Saturday, February 2, 2019

ز قوشاقلىرىم ۋە مەشىقلىرىمنى ئۆگىنىش جەريانى

،ئەسسالام ئەلەيكۇم قەدىرلىك ئاتا -ئانىلار

 شۇنداق قىلىپ < ز > ھەرىپىنى ئۆگىنىشىمىزمۇ ناھايىتى مۇۋاپىقىيەتلىك بولدى 
  :تۆۋەندە « ز » ھەرىپىنى قانداق ئۆگەنگەنلىكىمىزنى  قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتمەكچىمەن

:قوشاقلارنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن چۈشۈرۈڭ
ز قوشاقلىرىم ۋە مەشىقلىرىم

بىرىنچى كۈنى، قوشاق يادىلاش

ئاۋۋال قوشاقلارنى چىقىرىپ ، كىچىك كىتاب شەكىلدە مىخلاپ تەييار قىلۋالدىم. ھەر قېتىم يېڭى قوشاقلار چىقسا قىزىم ئىچىنى ۋاراقلاپ كۆرۈشكە ئالدىراپ كېتىدۇ، ئاندىن قىزلىرىمم بىلەن ئولتۇرۇپ ، قوشاقلارنىڭ رەسىملىرىگە قارىغاچ قايتا- قايتا بىر نەچچە قېتىم ئوقۇپ چىقتۇق ، بۇ جەريانىدا ئاساسلىق ئۆزەم يادىغا ئېلۋالدىم. ئاندىن قوشاق كىتابنىڭ ئاخىرىقى بېتىدىكى ھەرىپلەردىن < ئە  قايسى ھەرىپ ؟> ، < ز قايسى ھەرىپ ؟ > دەپ سۇراپ ھەرىپلەرنى ئەستە تۇتۋىلىشى  ئۈچۈن ئاساس سالدىم. بۇنىڭغا ئۇلاپ قىزىم ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان چاپلاق چاپلاش بېتىنى ئىشلىۋەتتۇق، بۇ قېتىم بۇ بەتنى بوياپ چىقتۇق . ئەسلىدە رەڭلىك يوملاق پاختا چاپلىسا بەك چىرايلىق چىقاتتى
ئاندىن ئۆزىمىزنىڭ چىنىقىش خاراكتىردىكى باشقا ئوينلىرىنى ئويناپ كەتتۇق، مەسىلەن، يىراققا سەكرەش، ئىگىزدىن پەسكە  سەكرەش، يۈگىرەش، ئىگىزدىن پەسكە سېيرىلىش دىگەندەك. بۇ جەريانىدا قوشاقلارنى ئېيتىقاچ بىللە ئوينىشىپ بەردىم.




ئىككىنچى كۈنى، قەغەزدىن زەنجىر ياساش

ئاۋۋال قىزىم بىلەن ئولتۇرۇپ رەڭلىك قەغەزنى بىر سانتا كەڭلىكتە قىسقا قىلىپ كېسىۋالدۇق، ئاندىن قەغەزنى ئۇلاپ چاپلاپ  ئۇسۇلىنى كۆرسۈتۈپ قويسام ،توختىماي ئۇلاپ ئۇزۇن بىر زەنجىر ياساپ چىقىپتۇ. 
زەنجىر ياساش جەريانىدىمۇ قوشاقلارنى ئاھاڭغا سېلىپ ئېيتىپ بەردىم . مەن بىر مىسرانى دەپ قىزىمنى بىر مىسرا ئېيتقۇزۇپ دىگەندەك قىلىپ قوشاققا پىششىق بولۇپ قالدى




ئۈچىنچى كۈنى، زىراپە ياساش

ئاۋۋال رەڭلىك قەغەزدە بەدىنى بىلەن بوينى ئۇلاقلىق ھالەتتە كېسىۋالدىم، ئاندىن بېشىنىڭ شەكىلى بىلەن تۇمشۇقىنى  كېسىۋالدىم، بۇ جەرياندا قىزىم پۇتى ئۈچۈن چوكا مۇز تاياقچىسىنى بوياپ چىقتى، قارسام 15 -20 تالغا يىقىن پۇت تەييار قىپتۇ. ئاندىن ئېغىزىنى سىزاپ، كۆزىنى چاپلاپ، بەدەن ئەزالىرىنى ئۇلاپ قويۋىدۇق ئۇماق زىراپىجان ھازىر بولدى.  قىزىم ، «يەنە بىر تەرەپكە بېشىنى قىسىپ تۇرغان زىراپىدىن يەنە بىرنى ياسايلى !» دەپ تۇرۋالغان، لىكىن ماڭا خوشياقمىدى. بۈگۈنمۇ قوشاق يادلىغاچ ئويناپتىمىز، قىزىم كۈپىنچىسىنى ئۆزى يادلىدى .

