تەتىللىك لاگىر پائالىيىتىگە كېنىشكا ئېلىش ئۈچۈن ھازىرلاشقا تېگىشلىك رەسمىيەتلەر ناھايىتى كۆپ بولغاچقا ( ساغلاملىك پىلانى، بىخەتەرلىك پىلانى ، دالا ساياھىتى پىلانى، كېنىشكىلىق سىستىرا، بالىلارھوقۇقىنى قوغداش مۇلازمىتى تەكشۈرۈشى، 5 يىللىق تارخى ئارقا كۆرۈنۈش تەكشۈرۈشى، تەربىيەلەشكە قاتنىشىش.، پائالىيەت ئېلىپ بارماقچى بولغان ئورۇننىڭ بىخەتەرلىك رەسمىيەتلىرى ۋە باشقا نۇرغۇن تەكشۈرۈپ تەستىقلاشلاردىن ئۆتكۈزىدىغان بۇ ئىشلار مېنى يېرىم يولدا توختىتىپ قويغىلى تاس قالغان. يىغلىغان ۋاقتىممۇ بولغان. چۈنكى، ئالىي مەكتەپتىكى ئوقۇشىم، بىر ئائىلىدە 8 جاننىڭ خىزىمىتى، ئىشتىن سىرىت ئانا تىل، دىن دەرىس بىرىش ئىشلىرى مېنى راۋروس چارچاتقان ئىدى. ئەسىلى بۇلتۇرلا لاگىر پائالىيىتىگە كېنىشكا ئېلىشنىڭ تەسلىكىنى بىلىپ، بۇ ئىشتىن ۋاز كەچكەن ئىدىم. ئەمما ئاللاھ بەندىسىگە بىر ئىشنى بۇيرىسا، ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن شۇ ئىشنىڭ يولىنى ئېچىپ بېرىدىكەن. ئاللاھنىڭ ئاسان قىلىشىبىلەن كېنىشكىنىمۇ ئاپتىمەن، لاگىر پائالىيىتىنىمۇ ناھايىتى كۆڭۈللۈك، بالاسىز- قازاسىز مۇۋاپىقىيەتلىك تۆگۈتىپتىمەن. .
Friday, August 8, 2025
Monday, December 2, 2024
دىنىمىزنى ئۆگۈتۈش ۋە بالىلار تەربىيەسى توغىرسىدا
پەرزەنتلىرىمىزنىڭ دىننى تەربىيەسىگە ئەھمىيەت بىرىش مۇھىم
ئاتا-ئانا بولغىنىمىزدا ، بىز دۇچ كېلۋاتقان ھەم بۇنىڭدىن كېيىن كېلىدىغان ئەڭ چوڭ سىناقلىرىمىزدىن بىرى بالىلىرىمىزنى ياخشى تەربىيەلەپ چىقىش. تەربىيەلىگەندىمۇ ئاللاھنى تونۇيدىغان، ئۆزى ئۈچۈنلا ئەمەس، مىللەت ۋە دىن ئۈچۈن خىزىمەت قىلىدىغان ياىشى مۇسۇلمان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى تەربىيەلەپ چىقىش. ھەمىمىز بالىىرىمىزنىڭ رۇھى ۋە جىسمانىي جەھەتتىن ساغلاپ چوڭ بولۇشنى، ئۆزىنىڭ تىلى، دىنىنى ۋە مەدىنيىتىنى ساقلىغان ھالدا جەڭگىۋار، باتۇر ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىدىن بولۇپ چوڭ بولۇشنى ئۈمۈت قىلىمىز.
بالىلىرىمىزنىڭ تەرەققى قىلغان دۆلەتلەردە ، يەنى يېڭى پەن-تېخىنىكا، يېڭى ئۇچۇر، يېڭى بىلىملەر بىلەن تىز ئۇچۇرشالايدىغان، ئۆزىنىڭ قىممەت قارىشىنى ئەركىن ئوتتۇرغا قويالايدىغان مۇشۇنداق ئېسىل شارائىتلاردا چوڭ بولۇشى بىز ۋە بالىلىرىمىز ئۈچۈن ناھايىتى ياخشى بىر پۇرسەت بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن پەرزەتلىرىمىزنىڭ ھەر خىل تىل، دىن ۋە ھەر خىل مەدىنيەت ئارىلاشقان مۇرەككەپ بىر جەمىيەتتە چوڭ بولۇشى بىز ئۈچۈن خىرىس ھېساپلىنىدۇ. ھاياتلا بولىدىكەنمىز بېشىمىزغا بۇنداق سىناقلارنىڭ كېلىشى تۇرغانلا گەپ. بۇنداق شارائىتلاردا بالىلارنى ياىشى تەربىيەلەش ناھايىتى قېيىن. ھاياتلا بولىدىكەنمىز، ھەر خىل خىرىس ۋە سىناقلارنىڭ چوڭ بولۇشى تەبىئي . سىناقلارنىڭ قاتتىقلىقى سەۋەبلىك بالىلارنى ياخشى تەربىيەلەشتىن ، بالىلارغا دىن ئۆگۈتۈشتىن ۋاز كېچىشكە بولمايدۇ. ئارقا كۆرۈنۈشىمىز قانداق بولۇشىدىن قەتئىنەزەر، يەنى باي بولامدۇق، كەمبەغەل بولامدۇق، ئىتقادىمىز كۈچلۈك بولامدۇ ياكى ئاجىز بولامدۇ ، پەرزەنىت تەربىيەسىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىش مۇھىم ئىشلارنىڭ ئەڭ مۇھىمى بولۇشى كېرەك، پەرزەنتلىرىمىزگە دىننى ئەڭ گۈزەل ، ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلدا ئۆگۈتۈش ئۈچۈن ئىزدىنىشىمىز ۋە ئۇنى ئەمەلىيەتتە قىلىش بىزنىڭ بۇرچىمىز. بۇ ئەجداتلىرىمىزنىڭ، ئاتا ئانىمىزنىڭ، مىللىتىمىزنىڭ بىزدىن كۈتكەن ئۈمۈدى.
