Wednesday, August 26, 2020
Thursday, November 7, 2019
د قوشاقلىرىم ۋە مەشىقلىرىم
ئەسسالام ئەلەيكۇم
!د قوشاقلىرىم ۋە مەشىقلىرىم » نى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن چۈشۈرۈڭ »
!چىۋەر ئانىنىڭ دۇپپىلىرىنى بويماقچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن چۈشۈرۈڭ
گىلەم دۇپپا
مەرۋايىت دۇپپا
بادام دۇپپا
گىلەم دۇپپا
مەرۋايىت دۇپپا
بادام دۇپپا
بىرىنچى كۈنى
قوشاقلارنى ئوقىغاچ بالىلار ئەڭ ياقتۇرۇپ ئىشلەيدىغان 7- بەت (د ھەرىپلىرىنى تېپىش) بىلەن 4 - بەت (چاپلاق چاپلاش) بېتىنى ئىشلەپ « د » ھەرىپى بىلەن تونۇشۇپ چىقتۇق


ئىككىنچى كۈنى
قوشاقلارنى يادىلىغاچ دۇپپىلىرىمىزنى ئالدىمىزغا قويۇپ قويۇپ ، چېۋەر ئانىنىڭ ئىچى كاۋاك دۇپپا رەسىملىرىنى ئۆزىمىز ياقتۇرغان رەڭلەردە بويۇپ چىقتۇق.

مارجان ، زەنجىر ۋە ئۈزۈكلەرنى ياساش قىزلار ئەڭ يقتۇرۇپ قىلىدىغان ئىش. شۇڭا مەن چوڭ قىزىمغا ئۇششاق پىلاستىك مارجانلانى ئۆزى ياخشى كۆرۈدىغان قېلىپقا تېزىپ چىقىش ۋەزىپىسىنى بەردىم . بۇ ئىنتايىن قول تۇتىدىغان ، ئەستايدىللىق.، ئىنچىكلىك ۋە سەۋىرچانلىق تەلەپ قىلىدىغان ئىش
كىچىكىگە كىچىك قوشۇق بېرىپ مۇز قۇتىسىدىكى ئۇششاق كاتەكچىلەرنى بىر بىرلەپ تۇشقۇشۇپ چىقىش ۋەزىپىسىنى بەردىم . 2 ياشلىق قىزىم چوڭلار قاتارىدا ئۆزىنىڭمۇ بىر كىشلىك ۋەزىپە تاپشۇرۇپ ئالغىنىدىن ئىنتايىن خۇشال بولدى. مەنچە بۇ يېشى كىچىك باللارنى كونتۇرۇل قىلىشنىڭ بىر خىل ئۇسۇلى .
ئاخىرىدا مارجان تۇشقۇزۇلغان قېلىپنىڭ ئۆستىگە شام قەغەز قويۇپ ، قىززىق دەزمالدا ئىككى يۈزىنى بېسىپ ، چىرايلىق زەنجىر ياساۋالدۇق . بۇ قىزلىرىم ئەڭ ياقتۇردىغان ئويۇن.
ئۈچىنچى كۈنى
ئاۋۋال « د كىتابىم » بېتىنى كىچىك قاتلاپ مىخلاۋالدۇق، ئاندىن ئۆزىمىز ياقتۇرغان رەڭلەردە بوياپ چىقتۇق
كىتابنى بويىغاچ قوشاقلارنى ئوقۇشنى ئۇنتۇپ قالمىدۇق ، بەزىلىرىنى يادىقا ئېلۋالدۇق.
