Monday, December 2, 2024

دىنىمىزنى ئۆگۈتۈش ۋە بالىلار تەربىيەسى توغىرسىدا

 

پەرزەنتلىرىمىزنىڭ دىننى تەربىيەسىگە ئەھمىيەت بىرىش مۇھىم 

ئاتا-ئانا بولغىنىمىزدا ، بىز دۇچ كېلۋاتقان  ھەم بۇنىڭدىن كېيىن كېلىدىغان ئەڭ چوڭ سىناقلىرىمىزدىن بىرى بالىلىرىمىزنى ياخشى  تەربىيەلەپ چىقىش. تەربىيەلىگەندىمۇ ئاللاھنى تونۇيدىغان، ئۆزى ئۈچۈنلا ئەمەس، مىللەت ۋە دىن ئۈچۈن خىزىمەت قىلىدىغان ياىشى مۇسۇلمان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى تەربىيەلەپ چىقىش. ھەمىمىز بالىىرىمىزنىڭ رۇھى ۋە جىسمانىي جەھەتتىن ساغلاپ چوڭ بولۇشنى، ئۆزىنىڭ تىلى، دىنىنى ۋە مەدىنيىتىنى  ساقلىغان ھالدا جەڭگىۋار، باتۇر ئۇيغۇر  مۇسۇلمانلىرىدىن بولۇپ چوڭ بولۇشنى ئۈمۈت قىلىمىز  

بالىلىرىمىزنىڭ تەرەققى قىلغان دۆلەتلەردە ، يەنى يېڭى پەن-تېخىنىكا، يېڭى ئۇچۇر، يېڭى بىلىملەر بىلەن تىز ئۇچۇرشالايدىغان، ئۆزىنىڭ قىممەت قارىشىنى ئەركىن ئوتتۇرغا قويالايدىغان مۇشۇنداق ئېسىل شارائىتلاردا چوڭ بولۇشى بىز ۋە بالىلىرىمىز ئۈچۈن ناھايىتى ياخشى بىر پۇرسەت بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن پەرزەتلىرىمىزنىڭ ھەر خىل تىل، دىن ۋە ھەر خىل مەدىنيەت ئارىلاشقان مۇرەككەپ بىر جەمىيەتتە چوڭ بولۇشى بىز ئۈچۈن خىرىس ھېساپلىنىدۇ.  ھاياتلا بولىدىكەنمىز بېشىمىزغا  بۇنداق سىناقلارنىڭ كېلىشى تۇرغانلا گەپ. بۇنداق شارائىتلاردا بالىلارنى ياىشى تەربىيەلەش ناھايىتى قېيىنھاياتلا بولىدىكەنمىز، ھەر خىل  خىرىس ۋە سىناقلارنىڭ چوڭ بولۇشى تەبىئي . سىناقلارنىڭ قاتتىقلىقى سەۋەبلىك بالىلارنى ياخشى تەربىيەلەشتىن ، بالىلارغا دىن ئۆگۈتۈشتىن ۋاز كېچىشكە بولمايدۇ. ئارقا كۆرۈنۈشىمىز قانداق بولۇشىدىن قەتئىنەزەر، يەنى باي بولامدۇق، كەمبەغەل بولامدۇق، ئىتقادىمىز كۈچلۈك بولامدۇ ياكى ئاجىز بولامدۇ ، پەرزەنىت تەربىيەسىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىش مۇھىم ئىشلارنىڭ ئەڭ مۇھىمى بولۇشى كېرەك، پەرزەنتلىرىمىزگە دىننى ئەڭ گۈزەل ، ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلدا ئۆگۈتۈش ئۈچۈن ئىزدىنىشىمىز ۋە ئۇنى ئەمەلىيەتتە قىلىش بىزنىڭ بۇرچىمىز. بۇ ئەجداتلىرىمىزنىڭ، ئاتا ئانىمىزنىڭ، مىللىتىمىزنىڭ بىزدىن كۈتكەن ئۈمۈدى.  

ھازىرقىدەك بۇ مۇرەككەپ جەمىيەتتە بالىلىرىمىزغا تىلىمىزنى ، دىنىمىزنى ۋە مەدىنيىتلىرىمىزنى ئۆگۈتۈش ھەقىقەتەن قېيىن. ئەمما بىز ئۇيغۇرلا بولىدىكەنمىز بۇ قېيىنچىلىقلارنى يېڭەلەيمىز. چۈنكى بىزدە جاپادىن قۇرقمايدىغان ،باتۇر ئۇيغۇرنىڭ قېنى بار.  

ھەممىمىزگە ئايانكى،  بىز ئۇيغۇرلارنىڭ نۇرغۇن ئېسىل ئۆرپ -ئادەتلىرى، گۈزەل ئەخلاقلىرى مۇشۇ ئىسلام دىنىدىن كەلگەن. ئىسلامدىكى قانۇن- تۈزۈم ۋە قائىدىلەرگە رىئايە قىلىپ، ئۇنى ئۆزىنىڭ ھاياتىغا تەدبىقلاپ ياشىيالىغان كىشى دۇنيا- ۋە ئاخىرەتتە نەتىجە قازانغان ئەڭ بەخىتلىك  كىشىلەر بولالايدۇ، بۇلار ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ساقلاپ، نەدىن كەلگەن ، نەگە بارىدىغان، نېمە ئۈچۈن ياشايدىغانلىقىنى تونۇپ ياشىيالايدۇ. بۇ يەردە مەن ئۈزەمنى مىسالغا ئالسام، مەن 19 يېشىمىچە ھەقنى تونۇماي ياشىغان، قاچان بۇ ھەقىقەتنى تونۇدۇم، شۇ ۋاقىتتىن تارتىپ مەن ئۆزەمنىڭ كىملىكىنى تونىدىم دىننىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلدىم، يائاللاھ، ھايات دېگەن بۇ ئىكەنغۇ، ئاللاھىم مېنى ھېدايەت قىپتكەن، شۈكۈرلەر بولسۇن، بولمىسا نەلەردە ئىزىپ يۈرەتتىم، ھاياتلىقتىكى بۇ سىناقلارغا قانداق بەداشلىق بىرەتتىم دەپ ئويلاپ كەتكەن. ھازىر مۇشۇ شۇئاللاھنى تونۇغان ھاياتتىنىڭ گۈزەللىكىنى شۇ ۋاقىتتىن تارتىپ ھېس قىلغان. ئەلھەمدۇلىلاھ ، ئاللاھ مېنى ھېدايەت قىلدى، مېنى خىتاينىڭ زۇلۇمىدىن قۇتۇلدۇردى. مەن ئويلايمەن ، ئاللاھ ھەر بىر ئانىغا ئېغىر ۋەزىپىلەرنى تاپشۇرغان، ئەمما مېنىڭ ۋەزىپەم باشقىلارغا قارغاندا تېخىمۇ ئېغىر دەپ. ئاللاھ ماڭا بىر مىللەتكە ئانا بولىدىغان 6 قىزنى ئاتا قىلدى، شۈكۈرلەر بولسۇن. شۇڭا مەن قىزلىرىمغا ئانا تىلمىزنى، مەدىنيىتىمىزنى ئۆگۈتۈشتىن باشقا، دىنىمىزنى بەك ياخشى ئۆگۈتۈشكە ئالاھىدە كۈچ چىقىرىمەن، چۈنكى ئۇلار مۇشۇ "دىن " ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ كىملىكىنى تېىىمۇ ياخشى تونۇيدۇ،  دۇنيا ئاخىرەتتە نەتىجە قازانغان كىشىلەردىن بولالايدۇ، تاللانتلىق ، مىللەتكە ، دىنغا تۆھپە قوشىدىغان ئەۋلادلارنى تەربىيەلەپ چىقالايدۇ. مۇشۇ دىن ئۇلارنى باشقىلاردىن روشەن پەرىقلەندۈرۈپ، ئۇيغۇر قىلىپ تۇرىدۇ،  ئۇلارنى باشقىلاردىن قوغدايدىغان ئالاھىدە قورال، دەپ ئائىلىدە دىنى تەربىيەگە ئالاھىدە كۈچ چىقىرۋاتىمەن. بىز تۇرۇۋاتقان بۇ يەردە بىر ئۇيغۇر ئائىلىسىدىن باشقا ئۇيغۇرلار يوق، ئۇلار بىلەنۇ ئايلار بىر ئاران ككرۈشىمىزمىكىن. قىزىلىرىمنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن كۆرۈشۈش پۇرسىتى بەك ئاز، ئالاھىدە پائالىيەتلەر بولسا سائەتلەپ ماشىنا ھەيدەپ بىرىپ ككرۈشىمىز. دىدار غەنىمەت دەپ يولنىڭ يېراقلىقىمۇ بىلىنمەيدۇ. شۇڭا بىزنىڭ مۇشۇ ئائىلىمىز بىر كىچىك مەكتەپ ھېساپلىنىدۇ. بالىلار ھەپتىدە بىر قېتىم دىننى مەكتەپكە بارىدۇ، ھەپتىدە بىر بارغان ئۇ مەكتەپتە بەك كۆپ نەرسە ئۆگۈنۈپ كېتىشى ناتايىن، ئەمما ئەتىراپىدا ئۇيغۇر بومىغىنى بىلەن باشقا مىللەتتىكى مۇسۇلمانلارنىڭمۇ نۇرغۇن ئىكەنلىكىنى، يالغۇز ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدۇرۇش، ئۇنىڭدىن باشقا، قىزلارنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن ، ھەر بىرىىڭ ئىككىدىن دىننى ئوقۇتقۇچىسى بار يەنى توردا دەرىس بىرىدىغان. ىر ئوقۇتقۇچى تەجۋىدكە مەسئۇ؛ ل بولسا، يەنە بىرى يادلىتىشقا مەسئۇل ، ئائىلدە تەكراسىغا مەن مەسئۇل، چوڭلىرىنىڭ بىرى ئوقۇتقۇچىسى يادلىتىشقا مەسئۇل بولسا يەنە بىرى، دىننى تەلىم تەربىيە، يەنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسامنىڭ ھاياتى، تەفسىر دېگەندەك دەرىسلەرنى بىرىشكە مەسئۇل. مەن كىچىكلىىرى بىلەنمۇ ساۋاقداش، يادلاشتا، چوڭلىرى بىلەنمۇ ساۋاقداش ، تەفسىر دەرىسىدە.  

بالىلارغا دىننى ئۆگۈتۈشتە:  

1) بالىلىرىمىزنىڭ قەلبىدە ئاللاھ  سۆيگۈسىنى كىچىكدىن يېتىلدۈرۈش ناھايىتى مۇھىم. بۇ سۈيگۈ ئاللاھنىڭ كالامى بولغان قۇرئاننى ئۆگۈنۈش، ئۇنىڭدىكى قائىدىلەرگە ئاتا ئانا بولغۇچى رىئايە قىلىپ ياشاپ بالىلارغا ئۈرنەك بولۇش ، بالىغا رۇھى ۋە جىسمانى جەھەتتىن سۈيگۈ بىغىشلاش ئارقىلىق يېتىلىدۇ. ر ۇھى جەھەتتىكى ساغلاملىق، بالىلارنىڭ ئىچىكى دۇنياسىنى ئىلىم بىلەن قۇراللاندۇرۇش،  ئۇلارغا ھەر خىل تىللارنى ئۆگۈتۈش،  ئۇلارنى ھەر خىل دىننى- پەننى  پائالىيەتلەر بىلەن ئۇچىراشتۇرۇش، بالىنى دىنسىز موھىت بولسىمۇ، دىننى مۇھت بولسىمۇ ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ساقلاپ ياشىيالايدىغان قىلىپ تەربىيەلەش، شۇنداق مۇھىتلار بىلەن ئۇچراشتۇرۇش لازىم، بۇنداق مۇھىتتا چوڭ بولغان بالىلارنىڭ ، مەيلى مەكتەپتە بولسۇن، مەيلى جەمىيەتتە باشقا دىندىكى كىشىلەرگە نىسبەتەن رىقابەت ئىڭى كۈچلۈك بولىدۇ، ئىسلام دىندا تۇرۇپ ئۇلارغا قارىشى پىكىرىنى ئوتتۇرغا قويالايدۇ . دىن ئۈچۈن ئۈزىنىڭ تۆھپىسىنى قوشىدىغان بولىدۇ. بالىلارنىڭ دىننى تەربىيەسى ئۈچۈن ۋاقىتىمىزنى ، زېھنىمىزنى، ۋە ئىقسادىمىزنى مەبلەغ قىلىپ سېلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇشمىز لازىم.  

جىسمانى جەھەتتىكى ساغلاملىق ئۇلارنى ھەر خىل تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى بىلەن ئۇچىراشتۇرۇش، سىرىتقى دۇنيا بىلەن كۆپرەك ئۇچىراشتۇرۇش ئارقىلىق بولىدۇ. ھازىر بالىلىرىمىزنىڭ تىلفۇن، ئايفەد ۋە كومپىيوتىر دېگەندەك ئېلىكتۇرۇنلۇق ئۈسكۈنىلەرگە ھەمرا بولۇپ چوڭ بولۇشى بىزنى ئەندىشىگە سالىدۇ. بالىلارنىڭ سىرىتلاردا ئويناپ ھەرىكەت قىلىشىدىن، ئائىلدە ئىكران ئالدىدا  ئۆتكۈزىدىغان ۋاقتى كۆپىرەك بولۇۋاتىدۇ. كەلگۈسى 20-30 يىلدىن كېيىن بالىلىرىمىزنىڭ ساغلاملىقىدا قانداق ئۆزگۈرۈشلەر بولىدۇ، بۇ بىز ئويلىنىشقا تىېگىشلىك بەك مۇھىم مەسىلىلەردىن بىرى .  مەن بالىلىرىمنى تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە قانتاشتۇرۇش جەريانىدا شۇنى ھېس قىلدىمكى، بالا تەربىيەسىگە ئەھمىيەت بىرىدىغان چەتئەللىكلەر بالىسىنىڭ ئاكادىمىك جەھەتتىن ياخشى بولۇشىغا ئەھمىيەت بېرىشتىن باشقا، مۇشۇ جىسمانى جەھەتتىن ساغلام بولۇشغا بەكرەك ئەھمىيەت بىرىدىكەن، ۋاقىتلىرىنى بالىلرىنى  دەرىستىن سىرتقى ، ھەپتە ئاخىرىدىكى  ھەر خىل تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە قاتناشتۇرۇشقا مەخسۇس ۋاقىت سەرىپ قىلىدىكەن. مەن  ئوقۇغۇچىلىرىمدىن ئالغان كىچىكنە تەجىربەمگە ئاساسلانغاندا، مۇشۇ تەنتەربىيەدە ياىشى بالىلارنىڭ رۇھى جەھەتتىكى ساغلاملىقى ئالاھىدە ياىشى بولىدىكەن، كەيپىياتى تۇراقلىق بولىدىكەن، چەتئەللەىلەرنىڭ  تەنتەربىيەگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىشى ماڭا ماڭا بەك ئىلھام بولدى، شۇڭا مەنمۇ كىچكلىرىنىڭ تەنتەربىيەسىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىۋاتىمەن. قاتناشقا تەنتەربىيە تۈرلىرى بىلەن باللىرىمىنىڭ ئۆگۈنۈشلىرى ئاقساپ قالغىنى يوق، ھەممە ئىشىمىز بۇرۇنقىدىنمۇ ياىشى كېتىپ بارىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە، تەنتەربىيە جەھەتتىن تەربىيەلىنىشىمۇ ياىشى كېتىپ بارىدۇ.  

بىز تىلىمىزنى مىللىتىمىز ئارسىدا ئۆگۈتەلەيمىز، ئۆزىمىز ئۆگۈتەلمىسەك تىل ئۆگۈتىدىغان ئىسل مەكتىپلىرىمىز، ياخشى  ئۇستازلىرىمىز بار، شۇلار ئارقىلىق ئۆگەتسەك بولىدۇ. ئەمما دىننى ئۆزىمىزلا ئۆگۈتۈۋالمىز دىسەك، ساناقلىقلا ئۇيغۇرلار بىلەن سەل قېيىنغا توختىشى مۈمكىن. تۈركىيەدىغۇ ئۇيغۇر كۆپ بىزنىڭ نى نى دىنى ئالىم ، ئۆلىمالىرىمىز ئۆتكەن، بىز ئۇلارنىڭ ئىش ئىزلىرىنى ئۈلگە قىلىپ ياشايمىز ، ئەڭ ئاساسلىق  پەيغەمبىرىمىزنى ئۈلگە قىلىپ ياشايمىز. ئۇنىڭدىن باشقا، بىز مۇشۇ دىننىمىزنى، باشقا  مۇسۇلمان ئەللىرىگە ئارلىشىپ ياشاپ، ئۇلاردا گەۋدىلەنگەن ئىسلامنىڭ ئەڭ گۈزەل پەزىلەتلىرىنى ئۆگەنسەك بۇ بىز ئۈچۈن ھېچقاچان ئارتۇقلىق قىلمايدۇ، دەپ قارايمەن. 

2)  بالىلارغا دىننى  ئۆگۈتۈشتە، ئاتا-ئانا ئۈلگە بولۇشى كېرەك. 

دىنى تەربىيەسى ئائىلىدىن باشلىنىدۇ. ئاتا- ئانا بولغۇچى ئىسلامدا بۇيرىغان پەرىز ئەمەللەرنى تولۇق ئادا قىلىشقا تىرىشىش لازىم. بۇرۇندىن ئادا قىلىپ ياشاۋاتقان بولسا ، ئۇنى تېخىمۇ ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلىشقا تىرىشسا، بالىمۇ ئارقىمىزدىن ئەگىشىپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ. بۇرۇندىن تولۇق قىلىپ بولالمىغان بولساق، ھازىردىن باشلىسىاقمۇ ھەرگىز كىچىكمەيمىز.-بالام مەن خىزىمەت بىلەن ئالدىراش، مەن كېچىكمىدە ئۆگەنمەپتىكەنمەن ، ھازىر ئۆگەنسەم كاللامغا چۈشمەيدۇ،- ، سەن بولساڭمۇ ئۆگەن ، سەن تېخى كىچىك ، قىلالايسەن، مەن سىنى ھەر جەھەتتىن قوللايمەن ياكى دەپ ئۆزىمىزنى بىر مۇنچە باھانە سەۋەپلەر بىلەن تەسەللى تاپقۇزۇپ ، بىز ھۆدىسىدىن چىقىشتىن كۆزىمىز قۇرققان بۇ ئېغىر ۋەزىپىنى بالىغا يۈكلەپ قويساق، بالىلىرىمىزنىڭ بۇ ۋەزىپىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇندىيالىشى ناتايىن. بالىلىرىمىز قىلالىشى مۈمكىن، ئەمما ، چوڭلار بالىلار بىلەن بىرگە ئۆگۈنۈپ، ئىسلامدىكى پەرىز ئەمەللەرنى ئادا  قىلىپ مېڭىشقا تىرىشسا، بۇنىڭ  ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.  مۇشۇ يەردە بىر مىسالنى ئالغۇم كەلدى. 3-4 يىل ئىلگىرى، چوڭ ئىككى قىزىم خەدىچە بىلەن مەرۋە قۇرئان يادىلايىتى. ھەپتىدە 3 كۈن دەرىس ئالاتىتى. بىر كۈنى قۇرئانىڭلارنى يادلاۋىتىڭلار دىسەم، مەرۋە سەل بويۇنتاۋلىق قىلدى، تەكاللىشىش جەريانىدا، مەرۋە قوپۇپ، -سىز بىزنى يادلاڭ، يادلاڭ دەيدىكەنسىز، نېمىشقا  ئۆزىڭىز يادلىمايسىز ؟  سىزمۇ يادىلاپ بېقىڭ دېگەندەك بىر مۇنچە گەپلەرنى قىلدى.. بۇ گەپ نەچچە كۈنگىچە قۇلاق تۆۋەمدە جاراڭلاپ تۇردى. 

