Saturday, January 19, 2019

ئو قوشاقلىرىم ۋە مەشىقلىرىم

،ئەسسالام ئەلەيكۇم  قەدىرلىك ئاتا _ئانىلار 

ئو قوشاقلىرىمدا پەقەت ئۈچ تاللا يېڭى قوشاق بولغاچقا ،  قوشاق يادىلاش بەك ئاسانغا توختىدى. مەن يېقىندا شۇنى  بايقىدىمكى، قوشاق  كىتاپتىكى  رەسىملەر قانچىكى جەلىپ قىلارلىق بولسا ، بالا شۇ قوشاقنى قايتا _قايتا  ئوقۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدىكەن ، شۇنىڭ بىلەن قوشاق يادىلاشمۇ ئاسانغا توختايدىكەن · قوشاقلارغا جەلىپ قىلارلىق رەسىملەرنى كىرگۈزۈش ئۈچۈن تىرشسام بولغۇدەك · سىلەرنىڭمۇ تەكلىپ _پىكىرلەرنى ئايىماي بېرىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن! قىزىم ھەرىپلەرنى بەك ئاسان تۇتىۋالدىغان بولدى ، شۇڭا دەسلەپتىكىدەك بەك كۈچىمىسەممۇ بولىدۇ. پەقەت كۆپرەك ئوينىشىپ بەرسەملا خوش بولۇپ ، ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىپ كەتكۈدەك

ئاددى بوغۇملۇق سۆزلەردىن ئىككى يۈرۈش بېسىپ چىقاردىم. بىر يۈرۈشنى سومكامغا سېلىپ قويدۇم، سىرىتقا چىققاندا مۇۋاپىق پۇرسەت بولسا ئوقۇشنى مەشىق قىلۋاتىمىز. يەنە بىر يۈرۈشنى ئۆيدە ئوقۇۋاتىمىز. ياكى قور بويىچە كېسىپ ئۆينىڭ دائىم كۆزىگە  كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان يەرلىرىگە چاپلاپ قويۇپ ، ئۇياق - بۇياققا ئۆتكەچ ئوقۇتساقمۇ بولىدۇ. ھازىر قىزىم ئاددى بوغۇملۇق سۆزلەرنى  خىلى راۋان  ئوقۇيدىغان بولدى.  مەن ھەجىلەپ بىرىمەن ، قىزىم قوشۇپ ئوقۇيدۇ،سىڭلىسى(بىر .😅 😅 😅 ياش 3 ئايلىق) دوراپ كەينىدىن ئوقۇيدۇ، ئىككىسى تەڭ نەپكە ئېرىشۋاتىدۇ 

رەسىملىك بەتنى قىزىم بىلەن تەڭ ئولتۇرۇپ بەسلىشىپ بويايمەن. كۆپىنچە سىڭلىسى مەن بويىغان رەسىمنىڭ ئۆستىدىن 😐 😭 😭 جىجاپ كۆرۈمسىز قېلىۋىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن مەن ئوتتۇرۇپ قويىمەن



!ئو قوشاقلىرىم بىلەن مەشىقلىرىمنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن چۈشۈرۈڭ








توپ

بالىدا سەۋىرچانلىق يېتىلىدۇ

ئوت تىكى ئو 

توز
تەخسىنى كېسىپ بەرسەك بالىلار خالىغان
 شەكىلىدە بويىسا بولىدۇ . قالغىنىنى چوڭلار بېزەپ بەرسەك بولىدۇ
قول ۋە كۆزنىڭ كوردىناتىسىيەسى ئاشىدۇ

ئاددى بوغۇملۇق سۆزلەر

No comments:

Post a Comment

يازمىلار

س قوشاقلىرىم ۋە مەشىقلىرىم

!قوشاق بىلەن مەشىقنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن چۈشۈرۈڭ  س قوشاقلىرىم ۋە مەشىقلىرىم