بۇ كۈنى ئىنتايىن قىززىق « مارۇژنى زاكاز قىلىش » ئويۇنى ئوينىدۇق
ئويناش جەريانى
ئاشخانا مېنىڭ مارۇژنا دۇكىنىم بولدى. قىزلار ئاۋۋال تېلفۇن ئۇرۇپ ئىسم - فامىلىسىنى ھەجىلەپ دەپ بېرىدۇ. ئاندىن تېلىفۇن نۇمۇرىنى ، ئۆي ئادېرېسىنى ۋە قايسى خىلدىكى مارۇژنا سېتۋالدىغانلىقىنى دەپ بېرىدۇ، مەن تېزىملايمەن. باشتا ئىسمىدىن باشقىسىنى دىيەلمىدى ، لىكىن مەن ياردەم قىلىپ دىېيىشىپ بەردىم. ئاندىن بىر كۈن ئاۋۋال ئەكىلىپ قويغان
مارۇژنا بىلەم مارۇژنا قۇتۇسىنى ( يېگىلى بولىدىغان مارۇژنا قۇتۇسى ) چىقىرىپ رەسمى ئاشخانىلارنىڭكىدەك قىلىپ قاچىلاپ ، دىگەن ئادېرېسقا ئاپىرىپ بەردىم . مارۇژنىنى بېرىشتىن ئاۋۋال ئىمىسىنى ، تېلېفۇن نۇمۇرىنى ۋە ئادىرىسىنى قايتا جەزىملەشتۈرۈپ بەردىم . پۇلىنى دادىسى بېرىۋىتىدىغان بولدى. نېسى دەپ خاتىرلەپ قويدۇم .باللىرىم ئۆزلىرىنى رەسمى مارۇژنا دوكىنىدا تۇرغاندەك ھېس قىلىپ ، ئىنتايىن ھاياجانلىنىپ كەتتى. مەقسىتىم باللارغا تېلفۇن نۇمۇرىم بىلەن ئۆي ئادىرىسىنى يادقا ئالدۇرۇش ئىدى. بۇ ئوسۇل ناھايىتى ئۈنۈملۈك بولدى. 4 ياشلىق قىزىم خوشاللىقىدا بىر - ئىككى بوغۇملۇق سۆزلەرنى ناھايىتى راۋان ئوقۇپ بەردى.
تۆتىنچى كۈنى
ئىزلاپ يېزىش بېتى بىلەن كېسىپ چاپلاش بېتىنى ئىشلىۋەتتۇق. ھەم چىرايلىق ئەتلەس دۇپپا بوياپ چىقتۇق
قوشاقلارنىڭ ھەممىسىنى دىگۈدەك يادىلاپ بولدۇق .ئاخىرىدا قىزلىرىم ماڭا چىرايلىق قات قات تورىت ياساپ بەردى.
بۈگۈنمۇ مارۇژنى زاكاز قىلىش ئويۇنى ئوينىدۇق، ھىچ بولمىسا ئۆي ئادېرېسىنىڭ دەسلەپكى ئىككى نۇمۇرىنى يادىقا ئېلۋاپتۇ
تۆتىنچى كۈنى
ئىزلاپ يېزىش بېتى بىلەن كېسىپ چاپلاش بېتىنى ئىشلىۋەتتۇق. ھەم چىرايلىق ئەتلەس دۇپپا بوياپ چىقتۇق
قوشاقلارنىڭ ھەممىسىنى دىگۈدەك يادىلاپ بولدۇق .ئاخىرىدا قىزلىرىم ماڭا چىرايلىق قات قات تورىت ياساپ بەردى.