-توغرا ، مەن نېمىشقا يادلاپ باقمايمەن، بالىلرىمنى قىل قىل دەيدىكەنمەن نېمىشقا ئۈزۈم قىلىپ باقايمەن؟ بالىلىرىم قانداق قىلسام تېخىمۇ ياخشى ئۆگۈنىدۇ؟ - دەپ ئۆزەم بالىلىرم ئۈستىدە نەچچە كۈن ئويلاندىم. ئويلىنىش جەرياندا، نۇرمال ھاياتتا ياخشى ئۈرنەك بولۇپ مىڭىشقا تىرىشۋىتىوتىمەن، لىكىن مۇشۇ قۇرئان ئۆگۈنۈشكە كەلگەندە، ئۈلگىلىك ئانا بولالماپتىمەن، بالىلىرمنىڭ قۇرئاننى ياخشى ئۆگۈنىشىنى ئۈمۈت قىلسام، چوقۇم ئۈزۈم ئۇلارغا ئۈلگە بولۇپ ئالدىدا مېڭىشىم كېرەك ، مەنمۇ بۇلار بىلە تەڭ ئوقۇغۇچى بولۇشىم كېرەك، قانچىلىك يادلىشىمدىن قەنتىنەزەر بۇ قەدەمنى قىزلىرىم بىلەن بىرگە ئېلىپ مېڭىشىم كېرەك ، -دەپ ئويلىدىم. ئەلۋەتتە مەن ئۇلاردەك كۆپ يادلىيالمايمەن، ئەمما مەنمۇ قۇرئان ئۆگۈنۈشنىڭ، يادلاشنىڭ جاپاسىنى تارتىپ باقسام، ئوقۇيالماي قېيىنلۋاتقانلىقىمنى،  يادلىيالماي جىددىيلىشۋاتقىنىمنى ئۇلار بىلەن ئورتاقلاشسام ، قىزلىرىمغا تېخىمۇ ئىلھام بولىشى مۈمكىن دەپ بۇ قەدەمنى ئۇلار بىلەن تەڭ ئېلىشقا نىيەت قىلدىم ۋە بۇ قەدەمنى باشلىدىم .  ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولدى، تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلىرىمىز بولۇۋاتىدۇ، ئىنشائاللا بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ بولىدۇ.  شۇ چاغدا مۇشۇ مەرۋە قىزىمنىڭ ماۋۇ ئاپامغا مۇنداق دىسەم بولارمۇ دەپ ئويلاپ يۈرمەي، دادللىق بىلەن " سىز نىمىشقا يادلىمايسىز؟" بىزلا قىلامدۇق؟ سىزمۇ قىلىپ بىقىڭ ، ئۆزىڭىز قىلمايدىكەنسىز، بىزنىلا قىل دەيدىكەنسىز "دىيەلىگىنى ، مېنى  كيىن سۆيۈندۈرىدى. مېنىڭ بۇ جاپالىق سەپەرگە بالىلىرىم بىلەن بىرگە ئاتلىنىشىمىغا  سەۋەپچى بولدى. خاتا ئىش قىلسام ، خاتا گەپ قىلىپ قويسام، يۈز خاتېرە قىلماي ، دەل ۋاقتىدا ماڭا تۈزۈتىش بىرەلەيدىغان مەرۋە قىزىمغا رەھمەت ئىيتىمەن. 

3) ئۇستازنى ياخشى تاللاش 

پەرزەنتلەرگە  ئۇستاز تاللىغاندا، ئۇستازنىڭ ئوقۇغان، تەلەپچان، قاتتىق قول بولۇشى بەك مۇھىم. بىز ئۇيغۇرلاردا "ئۇستازى زالىم بولسا، ئوقۇغۇچى ئالىم بولۇر" دېگەن ماقال بىكارغا ئېيتىلمىغان. ئۇستازنىڭ تەلەپچانلىقى بالىنىڭ  دىننى ئۈزلەشتۈرۈشدە مۇھىم رول ئوينايدۇ. دىننى ئىلىم ئېلىشتا، ياخشى ئۇستازنىڭ دۇئاسىمۇ بەك مۇھىم.  ئەلۋەتتە، ئۇستازنىڭ تەلەپچانلىقى سەۋەبلىك ، ياكى قاتتىق قوللىقى سەۋەبلىك ھېچكىم بالىنىڭ كۆڭلىنىڭ ئاغرىشىنى خالىمايدۇ. ھەر ئىشنىڭ باشلىنىشى تەس بولىدۇ، نۇرغۇن قۇربانلىقلار بىرىلىدۇ، ئۆگۈنۈشنىڭ قېيىنلىقىدا ياشلار تۈكۈلۈشى مۈمكىن. ئەمما نەتىجىسى گۈزەل بولىدۇ. ئىنسانغا  موشۇنداق بىر بىسىم بولمىسا تىرىشمايدۇشۇ قاتتىق قول ئۇستاز ئانىنىمۇ تىرىشچان قىلۋىتىدۇ، بالا ئانىغا قاراپ تىرىشىدۇ. بالىنىڭ تۇنجى ئىلىف بە، تە سە  ساۋادىنى چىقارغاندا، ۋاي بالامنىڭ قۇرئاندىن ساۋادى چىقىپ قالسىلا بولدى، يوقتىن ياخشى دەپ مۇشۇ ئۇستازنى تېپىپ تۇرغان، دەپ باشقا  تاللاش پۇرسىتىمىز بولسىمۇ،  ئادەتتىكى ئۇستازنى تاللاش ۋاقىت، زىھىن، ۋە ئىقسادى ئىسراپچىلىق بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. شۇڭا تۇنجى ئۇستازنى تاللىغاندا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىش لازىم. مەن مۇشۇ بىزنىڭ بېشىمىزدىن ئۆتكەن ھېكايىلەرنى ئازراق قىسقارتىپ سۆزلەپ ئۆتەي. بىز 2015- يىلى ئامرىكىغا كەلدۇق، ئامرىكىداھېچكىمنى تونۇمايمىز. ئەلۋەتتە بۇنداق يات دىندىكى دۆلەتتە ئەڭ ئاۋۋال ئكزىمىزنىڭ دىنداش قېرىنداشلىرىمىز بارىدىغان يەر بولغان مەسجىدنى تاپالىساق، كۆڭلىمىز سەل ئارام تاپىدۇ. بىزمۇ شۇ بويىچە بىر مەسجىد تاپتۇق. باللىرىمىزنىڭ ئامرىكىغا كىلىپ بىر ئاي بولمايلا ھەر يەكشەنبە شۇ مەسجىدتتە دىننى دەرىس ئېلىش ۋە توردىن ئايرىم ئۇستاز تۇتۇپ دەرىس ئېلىشقا ئورۇنلاشتۇردۇق. باشقا ادەم بولسا ، بىر قېتىملىق بىرىپ كېلىشكە 30 دوللار تاكسى تۆلەپ بالىسىنى ئاپارماسلىقى مۈمكىن ئىدى، ئەمما يولدىشىم بىلەن مەسلىھەتلىشپ، ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن باشقىغا ئاز خەجىلەپ مۇشۇ بالىلارنىڭدىنىغا مەب؛ەغ سالايلى دەپ ئاپرىپ بەردۇق. بىزگە شۇ ۋاقىتلار ھەقىقەتەن ئېغىر كەلگەن. ۋەتەندىن قۇرۇق قول كېلىڭ بىر ، ھەممە قېرىنداشلاردىن ئايرىلىڭ، بىر تېيىمۇ كىرىمىڭىز يوق ، بۇ ئۈستى ئۈستىلەپ كەلگەن بىسىملار بىزنى خىلى چارچاتتى. ئەمما مەسجىدتتە ياىشى نىيەتلىك كىشىلەر كۆپ بولغاچقا، بارغاندا تاكسىدا ئارسىمۇ ، كېلىشتە ، پاكىستانلىق ئو بۇ ئەكىلىپ قويۇپ ، بىر مەزگەىل شۇنداق كۈن كەچۈرگەن، شۇ باللىرىمنى ئاپرىش جەريانىدا ، بىر قىرى ئايال ئۇستاز مېنىڭ دىققىتىمنى تارتتى. ئۇ ئۇستاز تەربىيەلەۋاتقان بالىلارنىڭ ئانىلرى بىلەن پاراڭلىشىپ باقتىم، ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قۇرئان ئوقۇغىنىنىمۇ ئاڭلاپ باقتىم. مۇسابقىە بولىسلا شۇ بالىلار بىرىنچى بولىدۇ. زادى بۇ ئۇستازدا ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئانىلرى بەل قويۋەتمىگەن بولسىلا ، باللىرى بەك ياخىشى ئوقۇپ چىقۋاتاتتى. شۇ ۋاقىتلاردا بۇ ئۇستازنىڭ ئوقۇش ھەققى قىممەت ئىكەن، سائىتىگە 20 دوللار، بۇ 8 يىلنىڭ ئالدىدىكى باھا. بىزگە نىسبەتەن ھەقىقەتەن قېيىن  ئىدى. باللىرىمنى بەك ئوقۇتۇش ئارزۇيۇم بار ئىدى. خىلى ۋاقىتقىچە بىرەلمىدىم. كېيىن چوڭ ئىككىسىنى بىر ەزگىل بەرسەم، ئازراق ئوقۇپ زىرىكتى. كىچىكلىرىگە كەلگەندە، ئاۋۋال ھازىرقى 9 ياشلىق ھاسىبەنى 6 يېشىدا بەرسىم، مېنىڭمۇ بەك ئۆگەنگۈم بار ئىدى، ئەمما بىر قېتىمغا ىر ئادەمگە 10 دوللار بەك قىممەت ئىدى. ھاسىبە 6 يېشىدا باشلىدى. بىر يىل يېنىدا تۇرۇپ ، ياردەم قىلدىم، ئۇستازنىڭ قاتتىق قوللىقىدا نەچچە قېتىم يېغلاپ كەتكەن ۋاقتىلىرىم بولغان، ھەتتا قىزىمنى ئوقۇتمايمەن دېگەن ۋاقىتلىرىمممۇ بولغان. گىپىمىزنىڭ ئوقۇتۇرۇش بەك تەس بولغاچقا، ئۆيىگە بىرىپ ئوغۇلىنى تەرجىمانلىققا سېلىپ گەپ قىلغان كۈنلىرىممۇ بولغان. ئابا بالا ئىككەيلەن نەق بىر يىل جاپا تارتتۇق. قىزىم مۇشۇ ئۇستازنىڭ دەرىس بار دىسىلا جىدىيلىشىدۇ. بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىن ، قىزىمنىڭ ئوقۇشىدا ئاجايىپ ئىلگىرلەش بولدى، ئۇستازىمۇ، بىزمۇ بەك خوش بولدۇق، ئۆزىمۇ خوش بولدى. شۇنداق قىلىپ بۇ قىزىم مۇشۇ ئۇستازدىن دەرىس ئېلۋاتقىلى 3 يىل بولۇپ قاپتۇ، يېرىم يىل بولدى، ئۆزنىڭ ئىشىغا ئۆزى مەسئۇل ئۈزلىكىدىن كىتابىنى ئېلىپ دەرىسىنى تەكرارلاپ تەييار قىلىدۇ. ھەپتىدە نەچچە قېتىپ مەشىق قىلىدۇ. دىمەن بۇ بالا شۇ ئۇستازنىڭ دەرىس چالا بولۇپ قالسا ئۆتكۈزمەيدىغانلىقىنى بىلىدۇ، ھەم ئۆزنىڭ چىرايلىق ئوقۇپ ئۇستازنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولۇشنى ئستەيدۇ. ئاندىن ئكزمگە 10 دوللارغا چىقىش قىلالاماي، ماڭا 15 مېنۇت ئۆتۈپ بەرسىڭىز. 5 دوللار بەرسەم دەپ ، شۇ ئۇستازنى ئۆزەمگە ئۇستاز تۇتۇپ بەك كۆپ نەرسە ئۆگەندىم، ھازىر شارئىتىمىز ياخشى بولغاچقا بالىلارغا ئوىشاش يېرىم سائەت ئالىمەن. 4 - قىزىممۇ مۇشۇ ئۇستاز بىلەن بىر پارىنى تۈگەتتى، ئەمدى 5- قىزىمنىمۇ بەرمەكچى. ياخشى ئۇستازنىڭ سۈيگۈسى باشقىچە بولىدىكەن. بۇلتۇر قۇربان ھېيتنىڭ ئالدىدا ، ئۇستازنى يوقلاپ كېلەي دەپ ئۆيىگە بارسام، ئەكەلگەن ئوقۇش ھەققىنى ئالماي ھەدىيەنى ئالدى. پۇلىڭىزنى ئالمايمەن، مېنىڭ سالامەتلىكىم ياخشى بولمايۋاتىدۇ، ھەجىگە بارىمەن، سالامەت قايىتپ كىلەلەيمەنمۇ بىلمەيمەن، دىگەنتى، مېڭەمدن تۈتۈن چىقىپ كەتتى. پۇل قالىۋەرسۇن دىسەم قەتتى ئۇنىمدى، ئۆيىدىن يىغلاپ دىگۈدەك چىقىپ كەتتىم. ئاللاھقا دۇئا قىپتىمەن. كۆڭلۈم بەك يېرىم، يائاللاھ مۇشۇ ئۇستازنىڭ ياشىشى خەيرىلىك بولسا . بىز بىلەن قايتىپ كىلىپ ئۇچىراشسۇن، باللىرىمغا مۇشۇنداق ئۇستاز لازىم، باللىرىمنى تەربىيەلەپ قويسا ، باللىرىم نۇرغۇن بالىنى بەربىيەلەيدۇ، ئى ئاللاھ ، سەن بىلىسەن ، مەن بىلمەيمەن، ھەر كىم ئۈچۈن خەيرىلىكنى نىسىىپ قىلغايسەن دەپ. قۇربان ھېيتىنىڭ ئالدى كەينىدە ئۇستازىمىزنى ئويلاپ نەچچە قېتىم يېغلاپ بولدۇم. ھېيىت ئۆتۈپ ھەجىدىن قايتىپ كىلىدىغان ۋاقىت بولدى دېگەن كۈنلەردىن بىرنىچى كۈنى ئۆتتى ، ئىككىنچى كۈنى تېلفۇن قىلىپ باقايمۇ، سالامەت قايتىپ كەلدىمۇ دىدىم، ئەمما جۈرئەت قىلالامىدىم، يامان خەۋەر بولۇپ قالسىچۇ، بولدى يەنە ساقلاي دەپ، ئەتسى يەنە تېلفيۇننى تۇتۇم ئۇرۇپ باقايمۇ دەپ، ياق ، كەلسە ئكزى ئۇرىسۇ ، ساقلاي دەپ ساقلىدىم، نەق شۇ كۈنى تېلفۇن جىرىڭلىغانتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەسما دەپ چىقانتى، ھېلقى تلفۇندىكى ئاۋا كېلىپ بولغىچە يۈز مېنىڭ خىيالىنى قىلىپ بولدۇ، ئاندىن ۇستازىمىز ئەمسنىڭ ئاۋىزى چىقانتى، ۋاقراپ كېتىپتىمەن. شۈكۈر ئېيتىپ كەتتىم  

4)  قۇرئان كەرىمدە ئاتا-ئانىنى ھۆرىمەت قىلىش، يېتىم -يىسىرلار ياردەم قىلىش، نامىراتلارغا غەمخورلۇق قىلىش، ، باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىش، باشقىلارنىڭ ھەقىغە تاجاۋۇز قىلماسلىق، راسچىل -سەمىمى بولۇش، يالغان گۇۋاھلىق بەرمەسلىق توغىرسىدا نۇرغۇن قېتىم تەكرارلىنىدۇ، بۇلار بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئېسل ئۆرپ ئادەتلىرىگە ئايلىنىپ كەتكەن. بىز بۇنىڭدىن سۆيۈنىمىز. بىز ئۇيغۇرلاردىكى نۇرغۇن ئېسىل ئۆرۈپ-ئادەتلەر باشقا مىللەتلەردە يوق . شۇڭا بىز ئۆزىمىزنىڭ ئۇيغۇرلىقىمىزدىن پەخىرلىنىمىز. بىزنىڭ بۈيۈك ئالىملىرىمىزدىن مەھمۇد قەشقىرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ بوۋىلىرىمىز مۇشۇ قۇرئاننى سەللىسىنىڭ ئۈستىگە ئېلىپ تۇرۇپ ، يەنى ئىسلامدىكى قائىدە- قانۇن بويىچە ياشاپ ئۇيغۇرنى دۇنيا تونۇتقان. بىزمۇ شۇنداق قىلالىساق ، بىز قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ چىقالايمىز.  پەرزەنتلەر مېنىڭ ياكى سىزنىڭلا بالىڭىز ئەمەس، ئۇلار مىللەتنىڭ ، ئىنسانىيەتنىڭ بالىلىرى. شۇڭا ئۇلارنى تەربىيەلەشتە ئىنسان ئۆزىنىڭ مەنپەتى ئۈچۈنلا ياشايدىغان ئاڭنى ئەمەس، مىللەتكە، ئىنسانىيەتكە تۆھپە قوشۇپ ياشايالايدىغان ئاڭنى تۇرغۇزۇپ چوڭ قىلىشىمىز مۇھىم قارايمەن. بالىلىرىمىز مۇشۇ ئانا تىلى، مۇشۇ گۈزەل ئىسلام دىننى بىلەن ئۆزنىڭ كىملىكىنى، نەدىن كەلگەن نەگە باردىغانلىقىنى، نېمە ئىش قىلدىغانلىقىنى تېخىمۇ تونۇپ يېتەلەيدۇ. ھەقىقى ئۇيغۇر بولۇپ چوڭ بولىدۇ. شۇنىڭدا بىز ئۇيغۇرلار قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ چىقالايمىز. 

، بالىلىرىمىزدا مۇشۇ پەخىرلىنىش تۇيغۇسىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن ئانا تىلىمىز، ئۆرپ ئادەتلىرىمىزنىڭ ئۆگۈتۈشتىن باشقا، مۇشۇ دىنىمىزنى ئۆگۈتۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىشىمىز بەك مۇھىم!   

 

مېنىڭ كۆز قاراشلىرىم باشقىلارغا ماس كەلمەسلىكى مۈمكىن، شۇنداقتىمۇ ئويلىغىنىمنى ئوتتۇرغا قويۇپ باقتىم. 

  

2024-يىلى 12-ئاينىڭ 01-كۈنى 

بۇئايشەم سىدىق 

 

Sunday, June 9, 2024

ھويلىدىن باشلانغان تەتىللىك لاگىر پائالىيىتىدىن ، مەسجىدكە يۈرۈش

بۇلتۇرقى يازلىق لاگىر پائالىيتىدىن قىسقىچە چۈشەنچە 
بۇرلتۇر  ھويلىدا ھەپتىسىگە 10-11 بالا بىلەن ئېلىپ بارغان يازلىق تەتىللىك بالىلار لاگىر پائالىيىتى- پائالىيەت مەزمۇننىڭ ئۆزگىچىلىكى ۋە يۇقىرى ئۈنۈمى بىلەن ئاتا-ئانىلارنىڭ ئىتىراپ قىلىشى ۋە بالىلارنىڭ ئىنتايىن ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشتى. بۇلتۇرقى پائالىيەتنىڭ مەزمۇنىدىن قىسقىچە خەۋەردار بولۇشنى خالىسىڭىز تۆۋەندىكى ئۇلىنىشلارنى چېكىڭ كۆڭۈللۈك تەتىللىك لاگىر پائالىيىتى،  ئۆيدىن باشلانغان يازلىق تەتىللىك بالىلار لاگىر پائالىيىتى .