ھازىرقىدەك بۇ مۇرەككەپ جەمىيەتتە بالىلىرىمىزغا تىلىمىزنى ، دىنىمىزنى ۋە مەدىنيىتلىرىمىزنى ئۆگۈتۈش ھەقىقەتەن قېيىن. ئەمما بىز ئۇيغۇرلا بولىدىكەنمىز بۇ قېيىنچىلىقلارنى يېڭەلەيمىز. چۈنكى بىزدە جاپادىن قۇرقمايدىغان ،باتۇر ئۇيغۇرنىڭ قېنى بار.
ھەممىمىزگە ئايانكى، بىز ئۇيغۇرلارنىڭ نۇرغۇن ئېسىل ئۆرپ -ئادەتلىرى، گۈزەل ئەخلاقلىرى مۇشۇ ئىسلام دىنىدىن كەلگەن. ئىسلامدىكى قانۇن- تۈزۈم ۋە قائىدىلەرگە رىئايە قىلىپ، ئۇنى ئۆزىنىڭ ھاياتىغا تەدبىقلاپ ياشىيالىغان كىشى دۇنيا- ۋە ئاخىرەتتە نەتىجە قازانغان ئەڭ بەخىتلىك كىشىلەر بولالايدۇ، بۇلار ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ساقلاپ، نەدىن كەلگەن ، نەگە بارىدىغان، نېمە ئۈچۈن ياشايدىغانلىقىنى تونۇپ ياشىيالايدۇ. بۇ يەردە مەن ئۈزەمنى مىسالغا ئالسام، مەن 19 يېشىمىچە ھەقنى تونۇماي ياشىغان، قاچان بۇ ھەقىقەتنى تونۇدۇم، شۇ ۋاقىتتىن تارتىپ مەن ئۆزەمنىڭ كىملىكىنى تونىدىم دىننىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلدىم، يائاللاھ، ھايات دېگەن بۇ ئىكەنغۇ، ئاللاھىم مېنى ھېدايەت قىپتكەن، شۈكۈرلەر بولسۇن، بولمىسا نەلەردە ئىزىپ يۈرەتتىم، ھاياتلىقتىكى بۇ سىناقلارغا قانداق بەداشلىق بىرەتتىم دەپ ئويلاپ كەتكەن. ھازىر مۇشۇ شۇ . ئاللاھنى تونۇغان ھاياتتىنىڭ گۈزەللىكىنى شۇ ۋاقىتتىن تارتىپ ھېس قىلغان. ئەلھەمدۇلىلاھ ، ئاللاھ مېنى ھېدايەت قىلدى، مېنى خىتاينىڭ زۇلۇمىدىن قۇتۇلدۇردى. مەن ئويلايمەن ، ئاللاھ ھەر بىر ئانىغا ئېغىر ۋەزىپىلەرنى تاپشۇرغان، ئەمما مېنىڭ ۋەزىپەم باشقىلارغا قارغاندا تېخىمۇ ئېغىر دەپ. ئاللاھ ماڭا بىر مىللەتكە ئانا بولىدىغان 6 قىزنى ئاتا قىلدى، شۈكۈرلەر بولسۇن. شۇڭا مەن قىزلىرىمغا ئانا تىلمىزنى، مەدىنيىتىمىزنى ئۆگۈتۈشتىن باشقا، دىنىمىزنى بەك ياخشى ئۆگۈتۈشكە ئالاھىدە كۈچ چىقىرىمەن، چۈنكى ئۇلار مۇشۇ "دىن " ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ كىملىكىنى تېىىمۇ ياخشى تونۇيدۇ، دۇنيا ئاخىرەتتە نەتىجە قازانغان كىشىلەردىن بولالايدۇ، تاللانتلىق ، مىللەتكە ، دىنغا تۆھپە قوشىدىغان ئەۋلادلارنى تەربىيەلەپ چىقالايدۇ. مۇشۇ دىن ئۇلارنى باشقىلاردىن روشەن پەرىقلەندۈرۈپ، ئۇيغۇر قىلىپ تۇرىدۇ، ئۇلارنى باشقىلاردىن قوغدايدىغان ئالاھىدە قورال، دەپ ئائىلىدە دىنى تەربىيەگە ئالاھىدە كۈچ چىقىرۋاتىمەن. بىز تۇرۇۋاتقان بۇ يەردە بىر ئۇيغۇر ئائىلىسىدىن باشقا ئۇيغۇرلار يوق، ئۇلار بىلەنۇ ئايلار بىر ئاران ككرۈشىمىزمىكىن. قىزىلىرىمنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن