Monday, April 29, 2019

م قوشاقلىرىم ۋە مەشىقلىرىم


!م قوشاقلىرىم ۋە مەشىقلىرىم» نى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن چۈشۈرۈڭ»








!بەش كىچىك مايمۇنچاقنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ

بەش مايمۇن
بەش كىچىك مايمۇنچاق

م كىتابىم

 قەغەز تەخسىدىن ياسالغان ماشىنا 

پ قوشاقلىرىم ۋە مەشىقلىرىم

،ئەسسالام  ئەلەيكۇم 

مۇشۇ كۈنلەردە ھەرىپلەرنى ئۆگىنىشكە ئالاقىدار ئۆرنەك ، تەجىربىلەرنى كۈپچىلىك بىلەن ئوتاقلىشىشىقا پۇرسەتمۇ بولمايۋاتىدۇ. قارسام « پ» نىڭ قوشاقلىرىنىمۇ يوللىماپتىمەن
 :پ  قوشاقلىرىم ۋە مەشىقلىرىم»  نى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن چۈشۈرۈڭ » 









Wednesday, April 10, 2019

ئۆ قوشاقلىرىم ۋە مەشىقلىرىم

،ئەسسالام ئەلەيكۇم

ھازىرغىچە « ئا ، ئە، ئو ، ئۆ ، ت ، ن ، س ، ش، ر ، ز، ب ، پ ، م » قاتارلىق 13 ھەرىپنى ئۆگىنىپ بوپتىمىز. قوشاق يادىلاشقا بىرلەشتۈرۈپ مەشىقلىرىنى ئىشلەش ۋە قوشۇمچە ھەرىپكە ئوخشىتىپ ھەر خىل شەكىللەرنى ياساش ئارقلىق ھەرىپ ئۆگىنىشىمىز ناھايىتى مۇۋاپىقىيەتلىك بولۋاتىدۇ ، ئۆگىنىش سۈرئىتىمىز ناھايىتى ئاستا بولسىمۇ، لىكىن ئىنتايىن ئۈنۈمى بولۋاتىدۇ . ئىلگىرى مەن ھەجىلەپ ئوقۇپ بەرسەم ، قىزىم قوشۇپ ئوقاتتى، ھازىر ئۆزى قوشۇپ ئوقۇشقا باشلىدى
.ھەرىپلەرنى تولۇق ئۆگىنىپ بولغىچە ساۋادىمۇ چىقىپ قالىدىغان ئوخشايدۇ 
!قوشاق ۋە مەشىقلەرنىڭ سىلەر ئۈچۈنمۇ مەنپەتلىك بولىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن 

:ئۆ قوشاقلىرىم بىلەن مەشىقلىرىمنى تۆۋەندىكى ئولىنىشتىن چۈشۈرۈڭ









      

 «ئۆردەك تىكى« ئۆ

 «ئۆي دىكى « ئۆ

« ئۆرۈك دىكى « ئۆ 

Tuesday, March 5, 2019

ب قوشاقلىرىم مەشىقلىرىم

پەرزەنىت تەربىيەسى ناھايىتى مۈشكۈل ۋەزىپە. بۇ بىزدىن ئىنتايىن  سەۋىرچان بولۇشنى  ۋە ئىزچىل بولۇشنى تەلەپ 
قىلىدۇ.  پەرزەنتلىرىمىز ئۈچۈن ھەر كۈنى 20- 15 مىنۇت ۋاقىت سەرىپ قىلساق ، بىر مەزگىلدىن  كېيىن بىز ئويلاپ باقمىغان نەتىجىلەر بولىدۇ.  پەرزەنىت ئۈچۈن سەرىپ قىلغان مۇشۇ كىچىكىنە ۋاقىت پەرزەنتلىرىمزنىڭ تەسسەۋۇر  كۈچىنى 
ئاشۇرۇش، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى يوقىرى كۆتۈرۈش ۋە ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش ئىقتىدارنى يېتىلدۈرۈش ۋە باشقا جەھەتلەردە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. 
 !پەرزەنتلىرىمىزنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن كىچىكدىن تارتىپ پۇختا ئۇل سالايلى  
!مۇشۇ ئاددى قوشاقلار بىلەن مەشىقلەرنىڭ پەرزەنتلىرىمىز ئۈچۈن مەنپىئەتلىك بولىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن

!ب قوشاقلىرىم ۋە مەشىقلىرىمنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن چۈشۈرۈڭ






