بۇلتۇر پائالىيەت ئېلىپ بېرىش جەريانىدا، -ھە... مەن بالىلارغا مەكتەپتىن سىرىت تەربىيە ئالىدىغان بىر سورۇن ھازىرلاپ بەرسەم بولغىدەك، بۇنىڭغا بىزدە ھازىرچە يېتەرلىك ئادەم كۈچى ۋە ئىلىم بارىكەن،- دەپ ئويلىدىم.  ئۇنىڭدىن باشقا ، مەن پەقەت بىر نەچچە ئائىلە ئۈچۈنلا مۇلازىمەت قىلىش بىلەن چەكلىنىپ قالماي  نۇرغۇنلغان مۇسۇلمان ئائىلىسىگە مۇلازىمەت قىلىشنى ئەۋزەل كۆرۈپ،  بىر قېتىمدا نەچچە يۈز ئوقۇغۇچىنى قوبۇل قىلغىلى بولىدىغان، بىر ۋاقىتتا نەچچە يەردە بۇ پائالىيەتنى ئويۇشتۇرغىلى بولىدىغان مەخسۇس تەتىللىك لاگىر پائالىيىتىنىڭ كېنىشكىسىنى ئېلىشقا ئىلتىماس قىلدىم. بۇنى سەھىيە مېنىستىرلىقى تەكشۈرۈپ قارا قىلاتتى. 
 مەن 9-ئاي كېرىشى بىلەنلا بۇ ئىشقا تۇتۇش قىلغاچ ، ئالىي مەكتەپتىكى ئىككىنچى يىللىق ئوقۇشۇمنى باشلاپ كەتتىم. تور مەنبەلىرىنى ئاختۇرۇپ يۈرۈپ، تەتىللىك لاگىر پائالىيىتىنى باشقۇرىدىغان سەھىيە مېنىستىرلىكىنىڭ ئالاقىلىشىش ئۇچۇرنى تېپىپ، ئۇچۇر يوللاپ قويسام، ئەڭ ئاۋۋال ئىلتىماس قىلىشقا تېگىلشلىك جەدۋەللىنى يوللاپتۇ. بۇنى چوڭ قىزىم خەدىچەنىڭ ياردىمى بىلەن قىلدىم. مەسئۇل خادىم تەييارلاشقا تېگىشلىك ماتېرياللارنىڭ ئۇچۇرىنى بىر- بىرلەپ ئىلىخەت ئارقىلىق يوللاشقا باشلىغانتى، كۆپلىكىدىن تاس قالدىم، بىر قىسما بولۇپ قالغىلى😟. 
بىر كۈنى يولدىشىمغا، سىز ئىشتىن چۈشكەچ ئۇلارنىڭ ئىشخانىسىغا بىر بىرىپ تەپسىلاتىنى ئوقۇپ كەلسىڭىز! نەدىن قانداق باشلاشنى بىلمەيۋاتىمەن،- دىدىم. يولدىشىمنىڭ بۇنداق ئىشلارغا ئايىقى بەك يەڭگىل بولغاچقا، بولىدۇ-دەپ جاۋاب بەردى. 
بۇنداق لاگىر پائالىيەتلىرىنىڭ كۈپىنچىسىنى مەكتەپ ۋە باشقا تەنتەربىيە ئورۇنلىرى ئۈستىگە ئېلۋالغان بولغاچقا ، شەخسى ئۇرۇنلارنىڭ ئۆز ئالدىغان قىلىشى سەل تەس ئىكەن. ئەڭ مۇھىم سىزنىڭ چوڭ يېرىڭىز بولۇشى، يەر بولغان تەقدىردىمۇ، سەھىيە مېنىستىرلىقىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، تەكشۈرۈپ تەستىقلاشتىن ئۆتكەن بىخەتەر ئورۇن بولۇشى كېرەك ئىكەن ياكى مەكتەپ، باغچا دېگەندەك (ئاللىقاچان تەكشۈرۈشتىن ئۈتكەن) بىر يەرنى ئىجارىگە ئېلىشىڭىز كېرەك ئىكەن.
يولدىشىم بېرىپ، ئايالىم كېلەر يىلى ھويلىدا كۆپرەك بالىلارغا يازلىق تەتىللىك لاگىر پائالىيىتى قىلماقچى ئىدى، بۇنىڭ ئۈچۈن نەدىن باشلىساق بولىدۇ؟ - دەپ سوراپتىكەن، ئۇلار ھېچقانداق گەپ قىلمايلا، قانچىلىك يېرىڭ بار؟- دەپ سوراپتۇ. 
يولدىشىم: - 12 مۇ ئەتىراپىدا دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. 
ئۇلار: سەن 12 مۇ يەر بىلەن لاگىر پائالىيىتى قىلىشنى ئويلىشىپمۇ قويما، بۇ ئىشنىڭ بوسىغىسىغىمۇ كېلەلمىگۈدەكسەن، ئاز دېگەندە 80 مۇ يېرىڭ بولۇشى كېرەك، -دەپ يولدىشىمنى يولغا ساپتۇ. ئۇلار بىلەن ئۈزۈم تېلفۇندا بەزى گېپىنى چۈشۈنۈپ، بەزى گېپىنى چۈشەنمەي پاراڭلاشقانمۇ بولدۇم. ئىشنىڭ تەسلىكىگە قاراپ بۇ ئىشتىن ۋاز كەچتىم، ئۇنىڭ ئۈستىگە قوشلاپ كەلگەن بىسىملار يەنى ، مەكتەپتىكى دەرىسنىڭ تەسلىكى، لاگىر پائالىيىتىدىن كىيىن قوزغالغان قاتتىق بەل ئاغرىقى، ئوقۇشتىن سىرىت ئانا تىل مەكتەپتە دەرىس ئۆتۈش، دەرىستىن سىرىت تور ۋە نەق مەيداندا دەرىس ئۆتۈش،  ئائىلەمدىكىلەرنىڭ خىزمىتى ۋە بالىلىرىمنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلىرى دېگەندەك نۇرغۇنلىغان بىسىملار مېنى بۇ ئىشلارغا كۆڭۈل بۆلۈشتىن پۈتۈنلەي قول ئۆزدۈرگەن ئىدى. 
يازلىق تەتىللىك پائالىيەت تۈگكەندىن كېيىن،  ئاتا-ئانىلار كېلەر يىللىق تېزىملاشنىڭ قاچان باشلىنىدىغانلىقىنى سورىغاندا، چاخچاق قىلغاندەكلا، 2- ئاينىڭ ئاخىرى ئىلانىمىز چىقىدۇ،- دەپ قويغان ئىدىم. ۋاقىت ئۇچقاندەك ئۆتۈپ، ھەش-پەش دېگۈچە 2024-يىلىنىڭ 2-ئېيىمۇ كېرىپ بولدى، ئۇنىڭدىن ئاۋۋال نەچچەيلەن ئايرىم ئۇچۇر قىلىپ بۇ يىللىق تەتىللىك لاگىر پائالىيىتىنىڭ ئىلانى قاچان چىقدىغانلىقىنى سۈيلەپ ئۇچۇر قىلىغان ئىدى. 
-قانداق قىلىشىم كېرەك؟ بۇ يىل بالىلارغا تەتىللىك لاگىر پائالىيىتى ئويۇشتۇرامدىم -يوق؟ ئويۇشتۇرمىسام، بالىلىرم نەگە، كىمنىڭ لاگىر پائالىيىتىگە قاتنىشىدۇ؟ چوڭ ئىككى قىزىم نەدە ئىشلەيدۇ؟ بوپتۇ ئۇ ئىككىسى بىرەر يەردىن ئىش تېپىپ ئىشلەر، ئەمما قانداق ئىشنى قىلسا ھەسسىلەپ ساۋاب ۋە ئەجىرگە ئېرىشىدۇ؟ بۇنى ھازىرقى ياش بالىلار بەك ئويلىشىپ كەتمەيدۇ، نەدە ئاسان، راھەت ئىش بولسا، ئازراق مۇئايىش بەرسىلا خوش بولۇپ قىلىۋىرىدۇ. ھازىرقى  ياشلىرىمىزنىڭ كەلگۈسىدە ياخىشى خىزمەتلەرنى تېپىپ ئىشلىشى ناھايىتى تەبىئى، بولۇپمۇ بۈگۈنكىدەك ياخشى شارائىتلاردا، ئاتا-ئانىسىنىڭ ياخشى تەربىيەسىدە چوڭ بولغان بالىلار. ئارىمىزدا نۇرغۇن كىشىلىرىمىز  ناھايىتى ياخشى ئوقۇغان، يۇقىرى مۇئايشلىق. بۇلاردىن قانچىمىز مىللەتنىڭ\ئۈممەتنىڭ  ئىشىنى قىلۋاتىمىز؟ نۇرغۇنلىرىمىز قىلالمايمىز،  ئەمما قىلىشقا ۋاقىت ئاجىرتالمايمىز،  ئازراق پۇل ئىئانە قىلىپ قويساقلا ۋەزىپىمىزنى ئادا قىلغان بولىمىز. ئىشقىلىپ مىللەت\ئۈممەت ئۈچۈن ئۆزىنى ھەقىقىي قۇربان قىلىدىغانلار  بەك ئاز. مىللەت\ئۈممەت دەيدىكەنمىز، قۇربانلىق بېرىشىمىزكېرەك، بالىلىرىمىزدا مىللىتىم ، دىنىم ئۈچۈن قۇربان بولۇشقا رازىمەن، -دەيدىغان ئاڭ يېتىلدۈرۈشكە تىرىشىشىمىز لازىم. 

قىزلىرىمنى قايىل قىلىش
تەتىللىك لاىر پائالىيىتىنىڭ كېنىشكىسىنى ئېلىشتىن ۋاز كەچكەندىن كېيىن، ئويان ئويلاپ، بۇيان ئويلاپ بۇ يىللىق  تەتىللىك لاگىر پائالىيىتىنى (ئائىلە يەسلىسى كېنىشكامدىكى قوبۇل قىلغىلى بولىدىغان بالىنىڭ سانىغا ئاساسەن) بالا سانى ئاز بولسىمۇ، يەنە ھويلىدا قىلىشنى قارار قىلىپ، بۇ ئويۇمنى  ئىككى قىزىمغا ئېيتىم. چوڭ قىزىم بىرىنچى بولۇپ، - مەن قىلمايمەن، بۇلتۇر قىلىپ بەك زىرىكىپ كەتكەن، بەك تەسكەن، باشقا بىر ئىش تېپىپ قىلىمەن،- دەپ چەتكە چىقتى. ئىككىنچى قىزىم :- مەن سىزگە قىلىشىپ بېرەي،- دەپ جاۋاب بەردى. بۇنى پەقەت سىزنىڭ كۆڭلىڭىزگە قاراپلا دەۋاتىمەن،- دەپ قىستۇرۇپ قويدى. بۇ قىزىم ئۇنداق دېگىنى بىلەن نۇرغۇن ئىشلاردا گىپىمىز بىر يەردىن چىقاتتى. 
مەن قىزلىرىمنىڭ ۋاقىتتىن -ۋاقىت ئاجىرتىپ ، مىللەت  ۋە ئۈممەت ئۈچۈن خىزىمەت قىلالايدىغان جەڭگىۋار قىزلار\ئانىلار دىن بولۇپ چوڭ بولۇشىنى ئۈمۈت قىلىمەن. شۇڭا چوڭ قىزىمغا نەسىھەت قىلىشقا باشلىدىم. 
-توغرا سىزنىڭ ھازىر ئىقتىسادقا بەك ئېھتىياجىڭىز يوق، چۈنكى ئوقۇشتىن سىرىت دەرىس ئۆتۈپ تاپقان پۇلىڭىز سىزگە يېتىپ ئاشىدۇ، كەلگۈسىدە ئالىي مەكتەپكە ئوقۇشقا ئۆتسىڭىز،  دۇختۇرلۇق ئوقۇشىڭىزنى مۇۋاپىقىيەتلىك تاماملىسىڭىز، يۇقىرى مۇئايشلىق ئىش تېپىشىڭىز مۈمكىن، ئەمما ئىنساننىڭ ھاياتى ياخشى خىزىمەت تېپىش، يۇقىرى مۇئايشلىق بولۇپ ياخشى يەپ، ياخشى كېيىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالسا بولمايدۇ. چوقۇم مىللەت، ئۈممەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئېڭى بولۇشى كېرەك. بۇ ھايات باشقىلارغا مەنپەت يەتكۈزۈش، ۋەتىنى ئۈچۈن خىزىمەت قىلىش ۋە ئىنسانىيەتكە تۆھپە قوشۇش ئارقىلىق بەرىكەتلىك ھەم گۈزەل بولىدۇ. -بۇ   خىزمەتنى سىز قىلمايمەن، دىسىڭىز، يەنە بىرسى قىلمايمەن دىسە، بۇنى  كىم قىلىدۇ؟ بىز دۆشمەنلىرىمىز  ئۈستىدىن قانداق غالىپ كېلىمىز؟ بىز دادىڭىز ئىككىمىز نۇرغۇن قۇربانلىقلارنى بېرىپ مۇشۇ يەرگە كەلگەن، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ قۇربانلىق بېرىشكە تەييارمىز، ئەمما بىزدىن كېيىن قالساڭلار، قانداق قىلىسىلەر؟ بۇ مۈشكۈل ۋەزىپىنى باشقىلار قىلىشىىپ بەرمەيدۇ، سىز ۋە سىزگە ئوخشاش ياشلىرىمىز قىلىشى كېرەك.   بالىلارنى تەربىيەلەش ھەقىقەتەن قېيىن، ئەمما ئۇ ئەجىرى ئۈزۈلۈپ قالمايدىغان كاتتا خىزىمەت. سىز بىر ئوقۇغۇچىنى تەربىيەلىسىڭىز، ئۇنىڭ ئەجرى كاتتا بولىدۇ. ئوقۇغۇچىڭىز سىزدىن ئالغان ئىلىم بىلەن يەنە بىرىنى تەربىيلىسە، ئۇنىڭ ئەجىرى ھەر  ئىككىڭلارغا تەڭ بولىدۇ، بۇ نېمىدىگەن كاتتا ئىش! نۇرغۇن ئادەم قىلىمەن دەپ قىلىپ بولالمايدىغان ئەجىرى ئۈزۈلۈپ قالمايدىغان ئېسىل ئىشقۇ بۇ! مەن سىلەرنى نەچچە يىل تەربىيەلەپتىمەن، ئوقۇتقۇچى -ئۇستازلىرىڭلار تەربىيەلىدى، ئەمدى بىزدىن ئالغاننى بېرىشىڭلار كېرەك، بولمىسا ئالغان ئىلمنىڭ ھەققىنى ئادا قىلغان بولمايسىلەر ،- دەپ تەربىيە قىلدىم. مەن ئەڭ ئاۋۋال باللىرىمنى تەربىيلىيەلمىسەم، باشقىلارنىڭ باللىرىنى قانداق تەربىيلەيمەن؟ سىلەر مېنى قوللىمىساڭلار،  مېنى كىم قوللايدۇ؟ ئائىلە دېگەن بىر كىچىك جەمىيەت، بىر كىچىك ئورگان، شۇ جەمىيەتتىكى كىشىلەر بىر -بىرىنى قوللىمىسا، بىر -بىرىگەياردەم بەرمىسە، بۇ جەمىيەت قانداق گۈللىنىدۇ؟ شۇڭا مەن سىلەرنىڭ قوللىششىڭلارغا، ماسلىشىشىڭلارغا مۇھتاجمەن،- دىدىم. گەپنىڭ كەينىگە ئۆلگۈرۈپ كىرگەن يولدىشىم:- ئاپاڭلار نېمە دىسە شۇ بويىچە قىلىڭلار، شۇنى بەجا كەلتۈرۈشىڭلار كېرەك،-دەپ قوشۇپ قويدى. چوڭ قىزىمنىڭ كاللىسىدىن ئۆتكەندەك قىلدى، ئارتۇق گەپ سۆز قىلمىدى. 
شۇنداق قىلىپ، قىزلارنىڭ قوشۇلىشى بىلەن 5-6 بالا بولسىمۇ مەيلى دەپ ، ئۈزۈمنىڭ باللىرىنى قوشقاندا 10 بالىغا تەتىللىك پائالىيەت قىلىش ئىلاننى چىقىرۋەتتۇق. ئىلاننى چىقىرىپلا بىر ئىككى كۈندە ھەممە ھەپتە دېگۈدەك توشۇپ قالدى. ئىلاننى بەك بۇرۇن يەنى 3-ئاينىڭ بىرىنچى ھەپتىسى چىقارغاچقا، يازلىق تەتىل بولغىچە بوش قالغان ھەپتىلەرنى ئوقۇغۇچى بىلەن تولدۇرۇشقا يېتەرلىك ۋاقتىمىز بار ئىدى. 
مەن ئىككىنچى مەۋسۇملۇق دەرىسكە سىتاتىستىكا دەرىسىنى ئېلۋاپتىكەنمەن، ھېلقى دەرىسنىڭ تەسلىكىدە، ئارقىغا چېكىنىپ توختاپ قېلىشنىڭ ئورۇنى يوق ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە قېرى بىر پىرافىسۇر دەرس ئۆتۈپ، گىپىنى بىلگىلىمۇ بولمايتى. نەچچە قېتىم  تاپشۇرۇق ئىشلىيەلمەي يىغلاپ،  -خەپ مۇشۇ مەكتەپتىن توختاپ قالمىسام دېگەنلەرنىمۇ ئويلاپ كەتتىم. 

لاگىر پائالىيىتنىڭ ئەمەلدىن قىلىشى
رامىزانغا بىرەر ھەپتە قالغان بىر كۈنى تۇيۇقسىز بىرەيلەن "-مەن سەھىيە مېنىستىرلىكىدىن " بىيىل بولىمەن. سىز  Momz &Kidz يازلىق لاگىر پائالىيىتنىڭ باشقۇغۇچىسىمۇ؟ بىرەيلەن سىزنىڭ ھويلىدا لاگىر پائالىيىتى قىلماقچى ئىكەنلىكىڭىزنى خەۋەر قىلدى'-دەپ تېلىفون قىلدى.  
مەن:- ھە مەن شۇ، -دەپ جاۋاب بەردىم. 
بېيىل: - سىز ھويلىڭىزدا، لاگىر پائالىيىتى قىلالمايسىز.
مەن:-نېمە ئۈچۈن قىلالمايمەن؟ مېنىڭ ئۆي يەسلىسى كېنىشكام بار، شۇ كېنىشكا بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلسام بولىدۇ، بۇنى   يەسلى باشقۇرغۇچى مەسئۇل خادىمى دېگەن ،- دىدىم. 
بىيىل: لاگىر پائالىيىتىنى ئۇلار باشقۇرمايدۇ، بىز سەھىيە مىنىستىرلىكى باشقۇرىمىز، سىز ئاچسىڭىز بولمايدۇ، چۈنكى ئورۇنىڭىز  ئاھالىلەر ئولتۇرۇشلۇق رايۇنى ئىكەن، -دىدى.
مەن: -ئەمسە ، قانداق قىلىمەن؟ مەن ئىلاننى چىقىرىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىپ بولغان تۇرسام. 
 بىيىل: -قانداق قىلاتتىڭىز، مەكتەپلەر، باغچىلار بىلەن ئالاقە قىلىپ بېقىڭ، ئۇلار بىرەر ئۇرۇننى ئىجارىگە بەرسە ، شۇ يەردە قىلسىڭىز بولىدۇ، سىز ئۇرۇن تاپسىڭىز ، دەرھال ئورۇنىنى ئالماشتۇرۇپ بېرىمىز،- دىدى.
مەن تىلفوننى قويۇۋىتىپ، باشقىلار نېمە ئۈچۈن ئۇلارغا  چاققاندۇ؟ ئادەم بىر ئىش قىلسا كۆرەلمەيدىغانلار نۇرغۇن،- دەپ ئويلاپ كۆڭلىم سەل غەش بولغاندەك بولدى، ئەمما دەرھال، بۇنى ياخشىلىققا بۇراپ ئويلىدىم. بەلكىم بۇ ئىشتا  بىر خەيىر باردۇر، ئاللاھ بەندىسىگە ياخشىلىقىنى نىسىپ قىلسا، ھەر خىل ئەگىرى توقايلىقلار بولىدۇ، بىر كۆڭۈلسىزلىكىتىن كېيىن بىر خوشاللىق بولىدۇ. قېنى ئىزدىنىپ باقاي، بىرەر يەر تېپىپ قالسام، بىر نەچچە ئوقۇغۇچىنى ئەمەس، نەچچە يۈز ئوقۇغۇچىنى تەربىيەلەش ( قوبۇل قىلىش) پۇرسىتى بولىدىغان تۇرسا،- دەپ ئۈزۈمگە تەسەللى بەردىم. ئۆيىمىزگە 20 مېنۇت كېلىدىغان بىر مەسجىت بار ئىدى، ئۇنى سەل يېراق كۆرۈپ ئاۋۋال ئىشنى باغچىلار بىلەن ئالاقىلىشىپ بېقىشتىن باشلدىم.  بىرىنچى كۈنى باغچىنى ئىجارىگە بىرىمىز دېگەن  خادىم ئىككىنچى كۈنى يوقاپ كېتىپ،  باغچىلارنىڭ شەخسىكە بىرىلمەيدىغانلىقى ئېنىق بولدى. -ئەمدى مەكتەپلەرنى سۈرۈشتۈرەيمۇ؟ دىدىم، لېكىن ئىجارە ھەققىنىڭ قىممەت بولۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ ساقلاپ تۇردۇم. 