كۆرۈشۈش پۇرسىتى بەك ئاز، ئالاھىدە پائالىيەتلەر بولسا سائەتلەپ ماشىنا ھەيدەپ بىرىپ ككرۈشىمىز. دىدار غەنىمەت دەپ يولنىڭ يېراقلىقىمۇ بىلىنمەيدۇ. شۇڭا بىزنىڭ مۇشۇ ئائىلىمىز بىر كىچىك مەكتەپ ھېساپلىنىدۇ. بالىلار ھەپتىدە بىر قېتىم دىننى مەكتەپكە بارىدۇ، ھەپتىدە بىر بارغان ئۇ مەكتەپتە بەك كۆپ نەرسە ئۆگۈنۈپ كېتىشى ناتايىن، ئەمما ئەتىراپىدا ئۇيغۇر بومىغىنى بىلەن باشقا مىللەتتىكى مۇسۇلمانلارنىڭمۇ نۇرغۇن ئىكەنلىكىنى، يالغۇز ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدۇرۇش، ئۇنىڭدىن باشقا، قىزلارنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن ، ھەر بىرىىڭ ئىككىدىن دىننى ئوقۇتقۇچىسى بار يەنى توردا دەرىس بىرىدىغان. ىر ئوقۇتقۇچى تەجۋىدكە مەسئۇ؛ ل بولسا، يەنە بىرى يادلىتىشقا مەسئۇل ، ئائىلدە تەكراسىغا مەن مەسئۇل، چوڭلىرىنىڭ بىرى ئوقۇتقۇچىسى يادلىتىشقا مەسئۇل بولسا يەنە بىرى، دىننى تەلىم تەربىيە، يەنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسامنىڭ ھاياتى، تەفسىر دېگەندەك دەرىسلەرنى بىرىشكە مەسئۇل. مەن كىچىكلىىرى بىلەنمۇ ساۋاقداش، يادلاشتا، چوڭلىرى بىلەنمۇ ساۋاقداش ، تەفسىر دەرىسىدە.
بالىلارغا دىننى ئۆگۈتۈشتە:
1) بالىلىرىمىزنىڭ قەلبىدە ئاللاھ سۆيگۈسىنى كىچىكدىن يېتىلدۈرۈش ناھايىتى مۇھىم. بۇ سۈيگۈ ئاللاھنىڭ كالامى بولغان قۇرئاننى ئۆگۈنۈش، ئۇنىڭدىكى قائىدىلەرگە ئاتا ئانا بولغۇچى رىئايە قىلىپ ياشاپ بالىلارغا ئۈرنەك بولۇش ، بالىغا رۇھى ۋە جىسمانى جەھەتتىن سۈيگۈ بىغىشلاش ئارقىلىق يېتىلىدۇ. ر ۇھى جەھەتتىكى ساغلاملىق، بالىلارنىڭ ئىچىكى دۇنياسىنى ئىلىم بىلەن قۇراللاندۇرۇش، ئۇلارغا ھەر خىل تىللارنى ئۆگۈتۈش، ئۇلارنى ھەر خىل دىننى- پەننى پائالىيەتلەر بىلەن ئۇچىراشتۇرۇش، بالىنى دىنسىز موھىت بولسىمۇ، دىننى مۇھت بولسىمۇ ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ساقلاپ ياشىيالايدىغان قىلىپ تەربىيەلەش، شۇنداق مۇھىتلار بىلەن ئۇچراشتۇرۇش لازىم، بۇنداق مۇھىتتا چوڭ بولغان بالىلارنىڭ ، مەيلى مەكتەپتە بولسۇن، مەيلى جەمىيەتتە باشقا دىندىكى كىشىلەرگە نىسبەتەن رىقابەت ئىڭى كۈچلۈك بولىدۇ، ئىسلام دىندا تۇرۇپ ئۇلارغا قارىشى پىكىرىنى ئوتتۇرغا قويالايدۇ . دىن ئۈچۈن ئۈزىنىڭ تۆھپىسىنى قوشىدىغان بولىدۇ. بالىلارنىڭ دىننى تەربىيەسى ئۈچۈن ۋاقىتىمىزنى ، زېھنىمىزنى، ۋە ئىقسادىمىزنى مەبلەغ قىلىپ سېلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇشمىز لازىم.