ئۈچ ياش ئالتە ئايلىقتا بويغان رەسىم 
 ئۈچ ياش ئۈچ ئايلىقتا بويىغان رەسىم 
 

ر قوشاقلىرىم ۋە مەشىقلىرىم

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

مۇشۇ كۈنلەردە ھەرىپ ئۆگىنىش جەريانىمىزنى رەسىمگە تارتىش سەل تەس بولۇپ رەسىمگە تارتمايدىغانلا بولدۇم. ئەمدىلا بىر يېرىم ياشقا كىرگەن قىزىم تېلفۇنغا نىسبەتەن بەك سەزگۈر بولۇپ قالدى ، تېلفۇننى ئالساملا ئويناۋاتقان ئويۇنىنى  تاشلاپ، دادمغا تېلفۇن قىلىمەن دەپ تالىشىدۇ. ئەمەليەتىمۇ بالىلار ئۆگىنىش قىلۋاتقاندا ياكى ئويناۋاتقاندا  ، چوڭلارنىڭ تېلفۇنغا قاراپ تۇرۇشى بالىلارغا نىسبەتەن بىر خىل ئادالەتسىزلىك دەپ قارايمەن. بۇنىڭدىن كېيىن شارائىتمنىڭ يار بېرىشچە يوللارمەن . ھەرىپ قوشاقلىرىنىڭ پەرزەنتلىرىمىز ئۈچۈن مەنپەتلىك بولۇشىنى ئۈمۈد قىلىمەن !1

:ر قوشاقلىرىم ۋە مەشىقلىرىمنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن چۈشۈرۈڭ


ر قوشاقلىرىم ۋە مەشىقلىرىم



ر كىتا




Saturday, February 2, 2019

ز قوشاقلىرىم ۋە مەشىقلىرىمنى ئۆگىنىش جەريانى

،ئەسسالام ئەلەيكۇم قەدىرلىك ئاتا -ئانىلار

 شۇنداق قىلىپ < ز > ھەرىپىنى ئۆگىنىشىمىزمۇ ناھايىتى مۇۋاپىقىيەتلىك بولدى 
  :تۆۋەندە « ز » ھەرىپىنى قانداق ئۆگەنگەنلىكىمىزنى  قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتمەكچىمەن

:قوشاقلارنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن چۈشۈرۈڭ
ز قوشاقلىرىم ۋە مەشىقلىرىم

بىرىنچى كۈنى، قوشاق يادىلاش

ئاۋۋال قوشاقلارنى چىقىرىپ ، كىچىك كىتاب شەكىلدە مىخلاپ تەييار قىلۋالدىم. ھەر قېتىم يېڭى قوشاقلار چىقسا قىزىم ئىچىنى ۋاراقلاپ كۆرۈشكە ئالدىراپ كېتىدۇ، ئاندىن قىزلىرىمم بىلەن ئولتۇرۇپ ، قوشاقلارنىڭ رەسىملىرىگە قارىغاچ قايتا- قايتا بىر نەچچە قېتىم ئوقۇپ چىقتۇق ، بۇ جەريانىدا ئاساسلىق ئۆزەم يادىغا ئېلۋالدىم. ئاندىن قوشاق كىتابنىڭ ئاخىرىقى بېتىدىكى ھەرىپلەردىن < ئە  قايسى ھەرىپ ؟> ، < ز قايسى ھەرىپ ؟ > دەپ سۇراپ ھەرىپلەرنى ئەستە تۇتۋىلىشى  ئۈچۈن ئاساس سالدىم. بۇنىڭغا ئۇلاپ قىزىم ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان چاپلاق چاپلاش بېتىنى ئىشلىۋەتتۇق، بۇ قېتىم بۇ بەتنى بوياپ چىقتۇق . ئەسلىدە رەڭلىك يوملاق پاختا چاپلىسا بەك چىرايلىق چىقاتتى
ئاندىن ئۆزىمىزنىڭ چىنىقىش خاراكتىردىكى باشقا ئوينلىرىنى ئويناپ كەتتۇق، مەسىلەن، يىراققا سەكرەش، ئىگىزدىن پەسكە  سەكرەش، يۈگىرەش، ئىگىزدىن پەسكە سېيرىلىش دىگەندەك. بۇ جەريانىدا قوشاقلارنى ئېيتىقاچ بىللە ئوينىشىپ بەردىم.




