Monday, October 18, 2021

ئى قوشاقلىرىم ۋە مەشىقلىرىم

ئى قوشاقلىرىم ۋە مەشىقلىرىمنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن چۈشۈرۈۋېلىڭ !

ئى قوشاقلىرىم ۋە مەشىقلىرىم   

ئى ھەرپىگە سۆز ۋە جۈملىلەر

 تور بېتىمىز تاقىلىپ قىلىپ  ماتېريال يوللاش ئىمكانىيىتى بولمىغان، ھازىر قايتىدىن نورمال ئىشلەپ يەنە ماتېرىيال يوللاپ تۇرۇشنى مۇۋاپىق كۆردۇم.  ئىلگىرى يوللانغان ماتېرىياللاردىن پايدىلانغۇدەكلا بولسا پايدىلىنىپ تۇرارسىلەر!

يېڭىدىن تۈزۈلۈۋاتقان ماتېرىيالنىڭ نەشرى ھوقۇقىنى ساقلاپ قىلىش يۈزىسىدىن ھازىرچە كونىسى يوللىنىدۇ. 

ھەپتىلىك پائالىيەتلىرىمىزدىن قىسمەن كۆرۈنۈشلەر.








  

 



Saturday, August 28, 2021

Educational page: غ قوشاقلىرىم ۋە مەشىقلىرىم

Educational page: غ قوشاقلىرىم ۋە مەشىقلىرىم:   ئەسسالالمۇ ئەلەيكۇم  غ قوشاقلىرىم ۋە مەشىقلىرىمنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن چۈشۈرۈڭ غ قوشاقلىرىم ۋە مەشىقلىرىم غ ھەرپنى ئۆگىنىشىنتىكى پائالىيەت...

Tuesday, July 13, 2021

غ قوشاقلىرىم ۋە مەشىقلىرىم

 

ئەسسالالمۇ ئەلەيكۇم 

غ قوشاقلىرىم ۋە مەشىقلىرىمنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن چۈشۈرۈڭ


غ قوشاقلىرىم ۋە مەشىقلىرىم


غ ھەرپنى ئۆگىنىشىنتىكى پائالىيەتتىن كۆرۈنىشلەر 



                                                                                                                           




Saturday, September 12, 2020

ئا قوشاقلىرىم ۋە مەشىقلىرىم

 ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، 

يوقۇملۇق ۋىرۇس سەۋەبىدىن ، سىرتقى مۇھىت بىلەن ئۇچۇرششىمىز ئازىيبپ ، ھەممىمىز ئۆيگە قاپسىلىپ ياشاۋاتىمىز. بۇنىڭ پايدىلىق ۋە پايدىسىز تەرەپلىرىمۇ بولۋاتىدۇ . پايدىلىق تەرەپلىرى بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ جەم بولۇپ بىرگە  تاماق يېيىش ، موڭدىشىش ، ئۆزئارا چۈشۈنۈش ، باللار بىلەن ئۆگىنىش ، ئۇلارغا ئۆگىتىش پۇرسەتلىرىمىز بولۋاتىدۇ . پايدىسىز تەرەپلىرى باللارنىڭ ۋاقتىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇشنى بىلمەي قىلۋاتقان ئاتا ئانىلار باللار باللىرىنىڭ قولىغا تېلفۇن ، كومپىيوتىر دىگەندەك ئېلېكتۇرۇنلۇق ئەسۋابلارنى  تاشلاپ بېرىپ ، ئۇلارنىڭ  جىدىلىنى بېسىقتۇرماقتا . 

ئەمدى مەكتەپ باشلاپ ۋەزىپىمىز تېخىمۇ ئېغىر بولۋاتىدۇ . ئۇنداقتا چوڭلىرى توردە دەرىس ئېلۋاتقاندا ، كىچىكلىرىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش كىرەك ؟ ئۇلارغا تېلېفۇن ، ئايپەد دىگەندەك نەرسىلەرنى ھەمرا قىلىپ تاشلاپ قويامدۇق ؟ ياق ، بۇ باللارنى يېتەكلەشتىكى توغرا ئۇسۇل ئەمەس  . 

