Sunday, March 10, 2024

ئالىي مەكتەپكە بېرىشتن ئاۋۋال قۇرئاننى يادلاپ تۈگەتكەن قىز

   ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئەزىز قېرىنداشلار! ھەممىڭلارنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىڭلارنى ئاجىرتىپ بۈگۈنكى بۇ پائالىيىتىمىزگە ئىشتىراك قىلغىنىڭلار ئۈچۈن، مەن ۋە ئائىلىمىزدىكىلەرگە ۋاكالەتەن چەكسىز مېننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن ۋە ھەممىڭلارنى قىزغىن قارشى ئالىمەن. 

    بۈگۈن ھەممىمىز قىزىمىز خەدىچەنىڭ قۇرئاننى يادلاپ تۈگىتىشتىن ئىبارەت بۇ كاتتا نەتىجىسنى تەبىرىكلەش ئۈچۈن بۇ سورۇنغا جەم بولۇپ تۇرۇپتىمىز. تەبىرىكلەشتىكى مەقسىتىمىز __ قىزىمىزنىڭ بۇ نەتىجىسىدىن پەخىرلىنىش، چەتئەلدە ئۆسۈپ يېتىلۋاتقان بالىلىرىمىزنىڭ داۋاملىق يۇقىرى ئۆرلەپ مېڭىشى ئۈچۈن ئۇلارغا ئىلھام بېرىش، ئۇلارغا ئۆزىنىڭ يالغۇز ئەمەسلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئارقىسىدا ھەر زامان ئۇلارنى قوللايدىغان ئاتا-ئانا ۋە باشقا نۇرغۇن قېرىنداشلىرىنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلدۇرۇش، بىر - بىرىگە ئۈلگە بولۇپ ياشاش، بىر - بىرىگە ھەمدەمدە بولۇپ ياشاش ۋە ئۆزئارا ئۇيۇشۇپ ياشاشنى ھېس قىلدۇرۇش. 

    بىز گەرچە ئاتا- ئانا، ئۇرۇق - تۇغقان، قېرىنداشلىرىمىزدىن  ۋە ئەزىز تۇپرىقىمىزدىن ئايرىلىپ، ياقا يۇرتتا مۇساپىر بولۇپ ياشاۋاتقان بولساقمۇ، ئەمما ھاياتلىقتىكى بۇ ئېغىر سىناقلار سەۋەبلىك بالىلىرىمىزنى كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە ياخشى تەربىيەلەشتىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغۋار نىشانىمىزدىن قىلچە ۋاز كەچكىنىمىز يوق. چۈنكى، بىز جاپادىن قورقمايدىغان، باتۇر، جەڭگىۋار، ئۇيغۇر ئاتا - ئانىلارمىز. شۇڭا بۇ ئاتا - ئانىلاردىن تاللانتلىق بالىلار يېتىشىپ چىقىۋاتىدۇ، بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ يېتىشىپ چىقىدۇ، ئىنشائاللاھ.  بالىلىرىمىز ھەر خىل ساھەلەردە ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈۋاتىدۇ، بۇ ئەھۋال ئادەمنى تولىمۇ خۇرسەن قىلىدۇ. بۇ بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ھامان بىر كۈنى باش كۆتۈرۈپ چىقىدىغىنىدىن بېشارەت بېرىدۇ. مەسىلەن، دوستىمىز قەلبىنۇرنىڭ ئوغلى كەۋسەر چېلىشىشتا ئالاھىدە ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈۋاتىدۇ، مۇشۇ بويىچە ئىلگىرىلىسە، بۇ ئوغلىمىز كەلگۈسىدە دۇنيا سەھنىسىگە چىقىپ ئۇيغۇرنى پۈتۈن دۇنياغا تونۇتۇشى مۇمكىن، ئىنشائاللاھ. دوستىمىز خەيرىگۈلنىڭ ئوغلى ئاكادىمىك جەھەتتە SAT تولۇق نومۇر ئېلىپ ئەلىيۇل ئەلا بولۇپ (ئەگەر ۋەتەندە بولغان بولسا مۇشۇ نام بېرىلگەن بولاتتى) Stanford غا تولۇق ئوقۇش مۇكاپاتى بىلەن ئوقۇشقا قوبۇل قىلىندى. بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ ھەرقايسى پەنلەردە مۇشۇنداق ياخشى ئوقۇغان بالىلىرىمىز بولغان. گۈزەل سەنئەت, ، تەنتەربىيە قاتارلىق جەھەتلەردىمۇ ئادەمنى ھەيران قالدۇرغىدەك نۇرغۇنلغان تاللانتلىق بالىلىرىمىز بار ئىكەن.