لاگىر پائالىيىتى ئۆتكۈزۈدىغان ئورۇن ئىزدەش 
بۇ جەرياندا رامىزان باشلىنىپ كەتتى، كاللامغا لاگىر پائالىيىتىنى قىلالماسلىقتىن ئىبارەت بۇ ئىش تەسىر قىلىپ بىسىم بولدى،  يەنە بىر تەرەپتىن دەرىسنىڭ بىسىمى بولۇپ، رۇزىلىرىم روزىدەك بولماي قىلۋاتاتتى. مەن رامىزاننى باشقا رامىزان ئايلىرى ۋە ئادەتتىكى ئىبادەتلىرىمىدىن باشقىچە ئالاھىدە ئۈتكۈزۈش ئويىم بار ئىدى، ئەمما بىرەر ئون كۈن نامىزىم نامازدەك بولمىدى. بۇنىڭدىن ئىچىم بەك سىقىلدى، ئاللاھقا دۇئا قىلدىم، يىغلىدىم. رامىزاندىكى ئىبادەتلەردىن دۇنيا ئىشلىرىنىڭ غالىپ كەلمەسلىكىنى تىلىدىم. 
رامىزانغا 15 كۈن بولاي دېگەندە، - بولدى، لاگىر پائالىيىتى قىلمىسام قىلمىدم، مۇشۇ رامىزاننى كۆڭۈللۈك ئۈتكۈزەي،- دەپ ئۇ ئىشنى تاشلاپ قويدۇم. كۆڭلۈم سەل جايىغا چۈشۈپ، رامىزان ئېيىم ھۇزۇر بىغىشلاشقا باشلىدى. رامزاننى خاتىرجەم تۇتۇش بىلەن بىرگە، مەسجىدكە نامازغا بېرىش جەريانىدا، مەسجىدنى ئىشلىتىشكە روخسەت قىلسا، شۇ يەرنى ئىشلىتەي،- دەپ ئۇلارغا ئۇچۇر قىلىپ باقتىم. ئۇلار ، مەسجىدكە بىر كېلىشمنى، يۈز تۇرانە كۆرۈشۈشنى ئىيتى. چۈنكى نۇرغۇن ئادەم مېنى تونۇمايىتتى.
بىر كۈنى جۈمەگە بارغاچ كۆرۈشىدىغان بولۇپ مەسجىدكە باردىم. كۆڭلۈمدە، بۇلار نېمە دەر؟ مەسجىدنى ئىشىلتىشىمگە قوشۇلارمۇ؟  بۇلار مېنى بىلمەيدىغان تۇرسا.، ئەگەر قوشۇلماي قالسا، قانداق قىلىشىم كېرەك؟..دېگەندەك ئويلار بىلەن، تەۋەككۈل ئاللاھ،- دەپ مەسجىدكە كەلدىم. جۈمە نامىزىدىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئىشخانىسىغا ئاستا قەدەم بىلەن كىرىپ تۇرۇشۇمغا ، كەينىمدە ئەڭ يېقىن تۈرۈك دوستۇم  "سەمرا " ئاسماندىن چۈشكەندەكلا پەيدا بولۇپ قالدى. - ھەي سەمرا! سەن قانداق بولۇپ بۇ يەرگە كىرىپ قالدىڭ؟ - دەپ سورىدىم. ئۇمۇ ،- ئائىشە ھەدە ، سەن بۇ يەردە نېمە قىلۋاتىسەن ،- دەپ سورىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ مۇشۇ مەسجىدىنىڭ قۇرغۇچىلىرى بىلەن يېقىن ئەتىراپتىكى بىر دۇختۇرخاندا خىزمەتداش ئىكەنلىكىنى، بۇلارنى زىيارەت قىلىپ كىرگەنلىكىنى ئېيتى. مەنمۇ ئۆزۈمنىڭ كېلىش مەقسىتىمنى چۈشەندۈرۈدم. ئۇنىڭغچە، سەمرا، بۇ مېنىڭ ئەڭ يېقىن، ئەك ئىشەنچىلىك دوستۇم، ئۆزى ئۇيغۇر ، مانا مۇشۇلار ھەقىقىي تۈرۈكلەر، بىز ئەمەس،- دەپ ئۇلارغا ئازراق تونۇشتۇردى. بۇ يەردە، سەمرا دوستۇمنىڭ تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپ قىلىشى، مېنى ئۇلارغا ، "بۇ ئىشەنچىلىك دوستوم" ، دەپ گۇۋاھلىق بىرىشى  ئالاھىدە  ئىش بولدى.  ئۇ دوستۇم باشقا بىر ۋىلايەتتە  ئولتۇرىدۇ. بۇ مەسجىدىكە ئىزىپ-تىزىپمۇ كېلىپ قالمايىتى، ھەجەپ بولدى، بۇنىڭدا بىر ھېكىمەت بولۇشى مۈمكىن، -دەپ ئويلاپ كۆڭلۈم سەل يۇرىغاندەك بولدى. جۈمە كۆرۈشمىدىن كېيىن، مەسجىد ئەزىرلىرى مەسلىھەتلىشىپ جاۋاب بېرىدىغان بولدى.  
شۇنداق قىلىپ بىرەر 10 كۈن ئۆتتى، ئۇلار جاۋابىنىمۇ بەرمەي ، جىمجىت بولۇپ كەتتى. رامىزانمۇ خىلى پەيزى ئۆتۈۋاتاتتى. -توختا، بۇلارنى سۆيلەپ ئۇچۇر قىلاي، -دەپ، ئۇلارغا ئۇچۇر قىلدىم. 
-ئۇلار ئۇچۇرىمغا " ئىشلەتسىڭىز بولىدىغان بولدى، سىزنى قارىشى ئالىمىز"،- دېگەن جاۋابنى بەردى. يەنە بىر جۈمە كۈنى  مەسجىدنىڭ قايسى قەۋىتىنى  ئىشلىتىمەن؟  تەكشۈرۈشتىن ئۈتكەنمۇ؟ بۇلارنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن يەنە باردىم. مالىيەگە مەسئۇل ئايال، مەسجىدنىڭ يەر ئاستىنى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ ( بۇ يەر ھېيت بايرام، رامىزانلاردا ئادەم كۆپ بولۇپ كەتسە، ئاياللار ناماز ئۆتەيدىغان ياكى تاماق يەيدىغان يەر ئىدى. )، -دىدى. راستنى ئېيتسام، يەر ئاستىنى ئىشلەتكۈم تازا يوق ئىدى، چۈنكى، تاسادىپى بالا-قازا،  ھادىسە يۈز بەرسە كىچىك بالىلارنىڭ ئاستىدىن ئۈستىگە يۈگۈرۈپ سىرىتقا چىقىپ كېتىشىگە سەل قولايسىز بولۇپ قالاتتى.
مەسجىدنىڭ قۇرغۇچىسى خىلىل ئەپەندىمگە رەھمىتىمنى ئېيتقاچ، يەر ئاستىنى ئىشلىتىدىكەنمەن، تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەنلىك ئىسپاتلار باردۇ؟ دەپ قىستۇرۇپ قويدۇم. - خاتىرجەم بولۇڭ، ھەممىسى بار، دەپ جاۋاب بەردى. بۇنى قايتا جەزىملەشتۈرۈپ سوراپ كېتىشىم، ئەينى ۋاقىتتا مەن يەسلى كېنىشكىسىنى ئالغاندا، بىزنىڭ ئۆي تەكشۈرۈشتىن خىلى تەستە ئۆتكەن ( يەنى سىرلىرى چۈشۈپ تۇرىدىغان ئۆي بولماسلىق، ھەر بىر ئاشخانا، بالىلار ئوخلايدىغان، ئوينايدىغان  ئۆي، ئوبۇرنىدا غەيرىنى پۇراقنى ھېس قىلغۇچى ئۈسكۈنە بولۇش، جىددى ئەھۋالدا قاچىدىغان ئىشىكلىرى ئالاھىدە بەلگىلەنگەن ئۆينىڭ چىرتىيوژى بولۇش، ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەن بولۇش...دېگەندەك نۇرغۇنلىغان تەلەپلەرنى قاندۇرۇش ئارقىلىق تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزگەن) . يازلىق تەتىللىك لاگىر پائالىيتىنىڭ كېنىشكىسىنى ئېلىشتىمۇ بارلىق تەكشۈرۈشتىن ئۆتۈش دەپ ئالاھىدە كۆرسىتىلگەن ئىدى. 

لاگىر پائالىيىتىنىڭ كېنىشكىسىنى ئېلىشقا سەپەر
مەسجىد ھەممە نەرسىمىز بار دېگەندىكىن،  خاتىرجەم بولۇپ، تەتىللىك لاگىر پائالىيىتىنىڭ كېىنىشكىنى ئېلىشنىڭ باشقا تەلەپلىرىنى ئورۇنداشقا تۇتۇش قىلىپ كەتتىم. ئىككىنچى قىزىم (مەرۋە) بىلەن ئىككىمىز ، سەھىيە مېنىستىرلىكى ېىراق بىر ۋىلايەتتىكى بىر كۈنلۈك ئۆگۈنۈشكە بېرىپ كەلدۇق. بۇ دەل رامىزان ۋاقىتلىرى بولغاچقا، مەرۋە ئوخلاپ بېرىپ، ئوخلاپ كەلدى، -سېنى ئېلۋالغىنىم نېمە بولدى؟ توختىماي ئوخلاپلا چىقتىڭ،- دەپ تەنقىدلەپ قويدۇم. 
يېزىپ تەييارلاشقا تېگىشلىك ماتېرياللار، دەل بالىلارنىڭ ئەتىيازلىق تەتىل ۋاقتىغا توغرا كەلگەچكە، ئىككى چوڭ قىزىمنى  ئىككى تەرەپتىن ، سەھىيە مىنستىرلىقىنىڭ تەلىپى بويىچە ماتېريال تەييارلاشقا ئورۇنلاشتۇردۇم. چوڭ قىزىمنىڭ يېزىقچىلىق ئىقتىدارى ئالاھىدە يۇقىرى بولغاچقا ، ئۇ مەخسۇس ساغلاملىق پىلانى، جىددى ئەھۋالدا تەدبىر قوللىنىش پىلانى، بالىلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش پىلانى، لاگىر پائالىيىتىدكى ھەر بىر پائالىيەتكە بىر پىلان  ۋە باشقا قائىدە تۈزۈم ، پىلانلارنى تۈزۈشكە مەسئۇل بولدى، تۈزۈش جەريانىدا، نەچچە قېتىم قاخشاپ بولدى. 
ئىككىنچى قىزىم (مەرۋە) گە ، ئىلان ياساش، پائالىيەت كۈن تەرتىپى، ھەر خىل پائالىيەت مەزمۇنلىرىنى قوشۇش دېگەندەك، ئۆزىنىڭ ئىقتىدارى ۋە مىجەزىگە ماس كېلىدىغان ئىشنى ئورۇنلاشتۇردۇم. ئۆزۈم ئۇ ئىككى قىز قىلغان ئىشنىڭ ئۈستىدىن كۆرۈپ، -بوپتۇ، بولماپتۇ، ماۋۇ يېرىنى مۇنداق ئوڭشاڭ، ئاۋۇ يەرگە مانى قوشۇڭ دېگەندەك تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ۋەزىپىسىنى ئۈستۈمگە ئالدىم. بۇ ئىشلار بىرەر ئىككى بەت بىلەن تۈگەيدىغان ئىش ئەمەس ئىدى. ئەڭ ئۇزۇن پىلان 10 بەتلىكتىن يۇقىرى  ، ئەڭ قىسقىسى 7 بەت ئەتىراپىدا ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ كەلگۈسىدىكى بىرتەربىيەلەش ئۇرۇننىڭ بىر ئۈمۈر ئىشلىتىدىغان ماتېرياللىرى بولۇپ قالاتتى، شۇڭا تۇنجى قەدەمنىڭ جاپالىق بولۇشى تەبىئى ئىدى. بۇ يىل جاپاغا چىداپ ھەممىنى تۈزۈپ تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزەلىسەك ، كېىيىنكى يىللىرى تەييارنىلا ئىشلىتەتتۇق. قىزلىرىمنىڭ تەتىل ۋاقتىدىن پايدىلنىپ تەييارلىغان ماتېرياللارنى بىر- بىرلەپ سەھىيە مېنىستىرلىكنىڭ تور بېكىتىگە  ، ئۇلارنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلىشى ئۈچۈن يوللىدىم. 
ماتېرياللارنى تەييارلاش جەريانىدا، قانۇنى گۇۋاھلىقتىن ئۆتۈش، سالاھىيەت تەكشۈرۈشىدىن ( جىنايىتىڭىز بارمۇ؟) ئۆتۈش، FBI  نىڭ تەكشۈرۈشى، ئادەم ئىشلىتىپ مۇئايىش بېرىش ئۈچۈن ئالاھىدە ھۇقۇدارلىق نۇمۇرغا ئىلتىماس قىلىش  دېگەندەك رەسمىيەتلەرنى تەييار قىلغاچ تۇردۇم . ماتېريال تەييارلاش جەريانىدا، مەسجىتتىن  بىنانى ئىشىلتىش ئىجازەتنامىسى بىلەن ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەن ئىسپاتنى يوللاپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدىم. ئۇلار خىلى كۈنگىچە جىمىپ قالدى، بۇ مېنى ئەندىشىگە سېلىشقا باشلدى. چۈنكى، بىر قېتىملىق قايتا ئۇچۇرشىشتا، مەسجىد قۇرغۇچىسى خىلىل ئەپەندىمنىڭ ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسىدن تەكشۈرۈپ كەلسە، مەسجىدنىڭ ماۋۇ- ماۋۇ ئۆيى تەكشۈرۈشتىن ئۆتمەيدۇ، شۇڭا چوڭ ئوتتۇردىكى ئاساسلىق ئۆينى كۆرسەتسىڭىز بولىدۇ، دېگىنىنى ھەم ئىشخانىغا مەسئۇل خانىمنىڭ ، تەكشۈرۈش دوكلاتنى ئۆزلىرىنىڭ مەخسۇس خادىمى كېلىپ تەكشۈرۈپ ، ئىسپات چىقىردىغانلىقىنى دەپ ئۆتكەندى.ئۇلارنىڭ بۇ گەپلىرى مېنى سەل ئەندىشىگە سېلۋاتاتتى. ئۇلارنى سۈيلەش جەريانىدا، بىنانىنى ئىشلىتىش ئىجازەتنامىسى بولمىغاچقا، قانچە ئادەم پاتىدىغانلىق ئىسپاتى بىلەن شەخسى شىركەتنىڭ تەكشۈرۈش دوكىلاتىدىن بىرنى يوللاپ بېرىپتۇ. كۆڭلۈم سەل دەكە -دۆكە ئىچىدە بۇ ئىككى ماتېريالنىمۇ سەھىيە مېنىستىرلىقىغا يوللاپ قويدۇم. 
ھەممىنى يوللاپ بولۇپ سەل يەڭگىللەپ قالغاندەك بولدۇم، ئەمدى گەپ ، مۇشۇ ماتېرياللارنىڭ تەكشۈرۈشتىن مۇۋاپىقيەتلىك ئۆتۈشى ئىدى. بۇ جەرياندا تارتقان جاپالارنى بالدۇر بىلگەن بولسام بۇ قەدەمنى ئالماس ئىدىم ، -دەپ كەتتىم.  سەھىيە مىنستىرلىقى لاگىر پائالىيىتى قىلىدىغان بىر ئورۇن تاپسىڭىز، ئورۇننى ئالماشتۇرۋەتسەكلا بولىدۇ، -دىسە ، بۇ بەك ئاسان ئىشكەن.- دەپ ئويلاپ قاپتىكەنمەن، لېكىن ئىش ئۇنداق ئاسان ئەمەسكەن. بىر تال كېنىشكىنى ئېلىش ئۈچۈن نۇرغۇن قەدەم باسقۇچلارنى بېسىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدىكەن. لاگىر پائالىيىتنىڭ كېنىشكىسىنى ئىلىش، يەسلى كېنىشكىسىنى ئېلىشتىنمۇ قېيىن ئىكەن ئەمەسمۇ! 

لاگىر پائالىيىتى ئۈچۈن سىستىرا تېپىش 
ماتېرياللارنى يېزىپ تەييارلاش جەريانىدا،  جىددى ئەھۋالدا يۈگۈرۈپ بېرىپ ياردەم قىلالايدىغان  بىر كېنىشىكىلىق سىستىرانىڭ بولۇشى تەلەپ قىلنغانكەن . بۇ ئىش بېشىمنى بەك قاتتۇردى. سىسىتىرانى نەدىن، قانداق  تاپارمەن؟ كىم بۇ ئىشنى قىلىپ بېرىشنى خالايدۇ؟ بولۇپمۇ ئامرىكىدا ھېچكىم بىر قەدەمنى بىكارغا ماڭمايدىغان تۇرسا ...،- دەپ ئويلاپ ئەتىراپىمدىكى تونۇشلارنى ئويلاشقا باشلىدىم. ئەڭ ئاۋۋال  بالىلىرىمنى ئاپىرىدىغان دوختۇرخاندىكى سىستىرا جۇلىيە ئېسسىمگە كەلدى؟ شۇنىڭغا دەپ باقايمۇ؟ -ئۇ قىز ھەر قانداق ۋاقىتتا بىرەر ئىشقا ئېھتىياجىمىز بولسا، شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ھەل قىلىپ بېرىشكە تىرىشىدۇ،- دەپ ئويلىدىم. -ياق، نۇرمال ئىشلەۋاتقان خادىم بولسا، لاگىر پائالىيىتىدە جىددى ئېھيتىياجلىق بولۇپ قالساق، ئىشىنى تاشلاپ كېلەلمەسلىكى مۈمكىن، كېنىشكىسى بار، ئۆيىدە تۇرىدىغان بىرەيلەن بولسا ياخشىراق،  دەپ ئويلاپ، ئۇ قىزغا دەپ بېقىشتىن ۋاز كەچتىم ۋە تويۇقسىزلا، بىزگە خوشنا ئولتۇردىغان، سومالىلىق تونۇشىم ( سالاماتا) نىڭ ئۆزىنىڭ سىستىرالىقى توغىرسىدا گەپ قىلغانلىقى ئېسسىمگە كېلىپ، يازلىق لاگىر پائالىيىتىمىزنىڭ سىستىراسى بولۇپ بېرىشى ئۈچۈن، ئۈزۈمنىڭ قىلۋاتقان ئىشىمنىڭ تەپسىلاتى توغىرسىدا ئۇزۇن ئۇچۇردىن بىرنى يوللىدىم. بۇ خانىم بىزگە ئۆيى ئەڭ يېقىن بىردىنبىر تونۇشىم ئىدى. 
سالاماتا، ئۇچۇرۇمغا، -ۋاي بولىدۇ، مەن كېنىشكىلىق سىستىرا ، مەن قىلىشىپ بېرىمەن،  مەن سىزنى قوللايمەن، سىزنىڭ مائارىپ ئۈچۈن  باسقان بۇ قەدىمىڭىزنىڭ رۇناق تېپىشىنى كۆرگۈم بار، بىز بۇ يەردىكى  مۇسۇلمانلارنىڭ بالىلىرى سىزدەك بىر كىمنىڭ يېتەكلىشىگە بەك مۇھتاج، سىز قىلالايسىز، قىزلار قىلىشقا تېخىمۇ لايىق، بۇ ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى. خاتىرجەم ئالدىڭىزغا قاراپ مېڭىڭ، مەن ساغلاملىق پىلانىڭىزنى كۆرۈپ چىقاي، قوشۇشقا تېگىشلىك يەر بولسا تولۇقلاپ، سىستىرا تولدۇردىغان بەتنى مەن تولدۇرۇپ قويىمەن،- دەپ ئۇچۇر قايتۇرۇپتىكەن، بەك خوش بولۇپ كەتتىم، سىستىرا تېپىش غىمىمنى ئاللاھ ئاسان قىلىپ بەردى، بۇ ئىش شۇنىڭ بىلەن پۈتتى. 