باللارنى يېتەكلەشتە : 

مۇنتىززىم ئائىلە تەرتىپى بولسۇن . 

ھەر كۈنى ئاز دىگەندە بىر ـ ئىككى سائەت بالا بىلەن ئوينىشىپ بېرىڭ ، بىرلىكتە قول سېلىپ ئىشلەيدىغان بىرەر پرۇجەكىت ئىشلەڭ .بالا  ئويۇن ئارقىلىق ھەم خوشاللىققا،  ھەم  بىلىمگە ئىگە بولسۇن . ئويۇن ئارقىلىق ساۋادىنى چىقىرىڭ ، تىل ئۆگىتىڭ ، موتۇر ئىقتىدارىنى يوقىرى كۆتۈرۈڭ . 

ھەقسىز ماتىريال ۋە بەزى ئۆلگىلەردىن پايدىللنىپ ، باللىرىڭىزنى يېتەكلەڭ .دەسلەپ سەل قېيىن بولىدۇ ، لىكىن ئىزچىل داۋاملاشتۇرالىسىڭىز ، سىزمۇ بۇ جەھەتتە پىرافىسسۇر بولالايسىز ، ئىنشائاللاھ .

قېنى ئەمسە ماتىريال مەندىن ، ھەممىمىز ئۆز باللىرىمىزنى يېتەكلەپ باقايلى !!!   

ئا قوشاقلىرىم ۋە مەشىقلىرىمنى چۈشۈرۋىلىڭ.                 ئا قوشاقلىرىم ۋە مەشىقلىرىم


 

  

 

 

 




 



 

 

Saturday, September 5, 2020

مەن قىزىمنىڭ ساۋادىنى ئىككى خىل تىلدا قانداق چىقاردىم

بالىلارنىڭ ئەدەپ - ئەخلاقلىق، دىيانەتلىك ۋە ياراملىق ئەۋلاد بولۇپ چىقىشى ئاتا - ئانىلارنىڭ پەرزەنىت تەربىيەسىگە باغلىق، بولۇپمۇ ئانا تەربىيەسىنىڭ قانداق بولۇشىغا باغلىق . بۇ توغىرسىدا نۇرغۇنلىغان كىتابلار ۋە ماقالىلار ئىلان قىلىنغان ھەم قىلىنۋاتىدۇ ·  مەن بۇ يەردە بالا تەربىيەسى توغىرسىدا توختالمايمەن · پەقەت  باللارنڭ ساۋادىنى  چىقىرىش توغىرسىدا قىسقىچە  توختىلىپ ئۆتمەكچىمەن .

