Saturday, August 27, 2022
ھاياتلىق ئەسلىمىلەر
Friday, August 19, 2022
ف قوشاقلىرىم ۋە مەشىقلىرىم
2018- يىلى 3- قىزىمنىڭ ساۋادىنى چىقرىشتا بىر تەرەپتىن ماتېريال تۈزۈپ ، بىر تەرەپتىن ئۆگىتىپ نەق 22 ھەرپنىڭ ماتېريللى پۈتكەندە، قىزىمنىڭ ساۋادى تولۇق چىقىپ، قالغان ھەرپلەرنىڭ ماتېريالىنى تۈزمەي تاشلاپ قويغان. ئۆتكەن يىلى 4- قىزىمىڭ ساۋادىنى چىقىرش ھەم ئانىلارنى يېتەكلەش مۇناسۋىتى بىلەن ماتېريالنى قايتىدىن تۈزۈشكە باشلىغان. ھازىرغىچە 20 ھەرپنىڭ ماتېريالى پۈتتى. ئەمدى ئىلگىرى قوشاق تۈزمىگەن ھەرپلەردىن بىرى بولغان < ف > ھەرپىگە كەلگەندە، قوشاقلارنى نەردىن تېپىش بېشىمنى سەل قاتتۇردى. بىر نەچچە كۈن ماتېرياللارنى ئاختۇرۇپ، تورلاردىن ئىزدەپ يۈرۈپ مۇۋاپىق قوشاق تاپالمىدىم. ئاخىرى تۈزمەكچى بولغان قوشاقلارنىڭ تېمىسىنى ، ھەپتىدە بىر ھەرپ ئۆگىنىش گۇرۇپپىسىدىكى ئانىلارنىڭ ئالدىغان تاشلىدىم. ئۇ ئانا بىر كوپلىت، بۇ ئانا بىر كوپلىت تۈزۈش ، كەيندىن قايتا -قايتا تەھرىرلەش ئارقىلىق، بالىلارغا خاس ناھايىتى ياخشى قوشاقلار ۋۇجۇدقا چىقتى. ھازىرچە بىر بەتنىلا قويۇپ تۇراي، كېيىن ھەممىنى كۆرۈش نىسىپ بۇلار، ئىنشائاللاھ. <ف> ھەرپىدىن باشلانغان سۆزلەر ئاز ، قوللىنىش نېسبىتى تۆۋەن بولسىمۇ، گۈزەل سەنئەتكە دائىر پائالىيەتلىرى ناھايىتى كۆڭۈللۈك ئىكەن. مەسىلەن ، تېلېفۇن ياساش، فونتان ياساش، فوتۇ-ئاپپارات ياساش، فار- فۇرقاچا ياساش دېگەندەكلەر بالىلارئەڭ ياقتۇرۇپ قىلىدىغان پائالىيەتلەر ئىكەن.
Monday, October 18, 2021
ئى قوشاقلىرىم ۋە مەشىقلىرىم
ئى قوشاقلىرىم ۋە مەشىقلىرىمنى تۆۋەندىكى
ئۇلىنىشتىن چۈشۈرۈۋېلىڭ !
تور بېتىمىز تاقىلىپ
قىلىپ ماتېريال يوللاش ئىمكانىيىتى بولمىغان، ھازىر قايتىدىن نورمال ئىشلەپ
يەنە ماتېرىيال يوللاپ تۇرۇشنى مۇۋاپىق كۆردۇم. ئىلگىرى يوللانغان ماتېرىياللاردىن
پايدىلانغۇدەكلا بولسا پايدىلىنىپ تۇرارسىلەر!
يېڭىدىن
تۈزۈلۈۋاتقان ماتېرىيالنىڭ نەشرى ھوقۇقىنى ساقلاپ قىلىش يۈزىسىدىن ھازىرچە كونىسى
يوللىنىدۇ.
ھەپتىلىك
پائالىيەتلىرىمىزدىن قىسمەن كۆرۈنۈشلەر.