    بالىلىرىمىزنىڭ ھەممىسى بىر – بىرىدىن تاللانتلىق. ئۇلار ئوخشىمايدىغان ساھەلەردە  ھەر خىل نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرمەكتە، ھەر ساھەلەردە كۆزگە كۆرۈنمەكتە. بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ كاتتا نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىدۇ، ئىنشائاللاھ. بۇنى تەبىرىكلەش لازىم. بىز بۈگۈن  قىزىمىز خەدىچەنىڭ ئاللاھنىڭ مۇقەددەس كىتابى بولغان 604 بەتلىك قۇرئاننى يادلاپ تۈگىتىشتىن ئىبارەت بۇ كاتتا نەتىجىسىنى تەبىرىكلىگەن بولساق، ئەتە-ئۆگۈن ئوغلىمىز ياشارنىڭ ۋە ياكى باشقا بالىلىرىمىزنىڭ كاتتا مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تەبىرىكلىشىمىز مۇمكىن.

    قۇرئان يادىلاش ھەممە ئادەمگە نېسىپ بولىۋەرمەيدىكەن،ئۇنى ئاللاھ پەقەت ئۆزى خالىغان بەندىلىرىگە نېسىپ قىلىدىكەن. نۇرغۇنلىرىمىز قۇرئان ئۆگىنىشنى، يادلاشنى نىيەت قىلىدىكەنمىز، «بىسمىللاھ» دەپ باشلاپمۇ باقىدىكەنمىز. ئوقۇشنىمۇ ئۆگىنىدىكەنمىز، بىرەر ئىككى پارىنى يادلاپمۇ باقىدىكەنمىز. ئەمما 604 بەتلىك ئەرەبچە قۇرئاننى پۈتۈنلەي يادلاپ تۈگىتىش دېسە، ئادەمگە ناھايىتى قىيىن تۇيىلىدۇ. ئەمما ئاللاھ نېسىپ قىلغان، ئىرادىسى مۇستەھكەم ئادەملەر يەنىلا ئاخىرىغىچە داۋاملاشتۇرالايدۇ.

    ئويلاپ باقسام، خەدىچە قىزىمىز قۇرئاننى بىز ئامرىكىغا كەلگەن 2015-يىلدىن تارتىپ ھازىرغىچە يادلاپتۇ، بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ پۇختا يادلىشى مۇمكىن، تېخىمۇ چۇڭقۇرلاپ ئۆگىنىشى مۇمكىن، ئاللاھ ئېلىمنى زىيادە قىلسۇن، پايدىلىق ئىلىم ئاتا قىلسۇن، ئامىن. بىز خەدىچەنى ئاممىۋى مەكتەپتىن ئىككى - ئۈچ يىل توختىتىپ تۇرۇپ، بىسىپ تۇرۇپ يادلاتقان بولساق، ئاللىقاچان نەچچە قېتىم يادلاپ تۈگىتىشى مۈمكىن ئىدى. لېكىن بىز ئۇنداق قىلمىدۇق. چۈنكى، قىزىمىزنىڭ ئىجتىمائىي مۇھىتتىن ئايرىلىپ ياشىشىنى مۇۋاپىق كۆرمىدۇق. شۇڭا مەكتەپتە ئوقۇش بىلەن بىرگە دىننى ئۆگىنىشنى تەڭ ئېلىپ مېڭىشنى مۇۋاپىق كۆردۈق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «ئاللاھقا ئەڭ سۆيۈملۈك ئەمەل __ ئاز بولسىمۇ، ئىزچىل داۋام قىلغان ئەمەل» دېگەن ھەدىسى بويىچە، تاشلاپ قويماي ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش جەريانىدا، قۇرئاننى ئاخىرى يادلاپ تۈگەتتى. ئەلھەمدۇلىللاھ.