2015 - يىلى 3 - قىزىمغا 7 ئايلىق ھامىدارلىق مەزگىلىمدە ئامىرىكىغا كەلدۇق، بالىنى يەڭگىپ بولۇپ كېتىش پىلانىمىز بولغاچقا ، ھىچقانداق تەييارلىق قىلماي، بىر قور ئارتۇق كىيىم ۋە ئازراق پۇل بىلەنلا كەلگەن، ھەتتا چوڭ ئىككى قىزىمنىمۇ ئالماي كەلگەن · (تەتىل بولغاچقامۇمىسىنىڭ  ئۆيىگە يېزىغا ئەۋەتىۋەتكەن). 
ئامىرىكىغا كىلىپ بىر ئىككى ھەپتە كۆزۈتۈش جەريانىدا ،  بىزدەك ئەركىنلىكىمىز چەتكە قىقىلغان ،  ناماز ئۆتەپ ،  ياغلىق چىگكەنلىك سەۋەبىدىن ئېغىر تەھدىتكە ئۇچۇرغانلار ئۈچۈن ، ئەركىن ياشاپ ،  يېڭى  ئەۋلادلارنى  يېڭىچە تەربىيەلەپ مىللىتىمىز ،  تىلىمىز ۋە دىنىمىز ئۈچۈن كىچىكنە تۆھپە قوشۇش ئىمكانىيىتىمىزنىڭ بارلىقىنى غوۋا تونۇپ يېتىپ مۇشۇ يەردە تۇرۇپ قىلىش قارارىغا كەلدۇق ·  بۇ قارارغا كىلىش بەك تەسكە توختىدى ،  ھەتتا مەن بۇ يەردە قالسام ،  قالغان قىرىنداشلىرىم قانداق كۈنگە قالار ؟   مەن سەۋەبلىك ئۇلارنى تۇتۇپ كېتەرمۇ ؟  دىگەندەك نۇرغۇن خىياللار كەچتى ،  نەچچە كۈن يىغلاپتىمەن · مەن  قەتئى ئىرادىگە كەلگەندىن كىيىن يولدىشىم دەرھال خوڭكۇڭغا ماڭدى ھاۋالە ئارقىلىق  قىزلىرىمنى  تونۇشلار  خوڭكۇڭغا ئەكىلىپ بەردى، يولدىشىم شۇ يەردىن ئېلۋالدى). ئاللاھقا شۈكۈرلەر بولسۇن. بىر ئائىلە كىشلىرى بىر يەردە بولدۇق. قىزىم توغۇلۇپ بىر نەچچە يىلغىچە ئۇچۇرغان قېيىنچىلىقلار، سېغىنىشلار ۋە باشقا  تىڭىرقاپ يۈرگەنلىرىمىزنى دەپ ئولتۇرماي. بىزگە ئوخشاش باشقا يۇرۇتلاردا مۇساپىر، مۇھاجىر بولۇپ يۈرۋاتقان قىرىنداشلار بۇنىڭ تەمنى ئۇبدان بىلىدۇ.
 