ماتېرياللارنى تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈشتە ئۇچىرغان بىسىم
ئەمدىكى گەپ، ماتېرياللارنى ئۆتكۈزۈشتە قالدى. بىر كۈنى سەھىيە مىنستىرلىكىدىكى خادىم بىيىل ۋاقتىڭىز بولسا ماتېرياللىرىڭىزغا بىرلىكتە بىر قاراپ باقساق دەپ تېلىفون قىپتۇ، يۈرۈكۈم قارىسدە قىلدى، دە، ئاستا كومپىيوتىرنى ئېچىپ، ئۇ خادىم بىلەن تەڭ تورغا چىقتىم. 
يازمىچە ماتېرياللارنى بىر تەرەپتىن كۆرۈپ، بىر تەرەپتىن تۈزۈتۈش بېرىپ ماڭدى، مەن ئۆزگەرتىشكە تېگىشلىك يەرلەرگە قىزىل رەڭدە ئەسكەرتىش قوشۇپ ماڭدىم. ئەمدى، مەسجىد تەمىنلىگەن ئىككى ئىسپاتقا كەلگەن ئىدى. 
بىيىل: ماۋۇ بىنانى ئىشلىتىش ئىسپاتى بىلەن ئوت ئۈچۈرۈش ئىدارىسى (شەخسى شىركەتنىڭ ئىسپاتى) نىڭ ئىسپاتنى بولمايدۇ، ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسىدىن مەخسوس بىر ئوفىسىر كېلىپ بۇ بىناننىڭ بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلىشى كېرەك، دىدى. تېخى بىنانىڭ سۈيى شەھەر تەمىنلىگەن سۇمۇ ياكى قۇدۇق سۈيىمۇ ؟ ئەگەر شەھەر تەمىنلىگەن سۇ بولسا، چاتاق يوق. قودۇق سۈيى بولسا سۇنىڭ پاكىزلىقىنى تەكشۈرۈتۈپ ، ئۆتكەنلىك ئىسپاتنى يوللىشىڭىز كېرەك،-دەپ قوشۇپ قويدى. مەن مەسجىد تەمىنلىگەن ماتېرياللارنىڭ ئۆتمەي قىلىشىدىن بەك ئەنسىرگەن ئىدىم، ئەنسىرگىنىمدەك ئىش بولدى. چۈنكى، مەسجىدنىڭ بەزى رەسمىيەتلىرى تولۇق ئەمەسكەن، بەزى ناماز ئۆتەيدىغان كىچىك ئۆيلەرنى تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزمەي ئۆزلىرى ئوڭشاپلا قىلۋالغان، ئۇ يەردە نە جىددى ئەھۋالدا قوللىنىدىغان ئىشىكلەر، نە ئىس-تۆتەك تەكشۈرگۈچى ئەسۋابلار يوق ئىدى. بۇ پەقەت مەن قوللانماقچى بولغان مەسجىدنىڭلا مەسىلىسى ئەمەس. باشقا مەسجىدلەردىمۇ بۇنداق تەشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈلمىگەن ئورۇنلارنى ناماز ئۆتەيدىغان يەر قىلۋىلىش نۇرمال ئىش. ئەگەر مۇناسۋەتلىك ئورۇنلار كېلىپ بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈپ قالسا ئۆتەلمەيدىغانلىقى ئېنىق. 
 مەسجىدنىڭ سۈيى قودۇق سۈيى بولۇپ قالسا، سەھىيە ئىدارىسىنىڭ  تەشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈش بەك تەس. ئەگەر سۇ تەكشۈرۈشتىن ئۆتمىسە، يەنى سۇدا باكتىريە بولۇپ قالسا، سۇنى تازلىتىپ قايتا تەكشۈرتۈش (تازلاش ھەققىغىمۇ خىلى پۇل كېتىدۇ). بۇ مەن ئائىلە يەسلىسى كېنىشكىسىنى ئېلىشتا، ئۆينىڭ سۈيى تەكشۈرۈشتىن ئۆتمەي ( قودۇق سۈيى)، تازلىتىپ قايتا تەكشۈرۈپ سۇنىڭ سۈپىتى ئۆلچەمگە يەتكەندە، ئاندىن ئۆتكەن. ھەر ئىككى يىلدا ئۆينىڭ سۈيىنى تەكشۈرەيدۇ. بۇ يىلمۇ يەسلى كېنىشكامىنى يېڭلاش جەرياندا، سۇ تەكشۈرۈشتىن ئۆتمەي، ئاخىرى نەچچە مېڭ دوللارغا باكتىريە ئۆلتۈردىغان چىراق ئورۇنتۇپ، ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم سۇ تازلىتىشتىن ئىبارەت ئاۋارچىلىقتىن قۇتۇلدۇق، ئەلھەمدۇلىلاھ ، شۇ جەرياندا ئىچۋاتقان سۈيىمىزنىڭ پاكىزلىقغا كاپالەتلىك قىلۋالغىنىمىزدىن خوش بولدۇق ( ئەمما كەتكەن چىقىمنىڭ دەردى ئاچچىق بولدى).  مەسجىدنىڭ ئىشلىتىۋاتقان سۈيى قۇدۇق سۈيى بولسا، تەكشۈرۈشتىن ئۆتمەسلىكى ئېنىق.  دەكە-دۆككە ئىچىدە، مەسجىدنىڭ قۇرغۇچىسى خىلىل ئەپەندىمگە ئۇچۇر قىلدىم. خىلىل ئەپەندىم: -بۇ ئىشتىن خاتىرجەم بولۇڭ، مەسجىدنىڭ سۈيى شەھەر تەمىنلىگەن سۇ، دىگەنتى، بەك خوش بولۇپ كەتتىم. ئەلھەمدۇلىلاھ ، ھېچ بولمىسا ماۋۇ سۇ تەكشۈرتۈش ئاۋارچىلىقىدن قۇتۇلدۇم،-دەپ كۆڭلۈم سەل ئارامىغا چۈشتى. ئەمدىكى گەپ مەسجىدنى ئوت ئۈچۈرۈش ئىدارىسنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزۈش بولۇپ قالدى. 
مەكتەپتە ئەتىيازلىق مەۋسۇم ئاخىرلىشىپ ئىشلەيدىغان پرۇجەت، تاپشۇرۇقنىڭ كۆپلىكى، باللىرىم، ئوقۇغۇچىلىرمنىڭ دەرىس- تاپشۇرۇقلىرى ، لاگىر پائالىيتىنىڭ كېنىسكىسىنى ئېلىشتا ئۇچۇراۋاتقان قېيىنچىلاردىن ئىبارەت بۇ  ئارقا-ئارقىدىن كەلگەن بىسىملار مېنى راۋروس چارچاتتى. ئەگەر لاگىر پائالىيىتىگە كېنىشكا ئېلىشنىڭ بۇ قەدەر تەسلىكىنى بالدۇر بىلگەن بولسام ، شۇ ۋاقتنىڭ ئۆزىدە ۋاز كەچكەن بولاتتىمكەن. بەلكىم بۇ ئىشلارماڭا مۇشۇنداق تەس تويۇلغان بولۇشى مۈمكىن.  چۈنكى مەن بۇ يۇرتقا كۆچمەن بولۇپ كەلگەن، بۇلارنىڭ نۇرغۇن قائىدە - تۈزۈملىرىنى،  بىلمەيمەن، پەقەت ئالدىمغا كېلىپ قالغاندا، نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلىش پۇرستىم بولىدۇ. 

مەسجىدنى تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈش
كۈنلەر بىرىنىڭ كەينىدىن بىرىنى قوغلاپ ھەش-پەش دېگۈچە 5-ئاي كىرىپ بولدى. يازلىق تەتىل بولىدىغانغا بىر ئايلا ۋاقىت قالغان ئىدى. شۇڭا «تەۋەككۈل» دەپلا يازلىق تەتىللىك لاگىر پائالىيىتىمىز مەسجىتتە ئۆتكۈزۈلىدۇ، دېگەن يېڭى ئىلاننى چىقىرۋەتتۇق. مەسجىدنى ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزۈشتە، مەسجىد خادىملىرى بىز ئۇلارنى چاقىرالمايمىز، ئۆزىڭىز ئۇلار  بىلەن ئالاقلىشىپ ئورۇنلاشتۇرسىڭىز،- دەپ بۇ ئىشنى ماڭا تاشلاپ قويدى.  ئۇلار ئەلۋەتتە چاقىرمايدۇ، چۈنكى تەكشۈرۈشتىن ئۆتەلمەي مەسجىدنىڭ تاقىلىپ قىلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. مەن ئۇ ياندىن، نۇ ياندىن سۈرۈشتۈرۈپ يۈرۈپ، مەسجىد قاراشلىق ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارسىنىڭ ئالاقىلىشىش نۇمۇرنى تېپىپ، جىددى ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدىم. نۇرمالدا ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسى ھەقسىز تەكشۈرۈش قىلاتتى، ئەمما بۇ قېتىم 72 دوللار تاپشۇرسىڭىز «تەكشۈرۈش»نى ئورۇنلاشتۇرىمىز،- دىدى. -ۋاي، پۇلنى ئېلىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرىدىغان ئىش بولسا تاپشۇراي،- دەپ دەرھال تاپشۇرۋەتتىم. پۇلنى تاپشۇرۇپ بولغان ھامان، جۈمە كۈنىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ بەردى. ئۇلار جۈمە ئارلىقىغا ئورۇنلاشتۇرۇپتىكەن، ۋاقىتنى جۈمەدىن بۇرۇنغا ئۆزگەرتتۇق. شۇنداق قىلىپ مەن ساقلىغان جۈمە كۈنى كەلدى. دەكە-دۈكە ئىچىدە ئىككى كىچىك قىزىم بىلەن ئۇلارنىڭ كېلىشنى ساقلىدىم. 3-4 سائەت ئۇلارنىڭ كېلىشنى ساقلاپ، 12 گە يېقىن بىر ئوفىتسىر كەلدى. ئۇ خادىم : -بۇ ئورۇننى نېمگە ئىشلىتىسىز؟ قانداق ئىشلىتىسىز؟ قانچە بالا كېلىدۇ؟.....دېگەندەك بىر مۇنچە سوئاللارنى سوراپ بولۇپ مەسجىتنىڭ ئىچىگە تەكشۈرۈش ئۈچۈن كىردى. مەسجىد قۇرغۇچىسى خىلىل ئەپەندىمنىڭ تەلىپى بويىچە مەسجىدنىڭ چوڭ ناماز ئۆتەيدىغان ئۆيدىن باشقىلىرىنى تاقاۋەتتىم. ئوفىتسىر خادىم تەكشۈرۋاتقاندا، مەن بۇ يەرنى مەكتەپ قىلىش ئۈچۈن ياكى يەسلى قىلىش ئۈچۈن ئەمەس، پەقەت بىر تەتىللىك لاگىر پائالىيىتى ئۈچۈنلا ئىشلىتىمەن، پائالىيىتىمىز سىرىتتا بولىدۇ، پەقەت جىددى ئەھۋال بولۇپ قالغاندىلا بىنا ئىچىنى ئىشلىتىمىز،-دەپ قوشۇپ قويدۇم. ئۇ خادىم مەسجىد قۇرغۇچىسى بىلەن تىلفۇندا پارڭلىشىپ بىر نەچچە سوئال سورىغان بولدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ تەكشۈرۈش ئاخىرلاشتى. بىناننىڭ سىرتىغا چىقىپ تەكشۈرۈشنىڭ نەتىجىسنى ساقلىدىم. ھايال ئۆتمەيلا، ئۇ خادىم يىنىمغا كېلىپ، سىزگە نېمە قىلىپ بېرىمەن؟-دىدى.
-ماڭا «تەكشۈرۈشتىن ئۆتتى» دېگەن ئىسپاتنى چىقىرپ بەرسىڭىز بەك خوش بولاتتىم،- دىدىم.
-قاچان ئىشلىتىسىز؟- دەپ سورىدى.
-قانچە تىز بولسا، شۇنچە ياخشى، ھەممە نەرسىلىرىم تەكشۈرۈشتىن ئۆتۈپ، پەقەت مۇشۇ ئىسپاتلا قالغان،- دىدىم.
-بۇلىدۇ، مەن ئەتە ئەتگەنگىچە سىزگە ئى-خەت ئارقىلىق يوللاپ بېرەي،-دىگەنتى، بەك خوش بولۇپ رەھمەت ئېيتىپ خوشلاشتىم. مەسجىتتىن ئۆيگە يېنىپ يېرىم سائەت ئۆتمەيلا « مەسجىد تەكشۈرۈشتىن ئۆتتى، مۇبارەك بولسۇن!» دېگەن ئىسپاتنى يوللاپتىكەن، خوشاللىقىم ئىچىمگە پاتماي، ئاللاھقا شۈكۈر ئېيتىپ، يىغلاپ كەتتىم.  
شۇنداق قىلىپ پۈتۈن ماتېرياللارنى سەھىيە مىنىستىرلىكىگە يوللاپ ئۇلارنىڭ جاۋابىنى كۆتتۈم. ئۇلار قايتا بىر قېتىم كۆرۈپ چىقىپ، بىنانى ئىشلىتىش ئىجازەتنامىسى يوقكەن، -دەپ ئازراق غىڭىشقانتى، ئۇ ئىسپاتنى ئەكىلەلمەيمەن، 30 يىل بۇرۇن سېلىنغان  بىناكەن، مەن مەكتەپ قۇرىمەن ياكى يەسلى قۇرىمەن دىمىسەم، بىر تەتىللىك لاگىر پائالىيىتىنىڭ كېنىشكىسى ئۈچۈن مېنى بەك قىينىۋەتتىڭلار-دەپ مەنمۇ غىڭىشىپ چىڭ تۇرۋالدىم. بىز چوڭ باشلىق بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، سىزگە جاۋابىنى بېرەيلى، دەپ ئىككى كۈن يوقاپ كەتتى. مەن تىت-تىت بولۇپ ، بىۋاستە ماڭا مەسئۇل بىيىل ئەپەندىمگە تېلېفۇن قىلىپ، كېنىشكىڭىز تەستىقلاندى، مۇبارەك بولسۇن!-دېگەن جاۋابقا ئېرىشتىم، ئاللاھقا شۈكۈرلەر بولسۇن،-دەپ خوش بولدۇم. نەچچە ئايلىق جاپانىڭ نەتىجىسى بولدى. بىزنىڭ شىتاتتىكى مۇسۇلمانلار ئارسىدا بىردىنبىر يۇقىرنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەن كېنىشكىلىق تەتىللىك لاگىر پائالىيىتىنىڭ قۇرغۇچسى بولۇپ قالدىم. تەتىل باشلىنىش بىلەن تەڭ تەتىللىك لاگىر پائاليىتىمىز باشلىنىپ، كۆزنى يومۇپ ئاچقۇچە 4 ھەپتىنى تۆگەتكەن بوپتىمىز. ئەھمىيەتلىك، ئۈنۈملۈك ۋە بەرىكەتلىك ئېلىپ بېرىلۋاتقان  Kidz&Momz  يازلىق تەتىللىك لاگىر پائالىيتى ئاتا-ئانىلارنىڭ ئىتراپ قىلىشى، بالىلارنىڭ ياخشى كۆرۈشى، مەسجىد خادىملىرىنىڭ قوللىشى بىلەن كۈندىن-كۈنگە جانلىنىپ كېتۋاتىدۇ!  بۇ ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئاللاھنىڭ ياردىمى بولمىسا، قولىمىزدىن ھېچ ئىش كەلمەيتى.  
 
Kidz&Momz نىڭ 2024-يىللىق يازلىق تەتىللىك بالىلار لاگىر پائالىيىتى:




 

Sunday, March 10, 2024

ئالىي مەكتەپكە بېرىشتن ئاۋۋال قۇرئاننى يادلاپ تۈگەتكەن قىز

   ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئەزىز قېرىنداشلار! ھەممىڭلارنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىڭلارنى ئاجىرتىپ بۈگۈنكى بۇ پائالىيىتىمىزگە ئىشتىراك قىلغىنىڭلار ئۈچۈن، مەن ۋە ئائىلىمىزدىكىلەرگە ۋاكالەتەن چەكسىز مېننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن ۋە ھەممىڭلارنى قىزغىن قارشى ئالىمەن. 

    بۈگۈن ھەممىمىز قىزىمىز خەدىچەنىڭ قۇرئاننى يادلاپ تۈگىتىشتىن ئىبارەت بۇ كاتتا نەتىجىسنى تەبىرىكلەش ئۈچۈن بۇ سورۇنغا جەم بولۇپ تۇرۇپتىمىز. تەبىرىكلەشتىكى مەقسىتىمىز __ قىزىمىزنىڭ بۇ نەتىجىسىدىن پەخىرلىنىش، چەتئەلدە ئۆسۈپ يېتىلۋاتقان بالىلىرىمىزنىڭ داۋاملىق يۇقىرى ئۆرلەپ مېڭىشى ئۈچۈن ئۇلارغا ئىلھام بېرىش، ئۇلارغا ئۆزىنىڭ يالغۇز ئەمەسلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئارقىسىدا ھەر زامان ئۇلارنى قوللايدىغان ئاتا-ئانا ۋە باشقا نۇرغۇن قېرىنداشلىرىنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلدۇرۇش، بىر - بىرىگە ئۈلگە بولۇپ ياشاش، بىر - بىرىگە ھەمدەمدە بولۇپ ياشاش ۋە ئۆزئارا ئۇيۇشۇپ ياشاشنى ھېس قىلدۇرۇش. 

    بىز گەرچە ئاتا- ئانا، ئۇرۇق - تۇغقان، قېرىنداشلىرىمىزدىن  ۋە ئەزىز تۇپرىقىمىزدىن ئايرىلىپ، ياقا يۇرتتا مۇساپىر بولۇپ ياشاۋاتقان بولساقمۇ، ئەمما ھاياتلىقتىكى بۇ ئېغىر سىناقلار سەۋەبلىك بالىلىرىمىزنى كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە ياخشى تەربىيەلەشتىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغۋار نىشانىمىزدىن قىلچە ۋاز كەچكىنىمىز يوق. چۈنكى، بىز جاپادىن قورقمايدىغان، باتۇر، جەڭگىۋار، ئۇيغۇر ئاتا - ئانىلارمىز. شۇڭا بۇ ئاتا - ئانىلاردىن تاللانتلىق بالىلار يېتىشىپ چىقىۋاتىدۇ، بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ يېتىشىپ چىقىدۇ، ئىنشائاللاھ.  بالىلىرىمىز ھەر خىل ساھەلەردە ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈۋاتىدۇ، بۇ ئەھۋال ئادەمنى تولىمۇ خۇرسەن قىلىدۇ. بۇ بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ھامان بىر كۈنى باش كۆتۈرۈپ چىقىدىغىنىدىن بېشارەت بېرىدۇ. مەسىلەن، دوستىمىز قەلبىنۇرنىڭ ئوغلى كەۋسەر چېلىشىشتا ئالاھىدە ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈۋاتىدۇ، مۇشۇ بويىچە ئىلگىرىلىسە، بۇ ئوغلىمىز كەلگۈسىدە دۇنيا سەھنىسىگە چىقىپ ئۇيغۇرنى پۈتۈن دۇنياغا تونۇتۇشى مۇمكىن، ئىنشائاللاھ. دوستىمىز خەيرىگۈلنىڭ ئوغلى ئاكادىمىك جەھەتتە SAT تولۇق نومۇر ئېلىپ ئەلىيۇل ئەلا بولۇپ (ئەگەر ۋەتەندە بولغان بولسا مۇشۇ نام بېرىلگەن بولاتتى) Stanford غا تولۇق ئوقۇش مۇكاپاتى بىلەن ئوقۇشقا قوبۇل قىلىندى. بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ ھەرقايسى پەنلەردە مۇشۇنداق ياخشى ئوقۇغان بالىلىرىمىز بولغان. گۈزەل سەنئەت, ، تەنتەربىيە قاتارلىق جەھەتلەردىمۇ ئادەمنى ھەيران قالدۇرغىدەك نۇرغۇنلغان تاللانتلىق بالىلىرىمىز بار ئىكەن.

    بالىلىرىمىزنىڭ ھەممىسى بىر – بىرىدىن تاللانتلىق. ئۇلار ئوخشىمايدىغان ساھەلەردە  ھەر خىل نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرمەكتە، ھەر ساھەلەردە كۆزگە كۆرۈنمەكتە. بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ كاتتا نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىدۇ، ئىنشائاللاھ. بۇنى تەبىرىكلەش لازىم. بىز بۈگۈن  قىزىمىز خەدىچەنىڭ ئاللاھنىڭ مۇقەددەس كىتابى بولغان 604 بەتلىك قۇرئاننى يادلاپ تۈگىتىشتىن ئىبارەت بۇ كاتتا نەتىجىسىنى تەبىرىكلىگەن بولساق، ئەتە-ئۆگۈن ئوغلىمىز ياشارنىڭ ۋە ياكى باشقا بالىلىرىمىزنىڭ كاتتا مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تەبىرىكلىشىمىز مۇمكىن.