جىسمانى جەھەتتىكى ساغلاملىق ئۇلارنى ھەر خىل تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى بىلەن ئۇچىراشتۇرۇش، سىرىتقى دۇنيا بىلەن كۆپرەك ئۇچىراشتۇرۇش ئارقىلىق بولىدۇ. ھازىر بالىلىرىمىزنىڭ تىلفۇن، ئايفەد ۋە كومپىيوتىر دېگەندەك ئېلىكتۇرۇنلۇق ئۈسكۈنىلەرگە ھەمرا بولۇپ چوڭ بولۇشى بىزنى ئەندىشىگە سالىدۇ. بالىلارنىڭ سىرىتلاردا ئويناپ ھەرىكەت قىلىشىدىن، ئائىلدە ئىكران ئالدىدا ئۆتكۈزىدىغان ۋاقتى كۆپىرەك بولۇۋاتىدۇ. كەلگۈسى 20-30 يىلدىن كېيىن بالىلىرىمىزنىڭ ساغلاملىقىدا قانداق ئۆزگۈرۈشلەر بولىدۇ، بۇ بىز ئويلىنىشقا تىېگىشلىك بەك مۇھىم مەسىلىلەردىن بىرى . مەن بالىلىرىمنى تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە قانتاشتۇرۇش جەريانىدا شۇنى ھېس قىلدىمكى، بالا تەربىيەسىگە ئەھمىيەت بىرىدىغان چەتئەللىكلەر بالىسىنىڭ ئاكادىمىك جەھەتتىن ياخشى بولۇشىغا ئەھمىيەت بېرىشتىن باشقا، مۇشۇ جىسمانى جەھەتتىن ساغلام بولۇشغا بەكرەك ئەھمىيەت بىرىدىكەن، ۋاقىتلىرىنى بالىلرىنى دەرىستىن سىرتقى ، ھەپتە ئاخىرىدىكى ھەر خىل تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە قاتناشتۇرۇشقا مەخسۇس ۋاقىت سەرىپ قىلىدىكەن. مەن ئوقۇغۇچىلىرىمدىن ئالغان كىچىكنە تەجىربەمگە ئاساسلانغاندا، مۇشۇ تەنتەربىيەدە ياىشى بالىلارنىڭ رۇھى جەھەتتىكى ساغلاملىقى ئالاھىدە ياىشى بولىدىكەن، كەيپىياتى تۇراقلىق بولىدىكەن، چەتئەللەىلەرنىڭ تەنتەربىيەگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىشى ماڭا ماڭا بەك ئىلھام بولدى، شۇڭا مەنمۇ كىچكلىرىنىڭ تەنتەربىيەسىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىۋاتىمەن. قاتناشقا تەنتەربىيە تۈرلىرى بىلەن باللىرىمىنىڭ ئۆگۈنۈشلىرى ئاقساپ قالغىنى يوق، ھەممە ئىشىمىز بۇرۇنقىدىنمۇ ياىشى كېتىپ بارىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە، تەنتەربىيە جەھەتتىن تەربىيەلىنىشىمۇ ياىشى كېتىپ بارىدۇ.
بىز تىلىمىزنى مىللىتىمىز ئارسىدا ئۆگۈتەلەيمىز، ئۆزىمىز ئۆگۈتەلمىسەك تىل ئۆگۈتىدىغان ئىسل مەكتىپلىرىمىز، ياخشى ئۇستازلىرىمىز بار، شۇلار ئارقىلىق ئۆگەتسەك بولىدۇ. ئەمما دىننى ئۆزىمىزلا ئۆگۈتۈۋالمىز دىسەك، ساناقلىقلا ئۇيغۇرلار بىلەن سەل قېيىنغا توختىشى مۈمكىن. تۈركىيەدىغۇ ئۇيغۇر كۆپ. بىزنىڭ نى نى دىنى ئالىم ، ئۆلىمالىرىمىز ئۆتكەن، بىز ئۇلارنىڭ ئىش ئىزلىرىنى ئۈلگە قىلىپ ياشايمىز ، ئەڭ ئاساسلىق پەيغەمبىرىمىزنى ئۈلگە قىلىپ ياشايمىز. ئۇنىڭدىن باشقا، بىز مۇشۇ دىننىمىزنى، باشقا مۇسۇلمان ئەللىرىگە ئارلىشىپ ياشاپ، ئۇلاردا گەۋدىلەنگەن ئىسلامنىڭ ئەڭ گۈزەل پەزىلەتلىرىنى ئۆگەنسەك بۇ بىز ئۈچۈن ھېچقاچان ئارتۇقلىق قىلمايدۇ، دەپ قارايمەن.
2) بالىلارغا دىننى ئۆگۈتۈشتە، ئاتا-ئانا ئۈلگە بولۇشى كېرەك.
دىنى تەربىيەسى ئائىلىدىن باشلىنىدۇ. ئاتا- ئانا بولغۇچى ئىسلامدا بۇيرىغان پەرىز ئەمەللەرنى تولۇق ئادا قىلىشقا تىرىشىش لازىم. بۇرۇندىن ئادا قىلىپ ياشاۋاتقان بولسا ، ئۇنى تېخىمۇ ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلىشقا تىرىشسا، بالىمۇ ئارقىمىزدىن ئەگىشىپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ. بۇرۇندىن تولۇق قىلىپ بولالمىغان بولساق، ھازىردىن باشلىسىاقمۇ ھەرگىز كىچىكمەيمىز.-بالام مەن خىزىمەت بىلەن ئالدىراش، مەن كېچىكمىدە ئۆگەنمەپتىكەنمەن ، ھازىر ئۆگەنسەم كاللامغا چۈشمەيدۇ،- ، سەن بولساڭمۇ ئۆگەن ، سەن تېخى كىچىك ، قىلالايسەن، مەن سىنى ھەر جەھەتتىن قوللايمەن ياكى دەپ ئۆزىمىزنى بىر مۇنچە باھانە سەۋەپلەر بىلەن تەسەللى تاپقۇزۇپ ، بىز ھۆدىسىدىن چىقىشتىن كۆزىمىز قۇرققان بۇ ئېغىر ۋەزىپىنى بالىغا يۈكلەپ قويساق، بالىلىرىمىزنىڭ بۇ ۋەزىپىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇندىيالىشى ناتايىن. بالىلىرىمىز قىلالىشى مۈمكىن، ئەمما ، چوڭلار بالىلار بىلەن بىرگە ئۆگۈنۈپ، ئىسلامدىكى پەرىز ئەمەللەرنى ئادا قىلىپ مېڭىشقا تىرىشسا، بۇنىڭ ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. مۇشۇ يەردە بىر مىسالنى ئالغۇم كەلدى. 3-4 يىل ئىلگىرى، چوڭ ئىككى قىزىم خەدىچە بىلەن مەرۋە قۇرئان يادىلايىتى. ھەپتىدە 3 كۈن دەرىس ئالاتىتى. بىر كۈنى قۇرئانىڭلارنى يادلاۋىتىڭلار دىسەم، مەرۋە سەل بويۇنتاۋلىق قىلدى، تەكاللىشىش جەريانىدا، مەرۋە قوپۇپ، -سىز بىزنى يادلاڭ، يادلاڭ دەيدىكەنسىز، نېمىشقا ئۆزىڭىز يادلىمايسىز ؟ سىزمۇ يادىلاپ بېقىڭ دېگەندەك بىر مۇنچە گەپلەرنى قىلدى.. بۇ گەپ نەچچە كۈنگىچە قۇلاق تۆۋەمدە جاراڭلاپ تۇردى.