    ئەمدى قۇرئان يادلاش جەريانىنى ئازراق سۆزلەپ ئۆتەي. خەدىچە قۇرئاننى 2015- يىلدىن تارتىپ يادلاشقا باشلىغان. قۇرئان يادلاشتا ئەڭ ئۈنۈمگە ئېرىشكەن ۋاقتىمىز، 2019-يىلى باشلانغان كارانتىن يىللىرى بولدى. نۇرغۇن ئادەم ئۆيگە سولىنىپ قالدى. بىزمۇ بۇنىڭ ئىچىدە. بىز بۇنى بالىلارنى ئائىلىدە تەربىيەلەيدىغان ئەڭ ياخشى پۇرسەت بولدى دەپ قاراپ، پۈتۈن ۋاقتىمىزنى، زېھنىمىزنى ئائىلىگە قارتىپ، ئەڭ بەرىكەتلىك، ئەڭ ئۈنۈملك يىللارنى باشتىن كەچۈردۇق. بالىلار توردىكى دەرسى تۈگسە، تاپشۇرۇقلىرىنى ئىشلەپ بولۇپلا، ۋاقتىنى قۇرئان يادلاش ۋە باشقا ئىشلارغا سەرپ قىلىپ كۈنلىرىنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن تىرىشتى. شۇ يىلى خەدىچە ھەپىتىسىگە 5 بەت يېڭى سۈرە، 10 بەت يادلاپ بولغان كونا سۈرىنى تەكرارلاپ يادلاشتىن ئىبارەت ئېغىر ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن ياخشى چىقتى. بىر ھەپتىدە 15 بەتتىن يادىلاش دېگەن كاتتا بىر ئىش. شۇ بىر يىلدا قۇرئاننىڭ يېرىمىنى دېگۈدەك يادىلاپ تۈگەتكەنىدى.

    قۇرئان يادلاش ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەسكەن. قۇرئان يادلاش ئۈچۈن، ئادەم دۇنيا مەئىشەتلىرىدىن ۋاز كېچىپ نۇرغۇن ۋاقتىنى، زېھنىنى، ئېنىرگىيەسىنى سەرىپ قىلىدىكەن. ئانا-بالا ھەر ئىككىيلەن ھېرىپ چارچايدىكەن، نۇرغۇن قۇربانلىقلار بېرىلىدىكەن. قۇرئان يادلاش تەس بولغاچقا ئاللاھ قۇرئان يادلىغان ئادەملەرنى دۇنيا- ئاخىرەتتە ئەڭ ئەزىز بەندىلىرىم دەپ تەرىپلىگەنىكەن.

    قۇرئان يادلاش جەريانىدا، بەزىدە ئىككىمىزنىڭ يادلىمىدىڭ، يادلىدىم، دەپ خاپىلىشىپ قالغان ۋاقىتلىرىمىزمۇ بولدى. ھەتتا نەچچچە قېتىم بولدى، «يادلىمىساڭ يادلىما، مېنىڭ كارىم يوق» دەپ يادلىتىشتىن ۋاز كېچىشنى ئويلاپ، بىرەر ھەپتە تاشلاپ قويغان ۋاقىتلىرىممۇ بولدى. خەدىچەمۇ «ھەممە ئادەم ئويناپ يۈرسە، مەن قۇرئان يادلايدىكەنمەن، مېنىڭ بوش ۋاقتىم يوقكەن، بولدى! يادلىمايمەن!» دەپ ھەپتىسىگە، قۇرئاننى ئېچىپمۇ قويماي ئۆتكەن كۈنلىرى بولدى. لېكىن ئانا بولغۇچى يەنە بۇنىڭغا چىدىمايدىكەن. بالا بالىلىقىنى قىلىپ خاپا بولىدۇ، نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ قەدرىنى كېيىن چوڭ بولغاندا چۈشىنىپ يېتىدۇ، لېكىن مەن ئانا تۇرسام، بالىنىڭ ئاچچىقىغا تەڭ قوشۇلۇپ ئاچچىقلىسام قانداق بولىدۇ؟ -دەپ يەنە چىرايلىق گەپلەر بىلەن ئىشىنى داۋاملاشتۇرۇشقا دەۋەت قىلدىم. ئويلاپ باقسام، شۇ چاغلاردا قانداق يېتەكلىسە ياخشى بولىدىغىنىنى تازا بىلمەيدىغان ۋاقىتلىرىم ئىكەن. قىزىم ئاساسىي جەھەتتىن ئۆزىنىڭ كۈچىگە تايىنىپ يادلاپتۇ. ھازىرقى ماۋۇ كىچىك ئۇكىلىرىغا قىلغاننىڭ يېرىمىنى شۇ چاغدا قىلالىغان بولسام، خەدىچە تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرىلىگەن بولاتتىكەن دەيمەن.  خەدىچەنىڭ بۇ نەتىجىسى ئاللاھنىڭ قىزىمغا ئاتا قىلىغان كاتتا ئىنايىتى ۋە رەھمىتى. ئەگەر ئاللاھ نىسىپ قىلمىغان بولسا، قىزىم ھەرقانچە قىلىپمۇ بۇ نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن بولاتتى. شۇڭا بالىلىرىمىز ئۈچۈن ئاللاھقا كۆپىرەك دۇئا قىلىپ تىلىشىمىز بەك مۇھىم.

