،ئەسسالام ئەلەيكۇم قەدىرلىك ئاتا -ئانىلار
شۇنداق قىلىپ < ز > ھەرىپىنى ئۆگىنىشىمىزمۇ ناھايىتى مۇۋاپىقىيەتلىك بولدى
:تۆۋەندە « ز » ھەرىپىنى قانداق ئۆگەنگەنلىكىمىزنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتمەكچىمەن
:قوشاقلارنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن چۈشۈرۈڭ
ز قوشاقلىرىم ۋە مەشىقلىرىم
بىرىنچى كۈنى، قوشاق يادىلاش
ئاۋۋال قوشاقلارنى چىقىرىپ ، كىچىك كىتاب شەكىلدە مىخلاپ تەييار قىلۋالدىم. ھەر قېتىم يېڭى قوشاقلار چىقسا قىزىم ئىچىنى ۋاراقلاپ كۆرۈشكە ئالدىراپ كېتىدۇ، ئاندىن قىزلىرىمم بىلەن ئولتۇرۇپ ، قوشاقلارنىڭ رەسىملىرىگە قارىغاچ قايتا- قايتا بىر نەچچە قېتىم ئوقۇپ چىقتۇق ، بۇ جەريانىدا ئاساسلىق ئۆزەم يادىغا ئېلۋالدىم. ئاندىن قوشاق كىتابنىڭ ئاخىرىقى بېتىدىكى ھەرىپلەردىن < ئە قايسى ھەرىپ ؟> ، < ز قايسى ھەرىپ ؟ > دەپ سۇراپ ھەرىپلەرنى ئەستە تۇتۋىلىشى ئۈچۈن ئاساس سالدىم. بۇنىڭغا ئۇلاپ قىزىم ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان چاپلاق چاپلاش بېتىنى ئىشلىۋەتتۇق، بۇ قېتىم بۇ بەتنى بوياپ چىقتۇق . ئەسلىدە رەڭلىك يوملاق پاختا چاپلىسا بەك چىرايلىق چىقاتتى
ئاندىن ئۆزىمىزنىڭ چىنىقىش خاراكتىردىكى باشقا ئوينلىرىنى ئويناپ كەتتۇق، مەسىلەن، يىراققا سەكرەش، ئىگىزدىن پەسكە سەكرەش، يۈگىرەش، ئىگىزدىن پەسكە سېيرىلىش دىگەندەك. بۇ جەريانىدا قوشاقلارنى ئېيتىقاچ بىللە ئوينىشىپ بەردىم.
ئىككىنچى كۈنى، قەغەزدىن زەنجىر ياساش
ئاۋۋال قىزىم بىلەن ئولتۇرۇپ رەڭلىك قەغەزنى بىر سانتا كەڭلىكتە قىسقا قىلىپ كېسىۋالدۇق، ئاندىن قەغەزنى ئۇلاپ چاپلاپ ئۇسۇلىنى كۆرسۈتۈپ قويسام ،توختىماي ئۇلاپ ئۇزۇن بىر زەنجىر ياساپ چىقىپتۇ.
زەنجىر ياساش جەريانىدىمۇ قوشاقلارنى ئاھاڭغا سېلىپ ئېيتىپ بەردىم . مەن بىر مىسرانى دەپ قىزىمنى بىر مىسرا ئېيتقۇزۇپ دىگەندەك قىلىپ قوشاققا پىششىق بولۇپ قالدى
ئۈچىنچى كۈنى، زىراپە ياساش
ئاۋۋال رەڭلىك قەغەزدە بەدىنى بىلەن بوينى ئۇلاقلىق ھالەتتە كېسىۋالدىم، ئاندىن بېشىنىڭ شەكىلى بىلەن تۇمشۇقىنى كېسىۋالدىم، بۇ جەرياندا قىزىم پۇتى ئۈچۈن چوكا مۇز تاياقچىسىنى بوياپ چىقتى، قارسام 15 -20 تالغا يىقىن پۇت تەييار قىپتۇ. ئاندىن ئېغىزىنى سىزاپ، كۆزىنى چاپلاپ، بەدەن ئەزالىرىنى ئۇلاپ قويۋىدۇق ئۇماق زىراپىجان ھازىر بولدى. قىزىم ، «يەنە بىر تەرەپكە بېشىنى قىسىپ تۇرغان زىراپىدىن يەنە بىرنى ياسايلى !» دەپ تۇرۋالغان، لىكىن ماڭا خوشياقمىدى. بۈگۈنمۇ قوشاق يادلىغاچ ئويناپتىمىز، قىزىم كۈپىنچىسىنى ئۆزى يادلىدى .
!زىراپە ياساشتا كۆپىرەك ئىلھامغا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى ئۇلىنىشنى بېسىڭ
تۆتىنچى كۈنى، < ز كىتابىم > دىكى رەسىملەرنى بوياش
قىزىم ئىككىمىز بىللە ئولتۇرۇپ < ز كىتابىم> دىكى ئوخشاش بەتنى بويدۇق ۋە ز ھەرىپلىرىنى تېپىش بېتىنىمۇ ئىشلىۋەتتۇق. قىزىم بەزىدە چىرايلىق بويايدۇ، بەزىدە ئىنتايىن سەت بويايدۇ، لىكىن ھىچقىسى يوق ، مەقسەت بالىنىڭ سەۋىرچانلىقىنى ، سەرەمجانلىقىنى ۋە ئەستايدىللىقىنى يوقىرى كۆتۈرۈش.
بۈگۈنمۇ قوشاق يادىلاشنى ئونتۇپ قالمىدۇق.

مۇشۇنداق قىلىش جەريانىدا قىزىم قوشاقنىمۇ، ھەرىپنىمۇ پىششىق
ئۆگىنىۋالىدۇ.
ئاندىن ئۆگىنىپ بولغان ھەرىپلەرنى ئۇدۇللۇق تامغا چاپلام مېڭىۋاتىمەن ، ھەر كۈنى ئۆزى قايتا قايتا ئوقۇپ چىقىدۇ ، شۇنىڭغىمۇ ھازىرغىچە ئۆگەنگەن ھەرىپلەرنى قەتتى ئارلاشتۇرۇپ قويماي ئوقۇپ بىرىدۇ.
بەزىدە ئۇيغۇر بالىلار پرگۇرامىسىدىكى ھەرىپكە مۇناسىۋەتلىك ۋىدىئونى قويۇپ بېرىمەن ھەم بىللە ئەگىشىپ ئوقۇشىنى تەلەپ قىلىمەن ، بۇنىڭمۇ بەك پايدىسى بولدى .
ئۇيغۇرچە بالىلار پرگراممىسىدىكى <ز> ھەرىپى ۋىدىئوسى
!ھەممىڭلارغا ئۇتۇق تىلەيمەن