-توغرا ، مەن نېمىشقا يادلاپ باقمايمەن، بالىلرىمنى قىل قىل دەيدىكەنمەن نېمىشقا ئۈزۈم قىلىپ باقايمەن؟ بالىلىرىم قانداق قىلسام تېخىمۇ ياخشى ئۆگۈنىدۇ؟ - دەپ ئۆزەم بالىلىرم ئۈستىدە نەچچە كۈن ئويلاندىم. ئويلىنىش جەرياندا، نۇرمال ھاياتتا ياخشى ئۈرنەك بولۇپ مىڭىشقا تىرىشۋىتىوتىمەن، لىكىن مۇشۇ قۇرئان ئۆگۈنۈشكە كەلگەندە، ئۈلگىلىك ئانا بولالماپتىمەن، بالىلىرمنىڭ قۇرئاننى ياخشى ئۆگۈنىشىنى ئۈمۈت قىلسام، چوقۇم ئۈزۈم ئۇلارغا ئۈلگە بولۇپ ئالدىدا مېڭىشىم كېرەك ، مەنمۇ بۇلار بىلە تەڭ ئوقۇغۇچى بولۇشىم كېرەك، قانچىلىك يادلىشىمدىن قەنتىنەزەر بۇ قەدەمنى قىزلىرىم بىلەن بىرگە ئېلىپ مېڭىشىم كېرەك ، -دەپ ئويلىدىم. ئەلۋەتتە مەن ئۇلاردەك كۆپ يادلىيالمايمەن، ئەمما مەنمۇ قۇرئان ئۆگۈنۈشنىڭ، يادلاشنىڭ جاپاسىنى تارتىپ باقسام، ئوقۇيالماي قېيىنلۋاتقانلىقىمنى، يادلىيالماي جىددىيلىشۋاتقىنىمنى ئۇلار بىلەن ئورتاقلاشسام ، قىزلىرىمغا تېخىمۇ ئىلھام بولىشى مۈمكىن دەپ بۇ قەدەمنى ئۇلار بىلەن تەڭ ئېلىشقا نىيەت قىلدىم ۋە بۇ قەدەمنى باشلىدىم . ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولدى، تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلىرىمىز بولۇۋاتىدۇ، ئىنشائاللا بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ بولىدۇ. شۇ چاغدا مۇشۇ مەرۋە قىزىمنىڭ ماۋۇ ئاپامغا مۇنداق دىسەم بولارمۇ دەپ ئويلاپ يۈرمەي، دادللىق بىلەن " سىز نىمىشقا يادلىمايسىز؟" بىزلا قىلامدۇق؟ سىزمۇ قىلىپ بىقىڭ ، ئۆزىڭىز قىلمايدىكەنسىز، بىزنىلا قىل دەيدىكەنسىز "دىيەلىگىنى ، مېنى كيىن سۆيۈندۈرىدى. مېنىڭ بۇ جاپالىق سەپەرگە بالىلىرىم بىلەن بىرگە ئاتلىنىشىمىغا سەۋەپچى بولدى. خاتا ئىش قىلسام ، خاتا گەپ قىلىپ قويسام، يۈز خاتېرە قىلماي ، دەل ۋاقتىدا ماڭا تۈزۈتىش بىرەلەيدىغان مەرۋە قىزىمغا رەھمەت ئىيتىمەن.