ئىككىنچى كۈنى، قەغەزدىن زەنجىر ياساش

ئاۋۋال قىزىم بىلەن ئولتۇرۇپ رەڭلىك قەغەزنى بىر سانتا كەڭلىكتە قىسقا قىلىپ كېسىۋالدۇق، ئاندىن قەغەزنى ئۇلاپ چاپلاپ  ئۇسۇلىنى كۆرسۈتۈپ قويسام ،توختىماي ئۇلاپ ئۇزۇن بىر زەنجىر ياساپ چىقىپتۇ. 
زەنجىر ياساش جەريانىدىمۇ قوشاقلارنى ئاھاڭغا سېلىپ ئېيتىپ بەردىم . مەن بىر مىسرانى دەپ قىزىمنى بىر مىسرا ئېيتقۇزۇپ دىگەندەك قىلىپ قوشاققا پىششىق بولۇپ قالدى




ئۈچىنچى كۈنى، زىراپە ياساش

ئاۋۋال رەڭلىك قەغەزدە بەدىنى بىلەن بوينى ئۇلاقلىق ھالەتتە كېسىۋالدىم، ئاندىن بېشىنىڭ شەكىلى بىلەن تۇمشۇقىنى  كېسىۋالدىم، بۇ جەرياندا قىزىم پۇتى ئۈچۈن چوكا مۇز تاياقچىسىنى بوياپ چىقتى، قارسام 15 -20 تالغا يىقىن پۇت تەييار قىپتۇ. ئاندىن ئېغىزىنى سىزاپ، كۆزىنى چاپلاپ، بەدەن ئەزالىرىنى ئۇلاپ قويۋىدۇق ئۇماق زىراپىجان ھازىر بولدى.  قىزىم ، «يەنە بىر تەرەپكە بېشىنى قىسىپ تۇرغان زىراپىدىن يەنە بىرنى ياسايلى !» دەپ تۇرۋالغان، لىكىن ماڭا خوشياقمىدى. بۈگۈنمۇ قوشاق يادلىغاچ ئويناپتىمىز، قىزىم كۈپىنچىسىنى ئۆزى يادلىدى .

!زىراپە ياساشتا كۆپىرەك ئىلھامغا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى ئۇلىنىشنى بېسىڭ



تۆتىنچى كۈنى، < ز كىتابىم > دىكى رەسىملەرنى بوياش

قىزىم ئىككىمىز بىللە ئولتۇرۇپ < ز كىتابىم> دىكى ئوخشاش بەتنى بويدۇق ۋە ز ھەرىپلىرىنى تېپىش بېتىنىمۇ ئىشلىۋەتتۇق. قىزىم بەزىدە چىرايلىق بويايدۇ، بەزىدە ئىنتايىن سەت بويايدۇ، لىكىن ھىچقىسى يوق ، مەقسەت بالىنىڭ سەۋىرچانلىقىنى ،  سەرەمجانلىقىنى ۋە ئەستايدىللىقىنى يوقىرى كۆتۈرۈش.
بۈگۈنمۇ قوشاق يادىلاشنى ئونتۇپ قالمىدۇق.




 مۇشۇنداق قىلىش جەريانىدا  قىزىم قوشاقنىمۇ، ھەرىپنىمۇ  پىششىق
ئۆگىنىۋالىدۇ.
ئاندىن ئۆگىنىپ بولغان ھەرىپلەرنى ئۇدۇللۇق تامغا چاپلام مېڭىۋاتىمەن ، ھەر كۈنى ئۆزى قايتا قايتا ئوقۇپ چىقىدۇ ، شۇنىڭغىمۇ ھازىرغىچە ئۆگەنگەن ھەرىپلەرنى قەتتى ئارلاشتۇرۇپ قويماي ئوقۇپ بىرىدۇ.
 بەزىدە ئۇيغۇر بالىلار پرگۇرامىسىدىكى ھەرىپكە مۇناسىۋەتلىك ۋىدىئونى قويۇپ بېرىمەن ھەم بىللە ئەگىشىپ ئوقۇشىنى تەلەپ قىلىمەن ، بۇنىڭمۇ بەك پايدىسى بولدى .
  ئۇيغۇرچە بالىلار پرگراممىسىدىكى <ز> ھەرىپى ۋىدىئوسى

!ھەممىڭلارغا ئۇتۇق تىلەيمەن


يازمىلار

س قوشاقلىرىم ۋە مەشىقلىرىم

!قوشاق بىلەن مەشىقنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن چۈشۈرۈڭ  س قوشاقلىرىم ۋە مەشىقلىرىم