    قۇرئان يادىلاش ھەممە ئادەمگە نېسىپ بولىۋەرمەيدىكەن،ئۇنى ئاللاھ پەقەت ئۆزى خالىغان بەندىلىرىگە نېسىپ قىلىدىكەن. نۇرغۇنلىرىمىز قۇرئان ئۆگىنىشنى، يادلاشنى نىيەت قىلىدىكەنمىز، «بىسمىللاھ» دەپ باشلاپمۇ باقىدىكەنمىز. ئوقۇشنىمۇ ئۆگىنىدىكەنمىز، بىرەر ئىككى پارىنى يادلاپمۇ باقىدىكەنمىز. ئەمما 604 بەتلىك ئەرەبچە قۇرئاننى پۈتۈنلەي يادلاپ تۈگىتىش دېسە، ئادەمگە ناھايىتى قىيىن تۇيىلىدۇ. ئەمما ئاللاھ نېسىپ قىلغان، ئىرادىسى مۇستەھكەم ئادەملەر يەنىلا ئاخىرىغىچە داۋاملاشتۇرالايدۇ.

    ئويلاپ باقسام، خەدىچە قىزىمىز قۇرئاننى بىز ئامرىكىغا كەلگەن 2015-يىلدىن تارتىپ ھازىرغىچە يادلاپتۇ، بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ پۇختا يادلىشى مۇمكىن، تېخىمۇ چۇڭقۇرلاپ ئۆگىنىشى مۇمكىن، ئاللاھ ئېلىمنى زىيادە قىلسۇن، پايدىلىق ئىلىم ئاتا قىلسۇن، ئامىن. بىز خەدىچەنى ئاممىۋى مەكتەپتىن ئىككى - ئۈچ يىل توختىتىپ تۇرۇپ، بىسىپ تۇرۇپ يادلاتقان بولساق، ئاللىقاچان نەچچە قېتىم يادلاپ تۈگىتىشى مۈمكىن ئىدى. لېكىن بىز ئۇنداق قىلمىدۇق. چۈنكى، قىزىمىزنىڭ ئىجتىمائىي مۇھىتتىن ئايرىلىپ ياشىشىنى مۇۋاپىق كۆرمىدۇق. شۇڭا مەكتەپتە ئوقۇش بىلەن بىرگە دىننى ئۆگىنىشنى تەڭ ئېلىپ مېڭىشنى مۇۋاپىق كۆردۈق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «ئاللاھقا ئەڭ سۆيۈملۈك ئەمەل __ ئاز بولسىمۇ، ئىزچىل داۋام قىلغان ئەمەل» دېگەن ھەدىسى بويىچە، تاشلاپ قويماي ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش جەريانىدا، قۇرئاننى ئاخىرى يادلاپ تۈگەتتى. ئەلھەمدۇلىللاھ.

    ئەمدى قۇرئان يادلاش جەريانىنى ئازراق سۆزلەپ ئۆتەي. خەدىچە قۇرئاننى 2015- يىلدىن تارتىپ يادلاشقا باشلىغان. قۇرئان يادلاشتا ئەڭ ئۈنۈمگە ئېرىشكەن ۋاقتىمىز، 2019-يىلى باشلانغان كارانتىن يىللىرى بولدى. نۇرغۇن ئادەم ئۆيگە سولىنىپ قالدى. بىزمۇ بۇنىڭ ئىچىدە. بىز بۇنى بالىلارنى ئائىلىدە تەربىيەلەيدىغان ئەڭ ياخشى پۇرسەت بولدى دەپ قاراپ، پۈتۈن ۋاقتىمىزنى، زېھنىمىزنى ئائىلىگە قارتىپ، ئەڭ بەرىكەتلىك، ئەڭ ئۈنۈملك يىللارنى باشتىن كەچۈردۇق. بالىلار توردىكى دەرسى تۈگسە، تاپشۇرۇقلىرىنى ئىشلەپ بولۇپلا، ۋاقتىنى قۇرئان يادلاش ۋە باشقا ئىشلارغا سەرپ قىلىپ كۈنلىرىنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن تىرىشتى. شۇ يىلى خەدىچە ھەپىتىسىگە 5 بەت يېڭى سۈرە، 10 بەت يادلاپ بولغان كونا سۈرىنى تەكرارلاپ يادلاشتىن ئىبارەت ئېغىر ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن ياخشى چىقتى. بىر ھەپتىدە 15 بەتتىن يادىلاش دېگەن كاتتا بىر ئىش. شۇ بىر يىلدا قۇرئاننىڭ يېرىمىنى دېگۈدەك يادىلاپ تۈگەتكەنىدى.

    قۇرئان يادلاش ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەسكەن. قۇرئان يادلاش ئۈچۈن، ئادەم دۇنيا مەئىشەتلىرىدىن ۋاز كېچىپ نۇرغۇن ۋاقتىنى، زېھنىنى، ئېنىرگىيەسىنى سەرىپ قىلىدىكەن. ئانا-بالا ھەر ئىككىيلەن ھېرىپ چارچايدىكەن، نۇرغۇن قۇربانلىقلار بېرىلىدىكەن. قۇرئان يادلاش تەس بولغاچقا ئاللاھ قۇرئان يادلىغان ئادەملەرنى دۇنيا- ئاخىرەتتە ئەڭ ئەزىز بەندىلىرىم دەپ تەرىپلىگەنىكەن.

    قۇرئان يادلاش جەريانىدا، بەزىدە ئىككىمىزنىڭ يادلىمىدىڭ، يادلىدىم، دەپ خاپىلىشىپ قالغان ۋاقىتلىرىمىزمۇ بولدى. ھەتتا نەچچچە قېتىم بولدى، «يادلىمىساڭ يادلىما، مېنىڭ كارىم يوق» دەپ يادلىتىشتىن ۋاز كېچىشنى ئويلاپ، بىرەر ھەپتە تاشلاپ قويغان ۋاقىتلىرىممۇ بولدى. خەدىچەمۇ «ھەممە ئادەم ئويناپ يۈرسە، مەن قۇرئان يادلايدىكەنمەن، مېنىڭ بوش ۋاقتىم يوقكەن، بولدى! يادلىمايمەن!» دەپ ھەپتىسىگە، قۇرئاننى ئېچىپمۇ قويماي ئۆتكەن كۈنلىرى بولدى. لېكىن ئانا بولغۇچى يەنە بۇنىڭغا چىدىمايدىكەن. بالا بالىلىقىنى قىلىپ خاپا بولىدۇ، نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ قەدرىنى كېيىن چوڭ بولغاندا چۈشىنىپ يېتىدۇ، لېكىن مەن ئانا تۇرسام، بالىنىڭ ئاچچىقىغا تەڭ قوشۇلۇپ ئاچچىقلىسام قانداق بولىدۇ؟ -دەپ يەنە چىرايلىق گەپلەر بىلەن ئىشىنى داۋاملاشتۇرۇشقا دەۋەت قىلدىم. ئويلاپ باقسام، شۇ چاغلاردا قانداق يېتەكلىسە ياخشى بولىدىغىنىنى تازا بىلمەيدىغان ۋاقىتلىرىم ئىكەن. قىزىم ئاساسىي جەھەتتىن ئۆزىنىڭ كۈچىگە تايىنىپ يادلاپتۇ. ھازىرقى ماۋۇ كىچىك ئۇكىلىرىغا قىلغاننىڭ يېرىمىنى شۇ چاغدا قىلالىغان بولسام، خەدىچە تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرىلىگەن بولاتتىكەن دەيمەن.  خەدىچەنىڭ بۇ نەتىجىسى ئاللاھنىڭ قىزىمغا ئاتا قىلىغان كاتتا ئىنايىتى ۋە رەھمىتى. ئەگەر ئاللاھ نىسىپ قىلمىغان بولسا، قىزىم ھەرقانچە قىلىپمۇ بۇ نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن بولاتتى. شۇڭا بالىلىرىمىز ئۈچۈن ئاللاھقا كۆپىرەك دۇئا قىلىپ تىلىشىمىز بەك مۇھىم.

    بۇ يەردە قىزىمنىڭ ئۇستازلىرىدىن  سېڭلىم بۇپاتەم، سۇدانلىق قېرىندىشىمىز خەنەدى، مىسىرلىق قىرىندىشىمىز ئايە، ئاخىرىدا ئەڭ كۆپ كۈچ چىقارغان قارىيە سىڭلىمىز ئاماننىساغا چەكسىز مېننەتدارلىقىمىنى بىلدۈرىمەن. ئاللاھ ئۇلارغا كاتتا ئەجىر ئاتا قىلسۇن، ئۇلارنى دۇنيا- ئاخىرەتتە ئەزىر قىلسۇن.

 مۇشۇ بالىلىرىمنى يېتەكلەش جەھەتتە يولدىشىم مۇھەممەدنىڭ تۆھپىسى بەك چوڭ. ئۇ مېنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللاپ كەلدى، قولىمغا قول، پۇتۇمغا پۇت بولۇپ،  يېراقنى يېقىن، ئېغىرنى يەڭگىل قىلىشىپ كەلدى. بالىلارغا خاپا بولسام، باشقا گەپ قىلماي. ئۆزەڭنىڭ بالىلىقىنى ئويلاپ باق، سەن بالا چىغىڭدا قانچىلىك ئىش قىلغان، تالادا ئويناپ يۈرەتتىڭ، ئۇنىڭغا قارىغاندا بۇ بالىلار بەك تىرىشىۋاتىدۇ، دېگەندەك يۈرەككە تېگىدىغان گەپلەر بىلەن مېنى سۆيۈندۈرۈپ كەلدى ، مەن ئاچچىقىمدا ئۆزەمنى بىلمەي قالغاندا، ماڭا تەربىيە قىلىدىغان ئەڭ سۆيۈملۈك ئادىمىمنىڭ يېنىمدا بولغىنىدىن ئاللاھقا چەكسىز شۈكۈر ئېيتىمەن ھەم مۇھەممەتجانغا رەھمىتىمنى ئېيتىمەن. -مۇھەممەتجان، بالىلارنىڭ ياخشى چوڭ بولۇشىدا سىزنىڭ رولىڭىز بەك چوڭ. جاپا تارتىڭىز، ئاللاھ سىز ئۈچۈن جەننەتنىڭ ئىشىكلىرىنى كەڭرى ئېچىۋەتسۇن، ئامىن.

    مەن، بالىنىڭ تەربىيەسى ئەڭ ئاۋۋال ئائىلىدىن، ئاتا- ئانىنىڭ ئۈلگە بولۇشىدىن، توغرا يېتەكلىشىدىن باشلىنىدۇ دەپ ئويلايمەن. بالىلىرىمىزنىڭ ياخشى ئۆگىنىپ، ياخشى ئادەم بولۇشنى ئۈمىد قىلساق، ئەڭ ئاۋۋال بىز ئاتا - ئانىلار ئۆزىمىز بالىلىرىمىزنىڭ ئالدىدا ئۈلگە بولۇپ، ھەم ئۆگىنىپ ھەم ئۆگۈتۈپ تەڭ  مېڭىشىمىز كېرەككەن.

    ئاخىرىدا، ئاللاھتىن بۈگۈنكى تەربىرىكلەش پائالىيىتىنىڭ ھەممەيلەنگە مەنپەئەتلىك، ئەھمىيەتلىك ۋە خەيرىلىك بولۇشنى تىلەيمىز ۋە خەدىچەنىڭ بۇ نەتىجىسىنىڭ دۇنيا-ئاخىرەتلىكى ئۈچۈن قولغان كەلتۈرگەن ئەڭ ئېسىل ئەمەللىرىدىن  بولۇشىنى، ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە بۇ ئامەنەتنى قوغداپ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىپ، ھەقىقىي قۇرئان ئەھلىدىن بولۇپ ياشىشىنى تىلەيمىز، ئامىن!

 

 

Thursday, December 28, 2023

2024- يىللىق ھەپتىدە بىر ھەرپ تور دەرىسى ( بالىلار ئۈچۈن)

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!                                 Monz&kidz نىڭ 2024- يىللىق ھەپتىدە بىر ھەرپ ( 6 ياشتىن يۇقىرى بالىلار ئۈچۈن) ئانا تىل ساۋات چىقىرىش سېنىپىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش باشلاندى!  


يازلىق تەتىلدە ئانا تىل ئۆگۈنىشنى باشلىغان بالىلار ھېكايىگە ئوقۇشقا باشلىدى. بۇ بالىلارنىڭ ئىچىدە بىر ئوقۇغۇچىمنىڭ ئىزچىللىقى ماڭا تەسىر قىلدى. بۇ ئوقۇغۇچىم 8 ياشتا، ئائىلىدە پۈتۈنلەي ئېنگىلىزچە پاراڭلىشىدىغان ئوخشايدۇ, ئۇيغۇرچە گەپلەرنى بەك چۈشۈنىپ كەتمەيتى. دەرىس باشلىغان كۈندىن تارتىپ ئاپىسى ئىزچىل يېنىدا تۇرۇپ، يېتەكچىلىك قىلدى. بەزىدە مەن دېگەن گەپلەرنى چۈشىنەلمەي قالغاندا ، ئېنگلىزچە دەپ بەردى. تاپشۇرۇقلارنى ئىزچىل ئىشلەپ ، قوشاقلارنى يادىلاپ ماڭدى. بۇلاردىن بىرەر قېتىممۇ تاپشۇرۇق ئىشلەشكە ۋاقتىمىز چىقماي قالدى ،- دېگەن گەپنى ئاڭلاپ باقمىدىم. ئانا-بالا ئىككىسىدىكى ئىزچىللىق مېنى قايىل قىلدى. مەنمۇ دەرىسنى ئاز ھەم ساز قىلىپ ناھايىتى كۆڭۈللۈك ئۆتۈپ ماڭدىم. “تىرىشقان تاپار”، -دەپ، بۇ ئوقۇغۇچۇمنىڭ باشقا ئوقۇغۇچىلىرىمغا ئوخشاش ھېكايە ئوقۇشقا كېرىشىكىنىدىن بەكمۇ خوش بولدۇم. ئەلۋەتتە، بۇ ئەڭ ئاۋۋال ئانا-بالا ئىككىسىنىڭ ئىزچىللىقى ۋە تىرىشچانلىقىدىن بولدى. مەن پەقەت ئانا تىل ئۆگۈتىشتىكى  ئاددىي ھەم كۆڭۈللۈك  ئۇسۇللارنى قوللىنىپ يېتەكچىلىك قىلىپ مېڭىۋاتىمەن. 


6 ئايدىلا ھېكايىگە كىرىشەلەيدىغان بالىلار: 

  • يېشى 7 ياشتىن يۇقىرى بالىلار
  • قۇرئان ساۋادى چىققان بالىلار
  • ئانا تىل ئۆگۈنىشنى كۈندىلىك تۇرمۇش ئادىتىگە ئايلاندۇرالايدىغان بالىلار
  • بېرىلگەن تاپشۇرۇقلارنى ۋاقتىدا ئىشلەپ ماڭالايدىغان بالىلار
  • ئائىلدە ئانا تىل ئاساسىي ياخشى سېلىنغان بالىلار

مەن ھازىر داۋاملىشۋاتقان ئىككى سىنىپ( ساۋات چىقىرىش باشلانغۇچ سەۋىيە ۋە ئوتتۇرھال سەۋىيە) تىن باشقا ، يەنە بىر يېڭى سىنىپقا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلماقچى. بۇنىڭغا تېزىملاتقان بالىلاردىن،   ئاۋۋال ئېغىزچە سىناق ئېلىنىدۇ، ئاندىن سەۋىيىسىگە ئاساسەن سىنىپقا ئايرىلىدۇ. 

يېڭى سىنىپنىڭ دەرىسى شەنبە كۈنى ئەتىگەندە ئۆتىلىدۇ. 


بالىڭىزنىڭ ئانا تىل ساۋاتىنى  چىقىرىشتا، كۆڭۈللۈك ھەم جانلىق ئۇسۇلدا دەرىس ئۆتىدىغان، ئەڭ ياخشى ئوقۇتقۇچىغا ئىھتىياجىڭىز بولسا،  MOMZ&KIDZ نىڭ ئانا تىل سېنىپىلىرىغا تېزىملىتىپ سىناپ بېقىڭ. دەرىسكە قاتنىشىپ 2-3 ئايدىلا 32 ھەرپنى تونۇپ، بىر -ئىككى بوغۇملۇق سۆزلەرنى ئوقۇشقا كىرىشكىنىنى، 6 ئايدا ھېكايە ئوقۇغىنىنى كۆرەلەيسىز ( سىزدە ئىزچىللىق بولسىلا)!


  

Tuesday, September 26, 2023

بالىلارنىڭ ھەپتىدە بىر ھەرپ تور دەرىسى قانداق باشلاندى؟

 ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،

Momz & Kidz نىڭ پەرزەنتلىرىمىز ئۈچۈن ھازىرلىغان ئانا تىلىنى كۆڭۈللۈك ھەم جانلىق شەكىلىدە ئۆگىنىدىغان ئىككىنچى قېتىملىق ( ھەپتىدە بىر ھەرپ) تور دەرىسى باشلانماقچى!
ئەڭ ئاۋۋال مۇشۇ تور دەرىسنى باشلاشقا سەۋەپچى بولغان قېرىندىشىم سۈبىنۇرغا چىن كۆڭلۈمدىن مېنەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن!
بۇ يىل رامىزاندىن كېيىن، مەلۇم بىر تونۇشىمىزنىڭ ئۆيىگە ھېيتلاپ بارغان، ئۇ يەردە سۈبىنۇرمۇ بارىكەن. كۈپچىلىك پاراڭلىشىش جەريانىدا بىرەيلەن : - سىزنى ئانا تىل مەكتەپتە دەرىسنى "بەك ياخشى ئۆتىدۇ" - دەيدۇ، بىزنىڭ بالىلارغىمۇ ئۆگىتىپ قويسىڭىز، دىدى. مەن: -ھە شۇنداقمۇ؟ رەھمەت سىزگە، ئۆگىتىپ قويسام بولىدۇ، دەپلا قويدۇم. سورىنىمىز ئاخىرلىشىشقا ئاز قالغاندا، سۈبىنۇر مېنى ئاستا بىر چەتكە چاقىرىپ:- سىزگە بىر گىپىم بار ئىدى، قوشۇلامسىز بىلمەيمەن، لىكىن دەپ باقاي،- دەپ گىپىنى باشلدى. مەن ۋە دوسۇم ئىككىمىز 2 دىن 4 بالىمىزغا ئانا تىل ئۆگىتەيلى دېگەن، سىزنى تەكلىپ قىلساق توردا ھەر كۈنى ئۆتۈپ بەرسىڭىز ، بىزنىڭ بالىلارنىڭ مەكتەپكە بارىدىغانغا شارائىتى يوقتى، دىدى. -ۋۇي، ھەر كۈنى دەپ مېنى قورقۇتماڭە! مېنىڭ 6 بالام تۇرسا، ئۇنىڭدىن باشقا ئۆزۈم مەكتەپتە ئوقۇيدىغان ھەم قوشۇمچە ئىشلەيدىغان تۇرسام، قانداق يېتىشىمەن؟ -ھەر كۈنى دىسىڭىز قەتتى ۋاقتىم يەتمەيدۇ، -دىدىم. -بالىڭىزنى ماڭلا تاشلاپ بېرىپ ئۆزىڭىز مەسئۇليەتتىن قاچماقچىمۇ؟ - دەپ چاقچاق قىلدىم. تەقۋادار قېرىندىشم سۈبىنۇرنىڭ كۆڭلىنى "-ياق قىلالمايمەن، دەپلا" رەت قىلىشقا ۋىجدانىم چىدىمىدى. -ھەپتىدە 2-3 قېتىم بولسا ئويلىشىپ باقاي، ئەمما ھازىرئەمەس، تەتىل بولسۇن، - دىدىم. سۈبىنۇر "ئويلىشىپ باقاي" دېگەن سۆزدىن خوش بولۇپ ئاغزى- قۇلقىغا يەتتى، -ئەمسە جاۋابىڭىزنى ساقلايمەن، -دەپ بىر ئامانەتنى قالدۇرۇپ خوشلاشتى.