بۈگۈنمۇ مارۇژنى زاكاز قىلىش ئويۇنى ئوينىدۇق، ھىچ بولمىسا ئۆي ئادېرېسىنىڭ دەسلەپكى ئىككى نۇمۇرىنى يادىقا ئېلۋاپتۇ
بەشىنچى كۈنى
ئاۋۋال ئىككىسىنىڭ قولىنى قوڭۇر رەڭلىك قەغەز يۈزىگە ئىزلاپ سىزىپ كېسىۋالدۇق ، ئاندىن ئاق قەغەزگە چاپلاۋالدۇق . ئاندىن بىر نەچچە خىل رەڭنى قويۇپ بەردىم . بالىلار بارمىقىنى بوياققا تەككۈزۈپ بېسىپ دەرەخ ياساپ چىقتى
بۇمۇ باللار ئىنتايىن ياقتۇرۇپ قىلىغان ئىش
بۇ كۈنىمۇ «مارۇژنى زاكاز قىلىش » ئويۇنى ئويناپ يەنە مارۇژنى يېدۇق . چۈشلۈك ۋە كەچلىك تاماقتىمۇ زاكاز قوبۇل قىلىپ بۇ ئويۇننى ئويناپتىمىز. قارسام بىر ھەپتىگە قالماي يادىقا ئېلۋالغۇدەك
شۇنداق قىلىپ « د » ھەرىپىنىمۇ ناھايىتى ئۆنۈملۈك ئوسۇلدەا ئۆگۈنىۋالدۇق. قىزىم ھازىرغىچە ئۆگەنگەن 22 ھەرىپنى ئۆز ، ئارا قوشۇپ بىر - ئىككى بوغۇملۇق سۆزلەرنى ناھايىتى راۋان ئوقۇيدىغان بولۇپ كەتى تېخى 2 ياشلىق خەت تونۇمايدىغان قىزىم ھەجىلەپ بەرسەك، قوشۇپ ئوقۇپ ھالى يوق .
!بۇ ماتىرياللارنىڭ سىلەر ئۈچۈن مەنپەتلىك بولۇشىنى ئۆمۈد قىلىمەن
Wednesday, October 30, 2019
غ قوشاقلىرىم ۋە مەشىقلىرىم
،ئەسسالام ئەلەيكۇم
تۆۋەندە «غ » ھەرىپىنى ئۆگىنىش جەريانىمىزنى قىسقىچە توختىلىپ ئۆتمەكچىمەن، كومپىيوتىرىمنىڭ ئۇيغۇرچىنى تازا قوللاپ كەتمەسلىكى سەۋەبىدىن چېكىت ، پەشلىرى تولۇق بولماسلىق ياكى ئورۇندا بولماسلىق ئەھۋاللىرى مەۋجۇت ،توغرا چۈشىنىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن
:غ قوشاقلىرىم ۋە مەشىقلىرى» نى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن چۈشۈرۈڭ»
مەن ئادەتتە بىر ھەرىپنى ( مەيلى ئۇيغۇرچە بولسۇن ياكى ئېنگىلىزچە بولسۇن) 4 - 5 كۈن ئۆگىتىمەن. بۇنىڭ ئۈچۈن ھەر كۈنى 1-2 سائەت ۋاقىت چىقىرىمەن. مەقسىتىم بالىغا تىل ئۆگىتىشلا بولۇپ قالماستىن ، بالىنىڭ ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى،
تىل ئىقتىدارى ، موتور ئىقتىدارى، قول - ھۆنەرۋەنچىلىك ، گۈزەل - سەنئەت ئىقتىدارى ۋە باشقا جەھەتتىكى ئىقتىدارلىرىنى يېتىلدۈرۈش.
بىرىنچى كۈنى، ھەر قېتىم يېڭى قوشاقلار تەييار بولسا قىزلىرىم بەكلا ھاياجانلىنىپ قايتا قايتا ئوقۇپ بېرىشمنى تەلەپ قىلىدۇ. قولاي بولۇشى ئۈچۈن قوشاقلارنى كىچىك كىتاب شەكىلىدە قاتلاپ مىخلاپ بېرىمەن
قوشاقلارنى بىر نەچچە قېتىم ئوقۇپ بولۇپ، ئەڭ ئاخىرقى بېتىدىكى ھەرىپلەردىن ئۆگەنمەكچى بولغان ھەرىپنى تاپقۇزىمەن ۋە باشقا ھەرىپلەرنى قوشۇپ سوراپ باقىمەن.
ئاندىن بالىلار ئەڭ ياقتۇرۇپ قىلىدىغان ئىشلەيدىغان «چاپلاق چاپلايدىغان بەت، ھەرىپ تاپىدىغان بەت، ۋە ئىزلاپ يازىدىغان بەت » نى ئىشلەيمىز. مەن بۇ جەرياندا قوشاقلارنى ھەرخىل ئاھاڭغا سېلىپ ئوقۇپ بىرىمەن. باللىرىم ياخشى كۆرگەن قوشاقلىرىنى قايتا قايتا ئوقۇپ بېرىشىمنى تەلەپ قىلىدۇ.
