Saturday, January 5, 2019

بىز ھەرىپلەرنى قانداق ئۆگىنىمىز!

 ، ئەسسالام ئەلەيكۇم قەدىرىلىك ئاتا - ئانىلار

 ھەممىڭلارنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشى بىلەن ھازىرغىچە ئالتە ھەرىپ (ئا ، ئە ، ن ، ت ، س، ش ) ئۆگىنىپ بوپتىمىز . بەزى ئانىلارنىڭ ئېيتىشىچە ، بالىلار ھەرىپلەرنى تازا ئەستە ساقلىيالمايۋېتىپتۇ. .باشقا ئاتا - ئانىلار باللىلىرىغا قايىسى خىل  ئۇسۇلدا ئۆگىتىدۇ ، بۇنىسى ماڭا نامەلەم . 

مەن ئادەتتە  بىر ھەرىپنى 4-5 كۈن ئۆگىتىمەن. كۆپىرەك ئوينىشىپ بېرىمەن. ئويناپ بالىنىڭ كەيپىياتى يوقىرى باسقۇچقا چىققاندا پۇرسەت تېىپىپ شۇ ھەرىپنىڭ بىرەر نەرسىگە ئوخشىشىنى كۆرسىتىپ ئۆگىتىمەن
 يېڭى بىر ھەرىپنى ئۆگىتىشتىن ئاۋۋال ، شۇ ھەرىپنىڭ قوشاقلىرىنى قايتا - قايتا ئوقۇپ بېرىمەن، قوشاققا
 ئۆزەممۇ پىششىق بولمىسام بىر- ئىككى كۈن توڭلاتقۇ ياكى دائىم كۆزگە كۆرىنىپ تۇرىدىغان يەرگە چاپلاپ قويۇپ، ئۇياق -بۇياققا ئۆتكەچ خالىغان ئاھاڭغا سېلىپ  ئېيتىپ بېرىمەن. ئاندىن كىچىك كىتاب شەكىلىدە قاتلاپ مىخلاپ ئىشىلتىمىز. قوشاقنىڭ  كەينىدىكى ھەرىپلەرگە پىششىق بولىشى ئۈچۈن ،كۆپىنچە قىزىمنى ئوقۇغىلى ياكى مەن ئوقۇپ بېرىپ ھەرىپلەرنى تاپقىلى قويىمەن، بۇ جەرياندا ئۆگەنمەكچى بولغان ھەرىپنى خىلى تونۇپ قالىدۇ

:قوشاق يادىلايدىغان ئەڭ ياخىشى ۋاقىتىمىز
ماشىنىغا ئولتۇرۇپ سېرىتقا ئىش بېجىرىگىلى چىققاندا، يول بويى قوشاق ئوقۇپ ماڭىمىز، بۇ ۋاقىتتا قىزىمنىڭ پۈتۈن 
.دىققىتى قوشاق ئوقۇشقا مەركەزلىشىدۇ، شۇڭا بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتىمەن
مەھەلىمىزدىكى كۆلنىڭ بويىغا بېرىپ ئۆردەكلەرنى تاماشا قىلغاچ يادىلايمىز. ھەر قېتىم كۆلنىڭ يېنىغا بارغاندا < سۇ
.ئۆردەك، بىلىق > لارنىڭ قوشاقلىرنىمۇ يېڭى قوشاقلارغا قوشۇپ بىللە ئوقۇيمىز

:س قوشاقلىرىم بىلەن مەشىقلىرىمنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن چۈشۈرۈڭ  
.بەزى خاتالىقلارنى توغرلاپ قويدۇم  

چاپلاق چاپلاش قىزلىرىم ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان بەت ، شۇڭا بىر نەچچىنى ئارتۇق چىقىرىمەن. بۇ بەتنى بىرىنچى كۈنى ئىشلەيمىز. بىر ياشلىق قىزىمنىمۇ 
.بۇنىڭغا قوشۇۋالىمىز، گەرچە بەك سويالمىسىمۇ ، لىكىن بۇنىڭدىن ھۇزىرلىنىدۇ
.بۇ بەتنى بالىلىرىمىز خالىغان شەكىلىدە بوياپ چىقسىمۇ بولىدۇ

بۇ بەت قىزىلىرىم ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان بەت 

ت كىتابىم بېتىنى كىچىك كىتاب شەكىلىدە قاتلاپ ئىشلەتسەكمۇ  ياكى ئۆزپىتى ئىشلەتسەكمۇ بولىدۇ، مەن بۇ بەتنىمۇ بىر  يۈرۈش ئارتۇق چىقىرىمەن، ئاندىن ئۆزىمىز خالىغان رەڭنى تاللاپ بويايمىز. بەزىدە نەرسىلەرنىڭ رەڭگىنىڭ قانداق بولدىغىنىنى دەپ بېرىمەن، ياكى ئۈلگە قىلىپ بوياپ كۆرسۈتۈپ قويىمەن



سۇ بوتۇلكىسىنىڭ ئېغىزىدا (يېپىقلىق ھالەتتە ) بېسىلغان گىلاس  ·
ياندىكىسى قېرىنداشىنىڭ بېشىدا بېسىلغان گىلاس چىچىكى.



كاۋاك ھەرىپلەرنى ھەر خىل شەكىلىدە تۇلدۇرسا بولىدۇ
قېرىنداشتا بېسىلغان گىلاس

پىلاستىكتىن ئۆتكۈزۈلگەن سان قوراقلىرى
 

ئۈچۈرگىلى بولىدىغان قەلەمدە سىزىپ كۆرسەتسىمۇ ، چاپلاق چاپلىسىمۇ بولىدۇ
.بىز كېيم قىسقۇچتا قېسىپ كۆرسەتتۇق
سان قوراقلىرىدىكى رەسىملەرنىڭ ھەممىسىنىڭ دىگۈدەك قوشاقلىرىنى ئىلگىرى ئۆگىنىپ بولغان ، شۇڭا سان ئۆگىنىش جەريانىدا رەسمىگە ماس كىلىدىغان قوشاقنى ئوقۇپ بەرسەك بىر تەكرارلاش بولىدۇ
ئادەتتە،  مەشىقلەرنى ئۆزىمىزنىڭ ۋاقىت ، شارائىتىغا ئاساسەن نەچچە كۈنگە بۈلۈپ، ئويۇنغا ئارلاشتۇرۇپ ئىشلىگۈزسسەك بولىدۇ. بۇنىڭدا ئانىلار بەكرەرك تەشاببۇسكار ھالەتتە بولىشىمىز لازىم
ھەر كۈنى 10 - 20 مېنۇتقىچە ۋاقىت ئاجىراتساقلا بولىدۇ. ئۆگىتىشتىن ئاۋۋال بالىنىڭ دونياسىغا چۈكۈپ بىللە ئوينىشىپ بېرىپ ، شۇ ئارلىقتىكى پۇرسەتلەردىن پايدىللانساق بولىدۇ

No comments:

Post a Comment

يازمىلار

س قوشاقلىرىم ۋە مەشىقلىرىم

!قوشاق بىلەن مەشىقنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن چۈشۈرۈڭ  س قوشاقلىرىم ۋە مەشىقلىرىم