كۈنلەر بىرىنىڭ كەينىدىن بىرىنى قوغلىشىپ تەتىلمۇ باشلىنىپ كەتتى، تەتىلدىن ئاۋۋال سۈبىنۇر نەچچە قېتىم سۈيلەپ ئۇچۇر قىلىپ بولدى. مەن تېخىچىلا بىر قارارغا كېلىپ بولالمىغان ئىدىم. چۈنكى، تەتىلدە ئويۇشتۇرغان يازلىق تەتىللىك بالىلار لاگىر پائالىيىتى، ئۆزۈمنىڭ ئوقۇشى ۋە بالىلىرىمنىڭ لاگىر پائالىيىتىدىن كېيىنىكى قوشۇمچە پىروگىرامملىرى مېنى بەكلا ئالدىراش قىلۋەتكەن ئىدى.

بالىلارغا توردا دەرىس ئۆتۈش ئۇنچىۋالا تەس ئەمەس، Powerpoint تا سىيىرلما ياساشمۇ تەس ئەمەس، ئەمما ئىكران ئالدىدا ئولتۇرغان بالىلارنى دەرىسكە قىزىقتۇرۇش، ئۇلار ياخشى كۆرىدىغان شەكىلدىكى جانلىق ، قىزىقارلىق دەرىس ياساش مېنى ئىككىلەندۈرۈپ قويۇۋاتاتتى. ئانىلار:-مېنى دەرىسنى ياخشى ئۆتىدۇدەپ ، ياخشى قىلىدىغىنمىغا ئېشىنىپ مېنى دەرىس ئۆتۈشكە تەكىلىپ قىلۋاتىدۇ. دەرىس ئۆتىمەن دەپ باشتىن - ئاخىر سۆزلەپ دەرىسنى تۆگەتسەم بۇ دەرىس ماڭا ئاسان ، لىكىن بالىلارغا ناھايىتى زىرىكىشلىك بولىدۇ. قانداق قىلىشىم كېرەك؟ مېنىڭ ئويۇمدا بىرنى كونوپكىنى باسسام بىرەر شار ياكى باشقا نەرسىلەر ئۇچۇپ چىقىسا، يەنە بىرنى باسسام ھەرپ شارنىڭ ئۈستىگە كىلىپ قونسا، بىر ئوقۇغۇچى بۇنى ئوقىسا، يەنە بىرى كېيىن چىققاننى ئوقۇسا، سىيرىلمىدا بالىلارمۇ مەشغۇلات قىلالىسا، يەنى ، تۇتاشتۇرۇش، ھەرپنى تېپىپ چەمبەر ئىچىگە ئېلىش، بوياش، يېزىش... دېگەندەك قەغەز يۈزىدىكى ھەرخىل كۆڭۈللۈك مەشىقلەرنى ئىكران ئالدىدا قىلالىسا، مانا بۇ ناھايتى كۆڭۈللۈك ھەم ئۈنۈملۈك دەرىس بولىدۇ، -دېگەنلەرنى ئويلايتىم، ئەمما نەدىن، قانداق قىلىش مېنى ئىزدىنىشكە، ئويلىنىشقا سالدى. دەرىس ياسايدىغان تەييار قىلىپلار بولسا دەپ تولارنى بىرەر قۇر قىزىپ باقتىم، ئەمما تاپالمىدىم. - ھەي، كود بىلگەن بولسام ، مۇشۇنداق يەرلەردە ئىشلىتەر بولغىيتىم دەپ ئويلىدىم. شۇنداق قىلىپ يەنىلا Powerpoint نىڭ ئىقتىدارىدىن پايدىللنىش قاراىغا كېلىپ، Powerpoint نىڭ ئەڭ جانلىق ھەم قوللىنىشچان ئىقتىدارلىرىنى ئىشلىتىپ، توردا ساۋات چىقىرىشنىڭ تۇنجى دەرىسنى ناھايتى مۇۋاپىقىيەتلىك تۈزۈپ چىقتىم. تۈزگەن دەرىستىن ئۈزۈممۇ خوش بولدۇم.
شۇنداق قىلىپ تەتىللىك بالىلارنىڭ ھەپتىدە بىر ھەرپ ئۆگىنىش تور دەرىسى باشلىنىپ كەتتى. 4 بالىغا يەنە 3-4 بالىنى قوشۇپ دەرىسمىزنى باشلىدۇق. بالىلار دەرىسنى ناھايتى ياقتۇردى. ۋاقتىنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ سېنىپتىكى بالىلارنىڭ سەۋىيىسىدىكى پەرىق مانا مەن دەپلا ئوتتۇرغا چىقىشقا باشلىدى. بالىلارنىڭ يېشىدىمۇ پەرىق بار ئىدى، شۇڭا سېنىپنى ئىككى سېنىپقا ئايرىپ ئۆتۈش قارارىغا كەلدىم. بىر سېنىپتا ئۆتسەم ، ئەلۋەتتە ماڭا ئاسان توختايدۇ، ئىككى دەرىس ياساشنىڭ ئورۇنىغا بىر دەرىس ياسايمەن، ئىككى سائەت دەرىس ئۆتكەننىڭ ئورۇنىغا بىرلا سائەت ئۆتسەم ماڭا بەك ئاسان توختايدۇ، ئەمما مەن بالىلارنىڭ سەۋىيىسىنى، ئۆزلەشتۈرۈشنى ، ئۈنۈمنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، سېنىپنى ساۋات چىقىرىش نۆل سەۋىيە ۋە ساۋات چىقىرىش ئوتتۇرھال سەۋىيە دەپ ئىككى سېنىپقا ئايرىپ، بالىلارنىڭ سەۋىيىسىگە ئاساسەن ھەپتىدە ئىككى خىل دەرىس ياساپ، ئۇنىڭغا ماس تاپشۇرۇق ۋە قوشۇمچە ماتېرياللار بىلەن تەمىنلىدىم. دەرىسىمىز ناھايتى ياخشى كېتىپ بارىدۇ، ئەلھەمدۇلىلاھ. نۆل سەۋىيەدىكى بالىلار بىر بوغۇملۇق سۆلەرنى ئوقۇشقا، ئوتتۇراھال سەۋىيەدىكى بالىلار ئىككى-ئۈچ بوغۇملۇق سۆلەر ۋە ئاددى جۈمىلىلەرنى ئوقۇشقا ئوقۇشقا كەلدى، بۇ ئەلۋەتتە ئاساسلىق ئانىلارنىڭ ئىزچىللىقى، بالىلارنىڭ تىرىشچانلىقىدىن بولۇۋاتىدۇ. بالىلارنىڭ قىزغىنلىقىدىن، تىرىشىپ ئۆگەنگەنلىكىدىن ئىلھام ئېلىپ مەنمۇ تىرىشىپ كېتىۋاتىمەن. دېمەك مەن ئۆزەمنىڭ بالىلىرىمغا دەرىسنى ياخشى ئۆتۈشتىن باشقا، باشقىلارنىڭ بالىلىرىغىمۇ مەيلى نەق مەيدان سېنىپتا بولسۇن ۋە ياكى توردا بولسۇن ياخشى ئۆتەلەيدىكەنمەن، -دەپ خوش بولدۇم، ئاللاھقا شۈكۈرلەر بولسۇن. ئاللاھنىڭ ياردىمى بولمىسا ھېچ ئىش قولۇمدىن كەلمەيدۇ. قېرىندىشىم سۈبىنۇر! سىزگىمۇ كۆپ رەھمەت، ئارقامدىن ئېتىرىپ يۈرۈپ، ياخىشى ئىشنى قىلىشقا سەۋەب بولدىڭىز، ئاللاھ رازى بولسۇن!
مەن بۇ يەردە ئازراق بىر گەپنى قىستۇرۇپ ئۆتمەكچىمەن. بولتۇر ئانا تىل مەكتەپكە بېرىپ دەرىس ئۆتۈپ بېرىشنى قارا قىلىدىم دېگەندە، بەزىلەر، - سىز ئۆزىڭىزنىڭ بالىلىرىغا قوللانغا ن ئوسۇللارنى باشقىلارنىڭ بالىلىرغا قوللىنالمايسىزدېگەنلەر بولغان، ئانا تىل مەكتەپكە ئانىلار: بالىلىرىنى ئوينىسۇن ، شۇ يەردە بىرەر كۈن ۋاقىت ئۆتكەزسە بىزگىمۇ ئارام بولدىكەن، دېگەن نىيەتتە ئاپرىپ بىرىدۇ، بىر سائەت يولنى بېسىپ بىرىپ ئاۋارە بولغىنىڭىز قالامدىكىن ، - دېگەنلەرمۇ بولدى. ئەمما مەن بۇ گەپلەرگە پىسەنىت قىلماي، بالىلىرىمغا ئۆگەتگەن تىلنى باشقا بالىلارغىمۇ ئۆگىتەي، بالىلىرىمغا قوللانغان ئۇسۇللىرىمنى باشقا بالىلارغا قوللىنىپ باقاي، ئۇلارمۇ ئۆگىنەلەيدۇ،- دەپ باردىم . ھەر خىل كۆڭۈللۈك ئويۇنلار ۋە ئۇسۇللار بىلەن بىر يىلىمىز ناھايتى نەتجىلىك ئاخىرلاشتى. ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ ئانا تىلنى ئۆگىنەلەيدىغانلىقىدىن خوش بولدى، بالىلارنىڭ قەلبىدە ئانا تىلىمنى ئۆگىنەلەيدىكەنمەن،- دېگەن ئىشەنچ توغۇلدى.

ئانا تىل مەكتەپتىكى يەنە بىر خوشاللىق ئويغۇر بالىلىرى دىننى بىلمىلەردىنمۇ بەھىرمەن بولالايدىغان بولدى. بۇ مېنى سۆيۈندۈرىدۇ. بۇنى چوڭ قىزىم خەدىچە ئۆتىدۇ. قىزىمنىڭ قانداق قىلىپ ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئوقۇشىدىن سىرىت،ناھايىتى ياخشى دەرىس ئۆتۈش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرگنىنى كېيىنچە ئورتاقلىشىمەن، ئىنشائاللاھ. بالىلىرىمىز دىمىزنىمۇ، تىلىمىزنىمۇ تەك ئۆگىنىشى كېرەك، شۇنىڭدا بىز يوقاپ كەتمەيمىز!
دېمەكچى بولغىنىم، بىر ئادەم بىرەر ئىشنى قىلاي دىسە، ئالدىغا ھەر خىل توسالغۇلار ، ھەر خىل گەپ سۆزلەر كېلىشى مۇمكىن. ئەگەر قىلۋاتقان ئىشىڭىز توغرا بولسا، قېيىنچىلىقنى يېڭىپ چىقىشا كۆزىڭىز يەتسە، پىتنە- پاساتلارغا پىسەنىت قىلماي ئىشىڭىزنى داۋاملاشتۇرۇڭ، ئالدىڭىزغا قاراپ مېڭىۋىرىڭ! مۇۋاپىقىيەت سىزگە مەنسۇپ!
ھەپتىدە بىر ھەرپ پىروگىراممىسى توغىرسىدا ئازراق چۈشەنچە بېرىپ ئۆتەي. مەن ئانىلارغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان ھەپتىدە بىر ھەرپ پروگىراممىسىنى يولغا قويغان، بۇ ئاساسلىق 3 ياشتىن يۇقىرى بالىلارغا ئائىلىدە يېتەكچىلىك قىلىپ ساۋات چىقرىشنى ئاساس قىلىدۇ. ئانىلارنىڭ پروگىراممىسىغا قاتنىشىشنى ئويلىشۋاتقانلار بىر مەزگىل ساقلاپ تۇرساڭلار، مەن ئىشلىرىمنى ئازراق تەرتىپكە سېلۋىلىپ ۋاقتىم يەتىسىلا سىلەرنى يېتەكلەشكە تىرىشىمەن.
ئەمدى 6 ياشتىن يۇقىرى بالىلارنىڭ ھەپتىدە بىر ھەرپ تور دەرىسىنى يولغا قويدىم، ئىكككىنچى قېتىملىق بالىلارنىڭ ھەپتىدە بىر ھەرپ تور دەرىسى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە باشلىنىدۇ. قىزىقىۇچىلار ئايرىم ئۇچۇر قىلساڭلار بولىدۇ.


Tuesday, July 11, 2023

كۆڭۈللۈك يازلىق تەتىللىك لاگىر پائالىيىتى

 كۆڭۈللۈك  يازلىق تەتىللىك لاگىر پائالىيىتى


مۇسۇلمان بالىلىرىنى ئاساس قىلغان بۇ لاگىر پائالىيىتىمىزنى باشلىغاننى بىلىمەن، ھەش-پەش دېگۈچە  4- ھەپتىمىزگە قەدەم قويۇپ بوپتىمىز. 

   مەن بالىلىرىم ۋە باشقىلارنىڭ بالىلىرى ئۈچۈن ناھايىتى كۆڭۈللۈك ھەم ئەھمىيەتلىك بىر پائالىيەت سورۇنى  ھازىرلاپ بېرەلىگىنىمدىن ناھايىتى خوشالمەن ۋە ھاياجانلىق ئىلىكىدىمەن . 

ھەر ھەپتىدىكى ھەر خىل پائالىيەتلەر مەسىلەن، ھەپتىدە بىر قېتىم دالا سەيلىسى( يەنى، مېۋىلىك باغقا بېرىش، ھايۋانات باغچىسىغا بېرىش، دالا تامىقى پائالىيىتى، پويىزغا ئولتۇرۇپ دالا تامىقى پائالىيتىگە بېرىش، تىركتۇرغا ئولتۇرۇپ مېۋىلىك باغقا بېرىش)، ھەر خىل شەكىلدىكى سۇ ئويناش پائالىيىتى( يەنى، شارغا سۇ تولدۇرۇپ بىر-بىرىگە ئېتىش، سۇ تۇشقۇزۇلغان شارنى ۋالىبۇل ئورۇنىدا ئېتىلىپ كەتكۈچە ئويناش، سۇ تاپانچىسى، بوتۇلكا، چېلەك ۋە باشقا نەسىلەر بىلەن سۇ چېچىشىپ ئويناش، سۇلۇق سىيرىلغۇچ قاتارلىقلار) ، ئىككى قېتىملىق گۈزەل سەنئەت( ئىككىنچى قىزىم خىلى جەلىپ قىلارلىق ئۆتۈۋاتىدۇ) دەرىسى، ھەر خىلى تەنتەربىيە (پۇتبول، ۋالىبۇل، ۋاسكىبول ئويناش، ئاتلانچۇق ئويناش، ئارغامچا تارتىش، پۇتنى باغلاپ ئۈچ پۇتلۇق، تۆت پۇتلۇق بولۇپ مېڭىش، مۆكۈ-مۈكۈلەڭ ئويناش....) پائالىيەتلىرى، ھەر كۈنى يېرىم سائەت قۇرئان ئۆگىنىش، يېرىم سائەت پەيغەمبەرلەر توغىرسىدا ھېكايە ئاڭلاش (چوڭ قىزىم ھېكاينى ناھايتى جەلىپ قىلالىق قىلىپ ئېيتىدۇ) ، ھەر جۈمە كۈنى پىزا ، مارۇژنا، كىنو كۈرۈش  پائالىيتى ۋە جۈمە نامزىغا كوللىكىتىپ بېرىش ، ئۇنىڭدىن باشقا ھەرخىل ئۇسۇلدا ئۆزنىڭ مارۇژنىسىنى ، پىساسىنى ۋە ئېچىملىكىنى  ئۆزى ياساش، ھەر خىل قول ھۆنەرۋەنچىلىك پائالىيەتلىرى، بالىلارنىڭ يېشىغا ماس كېلىدىغان ۋەلىسپىت ، ماشىنا قاتارلىقلار بالىلار ۋە ئاتا ئانىلارنىڭ قىزغىن ئالقىشى ۋە ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشمەكتە. بىر قېتىم قاتناشقان بالىلار ۋاقىت شارئىتى يار بەرسىلا ئىزچىل قاتنىشىپ كېلۋاتىدۇ ھە داۋاملىق يېڭى بالىلار قوشۇلماقتا. ھەپتىدە كېلىدىغان بالىلارنىڭ سانىنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئېشىشپ مېڭىشى بىر تەرەپتىن مېنى  خوش قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن "-ھە مەن كەلگۈسىدە مۇسۇلمان بالىلىرىنى ئاساس قىلغان مەكتەپ قۇرسام، بۇلار رازى بولغىدەك مۇلازىمەت قىلالىغۇدەكمەن" دېگەن ئىشەنچنى بېغىشلىماقتا.


مۇشۇ يەردە تۇنجى ھەپتىسىدىن باشلاپ كېلۋاتقان 6 ياشلىق ئوقۇغۇچىم( ھايان) نىڭ  گىپىنى ئازراق  قىلغۇم كەلدى. 

ھايان بىرىنچى ھەپتىسىنىڭ بىرىنچى كۈنى كەلگەندە يىغلاپ خىلى ئۇزۇنغىچە ماشىنىدىن چۈشكىلى ئۇنىمىدى. 

ئۇنىڭغىچە ماشىنىنىڭ يېنىغا ئۈزۈم بېرىپ دادىسىدىن -نېمىشقا يېغلايدۇ؟ دەپ سورىدىم .  -ئاپىسىدىن ئايرىلغۇسى يوق ، كۆپ ئادەم بولسا قورقىدۇ-دەپ جاۋاپ بەردى دادىسى. 

-بالىنى ماڭا بېرىڭ، مەن گەپ قىلاي-دەپ بالىنى قولىدىن  ئالدىم-دە دادىسىغا ماڭىۋىرىڭ،-دەپ ئىشارەت قىلدىم. دادىسى كۆزى ئارقىسدا كېتىپ قالدى. 

ئۇنىڭغىچە ھايان راسا يېغلاشقا باشلىدى.  شۇ چاغدا ھاياننىڭ ھاجىرا ئىسىملىك بىر دوستىمۇ بىزنىڭ لاگىر پائالىيىتىمىزدە بار ئىدى. 

ئۇ قىزچاق يۈگۈرۈپ  كېلىپ ،- ھايان  كىرئالغۇغا بەك ئامراق، كىرئالغۇنى كۆرسە يېغلىمايدۇ،-دىدى. 

ھايان! -مەن ساڭا بىزنىڭ كىرئالغۇنى كۆرسىتىمەن، يىغلىما،-دىسەممۇ ئاپامنى سېغىنىپ كەتتىم، ئاپام مېنى ئالغىلى كەلمىسە قانداق قىلىمەن؟ -دەپ يىغلاۋەردى. 

ھايان، ماڭا قارا!  -مەن ساڭا مېنىڭ ھېكايەمنى دەپ بېرەي،- دەپ ھېكايەمنى باشلىدىم. ئۇ كۆزلىرىدىن ياشلىرىنى تاراملاتقىنچە، تېڭشىغان-تېڭشىمىغان قىياپەتتە تۇردى.

-مېنىڭ ئاپام بەك ، بەك يېراق يەردە تۇرىدۇ. مەن ئۇلارنى كۆرەلمەيمەن، ئۇلارنىڭ ئاۋازىنمۇ ئاڭلىيالمايمەن. ئۇلار مېنىڭ يېنىمغا كېلەلمەيدۇ، مەنمۇ بارالمايمەن، ھەتتا تېلفۇنمۇ قىلالمايمەن، ئۇلارنى بەك ، بەك سېغىندىم، ئەمما يېغلىمايمەن. 

-قارا، سېنىڭ ئاپاڭ ھەر ۋاقىت يېنىڭدا، نەچچە سائەتتىن كېيىن پائالىيىتىمىز تۈگسە سېنى ئېلىپ كېتىدۇ، سېنى ھەرگىز تاشلاپ قويمايدۇ، تېخى تېلفۇن قىلساڭ پاراڭلىشالايسەن ، سەن نېمىدىگەن بەخىتلىك!

قارا! مايكاڭ بەك چىرايلىقكەن، بۇ رەسىمدىكى كىم؟ -دەپ سورىدىم. 

-بۇ  ئادەتتىن تاشقىرى پالۋان -دەپ جاۋاب بەردى. 

-ھەئە ، سېنىڭمۇ مۇشۇنىڭدەك پالۋان بولغىڭ بارمۇ؟-دەپ سورىدىم . 

-دەرھاللا ھەئە ، دەپ جاۋاب بەردى. 