گەرچە مەن بالا تەربىيەسىگە ئەھمىيەت بېرىدىغان بىر ئانا بولساممۇ ، دەسلەپتە ئامىرىكىنىڭ مائارىپىنى تازا چۈشەنمەي، بۇ يەردىكى بالىلار كىچىكىدىن تارتىپلا ئېلكتۇرۇنلۇق ئويۇنچۇق ، ئايپەد، تەبلىت دىگەندەك نەرسىلەربىلەن چوڭ بولىدىغان ئوخشايدۇ دەپ قاپتىمەن. چۈنكى مېنىڭ كۆزۈمگە شۇنداق ئائىلىلەرلا چىلىقىپتىكەن. شۇڭا كىچىك قىزىممۇ ئايپەدتىن ناخشا تېڭشاپ ، كارتون كۆرۈپ يۈرۈپ، تىلى ئېنگىلىزچە چىقتى. ئۇ چاغلاردا ھەممىمىز تىل ئۆگىنىش باسقۇچىدا بولغاچقا، دەسلەپ تازا دىققەت قىلماپتىمىز. تېخى ئېنگىلىزچە سۆزلىدى دەپ خوش بوپتىمىز. 4 - قىزىم توغۇلغاندا، بىر چەتئەللىك ئايال تونۇشۇمنىڭ  تەۋىسيەسى بىلەن ئائىلە يەسلىسى مائارىپىدا ئوقۇپ  كىنىشكا ئالدىم .  يەسلىنى ئېچىپ باشقىلارغا ئۈلگە  بولۇش ئۈچۈن، تەربىيەنى باللىرىمدىن باشلىدىم. ھەپتىدە بىر ھەرىپ ئۆگىنىش پىلانىم  بويىچە، ئەمدىلا 3 ياشقا كىرگەن قىزىمغا ئېنگىلىزچە ئۈگىتىشنى باشلىدىم، تىلى ئېنگىلىزچە چىققان بولغاچقا، ئاسان ئۈگىنىدۇ دەپ ئويلاپتىمەن . لىكىن بىرىنچى كۈنىلا مۇۋاپىقىيەتلىك بولمىدى . ئەڭ ئاددى ھەرىپلەرنىمۇ تەلەپپۇ قىلىشى ئىنتايىن تەسكە توختىدى، تىلى بەك قاتتىق. شۇڭا چوقۇم ئۇيغۇرچە ئۆگەتمىسەم بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم. قانداق ئۆگىتىمەن ؟ نەدىن باشلايمەن ؟   ئۆيدە ھىچقانداق ئۇيغۇرچە ماتىريال يوق،  ھەتتا بىر تال ئىلىپبەمۇ  بولمىسا؟ ماتىريال ئەۋەتىپ بېرىڭلار دەي دىسەم ،  ئۆيدىكىلەر بىلەن ئالاقەممۇ بولمىسا  ماتىريالنىڭ يوقلىقى بىر مەسىلە بولدى . كومپىيوتىر سەۋىيەمنىڭ ناچارلىقىغا باقماي، ئىنگىلىزچە ماتىرياللاردىن ئۆلگە ئېلىپ، ئەڭ ئاددى شەكىلىدە< ئا > ھەرىپىدىن باشلاپ ، بىر تەرەپتىن تۈزۈپ بىر تەرەپتىن ئۆگۈتىشكە  باشلىدىم. بىر ھەپتە ئۇيغۇرچە، بىر ھەپتە ئىنگىلىزچە ئۆگەندۇق. ھەر بىر ھەرىپكە ماس ھالدا قوشاق تەييارلىدىم. قوشاقلارنى ئاتا - ئانىلار ، ئۇستازلارنىڭ ياردىمى ۋە باشقا ماتىرياللارددىن پايدىلنىش ئارقىلىق رەسىم كېرىشتۈرۈپ تۈزۈپ چىقتىم. ئېنگىلىزچە ماتىريال تەييار بولغاچقا، بەك تەس بولمىدى. ئىنگىلىزچە ئۆگەنگەن بىر ھەپتىدە ئۇيغۇرچە ماتىريالنى تۈزۈپ تەييار قىلۋالدىم ، شۇنداق قىلىپ بىر ھەپتە ئۇيغۇرچە،  بىر ھەپتە ئىنگىلىزچە ئۆگىنىپ، ئ‍ۆگىنىشىمىز بىر يېرىم يىلغىچە داۋاملاشتى. مۇشۇ بىر يېرىم يىلدائىككى خىل تىلدا تەڭ ساۋادى چىقتى . ئۇيغۇرچىدىن 23 ھەرىپنى تۈگەتمەي تۇرۇپلا ساۋادى چىقىپ ، ئاددى ھېكايە كىتابلارنى ئوقۇشقا كىرىشتى . قالغان 7 ،8 ھەرىپنىڭ قوشاق ، مەشىقلىرىنى تۈزۈشكىمۇ ئۆلگۈرمىدىم ، بۇ قىتىم تۇلۇقلاپ تۈزىۋىتىمەن . تىلنى پۈتۈنلەي ئويۇن ئويناش ئارقىلىق ئۆگەندۇق.