!زىراپە ياساشتا كۆپىرەك ئىلھامغا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى ئۇلىنىشنى بېسىڭ



تۆتىنچى كۈنى، < ز كىتابىم > دىكى رەسىملەرنى بوياش

قىزىم ئىككىمىز بىللە ئولتۇرۇپ < ز كىتابىم> دىكى ئوخشاش بەتنى بويدۇق ۋە ز ھەرىپلىرىنى تېپىش بېتىنىمۇ ئىشلىۋەتتۇق. قىزىم بەزىدە چىرايلىق بويايدۇ، بەزىدە ئىنتايىن سەت بويايدۇ، لىكىن ھىچقىسى يوق ، مەقسەت بالىنىڭ سەۋىرچانلىقىنى ،  سەرەمجانلىقىنى ۋە ئەستايدىللىقىنى يوقىرى كۆتۈرۈش.
بۈگۈنمۇ قوشاق يادىلاشنى ئونتۇپ قالمىدۇق.




 مۇشۇنداق قىلىش جەريانىدا  قىزىم قوشاقنىمۇ، ھەرىپنىمۇ  پىششىق
ئۆگىنىۋالىدۇ.
ئاندىن ئۆگىنىپ بولغان ھەرىپلەرنى ئۇدۇللۇق تامغا چاپلام مېڭىۋاتىمەن ، ھەر كۈنى ئۆزى قايتا قايتا ئوقۇپ چىقىدۇ ، شۇنىڭغىمۇ ھازىرغىچە ئۆگەنگەن ھەرىپلەرنى قەتتى ئارلاشتۇرۇپ قويماي ئوقۇپ بىرىدۇ.
 بەزىدە ئۇيغۇر بالىلار پرگۇرامىسىدىكى ھەرىپكە مۇناسىۋەتلىك ۋىدىئونى قويۇپ بېرىمەن ھەم بىللە ئەگىشىپ ئوقۇشىنى تەلەپ قىلىمەن ، بۇنىڭمۇ بەك پايدىسى بولدى .
  ئۇيغۇرچە بالىلار پرگراممىسىدىكى <ز> ھەرىپى ۋىدىئوسى

!ھەممىڭلارغا ئۇتۇق تىلەيمەن


Saturday, January 19, 2019

ئو قوشاقلىرىم ۋە مەشىقلىرىم

،ئەسسالام ئەلەيكۇم  قەدىرلىك ئاتا _ئانىلار 

ئو قوشاقلىرىمدا پەقەت ئۈچ تاللا يېڭى قوشاق بولغاچقا ،  قوشاق يادىلاش بەك ئاسانغا توختىدى. مەن يېقىندا شۇنى  بايقىدىمكى، قوشاق  كىتاپتىكى  رەسىملەر قانچىكى جەلىپ قىلارلىق بولسا ، بالا شۇ قوشاقنى قايتا _قايتا  ئوقۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدىكەن ، شۇنىڭ بىلەن قوشاق يادىلاشمۇ ئاسانغا توختايدىكەن · قوشاقلارغا جەلىپ قىلارلىق رەسىملەرنى كىرگۈزۈش ئۈچۈن تىرشسام بولغۇدەك · سىلەرنىڭمۇ تەكلىپ _پىكىرلەرنى ئايىماي بېرىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن! قىزىم ھەرىپلەرنى بەك ئاسان تۇتىۋالدىغان بولدى ، شۇڭا دەسلەپتىكىدەك بەك كۈچىمىسەممۇ بولىدۇ. پەقەت كۆپرەك ئوينىشىپ بەرسەملا خوش بولۇپ ، ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىپ كەتكۈدەك