3) ئۇستازنى ياخشى تاللاش
پەرزەنتلەرگە ئۇستاز تاللىغاندا، ئۇستازنىڭ ئوقۇغان، تەلەپچان، قاتتىق قول بولۇشى بەك مۇھىم. بىز ئۇيغۇرلاردا "ئۇستازى زالىم بولسا، ئوقۇغۇچى ئالىم بولۇر" دېگەن ماقال بىكارغا ئېيتىلمىغان. ئۇستازنىڭ تەلەپچانلىقى بالىنىڭ دىننى ئۈزلەشتۈرۈشدە مۇھىم رول ئوينايدۇ. دىننى ئىلىم ئېلىشتا، ياخشى ئۇستازنىڭ دۇئاسىمۇ بەك مۇھىم. ئەلۋەتتە، ئۇستازنىڭ تەلەپچانلىقى سەۋەبلىك ، ياكى قاتتىق قوللىقى سەۋەبلىك ھېچكىم بالىنىڭ كۆڭلىنىڭ ئاغرىشىنى خالىمايدۇ. ھەر ئىشنىڭ باشلىنىشى تەس بولىدۇ، نۇرغۇن قۇربانلىقلار بىرىلىدۇ، ئۆگۈنۈشنىڭ قېيىنلىقىدا ياشلار تۈكۈلۈشى مۈمكىن. ئەمما نەتىجىسى گۈزەل بولىدۇ. ئىنسانغا موشۇنداق بىر بىسىم بولمىسا تىرىشمايدۇ. شۇ قاتتىق قول ئۇستاز ئانىنىمۇ تىرىشچان قىلۋىتىدۇ، بالا ئانىغا قاراپ تىرىشىدۇ. بالىنىڭ تۇنجى ئىلىف بە، تە سە ساۋادىنى چىقارغاندا، ۋاي بالامنىڭ قۇرئاندىن ساۋادى چىقىپ قالسىلا بولدى، يوقتىن ياخشى دەپ مۇشۇ ئۇستازنى تېپىپ تۇرغان، دەپ باشقا تاللاش پۇرسىتىمىز بولسىمۇ، ئادەتتىكى ئۇستازنى تاللاش ۋاقىت، زىھىن، ۋە ئىقسادى ئىسراپچىلىق بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. شۇڭا تۇنجى ئۇستازنى تاللىغاندا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىش لازىم. مەن مۇشۇ بىزنىڭ بېشىمىزدىن ئۆتكەن ھېكايىلەرنى ئازراق قىسقارتىپ سۆزلەپ ئۆتەي. بىز 2015- يىلى ئامرىكىغا كەلدۇق، ئامرىكىداھېچكىمنى تونۇمايمىز. ئەلۋەتتە بۇنداق يات دىندىكى دۆلەتتە ئەڭ ئاۋۋال ئكزىمىزنىڭ دىنداش قېرىنداشلىرىمىز بارىدىغان يەر بولغان مەسجىدنى تاپالىساق، كۆڭلىمىز سەل ئارام تاپىدۇ. بىزمۇ شۇ بويىچە بىر مەسجىد تاپتۇق. باللىرىمىزنىڭ ئامرىكىغا كىلىپ بىر ئاي بولمايلا ھەر يەكشەنبە شۇ مەسجىدتتە دىننى دەرىس ئېلىش ۋە توردىن ئايرىم ئۇستاز تۇتۇپ دەرىس ئېلىشقا ئورۇنلاشتۇردۇق. باشقا ادەم بولسا ، بىر قېتىملىق بىرىپ كېلىشكە 30 دوللار تاكسى تۆلەپ بالىسىنى ئاپارماسلىقى مۈمكىن ئىدى، ئەمما يولدىشىم بىلەن مەسلىھەتلىشپ، ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن باشقىغا ئاز خەجىلەپ مۇشۇ بالىلارنىڭدىنىغا مەب؛ەغ سالايلى دەپ ئاپرىپ بەردۇق. بىزگە شۇ ۋاقىتلار ھەقىقەتەن ئېغىر كەلگەن. ۋەتەندىن قۇرۇق قول كېلىڭ بىر ، ھەممە قېرىنداشلاردىن ئايرىلىڭ، بىر تېيىمۇ كىرىمىڭىز يوق ، بۇ ئۈستى ئۈستىلەپ كەلگەن بىسىملار بىزنى خىلى چارچاتتى. ئەمما مەسجىدتتە ياىشى نىيەتلىك كىشىلەر كۆپ بولغاچقا، بارغاندا تاكسىدا ئارسىمۇ ، كېلىشتە ، پاكىستانلىق ئو بۇ ئەكىلىپ قويۇپ ، بىر مەزگەىل شۇنداق كۈن كەچۈرگەن، شۇ باللىرىمنى ئاپرىش جەريانىدا ، بىر قىرى ئايال ئۇستاز مېنىڭ دىققىتىمنى تارتتى. ئۇ ئۇستاز تەربىيەلەۋاتقان بالىلارنىڭ ئانىلرى بىلەن پاراڭلىشىپ باقتىم، ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قۇرئان ئوقۇغىنىنىمۇ ئاڭلاپ باقتىم. مۇسابقىە بولىسلا شۇ بالىلار بىرىنچى بولىدۇ. زادى بۇ ئۇستازدا ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئانىلرى بەل قويۋەتمىگەن بولسىلا ، باللىرى بەك ياخىشى ئوقۇپ چىقۋاتاتتى. شۇ ۋاقىتلاردا بۇ ئۇستازنىڭ ئوقۇش