مەيلى ئۇيغۇرچە بولسۇن ياكى ئېنگىلىزچە بولسۇن ئەڭ ئاددى ھەرىپلەرنى ئۆگىتىشتىن باشلىدىم · ئۇيغۇرچە ھەرىپلەردىن پەقەت ئانا ھەرىپلەرنىلا ئۆگەندۇق ، مەن بىر تەرەپتىن ھەرىپ ئۆگىتىپ، بىر تەرەپتىن قوشۇپ ئوقۇشنى ئۆگىتىپ ماڭدىم .   ئانا ھەرىپ بىلەن ئانا ھەرىپنىلا قوشۇپ ، سۆز ياساپ ئوقۇپ مەشىق قىلدۇق · ئاندىن ھەرىپلەرنى ئېلىپبە تەرتىپى بويىچە ئۆگەتمەي ، شەكىلنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن، ئاددىيلىقتىن مۇرەككەپلىككە قاراپ ئۆگەتتىم ھەم بىر سوزۇق تاۋۇشنى ئۆگىتىپ بولۇپ، تۆت - بەشچە ئۈزۈك تاۋۇشنى ئۆگەتتىم. مەسىلەن :< ئا > نى ئۆگىنىپ بولۇپ، < ت ، ن ، س، ش > نى ئۆگەتتىم، چۈنكى بۇلارنى  مۇشۇ < ئا > سوزۇق تاۋۇشىغا قوشۇپ بىر بوغۇملۇق( ئاش،  ئات ،  ئاس) دىگەندەك  سۆزلارنى ياساپ ئوقۇش ئاددىي ئىدى. قىزىمغا ئىككى ھەرىپنى ( بىر سوزۇق ، بىر ئۈزۈك تاۋۇش) ئۆگىتىپ بولۇپلا قوشۇپ ئوقۇشنى ئۆگەتتىم. بۇ ۋاقىتلاردا " ھەرىپ ئېچىش دۇكىنى " ئويىنىمىز بەكلا ئەسقاتتى. ئاندىن يەنە بىر سوزۇق تاۋۇش< ئە > نى ئۆگەتتىم، ئۇنىڭغا ئۇلاپ < ب، پ، ر، ز ،ل ، م > ھەرىپلىرىنى ئۆگەتتىم. ئانا ھەرىپكە ئانا ھەرىپنى قوشۇپ سۆز ياساپ ئوقۇشنى ئىزچىل مەشىق قىلدۇق. ئاندىن " ئو " نى ،  بۇنىڭغا ماسلاشتۇرۇپ بىر قانچە ئۈزۈك تاۋۇشنى ئۆگەتتىم· ئاندىن  " ئۇ ،  ئۆ ،  ئۈ " لەرنى ئۆگىتىشتە ،  خىلى ئويلىنىپ ئۆردەك ،  ئۆي  دىگەن سۈزلەر  تۇرمۇشىمىزدا ھەر كۈنى دىگۈدەك قوللىنىلدىكەن ،  شۇڭا   " ئۆ " نى ئوقۇش ھەم ئەستە تۇتۇش ئاسان دەپ " ئۆ" نى  ئۆگەتتىم · باللا  يېشى كىچىك بولغاچقا قايمىقۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ،     يانداشما ھەرىپلەرنى مەخسوس ئۆگەتمىدىم، پەقەت ئېلىپبە كىتابنى ئوقۇغاندا ،ئاندا- ساندا كۆرسۈتۈپ قويدۇم. شۇ بويىچە ئۆگىنىپ 22 ھەرىپنى ئۆگنىپ بولغاندا ، پۈتۈن ھەرىپنى تونۇپ ، قوشۇپ ئوقۇشقا كىرىشىپ كەتتى . ئېنگىلىزچىنىمۇ شۇ تەرتىپ بويىچە ئۆگەتتىم. A, B,C  تەرتىپى بويىچە ئۆگەتمەي ، ئۇيەر- بۇيەردىن تاللاپ،  قايسى ھەرىپلەرنى ئۆز- ئارا قوشسا،  ئەڭ ئاددى بىر بوغۇملۇق سۆز ياسىغىلى بولىدىغانلىرىنى ئەڭ ئاۋۋال  ئۆگەتتىم . بەزىدە ئىككى ھەپتىدە بىر ھەرىپ  ئۆگەندۇق  ·  ئۆگىنىشىمىز پۈتۈنلەي ئويۇن ئويناش ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلدى ·شۇ بويىچە ،  ئىككى تىلنى ئۆگىتىشكە بىر يېرىم يىل ۋاقىت كەتتى. بۇ بىر يېرىم يىلدا قىزىم ھەرىپ ئۆگىنىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي،،  قوشاق يادىلاپ ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ، بەش ئەزاسىنى تەڭ تەرەققى قىلدۇرۇش ،  دېققىتىنى مەزكەزلەشتۈرۈش ،  قول _ھۆنەرۋەنچىلىك ،  گۈزەل _ سەنئەت ماھارىتىنى يوقىرى كۆتۈرۈش   ،    





Thursday, November 7, 2019

د قوشاقلىرىم ۋە مەشىقلىرىم


ئەسسالام ئەلەيكۇم


!د قوشاقلىرىم ۋە مەشىقلىرىم » نى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن چۈشۈرۈڭ »

 !چىۋەر ئانىنىڭ دۇپپىلىرىنى بويماقچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن چۈشۈرۈڭ

