Wednesday, October 30, 2019

غ قوشاقلىرىم ۋە مەشىقلىرىم

،ئەسسالام ئەلەيكۇم 

تۆۋەندە «غ » ھەرىپىنى ئۆگىنىش جەريانىمىزنى قىسقىچە توختىلىپ ئۆتمەكچىمەن، كومپىيوتىرىمنىڭ ئۇيغۇرچىنى تازا قوللاپ كەتمەسلىكى سەۋەبىدىن چېكىت ، پەشلىرى تولۇق بولماسلىق ياكى ئورۇندا بولماسلىق ئەھۋاللىرى مەۋجۇت ،توغرا چۈشىنىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن 

:غ قوشاقلىرىم ۋە مەشىقلىرى» نى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن چۈشۈرۈڭ»


مەن ئادەتتە  بىر ھەرىپنى ( مەيلى ئۇيغۇرچە بولسۇن ياكى ئېنگىلىزچە بولسۇن) 4 - 5 كۈن ئۆگىتىمەن. بۇنىڭ ئۈچۈن ھەر   كۈنى 1-2 سائەت ۋاقىت چىقىرىمەن.  مەقسىتىم بالىغا تىل ئۆگىتىشلا بولۇپ قالماستىن ، بالىنىڭ ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى، 
تىل ئىقتىدارى ، موتور ئىقتىدارى، قول - ھۆنەرۋەنچىلىك ، گۈزەل - سەنئەت ئىقتىدارى ۋە باشقا  جەھەتتىكى ئىقتىدارلىرىنى يېتىلدۈرۈش. 

بىرىنچى كۈنى، ھەر قېتىم يېڭى قوشاقلار تەييار بولسا قىزلىرىم بەكلا ھاياجانلىنىپ قايتا قايتا ئوقۇپ بېرىشمنى تەلەپ قىلىدۇ.  قولاي بولۇشى ئۈچۈن قوشاقلارنى  كىچىك كىتاب شەكىلىدە قاتلاپ مىخلاپ بېرىمەن 

         
 قوشاقلارنى بىر نەچچە قېتىم ئوقۇپ بولۇپ، ئەڭ ئاخىرقى بېتىدىكى ھەرىپلەردىن ئۆگەنمەكچى بولغان ھەرىپنى تاپقۇزىمەن ۋە باشقا ھەرىپلەرنى قوشۇپ سوراپ باقىمەن.  

 
ئاندىن  بالىلار ئەڭ ياقتۇرۇپ قىلىدىغان ئىشلەيدىغان «چاپلاق چاپلايدىغان بەت، ھەرىپ تاپىدىغان بەت، ۋە ئىزلاپ يازىدىغان بەت » نى  ئىشلەيمىز. مەن بۇ جەرياندا قوشاقلارنى ھەرخىل ئاھاڭغا سېلىپ ئوقۇپ بىرىمەن. باللىرىم ياخشى كۆرگەن قوشاقلىرىنى قايتا قايتا ئوقۇپ بېرىشىمنى تەلەپ قىلىدۇ. 

 


 

  ئىككىنچى كۈنى،  باللارنىڭ ئىلھامىنى قوزغىتىش ئۈچۈن  ئاۋۋال ئەك ياخشى ھېكايىلەردىن بىر نەچىچىنى ئوقۇپ بېرىمەن. ئۇنىڭغا بىرلەشتۈرۈپلا قوشاقلارنى قايتا قايتا ئوقۇپ بېرىمەن . ئاندىن بويايدىغان بەتنى (ئەلۋەتتە بۇنىمۇ قاتلاپ

كىچىك كىتاب شەكىلىدە قىلۋالىمىز) بېرىمەن . بۇ بەتنى ئۆزلىرى خالىغان رەڭدە بويايدۇ،  ئادەتتە بۇ بەتنى 2 نوسخا چىقىرىمەن .ئىلگىرى ئۆزەم يېنىدا ئولتۇرۇپ تەڭ بويايتىم ، ھازىر 2 ياشلىق قىزىم تەڭ ئولتۇرۇپ بويايدۇ، ئۇ قىزىم گەرچە بويالمىسىمۇ لىكىن ھەدىسدىن قىلىشنى خالىمايدۇ، چوقۇم ئوخشاش بەتنى بېرىشىم كىرەك، بولمىسا ھەدىسىنىڭ بويىشىغا يول قويمايدۇ . ۋاراقنى ئىسراپ قىلسىمۇ ئوخشاش قىلىپ ئۇنىڭغىمۇ بىر كىتاب قىلىپ بىرىمەن.