ھەققى قىممەت ئىكەن، سائىتىگە 20 دوللار، بۇ 8 يىلنىڭ ئالدىدىكى باھا. بىزگە نىسبەتەن ھەقىقەتەن قېيىن ئىدى. باللىرىمنى بەك ئوقۇتۇش ئارزۇيۇم بار ئىدى. خىلى ۋاقىتقىچە بىرەلمىدىم. كېيىن چوڭ ئىككىسىنى بىر ەزگىل بەرسەم، ئازراق ئوقۇپ زىرىكتى. كىچىكلىرىگە كەلگەندە، ئاۋۋال ھازىرقى 9 ياشلىق ھاسىبەنى 6 يېشىدا بەرسىم، مېنىڭمۇ بەك ئۆگەنگۈم بار ئىدى، ئەمما بىر قېتىمغا ىر ئادەمگە 10 دوللار بەك قىممەت ئىدى. ھاسىبە 6 يېشىدا باشلىدى. بىر يىل يېنىدا تۇرۇپ ، ياردەم قىلدىم، ئۇستازنىڭ قاتتىق قوللىقىدا نەچچە قېتىم يېغلاپ كەتكەن ۋاقتىلىرىم بولغان، ھەتتا قىزىمنى ئوقۇتمايمەن دېگەن ۋاقىتلىرىمممۇ بولغان. گىپىمىزنىڭ ئوقۇتۇرۇش بەك تەس بولغاچقا، ئۆيىگە بىرىپ ئوغۇلىنى تەرجىمانلىققا سېلىپ گەپ قىلغان كۈنلىرىممۇ بولغان. ئابا بالا ئىككەيلەن نەق بىر يىل جاپا تارتتۇق. قىزىم مۇشۇ ئۇستازنىڭ دەرىس بار دىسىلا جىدىيلىشىدۇ. بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىن ، قىزىمنىڭ ئوقۇشىدا ئاجايىپ ئىلگىرلەش بولدى، ئۇستازىمۇ، بىزمۇ بەك خوش بولدۇق، ئۆزىمۇ خوش بولدى. شۇنداق قىلىپ بۇ قىزىم مۇشۇ ئۇستازدىن دەرىس ئېلۋاتقىلى 3 يىل بولۇپ قاپتۇ، يېرىم يىل بولدى، ئۆزنىڭ ئىشىغا ئۆزى مەسئۇل ئۈزلىكىدىن كىتابىنى ئېلىپ دەرىسىنى تەكرارلاپ تەييار قىلىدۇ. ھەپتىدە نەچچە قېتىپ مەشىق قىلىدۇ. دىمەن بۇ بالا شۇ ئۇستازنىڭ دەرىس چالا بولۇپ قالسا ئۆتكۈزمەيدىغانلىقىنى بىلىدۇ، ھەم ئۆزنىڭ چىرايلىق ئوقۇپ ئۇستازنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولۇشنى ئستەيدۇ. ئاندىن ئكزمگە 10 دوللارغا چىقىش قىلالاماي، ماڭا 15 مېنۇت ئۆتۈپ بەرسىڭىز. 5 دوللار بەرسەم دەپ ، شۇ ئۇستازنى ئۆزەمگە ئۇستاز تۇتۇپ بەك كۆپ نەرسە ئۆگەندىم، ھازىر شارئىتىمىز ياخشى بولغاچقا بالىلارغا ئوىشاش يېرىم سائەت ئالىمەن. 4 - قىزىممۇ مۇشۇ ئۇستاز بىلەن بىر پارىنى تۈگەتتى، ئەمدى 5- قىزىمنىمۇ بەرمەكچى. ياخشى ئۇستازنىڭ سۈيگۈسى باشقىچە بولىدىكەن. بۇلتۇر قۇربان ھېيتنىڭ ئالدىدا ، ئۇستازنى يوقلاپ كېلەي دەپ ئۆيىگە بارسام، ئەكەلگەن ئوقۇش ھەققىنى ئالماي ھەدىيەنى ئالدى. پۇلىڭىزنى ئالمايمەن، مېنىڭ سالامەتلىكىم ياخشى بولمايۋاتىدۇ، ھەجىگە بارىمەن، سالامەت قايىتپ كىلەلەيمەنمۇ بىلمەيمەن، دىگەنتى، مېڭەمدن تۈتۈن چىقىپ كەتتى. پۇل قالىۋەرسۇن دىسەم قەتتى ئۇنىمدى، ئۆيىدىن يىغلاپ دىگۈدەك چىقىپ كەتتىم. ئاللاھقا دۇئا قىپتىمەن. كۆڭلۈم بەك يېرىم، يائاللاھ مۇشۇ ئۇستازنىڭ ياشىشى خەيرىلىك بولسا . بىز بىلەن قايتىپ كىلىپ ئۇچىراشسۇن، باللىرىمغا مۇشۇنداق ئۇستاز لازىم، باللىرىمنى تەربىيەلەپ قويسا ، باللىرىم نۇرغۇن بالىنى بەربىيەلەيدۇ، ئى ئاللاھ ، سەن بىلىسەن ، مەن بىلمەيمەن، ھەر كىم ئۈچۈن خەيرىلىكنى نىسىىپ قىلغايسەن دەپ. قۇربان ھېيتىنىڭ ئالدى كەينىدە ئۇستازىمىزنى ئويلاپ نەچچە قېتىم يېغلاپ بولدۇم. ھېيىت ئۆتۈپ ھەجىدىن قايتىپ كىلىدىغان ۋاقىت بولدى دېگەن كۈنلەردىن بىرنىچى كۈنى ئۆتتى ، ئىككىنچى كۈنى تېلفۇن قىلىپ باقايمۇ، سالامەت قايتىپ كەلدىمۇ دىدىم، ئەمما جۈرئەت قىلالامىدىم، يامان خەۋەر بولۇپ قالسىچۇ، بولدى يەنە ساقلاي دەپ، ئەتسى يەنە تېلفيۇننى تۇتۇم ئۇرۇپ باقايمۇ دەپ، ياق ، كەلسە ئكزى ئۇرىسۇ ، ساقلاي دەپ ساقلىدىم، نەق شۇ كۈنى تېلفۇن جىرىڭلىغانتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەسما دەپ چىقانتى، ھېلقى تلفۇندىكى ئاۋا كېلىپ بولغىچە يۈز مېنىڭ خىيالىنى قىلىپ بولدۇ، ئاندىن ۇستازىمىز ئەمسنىڭ ئاۋىزى چىقانتى، ۋاقراپ كېتىپتىمەن. شۈكۈر ئېيتىپ كەتتىم