گىلەم دۇپپا
مەرۋايىت دۇپپا
بادام دۇپپا

بىرىنچى كۈنى

 قوشاقلارنى ئوقىغاچ بالىلار ئەڭ ياقتۇرۇپ ئىشلەيدىغان 7- بەت (د ھەرىپلىرىنى تېپىش) بىلەن 4 - بەت (چاپلاق چاپلاش) بېتىنى ئىشلەپ « د » ھەرىپى بىلەن تونۇشۇپ چىقتۇق

 



 

ئىككىنچى كۈنى

 قوشاقلارنى يادىلىغاچ دۇپپىلىرىمىزنى ئالدىمىزغا قويۇپ قويۇپ ،  چېۋەر ئانىنىڭ ئىچى كاۋاك دۇپپا رەسىملىرىنى ئۆزىمىز ياقتۇرغان رەڭلەردە بويۇپ چىقتۇق.




 

مارجان ، زەنجىر ۋە ئۈزۈكلەرنى ياساش قىزلار ئەڭ يقتۇرۇپ قىلىدىغان ئىش. شۇڭا مەن چوڭ قىزىمغا ئۇششاق پىلاستىك مارجانلانى ئۆزى ياخشى كۆرۈدىغان قېلىپقا تېزىپ چىقىش  ۋەزىپىسىنى بەردىم .  بۇ ئىنتايىن قول تۇتىدىغان ، ئەستايدىللىق.، ئىنچىكلىك ۋە سەۋىرچانلىق تەلەپ قىلىدىغان ئىش 
كىچىكىگە كىچىك قوشۇق بېرىپ مۇز قۇتىسىدىكى ئۇششاق كاتەكچىلەرنى بىر بىرلەپ تۇشقۇشۇپ چىقىش ۋەزىپىسىنى بەردىم . 2 ياشلىق قىزىم چوڭلار قاتارىدا ئۆزىنىڭمۇ بىر كىشلىك ۋەزىپە تاپشۇرۇپ ئالغىنىدىن ئىنتايىن خۇشال بولدى. مەنچە بۇ يېشى كىچىك باللارنى كونتۇرۇل قىلىشنىڭ بىر خىل ئۇسۇلى .
ئاخىرىدا مارجان تۇشقۇزۇلغان قېلىپنىڭ ئۆستىگە شام قەغەز قويۇپ ، قىززىق دەزمالدا ئىككى يۈزىنى بېسىپ ، چىرايلىق زەنجىر ياساۋالدۇق . بۇ قىزلىرىم ئەڭ ياقتۇردىغان ئويۇن. 
 



ئۈچىنچى كۈنى

 ئاۋۋال « د كىتابىم » بېتىنى كىچىك قاتلاپ مىخلاۋالدۇق، ئاندىن ئۆزىمىز ياقتۇرغان رەڭلەردە بوياپ چىقتۇق
كىتابنى بويىغاچ قوشاقلارنى ئوقۇشنى ئۇنتۇپ قالمىدۇق ، بەزىلىرىنى يادىقا ئېلۋالدۇق. 


 



