياكى  ئۇچى يوملاق بوياق قەلەم ، رەڭلىك قەغەز ، شىلىم، سۇ بوياق، قايچا

كىتاب تېزىملىكى
 
ماتىريال يېتەرلىك ئەمەس

دىراما ئويۇنى


 مۇشۇنىڭدىكى «ئا» ھەرىپىنىڭ ۋىدئوسىنى  كۆرۈپ، ئاتا بىلەن بالىنى دوراپ ئوينىساق بولىدۇ ياكى ھېكايە قىلىپ ئېيتىپ بەرسەكمۇ بولىدۇ.

ئۇششاق - چۈششەك يىمەكلىك ئۈچۈن:

ئالما، ئانار، ئالما قىقى، ئاناناس دىگەندەك «ئا» غا ئالاقىدار ھەر خىل يىمەكلىكلەرنى بەرسەك بولىدۇ

!قوشاق بىلەن مەشىقلەرنى تۆۋەندىكى ئولىنىشتىن چۈشۈرۈڭ


    ئا قوشاقلىرىم        ئا نى كېسىپ چاپلاش    ئا نى تېپىش    ئا نى ئىزلاپ يېزىش  

 ئا نى بوياش      تاشئالما دەرىسخانىسىنىڭ  ئا مەشىقلىرى 

 مىنىڭ نىشانىم قوشاقنى مەركەز قىلغان ھالدا ئويۇن ئويناش ئارقىلىق ھەرىپ ئۆگىتىش. بۇ جەرياندا بالا نۇرغۇن مەنپەتكە ئېرىشىدۇ. مەسىلەن، بالىنىڭ ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى يوقىرى كۆتۈرىلىدۇ، بەش ئەزاسىنىڭ كوردىناتسىيەسى ئاشىدۇ، ئۇششاق موسكوللىرى تەرەققى قىلىدۇ، بالا ئىرادىلىك،  تەرتىپلىك چوڭ بولىدۇ 

مەن مۇشۇ مەشىقلەرنى 3-4 كۈنگە بۆلۈپ ، ھەر خىل ئويۇنلارنى قوشۇپ ئۆگىتىمەن
 ئاۋۋال ھېكايە، قوشاق ئوقۇپ بالىنىڭ موتۇرنى قوزغىتىشىمىز لازىم ، بۇنىڭغا خىلى ۋاقىت كېتىدۇ، لىكىن ھىچقىسى يوق، قوشاق ئوقۇش جەريانىدا ، كىتابنىڭ كەينىدىكى تۆت ھەرپتىن ئۆگىنىۋاتقان ھەرىپنى بالىغا تاپقۇزساقمۇ ھەرىپنى ئاسان ئەستە تۇتۇۋالىدۇ
 ئويۇننى قوشاق يادلىغاچ ئوينايمىز
 ئۈنۈمى كۈرنەرلىك ياخشى بولۋاتىدۇ. قالغان قوشۇمچە ئويۇنلارنى فىيسبوكتا يوللارمەن 
قاتلانغان شەكىلى
كۆتۈرۈپ يۈرۈپ ئوقۇشقا قولايلىق


ئەسلى ھالىتى
:بىرىنچى كۈنىدىكى ئويۇنلار

ئا نى كېسىپ چاپلاش


لاي ئويۇنى





قوشاق

ئورغاق ئايغا ئولتۇردۇم
ئاي بولدى ،كىچىك كېمەم
كۆردۈم سانسىز يۇلتۇزنى
كۆك ئارا كېزىپ ھەردەم
قوشاق

ئاپتاپ چۈشتى ئاق تامغا
شولا چۈشتى كۆك تامغا
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
ئاۋۋال ئاتا - ئانامغا

يازمىلار

س قوشاقلىرىم ۋە مەشىقلىرىم

!قوشاق بىلەن مەشىقنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن چۈشۈرۈڭ  س قوشاقلىرىم ۋە مەشىقلىرىم