 
ئۈچىنچى كۈنى، يۈگۈرۈش ئۈچۈن ئاۋۋال بەدەن قىزىتىش ھەركىتى ئىشلىگەندەك،  مەنمۇ ھەرخىل (مەسىلەن، ناخشا ئېيتىش، ئۇسسۇل ئويناش ۋە ھېكايە ئوقۇش قاتارلىق ) ئۇسۇللارنى قوللىنىپ بالىلارنىڭ قېزىقىشىنى قوزغايمەن.  شۇ ئارقىلىق بالىلار بىلىپ بىلمەي ئويناپ يۈرۈپلا ئۆگىنىشكە كىرىشىپ كېتىدۇ.
 ئاۋۋال  تەخسىنى غازنىڭ شەكىلىدە كېسىپ تەييارلاۋالدىم ھەم تومشۇقى بىلەن پۇتىنىمۇ تەييارلاۋالدىم. ئاندىن لازىملىق ماتىرياللارنى باللارنىڭ ئالدىغا قويۇپ ئۆزلىرىنىڭ چاپلىشىغا قويۇپ بەردىم. بالا  بۇنداق نەرسىلەرنى ياساشقا ھازىر بولمىغان بولسا ئازراق يېتەكچىلىك قىلساك بولىدۇ. غازنىڭ قانىتىغا رەڭلىك يوڭ يىپ ئىشلەتسەكمۇ بولىدۇ. 


بۇنى ياساش جەريانىدا قوشاقلارنى يەنە ئوقۇپ بەردىم ، مۇشۇنداق قايتا قايتا ئوقۇش ئارقىلىق ئانىمۇ، بالىلارمۇ ئاسانلا يادىقا  ئېلۋالىدۇ. 
بۇ كۈنى  « غ » ھەرىپىنىڭ  كېسىپ چاپلايدىغان بىتنىمۇ قوشۇپ ئىشلەۋەتتۇق. 
كېسىش ئىقتىدارى يېتىلگەن بالىلار ئۆزى كېسىپ ئۆزى چاپلىسا بولىدۇ. كېسىش ئىقتىدارى يېتىلمىگەن بالىلار كېسىشنى مەشىق قىلسا بولىدۇ. 

تۆتىنچى كۈنى، باشقا كۈنلەرگە ئوخشاشلا بۇ كۈنىمۇ ئاۋۋال بەدەن قىزىتىش ئويۇنلىرىنى ئويناپتىمىز
مېنىڭچە قولىنى بوياش ھەممە بالىلار ئەڭ ياقتۇرۇپ ئىشلەيدىغان ئىش. بۇنىڭدا ئاۋۋال غازنىڭ تۇمشۇقى بىلەن پۇتىنى تەييار قىلۋىلىپ ، ئاندىن باشقا مەشغۇلاتنى قىلساق بولىدۇ. بىر نەچچە بالا بولسا بىر بىرلەپ قولىنى بوياپ چوڭ قەغەز 
ئۆستىگە باستۇرساق بولىدۇ. چوڭلىرى ئۆزى باستۇرسۇن ، كىچىكلىرىنىڭ قولىنى بىز يېتەكچىلىك قىلىپ باستۇرساق بولىدۇ.    ( ئەلۋەتتە قولىنى باستۇرۇپ بولغاندىن كېيىن باشقا يەرلەرنى مەينەت قىلۋەتمەسلىك ئۈچۈن، قول سۈرتىدىغان قەغەزنى (تەييار قىلۋىلىشىمىز كىرەك ،
ئاندىن بالىلار تەييارلانغان ماتىرياللار ئارقىلىق تۇمشۇق ، پۇت ۋە كۆزرلىرىنى چاپلاپ ئۆزلىرىنىڭ غازىسىنى ياسىسا بولىدۇ. 
 بۇنى ياساش جەريانىدىمۇ ئوخشاشلا قوشاقلارنى قايتا قايتا ئېيتىپ بەردىم .ھەم پات پات « بۇ قايسى ھەرىپ؟ ، ئاۋۇ 
قايسى ھەرىپ؟ » دەپ سوراپ تۇردۇم. بۇنداق قىلغاندا بالا ھەرىپنى ئەستە تۇتۇۋالىدۇ. 