ئاددى بوغۇملۇق سۆزلەردىن ئىككى يۈرۈش بېسىپ چىقاردىم. بىر يۈرۈشنى سومكامغا سېلىپ قويدۇم، سىرىتقا چىققاندا مۇۋاپىق پۇرسەت بولسا ئوقۇشنى مەشىق قىلۋاتىمىز. يەنە بىر يۈرۈشنى ئۆيدە ئوقۇۋاتىمىز. ياكى قور بويىچە كېسىپ ئۆينىڭ دائىم كۆزىگە  كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان يەرلىرىگە چاپلاپ قويۇپ ، ئۇياق - بۇياققا ئۆتكەچ ئوقۇتساقمۇ بولىدۇ. ھازىر قىزىم ئاددى بوغۇملۇق سۆزلەرنى  خىلى راۋان  ئوقۇيدىغان بولدى.  مەن ھەجىلەپ بىرىمەن ، قىزىم قوشۇپ ئوقۇيدۇ،سىڭلىسى(بىر .😅 😅 😅 ياش 3 ئايلىق) دوراپ كەينىدىن ئوقۇيدۇ، ئىككىسى تەڭ نەپكە ئېرىشۋاتىدۇ 

رەسىملىك بەتنى قىزىم بىلەن تەڭ ئولتۇرۇپ بەسلىشىپ بويايمەن. كۆپىنچە سىڭلىسى مەن بويىغان رەسىمنىڭ ئۆستىدىن 😐 😭 😭 جىجاپ كۆرۈمسىز قېلىۋىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن مەن ئوتتۇرۇپ قويىمەن



!ئو قوشاقلىرىم بىلەن مەشىقلىرىمنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن چۈشۈرۈڭ








توپ

بالىدا سەۋىرچانلىق يېتىلىدۇ

ئوت تىكى ئو 

توز
تەخسىنى كېسىپ بەرسەك بالىلار خالىغان
 شەكىلىدە بويىسا بولىدۇ . قالغىنىنى چوڭلار بېزەپ بەرسەك بولىدۇ
قول ۋە كۆزنىڭ كوردىناتىسىيەسى ئاشىدۇ

ئاددى بوغۇملۇق سۆزلەر

Tuesday, January 8, 2019

ن قوشاقلىرىم ۋە مەشىقلىرىم


!قوشاقنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن چۈشۈرۈڭ








ت قوشاقلىرىم ۋە مەشىقلىرىم

ئەسلىدە ھەپتىدە بىر ھەرىپ ئۆگىنىش پىلاننى تۈزۈپ چىقىمەن دەپ باشلاپ قويغان ، لىكىن قەتئى ۋاقىت چىقىرالمىدىم ، ئاللاھ خالىسا بۇنىمۇ تولۇقلاشقا تىرىشىمەن

!قوشاق بىلەن مەشىقنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن چۈشۈرۈڭ


ئا قوشاقلىرىم ۋە مەشىقلىرىم

ئەسسالام ئەلەيكۇم قەدىرلىك ئاتا - ئانىلار

تۇنجى قېتىم ھەرىپ ئۆگىتىشنى باشلىغاندا ، تەجىربىسىزلىكتىن مەشىقلىرىنى ئايرىم - ئايرىم تۈزۈپتىكەنمەن. (باشقا سىستىمىدا تۈزگەن ) ،ھازىر ئۇلارنى بىر -بىرىگە ئۇلاش ئۈچۈن قايتا تۈزسسەم بولىدىكەن ، بۇنىڭغا ۋاقىت كېتىدۇ. ھازىرچە ئايرىم - ئايرىم چۈشۈرۈپ ئىشىلتىپ تۇرساڭلار! ئاللاھ خالىسا ۋاقتىم چىقسىلا ، بىرلەشتۈرۈپ قايتا تۈزۈشكە تىرىشىمەن
!قوشاقنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن چۈشۈرۈڭ

ئە قوشاقلىرىم ۋە مەشىقلىرىم

!قوشاق بىلەن مەشىقنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن چۈشۈرۈڭ

ش قوشاقلىرىم ۋە مەشىقلىرىم

!قوشاق بىلەن مەشىقنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن چۈشۈرۈڭ

يازمىلار

س قوشاقلىرىم ۋە مەشىقلىرىم

!قوشاق بىلەن مەشىقنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن چۈشۈرۈڭ  س قوشاقلىرىم ۋە مەشىقلىرىم