ئىككىنچى كۈنى، باللارنىڭ ئىلھامىنى قوزغىتىش ئۈچۈن ئاۋۋال ئەك ياخشى ھېكايىلەردىن بىر نەچىچىنى ئوقۇپ بېرىمەن. ئۇنىڭغا بىرلەشتۈرۈپلا قوشاقلارنى قايتا قايتا ئوقۇپ بېرىمەن . ئاندىن بويايدىغان بەتنى (ئەلۋەتتە بۇنىمۇ قاتلاپ

كىچىك كىتاب شەكىلىدە قىلۋالىمىز) بېرىمەن . بۇ بەتنى ئۆزلىرى خالىغان رەڭدە بويايدۇ، ئادەتتە بۇ بەتنى 2 نوسخا چىقىرىمەن .ئىلگىرى ئۆزەم يېنىدا ئولتۇرۇپ تەڭ بويايتىم ، ھازىر 2 ياشلىق قىزىم تەڭ ئولتۇرۇپ بويايدۇ، ئۇ قىزىم گەرچە بويالمىسىمۇ لىكىن ھەدىسدىن قىلىشنى خالىمايدۇ، چوقۇم ئوخشاش بەتنى بېرىشىم كىرەك، بولمىسا ھەدىسىنىڭ بويىشىغا يول قويمايدۇ . ۋاراقنى ئىسراپ قىلسىمۇ ئوخشاش قىلىپ ئۇنىڭغىمۇ بىر كىتاب قىلىپ بىرىمەن.

كىچىك كىتاب شەكىلىدە قىلۋالىمىز) بېرىمەن . بۇ بەتنى ئۆزلىرى خالىغان رەڭدە بويايدۇ، ئادەتتە بۇ بەتنى 2 نوسخا چىقىرىمەن .ئىلگىرى ئۆزەم يېنىدا ئولتۇرۇپ تەڭ بويايتىم ، ھازىر 2 ياشلىق قىزىم تەڭ ئولتۇرۇپ بويايدۇ، ئۇ قىزىم گەرچە بويالمىسىمۇ لىكىن ھەدىسدىن قىلىشنى خالىمايدۇ، چوقۇم ئوخشاش بەتنى بېرىشىم كىرەك، بولمىسا ھەدىسىنىڭ بويىشىغا يول قويمايدۇ . ۋاراقنى ئىسراپ قىلسىمۇ ئوخشاش قىلىپ ئۇنىڭغىمۇ بىر كىتاب قىلىپ بىرىمەن.
ئۈچىنچى كۈنى، يۈگۈرۈش ئۈچۈن ئاۋۋال بەدەن قىزىتىش ھەركىتى ئىشلىگەندەك، مەنمۇ ھەرخىل (مەسىلەن، ناخشا ئېيتىش، ئۇسسۇل ئويناش ۋە ھېكايە ئوقۇش قاتارلىق ) ئۇسۇللارنى قوللىنىپ بالىلارنىڭ قېزىقىشىنى قوزغايمەن. شۇ ئارقىلىق بالىلار بىلىپ بىلمەي ئويناپ يۈرۈپلا ئۆگىنىشكە كىرىشىپ كېتىدۇ.
ئاۋۋال تەخسىنى غازنىڭ شەكىلىدە كېسىپ تەييارلاۋالدىم ھەم تومشۇقى بىلەن پۇتىنىمۇ تەييارلاۋالدىم. ئاندىن لازىملىق ماتىرياللارنى باللارنىڭ ئالدىغا قويۇپ ئۆزلىرىنىڭ چاپلىشىغا قويۇپ بەردىم. بالا بۇنداق نەرسىلەرنى ياساشقا ھازىر بولمىغان بولسا ئازراق يېتەكچىلىك قىلساك بولىدۇ. غازنىڭ قانىتىغا رەڭلىك يوڭ يىپ ئىشلەتسەكمۇ بولىدۇ.