-ئەمسە يېغلىما، پالۋانلار كۆزىدىن ياش چىقارمايدۇ-دەپ يەر ئاستىغا ئېلىپ چۈشۈپ كىرئالغۇلارنى كۆرسەتكەن بولدۇم.  بىردەمدىن كېيىن  سەل ئېچىلغاندەك بولۇپ  كەيپىياتى ئازراق  ئوڭشالدى. 

-كۈلگنىگە، ئاپاڭ سېنىڭ كۆلگىنىڭنى كۆرسە خاتىرجەم بولىدۇ، ئاپاڭمۇ سېنى بەك سېغىندى،- دەپ كۆلۈپ تۇرغان رەسىمىدىن بىرنى تارتىم.

كۆلۈپ تۇرۇپ، -ئاپا، سېنى ياخشى كۆرىمەن، دېگىنە، سېنى ۋىدىيوغا تارتىپ ئاپاڭغا يوللاپ بېرەي، دەپ ۋىدىيوغا تارتىپ ئاپىسىغا يوللاپ قويدۇم.  ئەتىسى سەل ئىككىلنىپ ماشىنىدىن چۈشتى. ئۇنىڭ ئەتىسىدىن تارتىپ ماشىنىدىن ئۇچقاندەك يۈگۈرۈپ چۈشۈدىغان بولدى. 

تېخى پات- پاتلا، -ئائىشە خانىم! -مەن سىزنى بەك ياخشى كۆرىمەن، سىزىنىڭ يېنىڭىزدا تۇراي، سىز قاراپ تۇرۇڭە، مەن گۇمپامنى كۆرسۈتۈپ قوياي ' دەپ ئۆزىنىڭ كۆڭلىنى ئىپادىلەشلىرى ئادەمنى سۆيۈندۈرىدۇ.

ئاپىسىنىڭ خوشاللىقىچۇ،تېخى. بالام يات ئادەملەر بىلەن ئۇچىرشىشتىن قورقاتتى، ئاسانلىقىچە ئۆزىنى ئازادە ھېس قىلالمايىتى، ئەمما سىزنىڭ تەتىللىك پائالىيىتىڭىزگە بارغاندىن تارتىپ كەيپىياتلىرى ئالاھىدە ياخشى، شەنبە - يەكشەنبە ئۆتۈپ بولغىچە ئائىشە مۇئەللىمنىڭ مەكتىپىگە قاچان بارىمەن، دەپ نەچچە قېتىملاپ سوراپ بولىدۇ. سىزگە كۆپ رەھمەت، بالام لاگىر پائالىيىتىڭلارنى بەك ياخشى كۆردى- دەپ ئۆزىنىڭ مېننەتدارلىقىنى ئىپادىلىگەندە، ئۈزۈممۇ خوش بولدۇم، بالىلارغا مۇشۇنچىلىك سۆيگۈ ۋە خوشاللىق بېغىشلىيالىغىنىمدىن ئاللاھقا شۈكۈر ئېيتىم. ھايان بىرىنچى ھەپتىمىزدىن تارتىپ ھازىرغىچە ئىزچىل ئەزايىمىز بولۇپ كېلۋاتىدۇ. ئۆزى كىچىك ئەمما   تاتلىق،ھەم قىزقارلىق گەپلىرى بىلەن ئادەمنى تىلىقتۇرۇپ قويىدۇ.  كۈپچىلىك ئولاش- چولاش ئولتۇرۇپ پاراڭلاشقاندا، تېمىمىزنى كۆپۈنچە ھايانغا قارتىمىز. بىر گەپكە سېلىپ قويساق توختىماي تاغدىن- باغدىن گەپ قىلىپ بىزنى كۆلدۈرىدۇ. بىر كۈنى ئەتگەندە ھەممە بالىلار كېلىپ بولدى، ئەمما مېنىڭ 3-قىزىم بەك ھېرىپ كەتكەچە ئويقۇسىنى ئاچالماي شۇ كۈندىكى دىننى پائالىيەتكە قاتنىشالمىدى.

-ھاسىبە قېنى؟-دەپ سورىدى ھايان. 

-ئوخلاۋاتىدۇ،-دەپ جاۋاب بەردىم مەن.

-ئەمسە ئەتە ئەتىگەن ئويغىنامدۇ؟- دەپ سورىدى ھايان.

ھەمىمىز پارەققىدە كۆلۈپ كەتتۇق. 

-ياق، سەل تۇرۇپ قوپىدۇ، دەپ جاۋاب بەردىم. 

-ئائىشە خانىم، مەن سىزنى بەك ياخشى كۆرىمەن، دىدى ھايان.

- رەھمەت ساڭا، مەنمۇ سىلەرنى ياخشى كۆرىمەن، دەپ جاۋاب بەردىم. بىزنىڭ تەتىللىك پائالىيىتىمىزنى ياخشى كۆردۈڭمۇ؟- دەپ سورسام: "-ھەئە" دەپ جاۋاب بەردى. 

-ئەمسە ھەر ھەپتىسى كەلسەڭ ، سېنى قارىشى ئالىمىز، دىدىم.

-ياق مەن 5 كۈنلا كېلىمەن، دەپ جاۋاپ بەردى ھايان.

ئاندىن نەگە بارىسەن؟-دەپ سوردىم. 

-ئوكدەيىل( مەكتەپنىڭ ئىسمى) گە بارىمەن، دىدى ھايان.

-ھەئە سىلەر نىيو ماركىتتا( بىزگە بەك يېقىن شەھەرنىڭ ئىسمى) تۇردىكەنسىلەردە؟-دەپ سورىسام، -ياق بىز پاكىستاندا تۇرىمىز- دەپ جاۋاپ بەردى. قىزىم قوپوپ -سىلەر پاكىستاندا تۇرامسىلەر؟ - دەپ سورسا،- ياق ، مەن تەنىسى ( باشقا بىر يېراق شىتاتنىڭ ئىسمى) دىن كېلىمەن، ھەر كۈنى شۇ يەردىن كېلىمەن، دەپ جاۋاب بەردى. بۇنى ئاڭلاپ كۈپچلىك پارەققىدە كۈلىشىپ كەتتى. بالىلار ئۆزىنىڭ تاتلىق گەپلىرى ۋە ئۇماق ئىش ھەرىكەتلىرى بىلەن بىزگە خوشاللىق ۋە ئۈمۈت بېغىشلايدۇ. مەن بالىلىقنىڭ ، ئانىلىقنىڭ ھۇزۇرىنى سۈرمەكتىمەن. 

 

Saturday, June 17, 2023

ئۆيدىن باشلانغان يازلىق تەتىللىك لاگىر پائالىيىتى

 ئۆيدىن باشلانغان  يازلىق تەتىللىك لاگىر پائالىيىتى


نەچچە يىلدىن بېرى ھەر يازلىق تەتىل بولسا بالىلىرىمنى مەسجىدنىڭ يازلىق تەتىللىك لاگىر پائالىيىتىگە ئاپرىپ بېرەتتىم. چوڭ ئىككىسى پىدائىي بولۇپ ئىشلىشىپ بەرسە، كىچىكلىرىگە بىې ئاپۇل تۆلەيتىم. بۇ يىل نەچچە ئاي بۇرۇن بالىلىرىمنىڭ  بۇ يىللىق يازلىق تەتىلىنى قانداق ئۆتكۈزۈشى توغىرسىدا باش قاتتۇرۇشقا باشلىدىم. 


بالىلىرىمنى مەسجىدنىڭ يازلىق لاگىر پائالىيىتىگە ئاپرىپ بەرسەم ئىككى چوڭ قىزمغۇ پىدائى بولۇپ ئىشلىشىپ بېرەر، لىكىن كىچىكلىرىگە نەچچە يۈز دوللاردىن پۇل تۈلىگىلى تۇرسام، بۇ ئائىلىمىزگە نىسبەتەن خىلى ئېغىر توختايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇلتۇردىن تارتىپ، مەن بالىلىرىمغا قوشۇلۇپ ئوقۇغۇچى بولۇپ، ئالىي مەكتەپ ھاياتىمنى قايتىدىن باشلىدىم. تەتىلدە ھەم ئۆگىنىدىغان ھەم چېنىقىدىغان ھەم ئىقسادى قىممەت يارتىدىغان بىر ئىش قىلىشىمىز كېرەك، ئىدى .


ئىككى چوڭ قىزىممۇ (16 ۋە 17 ياش) ناھايىتى ياخشى  چوڭ بولۇۋاتىدۇ. مېنىڭ 6 بالىنى تەڭ يېتەكلەپ،  ئۆزۈم ئوقۇپ ۋە باشقا ئىشلاغىمۇ تەڭ يېتىشىپ ماڭالىشىمدا  مۇشۇ ئىككى چوڭ قىزىمنىڭ رولى ناھايىتى چوڭ. بۇلار قېيىنچىلىقلىرىمنى ھەل قىلىشىمغا ھەمدەم بولىدىغان، ياخشى مەسلىھەتلەرنى بىرىدىغان، كۆڭلۈم يېرىم بولسا تەسەللى بېرىدىغان ئاچا-سېڭىللىرىم، ئەڭ يېقىن دوستلىرىم، كىچىك قىزلىرىمنى قولمۇ-قول بېقىشىپ بېرىدىغان ياردەمچىلىرىم،  ئۆزىلىرىنىڭ ئوقۇشىغا كەلگەندە، مېنىڭ تاللانتلىق ئوقۇغۇچىلىرىم بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. 


ئىككى چوڭ قىزىم بىر نەچچە يىلدىن بېرى،  يازلىق تەتىلدە، مەكتەپنىڭ بىرەر دەرىسىنى ئېلىشتىن باشقا، بالىلارغا دەرىس ئۆتۈش، بالىلارنى يېتەكلەش ۋە باشقا قوشۇمچە پائالىيەتلەر بىلەن شوغۇللىنىپ كېلۋاتىدۇ.  كىچىك بالىلارنى ئوقۇ ئوقۇتۇش ۋە يېتەكلەش جەھەتتە خىلى ئىقتىدارلىق. بۇ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشقا  شارائىت، پۇرسەت بولۇشى كېرەك، ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇشۇ ياشتىكى بالىلارنىڭ  ئوقۇشتىن سىرىت ئىشلەپ،  ئازراق بولسىمۇ ئىقتىسادى قىممەت يارتالىشى بۇلارغا نىسبەتەن  ئىشەنچ بېغىشلايدۇ  . 


يازلىق لاگىر پائالىيىتىنى نەدە قىلىش، قانداق باشلاش مېنى كۆپ ئويلاندۇردى. بۇلتۇردىن تارتىپ ۋىرجىنيە ئۇيغۇر مەكتەپتە چوڭ قىزىم (17ياش)دىننى دەرىس ، مەن ئانا تىل دەرىس بېرىپ ئاتا-ئانىلارنىڭ ناھايىتى ياخشى باھالىرىغا ئېرىشتۇق. يازلىق لاگىر پائالىيىتىنى شۇيەردە ئۇيغۇر بالىلىرىغا قىلىش خىلى ئاسانغا توختايدۇ. سۈرىيە مۇئەللىمنىڭ ( مەكتەپ قۇرغۇچىسى) ئوقۇغۇچىلىرى ناھايىتى كۆپ، پائالىيەتكە تېزىملىتىدىغان بالىلارنىڭ بولۇشى ئېنىق ئىدى، پائالىيەتكە قاتنىشىدىغان بالىلارنىڭ كەلمەي قىلىشىدىن ئەنسىرمىسەكمۇ بولاتتى. 

ئەمما مۇشۇ بىر سائەت ماشىنا ھەيدەپ بېرىپ، بىر سائەتتە قايتىپ كېلىش مېنى ئىككىلەندۈرۈپ قويدى. ئادەتتە ھەپتىدە بىر قېتىم بارسام يولنىڭ يېراقلىقى بەك بىلىنىپ كەتمەيدۇ، چوڭ قەزىم شۇپۇرلۇق كېنىشكىسىنى ئېلىپ جىنىنغا ھەجەپ خوش ياقتى، ماشىنا ھەيدەپ ئويقۇم كەلسىلا، سىز ھەيدەڭ دەپ ماشىنىنىڭ رولنى تۇتقۇزۇپ قويدىغان بولدۇم . شوپۇرلۇق قىلىشتا بىر ئادەم كۈچىنىڭ قوشۇلغانلىقى چوڭ ئىش بولدى. شۈكۈرلەر بولسۇن. 

6 بالىنى ئەگەشتۈرۈپ ۋىرجىنيەگە ھەر كۈنى بېرىپ-كېلىش، ھاۋانىڭ ئېسسىقىدا ھەقىقەتەن قېيىن بولىدۇ، مەنمۇ باشقا ئاتا-ئانىلارغا ئوخشاش بالامنى لاگىر پائالىيىتىگە تاشلاپ قويۇپ ، تۈگككىچە باشقا ئىشىمنى قىلسام خىلى ئارام ئېلۋىلىش پۇرسىتىم بولىدۇ، لىكىن بۇ لاگىر پائالىيىتىگە مەن مەسئۇل بولۇپ، بالىلارنى يېتەكلىشىم كېرەك. پۈتۈن كۈن ئىشلەپ،  كەچتە ھارىغاندا ماشىنا ھەيدەپ ئۆيگە قايتىش، قايتىپ كېلىپ تاماق ئېتىش، ئۆي ئىشلىرى …..دېگەندەك نۇرغۇن ئىشلار مېنى قىلماي تۇرۇپلا رۇھى جەھەتتىن ھاردۇرۇپ قويدى. شۇڭا بارماسلىقنى قارا قىلدىم 


ئائىلە يەسلىسى كېنىشكىسىنى ئالغىنىمغا 5 يىل بوپتۇ، يىلدا تەلەپ قىلغان دەرىسلىرىنى كېنىشكامنى ئېلىپ يېڭىلاپ  تۇرۋىتىپتىمەن، لىكىن سىرتتىن بالا قوبۇل قىلىپ باقمىدىم. سەۋەبى، يېڭى ئەللىيىم توغۇلغان ياكى  بالام كىچىك ۋە ياكى ئېنگلىزچە سەىيەم يېتەرلىك ئەمەس. بىز ئەتراپىمىزدا  ئۇيغۇر يو ق بىر شەھەردە ياشايمىز. شۇڭا  يەسلىرەمگە شۇ چەتئەللىك مۇسۇلمانلارنىڭ بالىلىرىنى قوبۇل قىلىشىم كېرەك. 


بۇلتۇر ئالىي مەكتەپكە ئوقۇشقا كېرگەندىن تارتىپ، ئۈزۈمنى قايتىدىن بالىلىقىمغا قايتقاندەك ھېس قىلماقتىمەن. مەكتەپكە بارسام ئوقۇغۇچى، ئۆيدە ئانا ، ئايال، خىزمەتتە ئۇستاز بولۇپ نەچچە ۋەزىپىنى ئۈستۈمگە ئېلىپ مېڭىۋىتىپتىمەن .  ئەمسە ئىشنى نېمە ئۈچۈن مۇشۇ لاگىر پائالىيىتىدىن ، ئائىلەمدىن باشلام باقمايمەن؟ كېنىشكامغا 5 ياشتىن يۇقىرى 5 بالىنى قوبۇل قىلسام  بولىدۇ، ئۆزەمنىڭ 6 بالىسى بىلەن 11 بولىدۇ، ئىككى چوڭ قىزىم ھەم ئوقۇغۇچى ھەم ئۇستاز بولالايدۇ، بىزدە يېتەرلىك ئادەم كۈچى بار، ئۆگىتىمىز دىسەك قورساقتا ئۇمۇچىمىز بار، ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇشقا  ھەرخىل ئۇسۇللىرىمىز بار تۇرسا، يەنە نېمىشقا ئۆز ئالدىمىزغا  ئىش قىلىپ باقمايمەن ؟ دېگەن ئوي بىلەن، يازلىق لاگىر پائالىيىتىنى  ھازىرقى ئۆيىمىز ۋە چوڭ ھويلىمىزدىن باشلىدىم . 


ئىلاننى نەچچە ئاي بۇرۇن چىقاردىم.  بۇنى باشقىلارغا بىلدۇرۈش ئۈچۈن،    بىز دائىم بارىدىغان مەسجىدكە بېرىپ ، 40-50 تال  ئىلان   تارقاتتىم. قىزلىرىم دەسلەپ تازا قوللاپ كەتمىدى، ئۇلار بۇنداق ئىشلارنى ياخشى كۆرمەيدۇ، خىجىل بولىدۇ. 

بالىلارنىڭ ئېغىزىغا  قارىسام  بىر ئىشنى ۋۇجۇدىقا چىقارغىلى بولمايدۇ، شۇڭا مەسجىدىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە مەزىنلەردىن ياردەم تەلەپ قىلدىم، ئۇلار مۇسۇلمانلارنىڭ بالىكىرى ئۈچۈن بۇنداق بىر ياخشى ئىشنىڭ بولۇشى ناھايىتى ياخشى ئىش دەپ ياردەمدە بولدى. 

ئىلانىمنى ئۇ يەر بۇ يەردە تارقىتىپ يۈرۈپ، يازلىق لاگىر پائالىيىتىمىزنىڭ ھەر ھەپتىسىگە بالىلار تېزىملىتىشقا باشلىدى. 


بۇ لاگىر پائالىيىتى 9- 3 كىچە داۋاملىشىدۇ، ھەركۈنى ئەتگەندە بالىلارنىڭ سەۋىيىسىگە ئاساسەن بىرەر سائەت قۇرئان ئۆگنىش / يادىلاش ۋە پەيغەمبەرنىڭ ھېكايىلىرىنى ئاڭلاش پائالىيىتى بولىدۇ. مەن مۇشۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ قىسىسىنى چوڭ قىزىم خەدىچەنىڭ ئېغىزىدىن ئاڭلاشنى بەك ياخشى كۈرىمەن، مەن ھېكايىكەرنى بىلسەممۇ قىزىم ناھايىتى جەلىپ قىلارلىق قىلىپ سۆزلەيدۇ، ھەتتا مەن بىلمەيدىغان مەزمۇنلارمۇ چىقىپ قالىدۇ.  

ئاندىن ھەپتىدە ئىككى قېتىم رەسىم دەرىس، ھەركۈنى ھەر خىل شەكىلدىكى تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى( ۋالىبۇل، ۋاسكىتبۇل، پوتبۇل، ھەر خىل ئاتلانچۇق ئويىنلىرى) ، دالا سەيلىسى پائالىيىتى، مەخسۇس  سۇ ئۇيۇنلىرى ۋە جۈمە كۈندىكى بالىلارنى مېھمان قىلىش ، كىنو كۆرۈش قىزىقارلىق پائالىيەتلىرىمىز بالىلارنىڭلا ئەمەس، ئاتا -ئانىلارنىڭمۇ ئىنتايىن ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشتى. بىرىنچى ھەپتىمىز تولۇق سان بىلەن  ناھايىتى نەتجىلىك ھەم ئەھمىيەتلىك ئاخىرلاشتى. ئىككىنجى ھەپتىمىزنىڭمۇ ئادەم سانى توشتى، بۇ ھەپتىدىكى پائالىيەتلەر تېخىمۇ كۆڭۈللۈك. مەسىلەن، سۇلۇق سىيىرلغۇچتا سىىرىلىش، ، ھەركىم ئۆزىنىڭ پىساسىنى ياساپ پىشۇرۇش، تاش ئۈستىگە رەسىم سىزىش، گىلاس ئۈزۈش ھەم ھايۋاناتلارنى زىيارەت قىلىش، ئۇنىڭدىن باشقا ھەر كۈنى دىننى پائالىيىتىمىز ۋە

 

تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىمىز نۇرمال داۋامىلىشىدۇ. 

IMG_1063.jpg
IMG_4413.HEIC
IMG_1022.HEIC
IMG_1104.HEIC
IMG_1014.HEIC
IMG_1083.HEIC
IMG_1068.HEIC
IMG_1030.HEIC

IMG_1063.jpg
IMG_4413.HEIC
IMG_1022.HEIC
IMG_1104.HEIC
IMG_1014.HEIC
IMG_1083.HEIC
IMG_1068.HEIC
IMG_1030.HEIC
IMG_1127.HEIC
IMG_1043.HEIC
IMG_1013.HEIC

يازمىلار

س قوشاقلىرىم ۋە مەشىقلىرىم

!قوشاق بىلەن مەشىقنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن چۈشۈرۈڭ  س قوشاقلىرىم ۋە مەشىقلىرىم