بۇ كۈنى ئىنتايىن قىززىق « مارۇژنى زاكاز قىلىش » ئويۇنى  ئوينىدۇق 
ئويناش جەريانى 

ئاشخانا مېنىڭ مارۇژنا دۇكىنىم بولدى. قىزلار ئاۋۋال تېلفۇن ئۇرۇپ ئىسم - فامىلىسىنى ھەجىلەپ دەپ بېرىدۇ. ئاندىن تېلىفۇن نۇمۇرىنى ، ئۆي ئادېرېسىنى ۋە قايسى خىلدىكى مارۇژنا سېتۋالدىغانلىقىنى دەپ بېرىدۇ،  مەن تېزىملايمەن. باشتا ئىسمىدىن باشقىسىنى دىيەلمىدى ، لىكىن مەن ياردەم قىلىپ دىېيىشىپ بەردىم. ئاندىن بىر كۈن ئاۋۋال ئەكىلىپ قويغان  
 مارۇژنا بىلەم مارۇژنا قۇتۇسىنى ( يېگىلى بولىدىغان مارۇژنا قۇتۇسى ) چىقىرىپ رەسمى ئاشخانىلارنىڭكىدەك قىلىپ قاچىلاپ ، دىگەن ئادېرېسقا ئاپىرىپ بەردىم . مارۇژنىنى بېرىشتىن ئاۋۋال ئىمىسىنى ، تېلېفۇن نۇمۇرىنى ۋە ئادىرىسىنى قايتا جەزىملەشتۈرۈپ بەردىم . پۇلىنى دادىسى بېرىۋىتىدىغان بولدى. نېسى دەپ خاتىرلەپ قويدۇم .باللىرىم ئۆزلىرىنى رەسمى مارۇژنا دوكىنىدا تۇرغاندەك ھېس قىلىپ ، ئىنتايىن ھاياجانلىنىپ كەتتى.  مەقسىتىم باللارغا تېلفۇن نۇمۇرىم بىلەن ئۆي ئادىرىسىنى يادقا ئالدۇرۇش ئىدى. بۇ ئوسۇل ناھايىتى ئۈنۈملۈك بولدى. 4 ياشلىق قىزىم خوشاللىقىدا بىر - ئىككى بوغۇملۇق سۆزلەرنى ناھايىتى راۋان ئوقۇپ بەردى.

تۆتىنچى كۈنى

ئىزلاپ يېزىش بېتى بىلەن كېسىپ چاپلاش بېتىنى ئىشلىۋەتتۇق. ھەم چىرايلىق ئەتلەس دۇپپا بوياپ چىقتۇق
قوشاقلارنىڭ ھەممىسىنى دىگۈدەك يادىلاپ بولدۇق .ئاخىرىدا قىزلىرىم ماڭا چىرايلىق قات قات تورىت ياساپ بەردى.
بۈگۈنمۇ مارۇژنى زاكاز قىلىش ئويۇنى ئوينىدۇق، ھىچ بولمىسا ئۆي ئادېرېسىنىڭ دەسلەپكى ئىككى نۇمۇرىنى يادىقا ئېلۋاپتۇ

 

 



بەشىنچى كۈنى

ئاۋۋال ئىككىسىنىڭ قولىنى قوڭۇر رەڭلىك قەغەز يۈزىگە ئىزلاپ سىزىپ كېسىۋالدۇق ، ئاندىن ئاق قەغەزگە چاپلاۋالدۇق . ئاندىن بىر نەچچە خىل رەڭنى قويۇپ بەردىم . بالىلار بارمىقىنى بوياققا تەككۈزۈپ بېسىپ دەرەخ ياساپ چىقتى 
بۇمۇ باللار ئىنتايىن ياقتۇرۇپ قىلىغان ئىش  


 

بۇ كۈنىمۇ «مارۇژنى زاكاز قىلىش » ئويۇنى ئويناپ يەنە مارۇژنى يېدۇق . چۈشلۈك ۋە كەچلىك تاماقتىمۇ زاكاز قوبۇل قىلىپ بۇ ئويۇننى ئويناپتىمىز. قارسام بىر ھەپتىگە قالماي يادىقا ئېلۋالغۇدەك
شۇنداق قىلىپ « د » ھەرىپىنىمۇ ناھايىتى ئۆنۈملۈك ئوسۇلدەا ئۆگۈنىۋالدۇق.  قىزىم ھازىرغىچە ئۆگەنگەن 22 ھەرىپنى ئۆز ، ئارا قوشۇپ بىر - ئىككى بوغۇملۇق سۆزلەرنى ناھايىتى راۋان ئوقۇيدىغان بولۇپ كەتى تېخى 2 ياشلىق خەت تونۇمايدىغان قىزىم ھەجىلەپ بەرسەك، قوشۇپ ئوقۇپ ھالى يوق . 
!بۇ ماتىرياللارنىڭ سىلەر ئۈچۈن مەنپەتلىك بولۇشىنى ئۆمۈد قىلىمەن























يازمىلار

س قوشاقلىرىم ۋە مەشىقلىرىم

!قوشاق بىلەن مەشىقنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن چۈشۈرۈڭ  س قوشاقلىرىم ۋە مەشىقلىرىم