بۇنى ياساش جەريانىدا قوشاقلارنى يەنە ئوقۇپ بەردىم ، مۇشۇنداق قايتا قايتا ئوقۇش ئارقىلىق ئانىمۇ، بالىلارمۇ ئاسانلا يادىقا ئېلۋالىدۇ.
بۇ كۈنى « غ » ھەرىپىنىڭ كېسىپ چاپلايدىغان بىتنىمۇ قوشۇپ ئىشلەۋەتتۇق.
كېسىش ئىقتىدارى يېتىلگەن بالىلار ئۆزى كېسىپ ئۆزى چاپلىسا بولىدۇ. كېسىش ئىقتىدارى يېتىلمىگەن بالىلار كېسىشنى مەشىق قىلسا بولىدۇ.
تۆتىنچى كۈنى، باشقا كۈنلەرگە ئوخشاشلا بۇ كۈنىمۇ ئاۋۋال بەدەن قىزىتىش ئويۇنلىرىنى ئويناپتىمىز
مېنىڭچە قولىنى بوياش ھەممە بالىلار ئەڭ ياقتۇرۇپ ئىشلەيدىغان ئىش. بۇنىڭدا ئاۋۋال غازنىڭ تۇمشۇقى بىلەن پۇتىنى تەييار قىلۋىلىپ ، ئاندىن باشقا مەشغۇلاتنى قىلساق بولىدۇ. بىر نەچچە بالا بولسا بىر بىرلەپ قولىنى بوياپ چوڭ قەغەز 

ئۆستىگە باستۇرساق بولىدۇ. چوڭلىرى ئۆزى باستۇرسۇن ، كىچىكلىرىنىڭ قولىنى بىز يېتەكچىلىك قىلىپ باستۇرساق بولىدۇ. ( ئەلۋەتتە قولىنى باستۇرۇپ بولغاندىن كېيىن باشقا يەرلەرنى مەينەت قىلۋەتمەسلىك ئۈچۈن، قول سۈرتىدىغان قەغەزنى (تەييار قىلۋىلىشىمىز كىرەك ،
ئاندىن بالىلار تەييارلانغان ماتىرياللار ئارقىلىق تۇمشۇق ، پۇت ۋە كۆزرلىرىنى چاپلاپ ئۆزلىرىنىڭ غازىسىنى ياسىسا بولىدۇ.
بۇنى ياساش جەريانىدىمۇ ئوخشاشلا قوشاقلارنى قايتا قايتا ئېيتىپ بەردىم .ھەم پات پات « بۇ قايسى ھەرىپ؟ ، ئاۋۇ
قايسى ھەرىپ؟ » دەپ سوراپ تۇردۇم. بۇنداق قىلغاندا بالا ھەرىپنى ئەستە تۇتۇۋالىدۇ.
بەشىنچى كۈنى، سىرىتقا چىقىپ يومشاق غازاڭلارنى تېرىپ كىردۇق. ئاندىن كېسىپ تەييارلىۋالغان غول بىلەن باشقا لازىملىق ماتىرياللانى باللارغا بېرىپ ، غازاڭلار چۈشۈۋاتقان بىر دەرەخ ياساپ چىقتۇق.
باللىرىمنىڭ ۋاقتى ھەرىپ ئۆگىنىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ . ھەر كۈنى ھەرخىل ئويۇنلارنى ئويۇنلارنى ئوينايمىز. مەسىلەن، تاختىلىق ئويۇن ئويناش، رەڭ ئايرىش ئويۇنى ئويناش، ماگنىتلىق كوۋادىرات، تىك تۆتبولۇڭ، ئۆچبولۇڭ ۋە باشقا شەكىللەردىن ھەرخىل ئۆي ، ماشىنا پىرامىدالارنى ياساش ، رەڭلىك لايدا پىچىنە پىرنىك ۋە باشقا نەرسىلەرنى ياساش ئويۇى ئوينايمىز. بەزىدە چاچ ياساش، تىرناق ياساش، گىرىم قىلىش ۋە ئۈزۈك ياساش سالۇنى ئاچىمەن . بۇ قىزلىرىم ئەڭ ياقتۇردىغان ئۇيۇنلار. بۇ ئويۇنلارنى راستەك قىلىپ ئوينىشىپ بىرىمەن.