    بۇ يەردە قىزىمنىڭ ئۇستازلىرىدىن  سېڭلىم بۇپاتەم، سۇدانلىق قېرىندىشىمىز خەنەدى، مىسىرلىق قىرىندىشىمىز ئايە، ئاخىرىدا ئەڭ كۆپ كۈچ چىقارغان قارىيە سىڭلىمىز ئاماننىساغا چەكسىز مېننەتدارلىقىمىنى بىلدۈرىمەن. ئاللاھ ئۇلارغا كاتتا ئەجىر ئاتا قىلسۇن، ئۇلارنى دۇنيا- ئاخىرەتتە ئەزىر قىلسۇن.

 مۇشۇ بالىلىرىمنى يېتەكلەش جەھەتتە يولدىشىم مۇھەممەدنىڭ تۆھپىسى بەك چوڭ. ئۇ مېنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللاپ كەلدى، قولىمغا قول، پۇتۇمغا پۇت بولۇپ،  يېراقنى يېقىن، ئېغىرنى يەڭگىل قىلىشىپ كەلدى. بالىلارغا خاپا بولسام، باشقا گەپ قىلماي. ئۆزەڭنىڭ بالىلىقىنى ئويلاپ باق، سەن بالا چىغىڭدا قانچىلىك ئىش قىلغان، تالادا ئويناپ يۈرەتتىڭ، ئۇنىڭغا قارىغاندا بۇ بالىلار بەك تىرىشىۋاتىدۇ، دېگەندەك يۈرەككە تېگىدىغان گەپلەر بىلەن مېنى سۆيۈندۈرۈپ كەلدى ، مەن ئاچچىقىمدا ئۆزەمنى بىلمەي قالغاندا، ماڭا تەربىيە قىلىدىغان ئەڭ سۆيۈملۈك ئادىمىمنىڭ يېنىمدا بولغىنىدىن ئاللاھقا چەكسىز شۈكۈر ئېيتىمەن ھەم مۇھەممەتجانغا رەھمىتىمنى ئېيتىمەن. -مۇھەممەتجان، بالىلارنىڭ ياخشى چوڭ بولۇشىدا سىزنىڭ رولىڭىز بەك چوڭ. جاپا تارتىڭىز، ئاللاھ سىز ئۈچۈن جەننەتنىڭ ئىشىكلىرىنى كەڭرى ئېچىۋەتسۇن، ئامىن.

    مەن، بالىنىڭ تەربىيەسى ئەڭ ئاۋۋال ئائىلىدىن، ئاتا- ئانىنىڭ ئۈلگە بولۇشىدىن، توغرا يېتەكلىشىدىن باشلىنىدۇ دەپ ئويلايمەن. بالىلىرىمىزنىڭ ياخشى ئۆگىنىپ، ياخشى ئادەم بولۇشنى ئۈمىد قىلساق، ئەڭ ئاۋۋال بىز ئاتا - ئانىلار ئۆزىمىز بالىلىرىمىزنىڭ ئالدىدا ئۈلگە بولۇپ، ھەم ئۆگىنىپ ھەم ئۆگۈتۈپ تەڭ  مېڭىشىمىز كېرەككەن.

    ئاخىرىدا، ئاللاھتىن بۈگۈنكى تەربىرىكلەش پائالىيىتىنىڭ ھەممەيلەنگە مەنپەئەتلىك، ئەھمىيەتلىك ۋە خەيرىلىك بولۇشنى تىلەيمىز ۋە خەدىچەنىڭ بۇ نەتىجىسىنىڭ دۇنيا-ئاخىرەتلىكى ئۈچۈن قولغان كەلتۈرگەن ئەڭ ئېسىل ئەمەللىرىدىن  بولۇشىنى، ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە بۇ ئامەنەتنى قوغداپ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىپ، ھەقىقىي قۇرئان ئەھلىدىن بولۇپ ياشىشىنى تىلەيمىز، ئامىن!

 

 

No comments:

Post a Comment

يازمىلار

س قوشاقلىرىم ۋە مەشىقلىرىم

!قوشاق بىلەن مەشىقنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن چۈشۈرۈڭ  س قوشاقلىرىم ۋە مەشىقلىرىم