بەشىنچى كۈنى، سىرىتقا چىقىپ يومشاق غازاڭلارنى تېرىپ كىردۇق. ئاندىن كېسىپ تەييارلىۋالغان غول بىلەن باشقا   لازىملىق ماتىرياللانى باللارغا بېرىپ ، غازاڭلار چۈشۈۋاتقان بىر دەرەخ ياساپ چىقتۇق. 


باللىرىمنىڭ ۋاقتى ھەرىپ ئۆگىنىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ . ھەر كۈنى ھەرخىل ئويۇنلارنى ئويۇنلارنى ئوينايمىز. مەسىلەن، تاختىلىق ئويۇن ئويناش، رەڭ ئايرىش ئويۇنى ئويناش، ماگنىتلىق كوۋادىرات، تىك تۆتبولۇڭ، ئۆچبولۇڭ ۋە باشقا شەكىللەردىن ھەرخىل ئۆي ، ماشىنا پىرامىدالارنى ياساش ، رەڭلىك لايدا پىچىنە پىرنىك ۋە باشقا نەرسىلەرنى ياساش ئويۇى ئوينايمىز. بەزىدە چاچ ياساش، تىرناق ياساش، گىرىم قىلىش ۋە ئۈزۈك ياساش سالۇنى ئاچىمەن . بۇ قىزلىرىم ئەڭ ياقتۇردىغان ئۇيۇنلار. بۇ ئويۇنلارنى راستەك قىلىپ ئوينىشىپ بىرىمەن.
بۇ ئويۇنلاردا ،كەلگەن خىرىدارلار ئىسمىنى يازىدۇ، مەقسەت خەت يېزىشنى، ئىسىمىدىكى ھەرىپلەرنى تونۇتۇش. ئاندىن ئۆي ئادىرىسىنى تېلفۇن نۇمۇرىنى ئېغىزچە دەپ بىرىدۇ ، مەن يازىمەن. شۇنىڭغا بىرلەشتۈرۈپ قانداق رەڭ، قايسى خىل   شەكىلدە قىلىدىغانلىقىنى تىزىملايمەن . ئاندىن ئاۋۋال كەلگەن خىرىداردىن باشلاپ بىر بىرلەپ قىلىمەن. مۇشۇنداق قىلىپ باللىرىمغا ئۆزلىرىنىڭ راستىنلا بىر سالوندا تۇرغانلىقىنى ھېس قىلدۇرمەن . ئويۇن ئاخىرلاشقاندا كىتاب ئوقۇشنى مەشىق قىلىپ باقايلى دەپ بىر بوغۇملۇق ، ئىككى بوغۇملۇق سۈزلەرنى ئوقۇتىمەن. قىزلىرىممۇ بەك ماسلىشىپ ئوقۇيدۇ، تېخى 2 ياشلىق قىزىم ھەرىپلەرنى تونىمىسىمۇ بىر بوغۇملۇق ۋە ئاددى بولغان ئىككى بوغۇملۇق سۆزلەرنى ھەجىلەپ ئوقۇپ بەرسەم قوشۇپ ئوقۇپ بېرىدۇ. مۇشۇنداق قىلىپ مەن باللىرىمدىن ، باللىرىم مەندىن ئىلھام ئېلىپ كېتىۋاتىمىز.

!ئاللاھ پەرزەنتلىرىمىزگە پايدىلىق ئېلىم ئاتا قىلسۇن












No comments:

Post a Comment

يازمىلار

س قوشاقلىرىم ۋە مەشىقلىرىم

!قوشاق بىلەن مەشىقنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن چۈشۈرۈڭ  س قوشاقلىرىم ۋە مەشىقلىرىم