بۇ ئويۇنلاردا ،كەلگەن خىرىدارلار ئىسمىنى يازىدۇ، مەقسەت خەت يېزىشنى، ئىسىمىدىكى ھەرىپلەرنى تونۇتۇش. ئاندىن ئۆي ئادىرىسىنى تېلفۇن نۇمۇرىنى ئېغىزچە دەپ بىرىدۇ ، مەن يازىمەن. شۇنىڭغا بىرلەشتۈرۈپ قانداق رەڭ، قايسى خىل شەكىلدە قىلىدىغانلىقىنى تىزىملايمەن . ئاندىن ئاۋۋال كەلگەن خىرىداردىن باشلاپ بىر بىرلەپ قىلىمەن. مۇشۇنداق قىلىپ باللىرىمغا ئۆزلىرىنىڭ راستىنلا بىر سالوندا تۇرغانلىقىنى ھېس قىلدۇرمەن . ئويۇن ئاخىرلاشقاندا كىتاب ئوقۇشنى مەشىق قىلىپ باقايلى دەپ بىر بوغۇملۇق ، ئىككى بوغۇملۇق سۈزلەرنى ئوقۇتىمەن. قىزلىرىممۇ بەك ماسلىشىپ ئوقۇيدۇ، تېخى 2 ياشلىق قىزىم ھەرىپلەرنى تونىمىسىمۇ بىر بوغۇملۇق ۋە ئاددى بولغان ئىككى بوغۇملۇق سۆزلەرنى ھەجىلەپ ئوقۇپ بەرسەم قوشۇپ ئوقۇپ بېرىدۇ. مۇشۇنداق قىلىپ مەن باللىرىمدىن ، باللىرىم مەندىن ئىلھام ئېلىپ كېتىۋاتىمىز.
!ئاللاھ پەرزەنتلىرىمىزگە پايدىلىق ئېلىم ئاتا قىلسۇن
Thursday, October 10, 2019
ج قوشاقلىرىم ۋە مەشىقلىرىم
خ قوشاقلىرىم ۋە مەشىقلىرىم
،ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
يازلىق تەتىل كېلىش بىلەن قىزىمنىڭ ھەرىپ ئۆگىنىش قىزغىنلىقى بەكلا تۆۋەنلەپ كەتكەچكە، يىڭى ھەرىپ ئۆگىتىشنى بىر مەزگىل توختىتىپ قويۇپ ، ئۆگىنىپ بولغان ھەرىپلەرنى تەكرارلاپ بىر مەزگىلنى ئۈتكۈزدۇق. بۇ جەرياندا مەنمۇ يېڭى توغۇلغان ئەللىيىم بىلەن بەكلا ئالدىراش بولۇپ يېتىشەلمەيلا قالدىم . ئەمدى قارسام خىلى قىزىقىپ ئۆگىنىۋاتىدۇ، بۇنىڭدىن مەنمۇ ئىلھامغا كىلىپ ھەرىپلەرنىڭ داۋامىنى ئۆگىنىشنى باشلىۋالدۇق. ھازىرىقى شارائىتىمدا 2--3 ھەپتىدە ئاران بىر ھەرىپنى تۈزۈپ ئۆگىتىدىغان ئوخشايمەن، قىنى بىر تىرىشىپ باقاي . قانچىلىك قىلالىسام شۇنچىلىكنى يوللاشقا تىرىشىمەن. قوشاق تەمىنلىگەن ۋە يېڭى قوشاقلارنى تۈزۈشۈپ بەرگەن ئاتا - ئانا ۋە ئۇستازلارغا چىن كۆڭلىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن. بۇ ماتىرياللارنىڭ سىلەر ئۈچۈن مەنپەتلىك بولىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن
:خ قوشاقلىرىم ۋە مەشىقلىرىم» نى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن چۈشۈرۈڭ»
Thursday, June 6, 2019
ق قوشاقلىرىم ۋە مەشىقلىرىم
ۋاقىت مۇناسۋىتى بىلەن ھەرىپكە مۇناسۋەتلىك ئىشلىگەن قول - ھۆنەرۋەنچلىك ۋە گۈزەل - سەنئەتكەتكە دائىر ماتىرياللارنى يوللىمىدىم . ھەرىپلەرنى بالىنىڭ قىزىقىشىغا ئاساسەن ئۆگەتسەك بولىدۇ.