4) قۇرئان كەرىمدە ئاتا-ئانىنى ھۆرىمەت قىلىش، يېتىم -يىسىرلار ياردەم قىلىش، نامىراتلارغا غەمخورلۇق قىلىش، ، باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىش، باشقىلارنىڭ ھەقىغە تاجاۋۇز قىلماسلىق، راسچىل -سەمىمى بولۇش، يالغان گۇۋاھلىق بەرمەسلىق توغىرسىدا نۇرغۇن قېتىم تەكرارلىنىدۇ، بۇلار بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئېسل ئۆرپ ئادەتلىرىگە ئايلىنىپ كەتكەن. بىز بۇنىڭدىن سۆيۈنىمىز. بىز ئۇيغۇرلاردىكى نۇرغۇن ئېسىل ئۆرۈپ-ئادەتلەر باشقا مىللەتلەردە يوق . شۇڭا بىز ئۆزىمىزنىڭ ئۇيغۇرلىقىمىزدىن پەخىرلىنىمىز. بىزنىڭ بۈيۈك ئالىملىرىمىزدىن مەھمۇد قەشقىرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ بوۋىلىرىمىز مۇشۇ قۇرئاننى سەللىسىنىڭ ئۈستىگە ئېلىپ تۇرۇپ ، يەنى ئىسلامدىكى قائىدە- قانۇن بويىچە ياشاپ ئۇيغۇرنى دۇنيا تونۇتقان. بىزمۇ شۇنداق قىلالىساق ، بىز قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ چىقالايمىز. پەرزەنتلەر مېنىڭ ياكى سىزنىڭلا بالىڭىز ئەمەس، ئۇلار مىللەتنىڭ ، ئىنسانىيەتنىڭ بالىلىرى. شۇڭا ئۇلارنى تەربىيەلەشتە ئىنسان ئۆزىنىڭ مەنپەتى ئۈچۈنلا ياشايدىغان ئاڭنى ئەمەس، مىللەتكە، ئىنسانىيەتكە تۆھپە قوشۇپ ياشايالايدىغان ئاڭنى تۇرغۇزۇپ چوڭ قىلىشىمىز مۇھىم قارايمەن. بالىلىرىمىز مۇشۇ ئانا تىلى، مۇشۇ گۈزەل ئىسلام دىننى بىلەن ئۆزنىڭ كىملىكىنى، نەدىن كەلگەن نەگە باردىغانلىقىنى، نېمە ئىش قىلدىغانلىقىنى تېخىمۇ تونۇپ يېتەلەيدۇ. ھەقىقى ئۇيغۇر بولۇپ چوڭ بولىدۇ. شۇنىڭدا بىز ئۇيغۇرلار قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ چىقالايمىز.
، بالىلىرىمىزدا مۇشۇ پەخىرلىنىش تۇيغۇسىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن ئانا تىلىمىز، ئۆرپ ئادەتلىرىمىزنىڭ ئۆگۈتۈشتىن باشقا، مۇشۇ دىنىمىزنى ئۆگۈتۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىشىمىز بەك مۇھىم!
مېنىڭ كۆز قاراشلىرىم باشقىلارغا ماس كەلمەسلىكى مۈمكىن، شۇنداقتىمۇ ئويلىغىنىمنى ئوتتۇرغا قويۇپ باقتىم.
2024-يىلى 12-ئاينىڭ 01-كۈنى
بۇئايشەم سىدىق
يازمىلار
س قوشاقلىرىم ۋە مەشىقلىرىم
!قوشاق بىلەن مەشىقنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن چۈشۈرۈڭ س قوشاقلىرىم ۋە مەشىقلىرىم
-
تەتىللىك لاگىر پائالىيىتىگە كېنىشكا ئېلىش ئۈچۈن ھازىرلاشقا تېگىشلىك رەسمىيەتلەر ناھايىتى كۆپ بولغاچقا ( ساغلاملىك پىلانى، بىخەتەرلىك پىلانى ...
-
ئەسلىدە ھەپتىدە بىر ھەرىپ ئۆگىنىش پىلاننى تۈزۈپ چىقىمەن دەپ باشلاپ قويغان ، لىكىن قەتئى ۋاقىت چىقىرالمىدىم ، ئاللاھ خالىسا بۇنىمۇ تولۇقلاشق...
-
پەرزەنتلىرىمىزنىڭ دىننى تەربىيەسىگە ئەھمىيەت بىرىش مۇھىم ئاتا-ئانا بولغىنىمىزدا ، بىز دۇچ ك ېلۋاتقان ھەم بۇنىڭدىن كېيىن ك...