Saturday, August 28, 2021
Educational page: غ قوشاقلىرىم ۋە مەشىقلىرىم
Tuesday, July 13, 2021
غ قوشاقلىرىم ۋە مەشىقلىرىم
ئەسسالالمۇ ئەلەيكۇم
غ قوشاقلىرىم ۋە مەشىقلىرىمنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن چۈشۈرۈڭ
غ ھەرپنى ئۆگىنىشىنتىكى پائالىيەتتىن كۆرۈنىشلەر
Saturday, September 12, 2020
ئا قوشاقلىرىم ۋە مەشىقلىرىم
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،
يوقۇملۇق ۋىرۇس سەۋەبىدىن ، سىرتقى مۇھىت بىلەن ئۇچۇرششىمىز ئازىيبپ ، ھەممىمىز ئۆيگە قاپسىلىپ ياشاۋاتىمىز. بۇنىڭ پايدىلىق ۋە پايدىسىز تەرەپلىرىمۇ بولۋاتىدۇ . پايدىلىق تەرەپلىرى بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ جەم بولۇپ بىرگە تاماق يېيىش ، موڭدىشىش ، ئۆزئارا چۈشۈنۈش ، باللار بىلەن ئۆگىنىش ، ئۇلارغا ئۆگىتىش پۇرسەتلىرىمىز بولۋاتىدۇ . پايدىسىز تەرەپلىرى باللارنىڭ ۋاقتىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇشنى بىلمەي قىلۋاتقان ئاتا ئانىلار باللار باللىرىنىڭ قولىغا تېلفۇن ، كومپىيوتىر دىگەندەك ئېلېكتۇرۇنلۇق ئەسۋابلارنى تاشلاپ بېرىپ ، ئۇلارنىڭ جىدىلىنى بېسىقتۇرماقتا .
ئەمدى مەكتەپ باشلاپ ۋەزىپىمىز تېخىمۇ ئېغىر بولۋاتىدۇ . ئۇنداقتا چوڭلىرى توردە دەرىس ئېلۋاتقاندا ، كىچىكلىرىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش كىرەك ؟ ئۇلارغا تېلېفۇن ، ئايپەد دىگەندەك نەرسىلەرنى ھەمرا قىلىپ تاشلاپ قويامدۇق ؟ ياق ، بۇ باللارنى يېتەكلەشتىكى توغرا ئۇسۇل ئەمەس .
باللارنى يېتەكلەشتە :
مۇنتىززىم ئائىلە تەرتىپى بولسۇن .
ھەر كۈنى ئاز دىگەندە بىر ـ ئىككى سائەت بالا بىلەن ئوينىشىپ بېرىڭ ، بىرلىكتە قول سېلىپ ئىشلەيدىغان بىرەر پرۇجەكىت ئىشلەڭ .بالا ئويۇن ئارقىلىق ھەم خوشاللىققا، ھەم بىلىمگە ئىگە بولسۇن . ئويۇن ئارقىلىق ساۋادىنى چىقىرىڭ ، تىل ئۆگىتىڭ ، موتۇر ئىقتىدارىنى يوقىرى كۆتۈرۈڭ .
ھەقسىز ماتىريال ۋە بەزى ئۆلگىلەردىن پايدىللنىپ ، باللىرىڭىزنى يېتەكلەڭ .دەسلەپ سەل قېيىن بولىدۇ ، لىكىن ئىزچىل داۋاملاشتۇرالىسىڭىز ، سىزمۇ بۇ جەھەتتە پىرافىسسۇر بولالايسىز ، ئىنشائاللاھ .
قېنى ئەمسە ماتىريال مەندىن ، ھەممىمىز ئۆز باللىرىمىزنى يېتەكلەپ باقايلى !!!
ئا قوشاقلىرىم ۋە مەشىقلىرىمنى چۈشۈرۋىلىڭ. ئا قوشاقلىرىم ۋە مەشىقلىرىم


Saturday, September 5, 2020
مەن قىزىمنىڭ ساۋادىنى ئىككى خىل تىلدا قانداق چىقاردىم
يازمىلار
س قوشاقلىرىم ۋە مەشىقلىرىم
!قوشاق بىلەن مەشىقنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن چۈشۈرۈڭ س قوشاقلىرىم ۋە مەشىقلىرىم
-
تەتىللىك لاگىر پائالىيىتىگە كېنىشكا ئېلىش ئۈچۈن ھازىرلاشقا تېگىشلىك رەسمىيەتلەر ناھايىتى كۆپ بولغاچقا ( ساغلاملىك پىلانى، بىخەتەرلىك پىلانى ...
-
ئەسلىدە ھەپتىدە بىر ھەرىپ ئۆگىنىش پىلاننى تۈزۈپ چىقىمەن دەپ باشلاپ قويغان ، لىكىن قەتئى ۋاقىت چىقىرالمىدىم ، ئاللاھ خالىسا بۇنىمۇ تولۇقلاشق...
-
پەرزەنتلىرىمىزنىڭ دىننى تەربىيەسىگە ئەھمىيەت بىرىش مۇھىم ئاتا-ئانا بولغىنىمىزدا ، بىز دۇچ ك ېلۋاتقان ھەم بۇنىڭدىن كېيىن ك...