مەن ئادەتتە يېڭى پۈتكەن قوشاقلارنى قىزلىرىم بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ بىر نەچچە قېتىم ئوقۇيمىز، ئاندىن نەگە بارسام يېنىمدا ئېلۋالىمەن ، مۇۋاپىق پۇرسەت بولسىلا ئوقۇپ بېرىمەن. ھەر كۈنى سىرىتقا چىقىپ ئاۋۋال ۋەلسپىت مېنىپ كۆل بويىغا بىرىپ ئۆردەك ، بىلىقلارغا يەم بېرىش ، ئاندىن كىچىك ئېرىقتىكى سۇنى بولىشىغا چاچىرىتىپ ئويناش ، ئاندىن كۆل ياقىسىدىكى ياۋا بۈلجۈرگەن، ياۋا گۈللەرنى تېرىپ ماڭغاچ قوشاق يادىلاش بىز ئۈچۈن ئەڭ ياخشى پۇرسەت.
. بۇ جەرياندا ئەمدىلا بىر ياش 7 ئايلىق بولغان قىزىممۇ قوشاق ئېيتىپ ، بىزنى زىرىكتۈرمەيدۇ. ھەممدىن «ئاپام ئايدەك ، دادام كۈندك» دىگەن قوشاقنى
« ئاپام كۈندەك ،
دادام كۈندەك.
ئەللەي باقىدۇ
.تولۇن ئايدەك» دەپ ئۆزگەرتىپ بىزنى كۈلدۈرۋىتىدۇ
پەرزەنتلىرىمىزنى ئەقىلى ۋە جىسمانى جەھەتتىن ساغلام تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، تەبىئەتنىڭ گۈزەل مەنزىرلىرى
. بىلەن كۆپرەك ئۇچۇراشتۇرىشىمىز لازىم
.بويايدىغان بەتنى قىزلىرىم بىلەن تەڭ ئولتۇرۇپ «كىم چىرايلىق بويايدۇ؟» دەپ بەسلىشىپ بويايمىز.
.بىر ھەرىپنى 4 -5 كۈنگە بۈلۈپ ئۆگىنىمىز
!ق قوشاقلىرىم ۋە مەشىقلىرىم » نى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن چۈشۈرۈڭ »


Subscribe to:
Posts (Atom)
يازمىلار
س قوشاقلىرىم ۋە مەشىقلىرىم
!قوشاق بىلەن مەشىقنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن چۈشۈرۈڭ س قوشاقلىرىم ۋە مەشىقلىرىم
-
تەتىللىك لاگىر پائالىيىتىگە كېنىشكا ئېلىش ئۈچۈن ھازىرلاشقا تېگىشلىك رەسمىيەتلەر ناھايىتى كۆپ بولغاچقا ( ساغلاملىك پىلانى، بىخەتەرلىك پىلانى ...
-
ئەسلىدە ھەپتىدە بىر ھەرىپ ئۆگىنىش پىلاننى تۈزۈپ چىقىمەن دەپ باشلاپ قويغان ، لىكىن قەتئى ۋاقىت چىقىرالمىدىم ، ئاللاھ خالىسا بۇنىمۇ تولۇقلاشق...
-
پەرزەنتلىرىمىزنىڭ دىننى تەربىيەسىگە ئەھمىيەت بىرىش مۇھىم ئاتا-ئانا بولغىنىمىزدا ، بىز دۇچ ك ېلۋاتقان ھەم بۇنىڭدىن كېيىن ك...










































